ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر . ئاللا يولىدا قېرىنداشلىق بولماق ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس . بۇ شەرەپكە ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۈئىمىنى ئاتالغان كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ . ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىق ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ھەدىسلەرنى كۆرسىڭىز تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىسىز .
1.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ، رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام ئەبۇ زەرگە مۇنداق دىگەن : ئى ئەبۇ زەر ! ئىماننىڭ تۇتقۇسىنىڭ قايسىسى ئەڭ مۇستەھكەم ؟ ئۇ : ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئالىم دىسە ، رەسۇلۇللاھ : ئىماننىڭ مۇستەھكەم تۇتقۇسى ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوستلۇشۇشۇش ، ئاللاھ رازىلىقىنى دەپ دۈشمەن تۇتۇش ، ئاللاھ يولىدا ياخشى كۈرۈپ ، دوست تۇتۇش ، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ يولىدا دۈشمەن تۇتۇپ ئۆچ كۆرۈشتۇر ، دىدى . بەيھەقى ، تەبرانى ،سەھىھ
2.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ، رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھتائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەپ توۋلايدۇ : مىنىڭ كاتتىلىقىم ، ئۇلۇغلۇقىم ئۈچۈنلا دوستلاشقان ، مىنى دەپلا ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشكەنلەر قىنى ! مىنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان بۈگۈنكى كۈندە ، مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ سايىسى بىلەنلا سايە تاشلايمەن ! ئەھمەد ، مۇسلىم ، توپلىغان ،سەھىھ
3.ئۇبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ، رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن : ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ :مىنىڭ مۇھەببىتىم ، ياخشى كۆرۈشىم ، مىنى دەپ ياخشى كۆرۈشكەن، دوستلاشقانلار ئۈچۈن ھەق ۋاجىپ بولدى ،مىنىڭ مۇھەببىتىم ، ياخشى كۆرۈشىم ، مىنى دەپ مىنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ ،ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىپ باردى كەلدى قېلىشقان ، سىلە - رەھىم ، دۇستلۇقنى ئۇلىغان ئۆزئارا نەسىھەت قىلىشقان ، ئۆزئارا يوقلاپ ، زىيارەت قىلىشقان ، مېنى دەپ مىنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن مال-دۇنياسىنى بىرىشتە ،ھەق ئۈچۈن تاپشۇرۇشتا مۇسابىقىلەشكەنلەر ئۈچۈن ھەق ۋاجىپ بولدى ، مېنى دەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۈرۈپ ،دوستلاشقانلار ، قىيامەت كۈنى نۇردىن بولغان مۇنبەر ئۈستىدە بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەرلەرمۇ ، سىددىيىق ، شېھىدلارمۇ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ . مالىك ، تەبرانى ، ھاكىم توپلىغان ،سەھىھ