باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3886 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈن غۇلجىدا بايرام شاتلىغى !
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 14:59

بۈگۈن غۇلجىدا بايرام شاتلىغى !




 


 


 
  
  ماقالىنىڭ تېمىسنى كۆرۈپ بۈگۈن قايسۇ بايرامدۇ دەپ قېلىۋاتامسىز ؟   ,ئەلۋەتتە بايرامدە بۈگۈن ، بۈگۈن ئەتىگەندىلا بىز ئويدە بايرام تەنتەنىسىنى باشلىۋەتتۇق، ئەتىگەنلىك چايدىلا بىز بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىۋەتتۈڭ . ئىككى  ئوغلۇم سورايتى :ئاتا بۈگۈن نىمە بايرام ؟  
ئوغلۇم بۈگۈن بىزنىڭ غۇلجىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن مەرىپەتپەرۋەر ئانىمىز ئايغان ئانىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بايرىمى ! بىلەمسەن بۈگۈن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ، سېنىڭ ئاكىلىرىڭ ، ساڭا ئوخشاش تومۇرلىرىدا ئۇيغۇرۇم ، يۇرتۇم ، ۋەتىنىم، غورۇرۇم دەپ قان ئېقىۋاتقان، ئېلى دەيراسىنىڭ ئەركەك سۇيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان ، ئۆز جاسارىتى  ، باتۇرلىقى ، چىدامچانلىغى بىلەن جەڭگە چىقىپ ، يۈرىكىگە ئۆز مىللىتىنىڭ، ئەزىزانە ئانا دىيارىنىڭ  پۈتكۈل  خەلقىنىڭ ئۈمىد ئارزۇسى، دۇئاسىنى پۈكۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ، رەقىپلىرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇستۇنلىگىنى پۈتكۈل جوڭگۈ خەلقىغە نامەيەن قىلىپ، پۈتبول مەيدانىدا، چولپاندەك چاقناپ، مۇداپىيەدە يىمىرىلمەس تامدەك ، ھۇجۇمدا قاپلاندەك ، تىيانشان قارغايلىرىنى يىلتىزىدەك ئىتىپاقلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاتەمدەك غەيرىتى بىلەن نەرە تارتىپ، تاغ دەريانى تىترىتىپ، خەلقىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، قوش چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايغان ئانا كاماندا ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئۇيلاپ باقە ئوغلۇم ، بۈگۈن غۇلجىدا بايرام ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن بىزگە بايرام ئەمەسمۇ؟ ئۆز قەۋمىنىڭ غەلبە مارشىنى ئاڭلاپ . ئۇزغۇنلىرىنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈندىن ئېسىل بايرام كۈنى بارمۇ ؟ بىز باتۇرلىرمىزنى كەلگىن مىنىڭ پەخرىم ، كەل سىنى باغرىمغا باساي دىيىشىمىز كېرەك  ئەمەسمۇ ؟ ئۈنىڭ ئىچدە ئابلىمىت ئاكىدەك ( غۇلجا شەھرى كوك قوشقار تاماقخانىسىنى خوجايىنى ) مەرىپەتپەرۋە ئاكىلىرمىزمۇ بار ئۇلارغا گۈل تۈتقىڭلار كەلمىدىمۇ ؟ ئوغلۇم ئېسىڭدە تۇت، قەۋمىڭ ئۈچۈن شان شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر كىشنى سەن بېشىڭدا كۆتۈر، سەن ئۇلارنىڭ چاكىرى خىزمەتكارى بول، سەن قەۋمىڭ ئۈچۈن شەرەپ ئەكىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئال !  
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
kang sayda islam kop
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5649
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-02-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 16:48

ھەر قىتىم ئۇيغۇرۇمنىڭ نەتىجە قازىنىپ يايرىغانلىقىنى كۆرسەم ئۇزۇمنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن بەك پەخىرلىنىمەن ،،،،،