| kuwruk | 
2011-07-23 14:59 | 
 
[attachment=11569] 
   [attachment=11570] 
   [attachment=11571] 
   [attachment=11572]      ماقالىنىڭ تېمىسنى كۆرۈپ بۈگۈن قايسۇ بايرامدۇ دەپ قېلىۋاتامسىز ؟   ,ئەلۋەتتە بايرامدە بۈگۈن ، بۈگۈن ئەتىگەندىلا بىز ئويدە بايرام تەنتەنىسىنى باشلىۋەتتۇق، ئەتىگەنلىك چايدىلا بىز بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىۋەتتۈڭ . ئىككى  ئوغلۇم سورايتى :ئاتا بۈگۈن نىمە بايرام ؟    ئوغلۇم بۈگۈن بىزنىڭ غۇلجىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن مەرىپەتپەرۋەر ئانىمىز ئايغان ئانىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بايرىمى ! بىلەمسەن بۈگۈن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ، سېنىڭ ئاكىلىرىڭ ، ساڭا ئوخشاش تومۇرلىرىدا ئۇيغۇرۇم ، يۇرتۇم ، ۋەتىنىم، غورۇرۇم دەپ قان ئېقىۋاتقان، ئېلى دەيراسىنىڭ ئەركەك سۇيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان ، ئۆز جاسارىتى  ، باتۇرلىقى ، چىدامچانلىغى بىلەن جەڭگە چىقىپ ، يۈرىكىگە ئۆز مىللىتىنىڭ، ئەزىزانە ئانا دىيارىنىڭ  پۈتكۈل  خەلقىنىڭ ئۈمىد ئارزۇسى، دۇئاسىنى پۈكۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ، رەقىپلىرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇستۇنلىگىنى پۈتكۈل جوڭگۈ خەلقىغە نامەيەن قىلىپ، پۈتبول مەيدانىدا، چولپاندەك چاقناپ، مۇداپىيەدە يىمىرىلمەس تامدەك ، ھۇجۇمدا قاپلاندەك ، تىيانشان قارغايلىرىنى يىلتىزىدەك ئىتىپاقلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاتەمدەك غەيرىتى بىلەن نەرە تارتىپ، تاغ دەريانى تىترىتىپ، خەلقىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، قوش چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايغان ئانا كاماندا ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئۇيلاپ باقە ئوغلۇم ، بۈگۈن غۇلجىدا بايرام ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن بىزگە بايرام ئەمەسمۇ؟ ئۆز قەۋمىنىڭ غەلبە مارشىنى ئاڭلاپ . ئۇزغۇنلىرىنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈندىن ئېسىل بايرام كۈنى بارمۇ ؟ بىز باتۇرلىرمىزنى كەلگىن مىنىڭ پەخرىم ، كەل سىنى باغرىمغا باساي دىيىشىمىز كېرەك  ئەمەسمۇ ؟ ئۈنىڭ ئىچدە ئابلىمىت ئاكىدەك ( غۇلجا شەھرى كوك قوشقار تاماقخانىسىنى خوجايىنى ) مەرىپەتپەرۋە ئاكىلىرمىزمۇ بار ئۇلارغا گۈل تۈتقىڭلار كەلمىدىمۇ ؟ ئوغلۇم ئېسىڭدە تۇت، قەۋمىڭ ئۈچۈن شان شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر كىشنى سەن بېشىڭدا كۆتۈر، سەن ئۇلارنىڭ چاكىرى خىزمەتكارى بول، سەن قەۋمىڭ ئۈچۈن شەرەپ ئەكىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئال !    سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ | 
 
 
 |