ماقالىنىڭ تېمىسنى كۆرۈپ بۈگۈن قايسۇ بايرامدۇ دەپ قېلىۋاتامسىز ؟ ,ئەلۋەتتە بايرامدە بۈگۈن ، بۈگۈن ئەتىگەندىلا بىز ئويدە بايرام تەنتەنىسىنى باشلىۋەتتۇق، ئەتىگەنلىك چايدىلا بىز بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىۋەتتۈڭ . ئىككى ئوغلۇم سورايتى :ئاتا بۈگۈن نىمە بايرام ؟
ئوغلۇم بۈگۈن بىزنىڭ غۇلجىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن مەرىپەتپەرۋەر ئانىمىز ئايغان ئانىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بايرىمى ! بىلەمسەن بۈگۈن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ، سېنىڭ ئاكىلىرىڭ ، ساڭا ئوخشاش تومۇرلىرىدا ئۇيغۇرۇم ، يۇرتۇم ، ۋەتىنىم، غورۇرۇم دەپ قان ئېقىۋاتقان، ئېلى دەيراسىنىڭ ئەركەك سۇيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان ، ئۆز جاسارىتى ، باتۇرلىقى ، چىدامچانلىغى بىلەن جەڭگە چىقىپ ، يۈرىكىگە ئۆز مىللىتىنىڭ، ئەزىزانە ئانا دىيارىنىڭ پۈتكۈل خەلقىنىڭ ئۈمىد ئارزۇسى، دۇئاسىنى پۈكۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ، رەقىپلىرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇستۇنلىگىنى پۈتكۈل جوڭگۈ خەلقىغە نامەيەن قىلىپ، پۈتبول مەيدانىدا، چولپاندەك چاقناپ، مۇداپىيەدە يىمىرىلمەس تامدەك ، ھۇجۇمدا قاپلاندەك ، تىيانشان قارغايلىرىنى يىلتىزىدەك ئىتىپاقلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاتەمدەك غەيرىتى بىلەن نەرە تارتىپ، تاغ دەريانى تىترىتىپ، خەلقىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، قوش چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايغان ئانا كاماندا ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئۇيلاپ باقە ئوغلۇم ، بۈگۈن غۇلجىدا بايرام ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن بىزگە بايرام ئەمەسمۇ؟ ئۆز قەۋمىنىڭ غەلبە مارشىنى ئاڭلاپ . ئۇزغۇنلىرىنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈندىن ئېسىل بايرام كۈنى بارمۇ ؟ بىز باتۇرلىرمىزنى كەلگىن مىنىڭ پەخرىم ، كەل سىنى باغرىمغا باساي دىيىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ ؟ ئۈنىڭ ئىچدە ئابلىمىت ئاكىدەك ( غۇلجا شەھرى كوك قوشقار تاماقخانىسىنى خوجايىنى ) مەرىپەتپەرۋە ئاكىلىرمىزمۇ بار ئۇلارغا گۈل تۈتقىڭلار كەلمىدىمۇ ؟ ئوغلۇم ئېسىڭدە تۇت، قەۋمىڭ ئۈچۈن شان شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر كىشنى سەن بېشىڭدا كۆتۈر، سەن ئۇلارنىڭ چاكىرى خىزمەتكارى بول، سەن قەۋمىڭ ئۈچۈن شەرەپ ئەكىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئال !
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★