باشقىچە نەزەر
تارىخلار توغرىسىدىكى بايانلار دەسلەپتە < ئىز > رومانىدىن باشلاپ ، كىينكى بارلىق رومان ...ھىكايىلەردە ئاساسەن مەزمۇن مۇنداق بوپ كەلدى؛ < مۇۋەپىقىيەتكە ئاز قالغاندا بىر مۇناپىق پەيدا بولىدۇ ، ئاندىن ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەت>. يەنە كىلىپ بۇ <مۇناپىق> ناھايىتى ئىشەنچىلىك ئادەملەر ئىچىدىن، بولۇپمۇ بىزنىڭ دىنمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بوپ چىقىدۇ.
ئىسلام دىنىدا مۇناپىق دىنسىزلاردىن خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ھەتتا < مۇناپىق> ئاتالغۇسىنىڭ جەمئىيەتتە ۋەھىمە قوزغاش رولى ئىنتايىن يۇقۇرى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كالتە پەم كىشىلەر ئارسىدا < ئۇيغۇرنىڭ ئارسىدىن مۇناپىق جىق چىقىدۇ>دەيدىغان پىكىر ئېقمى ھەم شەكىللىنىپ ئۈلگۈردى. ھەتتا < سارت( ئۇيغۇرنىڭ قىرلىقلاردىكى ئاتىلىشى) نىڭ مەنىسى مۇناپىق >دىگەن گەپمۇ ئاشكارە سورۇنلارغا چىقتى.
دىمەك، < بىر چىمدىم تۇز بىلەن بىر قازان ئاش > ھىكمىتى.
<مۇناپىق> ھەققىدىكى ئىزدىنىشلارنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟
كوچىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى مۇناپىقمۇ؟ ياكى مۇناپىقنىڭ دەستىدىن بىز راستىنلا بىر ئىشنى باشقا ئىپ چىقاممامدۇق؟ تەغدىرىمىز ھامان تىراگىيەمۇ؟
ئىسمىمىزگە لايىق كەيپىيات يارىتىشقا ، بىر -بىرىمىزگە خۇدۈك بومماي ئۆزىمىزنى قوياپ بىرىپ < ئەسسالامو ئەلەيكوم> دىيىشىمىزگە توسالغۇ بوۋاتقان ۋەھىمىنى كىم <يوق !>دىيەلەيدۇ؟
بۇ خىل كەيپىيات قارىغاندا بىزگە ئانچە ئىجابى تەسىر ئېپ كەممىگەندەك تۇرىدۇ. بۇ يەنە ئەۋلاتلارغا نىسبەتەن يوللىرىغا مەخپى كۆمۈلگەن مىنا بوپقالسىچۇ ؟
ئىسمىمىز < ئۇيغۇر> ، ئاتۇقچىلىقىمىز ، خۇسۇسيىتىمىز ، ئىرىشىشكە تىگىشلىك مۇۋاپىقىيىتىمىز مۇشۇ ئىسىمدىن چىقىپ تۇرىدۇ .
ئۇنىڭ ئەكسى- بۆلۈنۈش ، نەتىجىسى - ھالاكەت.
ئۇيغۇرغا بىر نەرسىنىڭ زىيانلىق ياكى پايدىلىقلىقىنىڭ ئۆلچىمى - ئۇيۇشتۇردىمۇ؟ پاچىلىدىمۇ؟
دوستلار ئۇيۇشىشىمىزنى ، دۈشمەنلەر ئەكسىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە سەگەك بولۇشنى مەنمۇ تەۋسىيە قىلىمەن ، ئەمما بۇ سەگەك بولۇش تار رامكا ئىچىدەبوممىسىكەن دەيمەن ، كۈزەتكۈچىلەرنى
ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن چىقىپ ، دۇنياخەرىتىسىنى ئالدىغا قويوپ <مەن نەدە تۇرىۋاتىمەن ؟ ئەتراپىمدا كىملەر بار؟ باشقىلار نىمە ئويلايدۇ؟> دەپ تۇرۇپ كۈزۈتۈپ باقسىكەن دەيمەن.
مەنبە ؛ مۇنبەردىكى پاراڭلار