سىزنىڭ ھازىرقى ھىسياتىڭىز بىلەن مىنىڭ چۈشتىن كىيىندىن بۇيان مەندە كۆرىلىۋاتقان ھىسيات ئوخشاش ئىكەن .
مەنمۇ قېرىندىشىمىز ئىنىمىز مۇھەممەد ئەلى <ھەمزە >نىڭ ئۆلۈمىدىن تېخى چۈشتىن كىيىنلا خەۋەر تاپتىم ،شۇندىن بۇيان تا ھازىرغىچە كۆزلىرىم ياشتىن ،يۈرىكىم تىنىمسىز سۇئاللاردىن مۇستەسنا بولالماي يۈرىۋاتىمەن .
دىمەك ،ئىنىمىز ،قېرىندىشىمىز مۇھەممەد ئەلى <ھەمزە>نىڭ ئۆلۈمىمۇ بىر ئازابلىق ئاخىرلىشىش ھەم شۇنداقلا بىزدەك ئېزىپ ئۆز يولىنى تاپالمايۋاتقان بايقۇشلار ئۈچۈن سىگىنال بولدى دەپ ئويلايمەن .
قېرىندىشىم ،ئىنىم مۇھەممەد ئەلى <ھەمزە >اللاھتىن سىزگە ھەم ئۆزىمىزگە مەغپىرەت تىلەيمىز ،ئامىين !