ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ئاللاھ سىزگە ئىنساب ئىمان ئاتا قىلسۇن !! سىز مەن بىلەن ئوخشاش ھېسىياتتا بولۇپسىز ، مەنمۇ ئىلگىرى ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ بىر نەچچە تېمىسىنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چىقىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا كۆرگەن ئىدىم . شۇ كۈنى ئۆلۈم خەۋىرىنى كۆرۈپ ئىشەنمەيلا قالدىم ، ھەم قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم . بۇ راستىنلا ھەقىقەت ئىكەن . مەن شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ تېمىللىرىنى ئوقۇپ كۆردۈم ئۇ ھاقىقەتەنمۇ بىر خالىس ئىناسن ئىكەن ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىنى ئاددەتتىكى ئادەملەر قىلىپ بولالمايدۇ . مەن ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش – ئىزلىرىنى كۆرگەندە دىنىم بىر قېتىمدىن چىڭىپ ماڭدى . قېرىندىشىمىز تېخى 23 ياش تۇرۇپ بىلىدىغىنى شۇنداق كۆپ ئىكەن . ئۇ ھەر بىر بىلىمىنى باشقىلاردىن ئايىماي باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشپتۇ . لېكىن بىزچۇ ؟؟؟؟ بىز ھازىرغا قەدەر قىلغان گۇناھلىرىمىز ناھيىتى كۆپ ، 23 ياشلىق بىر بالا قىسقىغىنا ئۆمىرىدە ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ياىشى ئىشلار قىلپتۇ . مەن ئۆزەمدىن مۇشۇ سۇئالنى قايتا – قايتا سورىدىم . مەن ھازىرغا قەدەر نىمە ياىشى ئىشلارنى قىلدىم ؟ قايسى پەرىزلەرنى ئادا قىلدىم مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا قايتىدىن ئادەم بولىمەن . بارلىق ئىش ھەركەتلىرىمنى تۈزۈتۈشكە تىرىشىۋاتىمەن . ھەم تۈزىتىۋاتىمەن . بۇرۇن ۋاقتىمنى سىز دېگەندەك باشقا قىزىقارلىق ئەسەرلەرنى ، ھېكايىلەرنى ئوقۇشقا سەرىپ قىلاتتىم . ھازىر بولسا ئىسلامى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ قىلىۋاتىمەن . مىنىڭ بۇ ھاياتىمدا قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ نۇرغۇنلىقىنى ھازىر ئاستا – ئاستا تونۇپ يېتىۋاتىمەن . مىنىڭ ئاكاممۇ بۇلتۇر تۇيۇقسىز بىر خورەك تارتقان بىلەن ئۆلۈپ كەتتى . ئاكاممۇ شۇنداق ياخشى ئادەم ئىدى ، يېتىم – يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىلايتى . قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلاتتى . ئاكامنىڭ ئۆلۈمى بىزگە بىر ساۋاق بولغان . مانا ئەمدى ھەمزە قېتىندىشىمىنىڭ ئۆلۈمىمۇ ماڭا بىر ساۋاق بولىدى . مەن قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن . نىمىشقا بالدۇراق بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ دىنىم توغۇرلۇق سۇئاللارنى سوراپ بىلىم ئالمىغاندىمەن . نىمىشقىمۇ ئۇ ھايات ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېمىللىرىنى ئوقۇمىغاندىمەن ؟؟؟؟ مانا ھازىر بولسا كۈندە نەچچە قېتىم بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئۇنىڭ تېمىللىرىنى كۆرۈمەن . ئۇ توغۇرلۇق بىرەر خەۋەر بارمىدۇ دەپ قاراپ كېتىمەن . ئاللاھتىن ھەمزە قېرىندىشىمىزغا مېھرىبانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن . شۇنداقلا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب ئىمان ھىدايەت تىلەيمەن . ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزگە نۇرغۇنلىغان ھەمزە قېرىنداشلىرىمىزدىن چىقىرىپ بېرىشىنى تىلەيمەن .