بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى ھۆكۈمران نىڭ 2011-07-21 00:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىمان-ئىتىقاد يوقالغان مىللەتتە ھايا قالمايدۇ،ھەقىقى ئەركەكلەر يوقالغان مىللەتنىڭ خوتۇن-قىزلىرى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ،بۇلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن مىللەت زوۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
ئەسەر يازغۇچى،سىزمۇ بىر مىللەتنىڭ ئانىسى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن ئۇنداق ئەيىش-ئىشرەت بولىدىغان ئەخلەتخانىدا ئىشلىمەي،پاكىز،ئىشەنچىلىك مۇسۇلماننىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ تۇرۇڭ،سىزنىڭ ئاكا-ئىنىڭىز،ئاتىڭىز سىزگە ئىگە بولالمىغاندىن كىيىن.
ئالى مەكتەپ بۇ بىر بۇزۇقچىلىق مەيدانى،مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 95پىرسەنىت قىزلار بۇزۇلۇپ بولغان چېغى دەپ بىلەتتىم،بۇ دەل1995-2000يىل ئارلىقىدىكى ۋاقىت ئىدى،ئاندىن كىيىن شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىدا تەكلىپ بىلەن بىر مەزگىل ئىشلىدىم،شۇ جەرياندا قىز-ئوغۇللارنىڭ نەقەدەر ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلغانلىقىنى بىلدىم،ئۇلاردا ھايا پۈتۈنلەر يوقالغان ئىدى.
شۇندىن كىيىن ئىمانىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپتىن ئايرىلدىم،شۇنداق قىلىپ جەمئيەتنى چۈشۈنۈشكە باشلىدىم،چۈشۈنشىمنىڭ چوڭقۇرلۇشىغا،بارغان يۇرتلىرىمنىڭ كۆپىيشىگە ئەگشىپ،بۇ مىللەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەركەكلىرى ئۆز ئىمانىدىن ئايرىلىپ،غۇرور-ۋىجدانسىز ھايۋانلار كەبى ياشاۋاتقانلىقىنى،قىزلىرى،سىڭىللىرى،ئاچىلىرى،خوتۇنلىرى،ھەتتا ئانىلىرىمۇ ھاياسىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇ مىللەتنى ھېچقانداق بىر مەخلۇقلارنىڭ مەدەنيىتى،ئەخلاقى،دۇنيا قارشى،ياكى سەپسەتە دىنلىرى قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى،پەقەت ھەق دىن ئىسلاملا بۇ مىللەتنى قۇتقۇزالايدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
.......