ماسلاشمىدىڭ زامانغا ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا . 
يېتەلمىدىم ئارمانغا ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
 
 
"لۇفاڭ"دېدۇق بىنانى ، 
"خابا "دېدۇق دەريانى . 
"مىينۈ"دېدۇق رەنانى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"لۇفاڭ "ئالدۇق "دەيكۈەن"گە ، 
"جۇاڭشىيۇۋ "قىلدۇق "يىۋەن"گە ، 
ئامال يوقمۇ دەتمەنگە ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
توڭلاتقۇنى "بىڭشىياڭ "دەپ ، 
ياڭراتقۇنى "يىڭشىياڭ "دەپ ، 
گۈرجەكنىمۇ "تىشىياڭ "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"گۇڭۋۇيۈەن"دەپ مەمۇرنى ، 
"چىيەنزە"دېدۇق ئامبۇرنى ، 
نېمە دەرمىز تەمبۈرنى ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
كۆمۈرگازنى "مىيچى "دەپ ، 
ئاكورىتنى "پىچى "دەپ ، 
17نى "ياۋچى "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"ۋوشى "دېدۇق ياتاقنى ، 
"شېزى "دېدۇق ئاياقنى ، 
"لىيۇۋلاڭخەن "دەپ ساياقنى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
كەرەپشىنى "چىڭسەي "دەپ ، 
كۈدە دېمەي "جۈسەي "دەپ ، 
پالەكنىمۇ "بوسەي "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"خاڭگا "ئەمەس تەرخەمەك ، 
"بەسەي "ئەمەس يېسىۋىلەك ، 
بىر پىلەكتىن مىڭ خەمەك ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"شۇۋجى"دېدۇق يانفوننى ، 
"شىياڭزاۋ"دېدۇق سوپۇننى ، 
"لاۋپو"دەرمىز خوتۇننى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
كارتا دېمەي كا دېدۇق ، 
ياپما خىشنى ۋا دېدۇق ، 
بىلەلمىسەك سا دېدۇق ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئۈستەلنىمۇ "جوزا "دەپ ، 
ئورۇندۇقنى "يىزا "دەپ ، 
كومپىيۇتۇر -"جىزا "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
بۇس تارتقۇنى "چۇۋيەنجى "، 
شامالچىنى "گۇپۇڭجى "، 
دەرىجىمىز "فۇكىجى "، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئېرى ماڭدى "جىيۇۋباغا "، 
خوتۇن چايغا "دىباغا"، 
بالا كۆندى "ۋاڭباغا "، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئۇچرىشىشنى "يۆخۈي"دەپ ، 
يىغىن دېمەي "كەيخۈي"دەپ ، 
ئېتىبارنى "يۇۋخۈي"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"داجى"دېدۇق ئەرزاننى ، 
"نۈەنپىڭ "دېدۇق چايداننى ، 
"شۇجۈكۇ"دەپ سانداننى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
شاۋقۇن-سۈرەن "زايىن"دەپ ،  
خەت باسقاننى "دايىن"دەپ ، 
تەلەپپۇزنى "فايىن"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"شىگۈەن"دېدۇق كۆنگەننى ، 
"گۈەنجۈن"دېدۇق يەڭگەننى ، 
نېمە دەيمىز مەڭگەننى ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئىلغار بولسا "يۇۋشىيۇۋ"دەپ ، 
رىمونىتنى "داشىيۇۋ"دەپ ، 
75نى "چىشيۇۋ"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئەينەك ئېدىش "گاڭزا "دەپ ، 
يېزىلارنى "جاڭزا "دەپ ، 
شۇم ئوچاقنى "لىڭزا" دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
دابازادا زاسۈي يەپ ، 
كىندىجىدا جىتۈي دەپ ، 
چاڭزا ئۈچەي خوتۈي يەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"گازىر" بولدى شىمىشكە ، 
"نەيپىڭ "بولدى ئىمزىگە ، 
ئويلانمايمىز نىمىشكە ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"خوگو" بولدى يەلقازان ، 
"گولۇ" بولدى پارقازان ، 
"دىيەنفەنگو"بوپ توك قازان ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"دىڭپاۋ"دىگەن چىراقنى ، 
"تۇڭكۇ "دەيدۇ پىراقنى ، 
"ياۋيۈەن "دەيمىز يىراقنى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئىچكىرى دېمەي "كۇلى"دەپ ، 
تۈلكە دېمەي "خۇلى "دەپ ، 
ياردەمچىنى "جۇلى"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
جەرىمانە "فاكوەن "دەپ ، 
سوتخانىنى "فايۈەن "دەپ ، 
كورپۇس دېمەي "دەنيۈەن "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
كۈتۈپخانا "تۇشۇگۈەن "، 
مۇلازىملار "فۇۋۇيۈەن "، 
"ساۋمىي "بولدى بۆلجۈرگەن ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"پىڭزا"بولدى بوتۇلكا ، 
"شىجۇاڭ"كاستىيۇم-بۇرۇلكا ، 
"گۇڭگاۋ" بولدى لوزۇنكا ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
تىككۈچىنى "سەيپۇڭ"دەپ ، 
"خۇڭمىيەن كاۋرۇ لەڭپۇڭ دەپ ، 
سۇ ئۈزۈشنى "يۇۋيۇڭ"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
مامۇق چاپان "يۈرۈڭفۇ "، 
راﻫەت ئىشتان "شىيۇۋشىيەنكۇ"، 
ئىچ ئىشتاننى دەپ "شەنكۇ" ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئىچ كىيىمنى "نىييى"دەپ ، 
ئۇيقۇ كىيمى-"شۈييى"دەپ ، 
ئىچىملىكنى "شۆبىي"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
توك پۇلىنى "دىيەنفىي"دەپ ، 
قەرز تېلىفون "چىيەنفىي"دەپ ، 
خوشە دېمەي "گەنبىي"دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"مابۇ"دېدۇق جامبىنى ، 
"دەيزى "دېدۇق خالتىنى ، 
"كاۋباۋزى "دەڭ سامسىنى ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"تىڭجى"بولدى توختىغان ، 
"داباۋ"بولدى ئەپ ماڭغان ، 
"لىيۇۋجى"بولدى قەپ قالغان ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"گۇڭگاۋ"دېدۇق ئېلاننى ، 
"خۇڭزاۋ"دەيدۇ چىلاننى ، 
نېمە دەيمىز يىلاننى ! 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
لېنتىچىنى "دەيچى "دەپ ، 
ۋېلسىپىتنى "سەيچى "دەپ ، 
دەرس تاشلاش "كۇڭكى "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"توشەي "بولدى ساپما كەش ، 
"لۇزا "بولدى پىلتە مەش ، 
بۇ مودىدىن كۆڭۈل غەش ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"جىياڭتەي"دېدۇق مۇنبەرنى ، 
"شىياڭشۈي"دېدۇق ئەنبەرنى ، 
"كاشى "دەيلى قەشقەرنى ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"ساڭنا "دېدۇق مۇنچىنى ، 
"مىيەنجاڭ" دېدۇق ئۇنچىنى ، 
"شىياۋخۇا "دەيمىز غۇنچىنى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
يېيىشىمىز "خەنباۋباۋ "، 
ئۇچىمىزدا "مىڭتىجىياۋ "، 
چولپىنىمىز "ر. باچىياۋ "، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
توخۇ قورداق- داپەنجى ، 
خۈيمىيەن ،بەنمىيەن ،لازىجى ، 
دىڭ دىڭ سومىيەن جوۋماجى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
سۇ مانتىنى "جۇۋاۋا" ، 
كاۋا دېمەي" خۇلۇگۇا" ، 
يەر يۇيغۇچنى دەپ "توۋبا" ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
بەرەنجىنى ياڭيۇ دەپ ، 
تېتىتقۇسۇ -جىياڭيۇ دەپ ، 
تورداش دېمەي ۋاڭيۇۋ دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
قىزىل كالا -"خۇڭنىيۇۋ"دەپ ، 
دوسىتنى تاپتۇق "پىڭيۇۋ"دەپ ، 
قوقاپ كەتسەك ئەييۇ ! دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"لاجى"دېدۇق ئەخلەتنى ، 
"ۋاڭجەن "دېدۇق تور بەتنى ، 
"يۇۋجىيەن "دېدۇق ئېل-خەتنى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"داچىياۋ"دېدۇق كۆۋرۈكنى ، 
"جۇزى "دېدۇق تۈۋرۈكنى ، 
"شىتى "دەيمىز ئۆلۈكنى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"فاپىياۋ"دېدۇق تالوننى ، 
"ۋەيدەي "دېدۇق بالوننى ، 
نېمە دەيمىز قالۇننى ؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"داشۆ"بولدى ئۇنىۋىرېستېت ، 
"زۇڭتۇڭ "بولدى پىرىزدىنىت ، 
"داشۆسىڭدۇر "سىتۇدىنىت ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
باتارىيە"دىيەنچى"دەپ ، 
بۇغدا كۆلنى -تىيەنچى دەپ ، 
مۆﻫلەت ئاشسا "يەنچى "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"گۇاڭچاڭ"دېدۇق مەيداننى ، 
"چىيەنباۋ"دېدۇق پۇلداننى ، 
"شۆۋىي"دېدۇق ئۇنۋاننى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
دىلﻬوزۇرنى "دىيەنشى "دەپ ، 
قۇرۇق يۇيسا "گەنشى "دەپ ، 
ئويۇن دىمەي "يۇۋشى "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
تېزگىنەكنى "ياۋكۇڭ "دەپ ، 
سىيىت نوچى گاڭگۇڭ دەپ ، 
يېتىپ تەپسە "داۋگۇڭ "دەپ ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئال تۆك دەيلى" شازىنى "، 
ئىشكاپ دەيلى "جازىنى "، 
پايپاق دەيلى "ۋازىنى "، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئۈزچات دەيلى "كەيگۈن"نى ، 
سامساق دەيلى "داسۈەن"نى ، 
ئىنىستۇت دەپ "شۆيۈەن"نى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
"دۇبو"دېدۇق قىمانى ، 
ئۇنتۇپ قالدۇق "مىما"نى ، 
ئىزلەپ ئۇيغۇر سىمانى !!! 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
مودا بولدىباشقا تىل ، 
ئويلانمىدى ئۇيغۇر دىل ، 
خاراپ بولدى ئانا تىل ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
شالغۇتلاشتى تىلىمىز ، 
قاينىمايدۇ دىلىمىز ، 
"ۋىيزۇ "بولسۇن نامىمىز ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئانا تىلنى قوغدايلى ، 
ئەنئەنىنى قوغدايلى ، 
شالغۇت تىلنى تۈزەيلى ، 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
ئەلدە ئىدى ئەر غېمى ، 
ئەلگە كۆيگەن ئەر قېنى ؟ 
ئەل دەپ ئاققان تەر قېنى؟ 
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا .
كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش ، 
تىلدىن كېلەر يۈكسىلىش ، 
ئانا تىلسىز يېزىم ،قىش !!!! 
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما !
دەرەخ بولماس يىلتىزسىز ، 
مىللەت بولماس ئۆز تىلسىز ، 
ئۆلەي، قالسام سېنىڭسىز ! 
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما 
  تور ئارىلاپ يۈرۈپ بۇ شېئىر  ئۇچرىتىپ قالدىم ،   مەنبەسى :ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ۋاپادارىم 912