جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «شىزاڭنىڭ 60 يىللىق تەرەققىياتى خاتىرىلەنگەن دۇنيا ئۆگزىسىدىكى مۆجىزە» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 1951-يىلى شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى شىزاڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسى. 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىشى، ئېگىزلىكتىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىشى ئارقىسىدا، شىزاڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا مېڭىپ، دۇنيا ئۆگزىسىدە مىڭ يىلنى ھالقىغان مۆجىزە يارىتىلدى.
خەۋەردە شىزاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تەرەققىيات مۇساپىسى شەرھىلەندى، جانلىق، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جۇڭگوچە، شىزاڭچە تەرەققىيات يولىنىڭ غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمى ۋە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىشى ئارقىسىدا، شىزاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.