查看完整版本: [-- دۇنيا ئۆگزىسىدىكى مۆجىزە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> دۇنيا ئۆگزىسىدىكى مۆجىزە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sirik 2011-07-19 11:33
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «شىزاڭنىڭ 60 يىللىق تەرەققىياتى خاتىرىلەنگەن دۇنيا ئۆگزىسىدىكى مۆجىزە» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 1951-يىلى شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى شىزاڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسى. 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىشى، ئېگىزلىكتىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىشى ئارقىسىدا، شىزاڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا مېڭىپ، دۇنيا ئۆگزىسىدە مىڭ يىلنى ھالقىغان مۆجىزە يارىتىلدى.
خەۋەردە شىزاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تەرەققىيات مۇساپىسى شەرھىلەندى، جانلىق، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جۇڭگوچە، شىزاڭچە تەرەققىيات يولىنىڭ غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمى ۋە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىشى ئارقىسىدا، شىزاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.

bahram 2011-07-19 12:24
دۇنيا ئۆگزىسىدە تىخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن !!

cayyara 2011-07-19 12:24
ئەركىنلىكتىنمۇ چوڭ بەخىت بارمىدۇ...........

نۇردىل 2011-07-19 13:17
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى cayyara نىڭ 2011-07-19 12:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەركىنلىكتىنمۇ چوڭ بەخىت بارمىدۇ...........

بار (جەننەت ئەھلى بولۇش...)

nida0998 2011-07-19 14:06
ھەقىقەتەن ياخشى مۆجىزىكەن ...............تېخىمۇ ياخشى مۆجىزە يۇز بېرىشىنى كۇتۇۋاتىمىز..............56 مىللەت بەخىتلىك بىر ئائىلە...........

تارىخ 2011-07-19 15:48
مەن تېخى سۈيۈملۈك دانا پارتىيمىزنى بىزنىڭ شىنجاڭغىلا چوڭ كۈچ بىلەن ياردەم قىلىۋاتامدىكىن دىسەم ئەسلى تىبەتكىمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى يولغا قۇيۈپتۇ ئەمەسمۇ؟
مەنمۇ دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە پۈتۈن دۇنيانى شاتلاندۇردىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بۇلۇشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

ئۆركەش 2011-07-19 17:13
شەرقىي رايۇنلارغا قارىغاندىمۇ غەربىي رايونلار << بەك تىز >> تەرەققىي قىپ كەتتۇقمۇ نىمە ؟؟؟ ما خەۋەردىن قارىغاندا ؟؟؟

aral52 2011-07-19 23:46
بولغان تەرەقىياتلارنى تىلم بىلەن ئىپادىلەپ بۇلالمايمەن...قاراڭ مۇشۇ مۇزىكا سەل ئىپادىلەپتۇ مانا ...بەك بەك گۈللەپ كىتىپ بارىمىز جۇمۇ ....ۋۇجۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ...شىزاڭمۇ قىلىشماپتۇ مانا .....

abdul 2011-07-20 03:33
پارتىيىمىز غەمخۇرلۇق قىلغان يەرلەرگە گەپ  كەتمەيدۇ

cayyara 2011-07-20 23:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى نۇردىل نىڭ 2011-07-19 13:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

بار (جەننەت ئەھلى بولۇش...)

جەننەت ئەھلى بۇلۇش ئۈچۈن يەنە نىمە كېرەك ؟ ئەلۋەتتە ئاللاھقا يارىغۇدە ئىبادەت قىلىدىغان ئەركىنلىك ، خاتىرجەم موھىت بۇلۇش كېرەك ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەر كىشى ئۆزى تىرشىشى كېرەك . ئۇلۇغ ئاللاھقا كۆپ شۇكرى ،،،،شۈكرى ئاللاھىم ...................

ھۆكۈمران 2011-07-21 00:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى cayyara نىڭ 2011-07-20 23:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

جەننەت ئەھلى بۇلۇش ئۈچۈن يەنە نىمە كېرەك ؟ ئەلۋەتتە ئاللاھقا يارىغۇدە ئىبادەت قىلىدىغان ئەركىنلىك ، خاتىرجەم موھىت بۇلۇش كېرەك ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەر كىشى ئۆزى تىرشىشى كېرەك . ئۇلۇغ ئاللاھقا كۆپ شۇكرى ،،،،شۈكرى ئاللاھىم ...................

اللاھنىڭ ئىنتىھانىدىن موشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا ئۆتەلەيدىغان كىشىلەر كۆپ چىقىشى مۇمىكىن.بۇ مۆئمىن ئۈچۈن بىر مۇكاپات.

partizan 2011-07-25 00:17
مەن تېخى قانداق مۆجىزىكىن دەپتىمەن،پارتىيەنىڭ ئايىقى تەككەنلا يەردىن مۆجىزە چىقىدۇ.


查看完整版本: [-- دۇنيا ئۆگزىسىدىكى مۆجىزە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049813 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us