ئىشلىتىش
پەقەت كۆزى كۆرىدىغان كىشىلا باشقىلارنى بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئېلىپ بارالايدۇ. دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان كىشىنى سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا كىشى قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھنى تونۇيدىغان كىشىلا ئادەملەرنى ئاللاھ يولىغا باشلىيالايدۇ. ئاللاھنى تونىمايدىغان كىشى ئادەملەرنى ئاللاھ يولىغا باشلىيالمايدۇ. ...
قېرىنداشلىرىم ئاۋال ئايەتكە مۇراجەت قىلايلى!
كىمكى اﷲ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە اﷲ تىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز [97]. [سۈرە بەنى ئىسرائىل]
[271]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە]
ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ! ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھىچكىم ھىدايەتكە باشلىيالمايدۇ. غەلبە ۋە فەتھى ئاللاھتىن. يوقۇردىكى ئۇستا ئاتىلىۋاتقان كىشىنىڭ سۆزى ئايەتكە خىلاپتۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ھىدايەت قىلىش ئەمەس تەبلىخ قىلىشتۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ھىدايەت بولمىسا ئۇستىنىڭ ۋەزىپىسى ھىدايەتمۇ؟! ئۇستا پەيغەمبىرىمىزدىنمۇ ئۇستۇنمۇ؟! قېنى تېخىمۇ كۆپ ئايەتلەرگە مەرھابا:
اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [258]. [سۈرە بەقەرە]
اﷲ كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ [264]. [سۈرە بەقەرە]
[271]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە]
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن [8].[ئال ئىمران ]
كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر [85]. ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى اﷲ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [86]. اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر [87]. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ [88]. پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر [89]. شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر [90]. شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ [91]. ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار. اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [92]. [ئا ئىمران]
ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ [103]. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر [104]. روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ [105]. [ئال ئىمران]
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! [177]. اﷲ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمران قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر [178]. بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار [181]. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا - ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز [182]. ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر [183]. اﷲ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ [186]. اﷲ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان - زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى - يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» [188].ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ [198]. ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن) [199]. ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) اﷲ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ [200]. تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، اﷲ نى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ [201]. شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ [202]، [7 - سۈرە ئەئراف ]
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى)«مەن پەقەت اﷲ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ) سەن (ئۇنىڭغا)ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن» [91 - 92]. [سۈرە نەمل ] جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم [56]. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن [57]. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (اﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر [58]. [سۈرە زارىيات ] يوقۇرقى ئايەتلەردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى. كىم بۆكۋازلىق (پىرقىچىلىك) قىلسا ئۇ بىزدىن ئەمەس. زىيان تارقۇچى قەۋمدۇر. ھەقىقىي مۆمىنلىكنى ئىزدىسەڭلار جىنلار ۋە ئىنساننى پەقەتلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ياراتقانلىقىغا ئىشىنىڭلار. قانداقتۇ، تەنە، غەزەپ، مەنمەنلىك، ئەنسىزلىككە، ئاللاھنى ئۈنتۈپ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىغا مۇھابەت باغلاشقا، كىشىگە ھىدايەتكە، ئىختىلاپ، پىرقىچىلىك قىلىشقا ياراتمىغان.
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-07-17 11:47قايتا تەھرىرلىدى ]