ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،بۈ قېتىم بىزدىكى نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق3-سانىدا سېلىنىڭ«قەشقەر دىيارىدا ئۆتكەن مۆتىۋەر ئادەم»يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ھەققىدە دېگەن ئەسلىملىرىنى ئوقۇپ سېلىدىن ھەم«جۇڭگو مىللەتلىرى»دىن رايىم قايتىپ كەتتى.
مېنىڭچە،ئۆز تەشكىلاتىغا،ئۆز گوروھىغا.ئۆز ئارمىيسىگە خائىنلىق قىلغان ئادەملا مۇناپىق بولمايدۇ.ئۆز مىللىتىنىڭ ئېدىلوگىيەسىگە،ئېتىقادىغا،مەدەنىيىتىگە،سىياسىي،ئىقتىسادىي،مائارىپ ئىشلىرىغا،تىل-يېزىقى،قىممەت قارىشى،ئۆرۈپ-ئادىتى،كېلىچەكىگە...قىسقىسى،ئۆز مىللىتىنىڭ ھەرقانداق بىر مەنئەتىگە ئاشكارە ۋەياكى يوشۇرۇن زىيان سالغۇچى مۇناپىقتور!
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،سىلى يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم دەپ تەرىپلەۋاتقان كىشى ئەمىليەتتە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم(1875-1955)ئىسىملىك مىللىي مۇناپىقتور!
سىلى بۇ كىشىنىڭ پاملىسىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر خەلقپەرۋەر رەھبەر ئىكەنلىكىنى قېيىنئانلىرىنىڭ بايانى،ئانىلىرىنىڭ ئەسلىمىسى،دادىلىرىنىڭ بايانى،ئالىم ئەھمەت زىيائىنىڭ بايانى،ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بايانى،جامائەت ئەربابى سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكىنىڭ بايانلىرى،دۆلەت رەھبىرى مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە قەشقەر خەلقى ئاغزىدىن ھېكايەت قاتارلىق ھازىر سۆزلىيەلمەيدىغان،يازالمايدىغان گۇۋاچىلارنى سۆزلىتىپ يازسىلىمۇ مەن يەنىلا ئۇ كىشىنى مۇناپىق دېگىنىم دېگەن.چۈنكى ۋەتەنپەرۋەر بىلەن مۇناپىق دېگەن ئىككىسى ئىككى دۇنيا!
خوش،ئەمدى مېنىڭ ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ياكى ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇمنى مىللىي مۇناپىق دىيىشىمدىكى ئاساسىمغا نەزەر سېلىپ باقسىلا!
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بولسا،مىڭلىغان كىشىلەر خانى ۋەيران قىلىنىۋاتقان چاغدا،
يەنى 1937-يىلى كۈزدە قەشقەرگە ۋەن شەنتىڭنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن.
(«مەمتىلى ئەپەندى»337-بەت)
1938-يىلى،قەشقەردىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات،مۇۋەققەت ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم سوۋىت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ،سىتالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم 1955-يىلى سەكسان بەش يېشىدا قەشقەردە ئۆلگەن.
(«قەشقەر تارىخ ماتېرياللىرى»1-قىسىم243-بەت)
تۈنۈگۈن مەخسۇم ئۇنىڭغا شېڭ دۇبەن جانابلىرىدىن كەلگەن موھىم بىر تېلىگىراممىنى ئېلىپ كەلگەندى.ئەپسۇسكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇم ئالدىنراق خەۋەردار بولغۇچى ئىدى.چۈنكى،ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان تېلىگىرامما سوۋىت كونسۇلخانىسىدا قۇبۇل قىلىناتتى،ئۇ يەردىن مەخسۇم تېگىشلىك ئورۇنغا يەتكۈزەتتى.
ئۇ مەخسۇمنىڭ ساقاللىق ئۇرۇق يۈزىنى،ھەمىشە سەللە بىلەن يۈرۈپمۇ ھاراقنى تاشلىمايدىغان ئاجايىپ قىلىقىنى ئويلاپ بىر تۇرۇپ كۈلگىسى كەلسە،بىر تۇرۇپ ئۆچلىكى كېلەتتى.ئەمما،ئاخىرقى ھېساپتا مەخسۇمنىڭ خەلق ئالدىدىكى نوپۇزىغا ھەسەت قىلىدىغان بولغاچقا،ئۆچمەنلىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى.خەلق قادىر ھاجىنى جاللات دەپ قارايتتى.ئەپسۇسكى،قادىر ھاجى قۇربانلارنى پۇتىنى بۇغۇچلاپ،تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرسە جاللاتلىق قىلىدىغان ئادەمنى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى،مەرىپەتچى،ئەڭ ئىلغار زىيالىي دەپ قارىشاتتى...قوزغىلاڭچىلار قەشقەرنى ئىگەللىگەن چاغدا،مەخسۇم ئۇلارنىڭ مەسلىھەتچىسى،مەرىپەت تارقاتقۇچى سۈپىتىدە پەيدا بولغاندى.«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى»نىڭ قۇرۇلىشىغىمۇ قاتناشقان.ھەتتا بۇ ھەشقىپىچەكتەك كوتا ئۈمۈر ھۆكۈمەتنىمۇ قولدىن بەرمەي،ئۇنىڭدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن،ئەمما ئۇ بۇ ھۆكۈمەتكە چېتىشلىقى بارلىكى ئادەلەرنى،ئىئانە بەرگەن بايلارنى دۇبەنگە يوللاپ بەرگەنىدى.كېيىن بۇ ھۆكۈمەت تارقىتىۋېتىلىپ،ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى قولغا ئېلىش باشلانغاندا،شېڭ شېسەي تېلېگىرامما ئەۋەتىپ«پالانچى...باي،مۇنچە پۇل ئىئانە بەرگەنلىكى ئۈچۈن دەرھال قولغا ئېلىنسۇن!»دەپ ئېنىق ئەيىپلەر بىلەن بۇيرۇق قىلغاندا،ساددا كىشىلەر شېڭ دېگەن ئەۋلىيا ئوخشايدۇ،يەرنىڭ تېگىدە يىلان كۆشىگەننىمۇ بىلىدىكەن،دېيىشىپ ھەيران قېلىشقانىدى....
ئەنە شۇنداق،مەخسۇم ھەرقانداق يېڭى شەيئى،يېڭى ھەرىكەتتە ھامان خەلقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى.ئۇ ئەينى چاغدا قولغا ئېلىندىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنىدى.بىراق،خەلق يەنىلا ئۇنى بىلىشمىدى.
«باياۋاندىكى گۈلخان»2-قىسىم416-417-418-بەتلەر
- لېكىن مېنىڭ خوجايىنىم بۇنى ئاساسىي خەۋپ دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى ئۇ ياۋايىلارنىڭ توپىنى ئاسانلا پارچىلىۋەتكىلى بولىدۇ.لېكىن ئۇلار قەشقەرگە يىتىپ كەلسە ئۇلارغا بىر ئاڭلىق كۈچ قوشۇلۇپ كېتىدۇ.مامۇت بۇ كۈچتىن پايدىلانماقچى بولغانىدى.ئۇلار«12-ئاپرېل»دا قوزغالماقچىدىغۇ؟شۇڭا بۇ بالايى بەتەرنىڭ ئالدىنى ئالماق كېرەك،ھاجىم،-مەخسۇم بىرتال «سۋىرناي»نى تۇتاشتۇرۋېلىپ،رەسمىي تەلەپپۇزدا داۋام قىلدى.
«باياۋاندىكى گۈلخان»3-قىسىم 312-بەت
مەنبە: ئۆزۈم