باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6875 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/6     Go
تېما: ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر
دوستلىشىش
ozturkler
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6568 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 20:33

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

رەسىم:
ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
       ئەلىشىر ناۋايى بىر ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابى بولۇش بىلەن بىرگە، ئەدەبىيات دۇنياسىدىمۇ ئەڭ كاتتا شۆھرەت ياراتقان ئالىم بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئانا تىلى بىلەن يېزىش ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىمىزگە چوڭ تۆھپە قوشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك تۈركچىلىك ئىددىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئەرەبچە ۋە پارىسچىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان تۇرۇپمۇ، شېئىرلىرىنى تۈركىي تىلىدا يازغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئەينى چاغدا بارلىق تۈرك ئالىملىرى ۋە شائىرلىرى دېگۈدەك ئەرەبچە ۋە پارىسچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى شۇ تىللاردا يېزىشاتتى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىمۇ دەل شۇ خىلدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، مەدرىسىلەردە ئەرەبچە ۋە پارىسچە دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەمدە ئەسەرلەرنىڭ تۈركىي تىلىدا يېزىلماسلىقى ئىدى. بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئالىم ۋە شائىرلىرىمىزلا شېئىر ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆز تىلىدا يېزىشنى ئۆزىگە نىسبەتەن چوڭ شەرەپ ھېسابلايتتى. مانا بۇ خىل يولنى تۇتقان زاتلاردىن بىرسى دەل ئەلىشىر ناۋايى ئىدى. تۈركىي تىلىنىڭ ئىنچىكىلىكىلىنى ۋە نەقەدەر كاتتىلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئەلىشىر ناۋاىي بۇ يولدا ئاجايىپ چوڭ خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى. تۈركچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايراقدارلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
      دەرۋەقە، ھەر قانداق بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنىڭ ۋە ئۆزلۈكىنىڭ سېمۋولىدۇر. مانا بۇ نۇتقىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ يولنى تۇتقان كىشىلەر بىزنىڭ ئومۇمىي مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان شۇنداقلا ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىغان توھپىكارلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلىشىر ناۋايى يالغۇز شېئىرلىرىنى تۈركىي تىلىدا يېزىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، تۈركىي تىلىنىڭ پارىىسچىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇ بۇ خىزمەتلىرى بىلەن ئەينى چاغدىكى تىل ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ داھىسى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ئىسىملىك كىتابى شۇ خىل قاراشلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
      ئۇ ئۆز ئەسرىدە «تۈرك تىلىنىڭ مۇكەممەلىكى ۋە يۈكسەكلىكى بۇنچە پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدا يېتىشكەن شائىرلار ۋە سەنئەتچىلەر ئۆز تىللىرىنىڭ ئورنىغا يات تىللاردا شېئىر يازماسلىقى لازىم» دېيىش ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە سۆزگە بايلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەمدە شائىرلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىدا شېئىر يېزىشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەتلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ توغرا قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
       ئەلىشىر ناۋايى 1441 - يىلى ھېراتتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئويغۇرلاردىن بولغان كىچكىنە باخشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 7 ئەۋلادتىن بېرى بارلاس ئەمىرلىرى تېمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆمەر شەيخ مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بايقارانىڭ خىزمىتىدە بولغان ئىدى. تېمۇرنىڭ ئوغلى شاھرۇھنىڭ 1447 - يىلىدىكى ئۆلۈمى بىلەن باشلانغان مالىمانچىلىق جەريانىدا، دادىسى ئەلشىر ناۋايىنى ئېلىپ، يەزد ئارقىلىق ئىراققا كەتكەن ئىدى. مالىمانچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1452 - يىلى خوراسانغا قايتىپ كېلىپ ئەبۇل قاسىم بابۇرنىڭ خىزمىتىدە بولدى. بۇ مەزگىلدە بايقارانىڭ نەۋرىسى ھۇسەين بايقارامۇ بابۇرنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. بابۇر ھۇسەي بايقارا بىلەن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولدى. بابۇر ئۆزىمۇ شائىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى چاغدا ھەم پارىسچە، ھەم تۈركچە يېزىشنى باشلىغان ئەلىشىر ناۋىينىڭ شېئىرلىرىنى ئىنتايىن ياختۇرۇپ ئاڭلايتتى. شۇڭا ئەلىشىر ناۋايى 1457 - يىلىدىمۇ تېمۇر ئەمەرلىرىدىن سەييىد ھەسەن ئەردەشىرنىڭ ھامايىسىگە ئۆتۈپ ئوقۇشىنى تاماملىدى. سۇلتان ھۇسەين بايقارا ئۇنىڭغا مۆھۈردارلىق ۋە دىۋان بەگلىكى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، 32 يىلغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىل بويىچە ئۇنى ھېچ يېنىدىن ئايرىمىدى. بايقارا 1485 - يىلى يازغان «رىسالە» ناملىق ئەسىرىدە، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شائىرلىقىغا ۋە يېتىشكەن دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسكى خۇددى دادىسىغا ئوخشاشلا شەپقەت قىلغان سەييىد ھەسەننىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستى جامىنىڭ ۋاپاتى ئەلىشىر ناۋايىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا ئۇ خانىدان ئىچىدىكى تەخت تالىشىش غەۋغالىرىنى بېسىقتۇرۇشقا زور تىرىشچانلىقلارنىمۇ كۆرسەتتى. ئۇ ھەجگە بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا بايقارا ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتىپ رۇخسەت قىلمىدى. ئەلىشىر ناۋايى دەل مۇشۇ مەزگىلدە كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بايقارا 1500 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئەستىرئاباد يۈرۈشىدىن قايتىپ كەلگەندە، ناۋايىنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ ھىراتقا ئېلىپ كېلىندى ۋە ئۆز سارىيىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا سارىيىنىڭ يېنىغا ياساتقان قۇدسىيە جامىسىنىڭ يېنىغا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن دەپنە قىلىندى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ سارىيىدا 3 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمى ۋە تۈرك ئەنئەنىلىرىگە كۆرە يەتتە نەزرىسى ھىرات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
       ئەلىشىر ناۋايى مال - مۇلكى ۋە ئائىلىسىدىن قالغان بارلىق بايلىقى بىلەن سۇلتان تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان ھىراتنىڭ شىمالىدىكى زېمىندا ئۆز نامىدىن قۇدسىيە جامەسى، ئىخلاسىيە مەدرىسىسى، خالىسىيە بازىرى، شىفائىيە دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىكتە، قارى - قۇرئان يېتشىتۇرىدىغان ياتاقلىق مەركەز ياساتتى. ئۇنىڭ خوراساننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ياساتقان مەدرىسە، كارۋان ساراي، كۆۋرۈك ۋە قەبرىگاھلاردىن  تەشكىل تاپقان يالدامىلىرى 370 كە يېتىدۇ. خەير - ساخاۋەت مەزكەزلىرىگىمۇ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئىئانە قىلغان ئەلىشىر ناۋايى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خوراساندا مىسالىنى تاپقىلى بولمايدىغان ساخاۋەتلىك زات، دەپمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
         ئەلىشىر ناۋايى 1460 - يىللاردىكى شېئىرلىرىنى كېيىنچە بىر دىۋان شەكلىدە توپلاپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ھۇسەين بايقاراغا سۇنغان بۇ دىۋانىدىن كېيىنكى يازغان شېئىرلىرىمۇ بىر يەرگە توپلاندى. ئۇنىڭ تەخمىنەن 55 مىڭ بېيىتتىن تەشكىل تاپقان بۇ تۆت دىۋاندىكى شېئىرلىرى بالىلىق دەۋرى، ياشلىق دەۋرى، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى ۋە ياشانغان دەۋرى شېئىرلىرى  سۈپىتىدە يېزىپ چىقىلغان ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى  ئۈچ دانىسى 1959 - يىلى، ئاخىرقىسى بولسا، 1960 - يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىندى.
       ئەلىشىر ناۋايى يەنە 12 مىڭ بېيىت پارىسچە شېئىرمۇ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ 64 مىڭ بېيىتلىك خەمسەسىسىنىڭ بىرىنچى كىتابى «خەيرەتول ئەبرار»، ئىككىنچى كىتابى «فەرھاد شىرىن مەنىسىۋىسى»، ئۇچىنچى كىتابى «لەيلە - مەجنۇن» ۋە تۆتىنچى كىتابى «سەبئە سەييار» ئىدى. ئۇنىڭ بەشىنچى كىتابى بولغان «سەددى ئىسكەندىرىيە»دە بولسا، ئەلىشىر ناۋايى ھۇسەين بايقارا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بەدىئۇززاماننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ ئالاھىلىكلىرىگە ئوخشاتقان ئىدى. بۇ كىتابتا يەنە چىنگىزخان، جەلالىددىن خارىزىمشاھ ۋە سۇلتان ئەبۇ سەئىد تارىخلىرىدىن ئېلىنغان ھېكايىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدا يازغان شېئىرلىرىدىن باشقا تۈنجى ئەسىرى بولغان «چەھىل ھەدىس»،  جامىنىڭ «ھەدىس ئەربەئىن (يەنى قىرىق ھەدىس)» دېگەن كىتابىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئىدى.
       ئۆز شېئىرلىرىدا چاغاتاي شائىرلىرى ئىشلىتىدىغان «تۇيۇغ ۋەزنى»نى ئىشلەتكەن ئەلىشىر ناۋايى، «تارىخىي ئەنبىياۋ ۋە ھۆكۈما» ناملىق ئەسىرىدە ھەزرەتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنى تېما قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە سەييىد ھەسەن ئەدەشىر ۋە پەھلىۋان مۇھەممەدكىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتقان كىتابلىرىدىن سىرت، ئۆز دوستى جامىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان كىتابىمۇ بار. ئۇ بۇ كىتابتا جامىنىڭ ھاياتىنى،  قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى ۋە مەكتۇپلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق كىتابى بولسا، تۈرك ئەدەبىياتىدا يېزىلغان تۇنجى شائىرلار تەزكىرىسى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ كىتاب شۇ دەۋردە ياشىغان شائىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ تۈركىي تىلىنىڭ بايلىقىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە يازغان «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ئىسىملىك كىتابى ئىنتايىن مەشھۇر. ئۇنىڭدا ئەلىشىر نەۋايى تۈركچە سۆزلەرنى پارىسچە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تۈركچىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئەسىرى بولغان «مەھبۇبۇل قۇلۇب»تىمۇ خەلقنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەبىقىلىرىگە تەۋە، بەگ، باھادۇر، قوشچى، رەسسام، سەھرالىق... ۋەھاكەزالارنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن ۋە تۈركىي خەلق ماقال تەمسىللىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىنغان ئىدى.
        ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! ئەلىشىر ناۋىيىنىڭ ئەسەرلىرى شەرقى تۈركىستان (يەنى ئۇيغۇر رايونى) ئىراق ۋە ئانادولۇدا كەڭ تارقىلىپ ئۇزۇن زامانلارغىچە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. 16 - ئەسىرنىڭ تۈنجى يېرىمىدا، قەشقەردىكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى شائىر سەئىدخان بىلەن فۇزۇلىمۇ ناۋايى ئۈسلۇبىدا شېئىرلارنى يازغان ئىدى. ھەتتا چاغاتاي تىلى «ناۋايى تىلى» دەپ نام ئاتالغان ھەمدە باشقىلارمۇ ئۇنى ئۆگۈنۈشكە تىرىشقان ئىدى. بەزىلەر تېخى ئۇنىڭ ئۆتكۈر تەسىرىدە پەقەت چاغاتاي تىلىدىلا شېئىر يازىدىغان بولۇشقان ئىدى.
      ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مۇزىكا، رەسىم، بىناكارلىق ۋە خۇشخەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم. مۇزىكىدا ئۇنىڭ ئۇستازى يۈسۈف بۇرھان ئىدى. مىر مۇھەممەد ئەمىر بۇخارىنىڭ مۇزىكا تارىخىغا ئالاقىدار ئەسەرلىرىدە "خوراساندىكى يەتتە بەھىر" ئۇسۇلۇنى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ قۇشنىڭ سايراشلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ تۈزۈپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى زاماندىمۇ خوراسان تۈركمەنلىرى بىلەن فەرغانە ۋە خارىزىم ئۆزبېكلىرى ئارىسىدا ئەلىشىر ناۋايى تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنغان ناخشىلار ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇلاردىن باشقا يەنە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ كۈتۈبخانىسىدا ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق رەسسام، خەتتات ۋە نەققاشلار خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەلىشىر ناۋىيىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھىرات مىنياتور سەنئىتىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ مىنياتورلاردا تېمۇر دەۋىرىدىكى ساراي تۈرمۇشى، تۇلۇق ۋە ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ۋىيانا، پارىژ، ئىستانبۇل، ئىران ۋە پۈتۈن تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە نەشىر قىلىندى. بىز ئىنسانىيەتكە قىلغان بۇ مىسلىسىز ئۇلۇغ خىزمەتلىرى يۈزسىدىن ئەلىشىر ناۋايىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 294
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە294دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 3037 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-03-28

مانا بابىمىز ئەلىشىر نەۋائىنى ئۇيغۇر دەيدىغان ئالتۇندەك دەلىل- ئىسپاتلار، ئەمدى بىز بۇ ئۈزبىكىستان بۇلمىغانكىن يۈرەكلىك ھالدا بۇ ئۇلۇق بابىمىزنى ئۇيغۇرۇم دىيىشىمىز كېرەك.
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1792
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1792دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9276 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 00:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى haldin نىڭ 2011-06-30 23:02 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مانا بابىمىز ئەلىشىر نەۋائىنى ئۇيغۇر دەيدىغان ئالتۇندەك دەلىل- ئىسپاتلار، ئەمدى بىز بۇ ئۈزبىكىستان بۇلمىغانكىن يۈرەكلىك ھالدا بۇ ئۇلۇق بابىمىزنى ئۇيغۇرۇم دىيىشىمىز كېرەك.


ئۆزبىك بولسا  نىم بوپتۇ  ؟  ئۇيغۇر  بولىسچۇ ؟  ھەر  ئىككى  مىللەتنىڭ يىلتىز تۇتاش  تۇرۇغلۇق  قاچانغىچە  سېنىڭ-مىنىڭ دەپ  تالىشىپ  يۈرىمىز  ..  نەسلىمىز  بىر  تۈرۈك  بولغاندىكىن  ، ما كۆڭلىمىزدىكى  پەس  مىللەتچىلىك ئىديىمىزنى  چۆرىۋىتەيلى قېرندىشىم .
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەن لىكىمدىن پەخىرلىن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1367
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 266
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-03-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 09:38

شۇنداق توغرادەيسىز .
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1084
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1084دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12044 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 11:19

خالىدىن سىز داۋاملىق تۇختىماي مۇشۇنداق جىدەل قىلىسىز ...........گەپنى جىدەلگە بۇرىماي قېنى شۇ ئەسەرلەر ھەققىدە ئىلمىي پىكىر يۇرگۇزۇپ باقمامسىلەر.............
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دوستلىشىش
كەڭسايچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7830
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-08-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 11:47

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2011-07-01 00:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


ئۆزبىك بولسا  نىم بوپتۇ  ؟  ئۇيغۇر  بولىسچۇ ؟  ھەر  ئىككى  مىللەتنىڭ يىلتىز تۇتاش  تۇرۇغلۇق  قاچانغىچە  سېنىڭ-مىنىڭ دەپ  تالىشىپ  يۈرىمىز  ..  نەسلىمىز  بىر  تۈرۈك  بولغاندىكىن  ، ما كۆڭلىمىزدىكى  پەس  مىللەتچىلىك ئىديىمىزنى  چۆرىۋىتەيلى قېرندىشىم .

ئۆزبېك بولسا قەتئى بولمايدۇ. ئۇيغۇر بولسا تارىخى ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن ئۇيغۇن نورمال ئىش بولىدۇ. ئىككى مىللەتنىڭ يىلتىزى تۇتاش دەپ كىم دەيدۇ،نېمىشقا بىز سېنىڭ مېنىڭ تالاشمايدىكەنمىز، ئۆزبېكىنى تۈرك دەپ كىم دەيدۇ، پەس مىللەتچىلىكىنى، ئۆزبېكچىلىكنى دەسلەپتە باشلىغانلار ئۆزبېكمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟ < تارىخي رەشدىيە > گە دادىسى ئۇيغۇر دەپ بىز يېزىپ قويۇپتۇقمۇ، بىز ئوخشايمىز دېسەك، كىم ساڭا ئوخشايدىكەن، دىگەن كىملەر، تۈركلەر سىلەر تۈرك، دېسە، ياق بىز ئۆزبېكمىز ۋە ياكى بىز تۈركىيمىز ، دەپ تۇرۋالغان كىملەر، ئۇيغۇر، ئۆزبېك تىللىرى 90% ئوخشىشىدۇ، دېسە ياق 60% ئوخشايدۇ، دىگەن كىملەر، ھەتتا بەزىلەرگە ئالاھىدە تەكىتلەپ: بىز بۇلارغا ئوخشىمايمىز ، دەپ تۇرىدىغان كىملەر ؟ ۋاي ئاللا دەيمەن، ئوخشمايمىز ،دېسەڭ ئۆزەڭنىڭ يولى، بىز ھەرگىز ئوخشايمىز ، دەپ تۇرۋالمايمىز. بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق مىللەت: نەۋايى بىزنىڭ دېسە، بىزنىڭ ئاغزىمىز يوقمىكەن. ياخشىسى ئازارلىشىپ يۈرگەندىن كۆرە ئىككلىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭغىنىمىز ياخشى. ھازىر دىگەن نامى  ياتنىڭمۇ دىلى يات زامان.
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 11:47

ئاللاھ بارچە تۈركىلەرنىڭ قېرىنداشلىق مىھر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇر قىلسۇن.ئەجداتلانىڭ يۈزىگە شۇنداق قارايلىكى ئاللاھتىن سۇنىڭ ئەسلى ئىقىندا ئىقىشىنى تىلەيلى.
http://bbs.meripetyoli.com
دوستلىشىش
مەھمۇدىيە
شۇنداق بىر كۇنلەر كېلدۇ......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5580
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 732 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-08
ئاخىرقى: 2011-12-13
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 13:07

2-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا

سىز مۇشۇ سۇزلىرىڭزنى ئاۋال شۇ ئۇزبىكلەرگە دەپ بىقىڭە   ...ئۇزبەكلەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزبىكلەر ئەسلىدىن بىر مېللەت دىسىڭز ئېشنىمەنكى يۇزىڭزگە شاكالتوپتەك تۇكۇرۇپ قويدۇ

شەخسەن مىنىڭ مۇشۇ پەس ئۇزبەكلەر بىلەن بىر مىللەت بولغۇم يوق  ئۇزبەكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەت
،  ھاياتلىق مۇھەببەت،. ئازاتلىق ئۇچۇندۇر دېيېلسە ئەگەر.تەخېرسىز كچىمەن ھەرئېككېلسىدىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6777
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 642 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-02-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 13:14

كىشمىش دېسەڭ يانچۇقۇمدا كىشمىشىم، كىشمىش دېمىسەڭ سەن بىلەن نىمە ئىشم.
                                                                               ---ئۇيغۇر خەلق ماقالى
سېنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىڭ ھامان ماڭا پۇرسەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1592
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 851 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2011-12-02
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 13:17

[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2011-07-01 00:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


ئۆزبىك بولسا  نىم بوپتۇ  ؟  ئۇيغۇر  بولىسچۇ ؟  ھەر  ئىككى  مىللەتنىڭ يىلتىز تۇتاش  تۇرۇغلۇق  قاچانغىچە  سېنىڭ-مىنىڭ دەپ  تالىشىپ  يۈرىمىز  ..  نەسلىمىز  بىر  تۈرۈك  بولغاندىكىن  ، ما كۆڭلىمىزدىكى  پەس  مىللەتچىلىك ئىديىمىزنى  چۆرىۋىتەيلى قېرندىشىم .
ھوي --ھوي، ئۆزىمىزنى بىسىۋالايلى، تۈرۈكنىڭ نەسلى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە، بىز پەقەت ئۇيغۇر خالاس، ئۆزبەك يەنە بىرنىمە دىگەنلەر بىز بىلەن قىرىنداش بولسا نىمە بوپتۇ،؟ئۆزبەككە ھەۋەس قىلسىڭىز بوجالەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ يۈرىۋەرمەمسىز...ئەلىشىر نەۋائىي ئۇيغۇر، بۇ مۇتلەق، ئۇنى سىز ئۆزبەككە بەرگەنگە ئۇ ئۆزبەك بولمايدۇ، ئۆزبەك بىلەن مۇناسىۋىتى بولسا پەقەت ھازىر دەشتى قىپچاقلىقلار ئىجارە ئولتۇرىۋاتقان شۇ ئەزىز يۇرت دەل ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۆز يۇرتى بولغانلىقى، يا سىز بىرەر تارىخى ماتىرىيالدىن ئەلىشىر ناۋائىينىڭ دادىسى بىرەر ئۆزبەك قىزىغا ئۆيلەنگەنلىك ئىسپاتىنى ئالدىڭىزمۇ؟
ئۇچقۇن