بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى tepekkurchi نىڭ 2011-07-12 19:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:Re:Re:Re:2-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا :
سەن " ئۇيغۇر شۇنداق ناچار بولغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالدى" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ خەقنىڭ ئىيچىشۋاتقان يىرىگە زەھەر سانجىماي تۇرۇپ باشقا گەپلەر بىلەن رەددىيە بىرەلمەمتىڭ؟ ياتنىڭ ياندىن ئۆتىدۇ، ئۆزنىڭ جاندىن دەپ باشقىلار بۇنداق دىسە ھە بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزۋەتكىنى بولاتتى، ئەممە سەن ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى، دىلىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ، ھەم مەيلى ئىتراپ قىل ياكى قىلما، ئۇيغۇرغا ئەڭ يىقىن قىرىنداش بولۇپ تۇرۇپ ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلساڭ ساڭا يەنە قانداق يۈز خاتىرە قىلغىنى بولىدۇ؟ ئەمىليەتتە سەن بۇنداق چىچاڭشىمغان بولساڭمۇ ئۇ ساپاسىزنىڭ گىپىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ چىقىپ رەددىيە بىرىشى ئىنىق ئىىدى، ھەم ھازىرغىچە شۇنداق بولۇپ كىلۋاتىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيتدە ھەر قانداق جەمىيەتكە ئوخشاش ساپاسىز ئادەملەر بار، بىراق ھەرگىز بىر مىللەتكە قارا قويۇق ھۆكۈم قىلدىغان، ھاقارەت قىلدىغان پىكىرلەر ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەپ باقمىغان. بىر ئۇيغۇر ئۆزبەكنى ھاقارەتلىگەن بولسا يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆزبەكنى قىرىندىشم دەپ قارايدۇ. ئەمما سەن بىر ساپاسىزنىڭ گىپى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرغا، ئۆزبەكنى ئۆز قىرىندىشى دەپ بىلدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىڭ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
يەنە دىسەم يەنە شۇ، ساپالىق ئادەم بىر مىللەتكە ھاقارەت قىلمايدۇ، پۈتۈن بىر مىللەتكە ئۆچ بولمايدۇ، بەلكى شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە زىيان سىلۋاتقان كىشىلەر ياكى گورۇھ، پارتىيەگە ئۆچ بولىدۇ. بۇ ماڭىمۇ ، ساڭىمۇ ئوخشاش ماس كىلىدۇ.