باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3101 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: نىكاھ توغرىسىدا بەزى سۇئاللار
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 171
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە171دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1975 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-03-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 13:17

نىكاھ توغرىسىدا بەزى سۇئاللار

ئەسلى بۇ تىما  ئۇيغۇر ئىسلام تورىغا يوللانغان بولۇپ،  جاۋاپ چىقمىغاچقا ، مۇشۇ يەرگە يوللاپ  قويدۇم

.
-----------------------------------------

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  مۇنبەر ئەھلى 
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ، بىر قېرىندىشىم مەندىن نىكاھ توغرىسىدا بىر قانچە سۇئال سورىغان بولۇپ، مەن بىرقانچىسىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرەلمىدىم 
دەپ قاراپ ، مۇشۇ يەردە قايتا بۇ سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ توغرا جاۋابىنى ئالماقچى بولۇۋاتىمەن

سۇئاللار : 
1. نىكاھ ئوقۇغاندا قىزنىڭ ھىمايىسى نىكاھ سورۇنىغا ھازىرلىنىش كىرەكمۇ ؟ 
2. ئوغۇلنىڭ ھىمايىسىمۇ ھازىرلىنىش كىرەكمۇ ؟ 
3.ئەگەر قىز ياكى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى  ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى تويغا قوشۇلۇپ، نىكاھ ئوقۇشقا قاتنىشالمىسا(يىراقتا بولغان سەۋەپلىك)، بۇ نىكاھنى قانداق  قىلىش كىرەك ؟ 
بۇ توغرىلىق بىلىمىڭلار بارلار ئايىمىغايسىلەر .
Men Uyghurlarning Khakanimen
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2011-06-26

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم.سىز چوڭ بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.
1.2.مەسىلىگە كىتاپ كۆرۈپ بېقىپ بىر نەرسە دەيلى.3.مەسىلىگە تېخىمۇ ئېنىقراق سوئال يېزىڭ.مەسىلەن قانداق شارائىتتا؟
1.مەسىلىگە اللە خالىسا ئەتە ھەدىس بىلەن دەلىل كەلتۈرۈپ بېرەي.
اللە قا ئامانەت.
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 23:06

بۇ سۇئالىڭىزغا يەنىلا ھەمىزە قىرىندىشىمىز جاۋاپ بەرسۇن .
ھەمزە بىلۇگ كىرسىڭىز بولىدۇ.
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 07:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم
ئاۋال ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى
 زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى [3]. [سۈرە نۇر]
[11]. بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر - ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟ [12]. ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار اﷲ نىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ [13]. [سۈرە نۇر]
يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ [26]. [سۈرە نۇر]
]. مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار [31]. ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، اﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، اﷲ نىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، اﷲ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر [32]. ئۆيلىنەلمەيدىغانلار اﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل - مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە اﷲ ئاتا قىلغان مال - مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن اﷲ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا)رەھىم قىلغۇچىدۇر(يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ) [33]. (ئى مۆمىنلەر!)بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق [34].[سۈرە نۇر]

يوقۇرقى سۈرە نۇردىنلا بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى. 1- ئامىل چوقۇم مۆمىن مۇسۇلمان ئەر بىلەن مۆمىن مۇسۇلمان ئايالنىڭ نىكاھسى كېمىدا توت نەپەر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ گۇۋاھلىقىدا مېھرى بېرىلگەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. بۇ يەردىكى مېھرى ھازىرقىدەك بېكىتىلگەن مېھرى بولماستىن بەلكى، ھەركىم قول ئىلكىگە ئاساسەن كېلىشىپ بېرىدىغان مېھرىنى بىلدۇرىدۇ. ھازىرقىدەك مېھرىنى باي-كەمبەغەل ئوخشاش بېكىتىۋېلىپ زۇلۇم بىلەن توينى كەينىگە سۇرۇش مۆمىن مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. 2- ئامىل ھامىيسى چوقۇم بولىشى شەرت ئەمەس زۆرۈر. مۆمىن بولىشى ئالدىنقى شەرت. ھازىرقىدەك يە نامازنى، يە زاكاتنى، يە تاھىرەتنى، يە زىننەتلىرىنى يېپىشنى بىلمىسىمۇ ئوقۇۋېرىدىغان ئىش يوق! ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىي قىلغان بۇگۇندە تىلفۇندا ئاتا-ئانا رازىلىق بەرسىمۇ بولىدۇ. نەق سورۇندا ھازىر بولۇشنىڭ كېرىكى يوق. ئاتا-ئانىسى كاپىر بولسا ئەلۋەتتە ھامىي ۋە ۋارس سانالمايدۇ. شۇندىمۇ رازىلىق سوراش لازىم. رازىلىق بەمىسە ئىككى مۆمىننىڭ تويى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھامىيلىقى ۋە گۇۋاھلىقىدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسى بولمىسا ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇق تۇققىنى ۋە يۇرتداشلىرى كېلىپ گۇۋاھ بولسا ۋە ھامىيلىق قىلسا بولىدۇ. مۆمىن ھامىيلىرىنىڭ بولىشى بولمىغاندىن ياخشى بولۇپلا قالماي گۈل ئۇستىگە گۈل قوشۇلغان بولىدۇ. ھامىيلىرى بولمىسا ياكى كېلەلمىسە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا رازىلىق بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن ئامالسىز باشقا يۇرتقا بارغان مۇساپىرلار توي قىلسا بولاتتى. ھامىيلارنىڭ ۋە باشقا مۆمىنلەرنىڭ ئىككى مۆمىننىڭ گۇۋاھى بولۇش ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
سالىھ پەرزەنتىنىڭ تويىنى كۆرۈش ھامىي بولۇشتىن ئىبارەت ھەق-ھوقۇقتىن ھۆزۈرلىنىش ھوقۇقىنى چەتكە قېچىشقا بولمايدۇ.
بەزىدە مۆمىن ئىككى مۇسۇلماننىڭ تويىنى ئىككى مۆمىن مۇسۇلمان ھامىي قوشۇلماي تۇرىۋالسا قانداق قىلىدۇ قېچىپ تويلانسا بولامدۇ دەپ سورىلاتتى. بۇنىڭغا جاۋاپ شۈكى مۆمىن بولسا ئاللاھتىن قورقىدۇ، نىكاھنىڭ غەيپلىكىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى مۆمىن ئايالغا ياخشى مۆمىن ئەرنىڭ لايىق بولىشىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى دەپ بىلىدۇ. مال-ئابروي تەسىرى بولغاندىلا قارشىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يۇرت ئاقساقاللىرى نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 171
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە171دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1975 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-03-24
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 11:14

نەۋرۇز قېرىندىشىمنىڭ جاۋاپلىرى خېلى ئەتراپلىق بوپتۇ.
رەھمەت قېرىندىشىم . اللا  سالامەتلىك ئاتا قىلغاي .
Men Uyghurlarning Khakanimen
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 384
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە384دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3923 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 18:37

3-قەۋەت (newruz) نىڭ يازمىسىغا

1- ئامىل چوقۇم مۆمىن مۇسۇلمان ئەر بىلەن مۆمىن مۇسۇلمان ئايالنىڭ نىكاھسى كېمىدا توت نەپەر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ گۇۋاھلىقىدا مېھرى بېرىلگەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.
.............................................................
نىكاھنىڭ  گۇۋاھلىغى،    ئەڭ ئاز بولغاندا 2 مۈئمۈن ئەر نىڭ    گۇۋاھلىغى بىلەن ئادا تاپىدۇ دەپ ئاڭلىغان.
نەۋرۇز   بۇرادەر ،،،،   مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان بولسىڭىز ،،،سەھى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولساق!!!
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بو& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2012-02-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 18:54

ئەشۇ نىكاھى ئوقۇلىدىغان قىز-يىگىتتىن باشقا يەنە ئىككى مۇسۇلمان ئەر شۇ يەردە گۇۋاھ بولسا بولىدۇ.  ئىككى ئەر تولۇق تېپىلمىسا بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال گۇۋاھچى  بولسىمۇ بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بولغان ھىساپلىنىمەن
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 12:52

ئىشلىتىش
نىكاھنىڭ  گۇۋاھلىغى،    ئەڭ ئاز بولغاندا 2 مۈئمۈن ئەر نىڭ    گۇۋاھلىغى بىلەن ئادا تاپىدۇ دەپ ئاڭلىغان.
نەۋرۇز   بۇرادەر ،،،،   مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان بولسىڭىز ،،،سەھى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولساق!!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز قېرىندىشىم.
گۇۋاھلىققا ئەلۋەتتە ئىككى ئەر مۆمىن ۋە بىر ئەر ئىككى مۆمىن بولسا بولىدۇ. بۇ ئايەت ئۆزگەرمەيدۇ. قىز تەرەپتە نىكاھ ئوقۇلسا قىز تەرەپ تاپقان ئىككى ئەر مۆمىن گۇۋاھچى پەقەت قىزغىلا مۆمىنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مۆمىن مۇسۇلمان بولۇپ رازىلىق بەرگىنىگە ۋە مېھرىنى ئالغانلىق گۇۋاھلىقىنى بېرەلەيدۇ. ئەر تەرەپ باشقا مەھەلە ياكى يۇرتتىن بولىدىغان بولغاچ ئەلۋەتتە ئەر تەرەپنى ئوبدان تونۇيدىغان مۆمىن مۇسۇلمان تۇققانلىرىدىن، دوستلىرىدىن گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ. ئەر تەرەپنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇپ ئايال تەرەپنىڭ بولمىسا ئايال تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئەر تەرەپ تاپقان ئىككى ئەر گۇۋاھچىنى تونۇمىغاچقا گۇۋاھلىقىغا شەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
گۇۋاھچىلار قىز-ئوغۇلنىڭ مۆمىن مۇسۇلمان بولىشىغا يەنى ناماز، زاكات، ھۆشۈر، سەدىقە بېرىدىغان مۆمىن مۇسۇلمانلىق شەرتىگە توشقان بولۇشقا گۇۋاھلىققا يارايدىغان گۇزەل ئەخلاقلىق، راستچىل، مۇلايىم، ئاخىرەت كۇنىدىن قورقۇدىغان لىلمۇتتەقىيىنلەردىن بولىشى شەرت. ئۇلارنىڭ نىكاھ سورۇندا بولىشى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۇسى ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا تونۇمايدىغان ئىككى مۆمىن كىشى توختاملاشسىمۇ ئىككىدىن توت نەپەر گۇۋاھچى تېپىشىدۇ. قەرز ئالسىمۇ ئىككىسى تونۇشمىسا شۇنداق قىلىدۇ. تونۇشسا ياكى ئىككىسىنىلا تونۇيدىغان ئۇچۇنجى تەرەپ ئىككى مۆمىن قېرىندىشىلا گۇۋاھلىققا كۇپايىلىنىدۇ. ئەر-ئايالنى كېلىشتۇرۇپ قويۇشقا ئەرنىڭ تۇققىنىدىن بىر مۆمىن مۇسۇلمان، ئايالنىڭ تۇققىنىدىن بىر مۆمىن مۇسۇلمان گۇۋاھلىققا كېلىشى ۋە ياراشتۇرۇپ تەبلىخ قىلىشى پەرز.

قېرىندىشىڭىز توي مەۋسۇمىدە ئىكەن تالاقنىڭ قايدىلىرىنىمۇ ئاددىيلا بىلىۋالسۇن. ئاۋال يەنىلا ئايەتلەر كەلتۇرەيلى:

ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار (بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا) قايتسا، (ئاياللىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى) اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. اﷲ ناھايىتى مېھرىباندۇر [226]. ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [227]. تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى اﷲ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. اﷲ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [228]. (قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، اﷲ بەلگىلىگەن ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر - ئايال) نىڭ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر - خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر [229]. ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا. بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، اﷲ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ [230]. سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمىتىنى (يەنى كىتابدىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگىچىدۇر [231]. ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز - نەسىھەت ئېلىش، اﷲ نىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر [232]. ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا - ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ تىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [233]. ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر [234]. ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار اﷲ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (اﷲ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) [235]. ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل - مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر [236]. ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [237]. (بەش) نامازنى بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار [238]. قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار)، ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۆگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار [239]. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [240]. تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر [241]. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ [242]. [شۈرە بەقەرە]

ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. (نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ نىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى اﷲ نىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، اﷲ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن [1]. ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار، بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ [2]. اﷲ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسا، اﷲ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى [3]. ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، (كىچىكلىكتىن) ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى قويۇۋېتىلگەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) بوشىنىش بىلەنلا تۈگەيدۇ، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ [4]. ئەنە شۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ [5]. ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار)، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار، ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن [6]. باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم اﷲ نىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). اﷲ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، اﷲ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ) [7]. نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق [8]. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى [9]. اﷲ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى [10]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە اﷲ نىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىمكى اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (اﷲ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ [11]. اﷲ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، اﷲ نىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) اﷲ نىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر [12].[تالاق سۈرىسى]

قېرىندىشىم، زامانىمىزدىكى تالاق ھازىرى ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش نىشانىدا بولىۋاتىدۇ. مۆمىن مۇسۇلمانلارغا ئاللاھدىن قورۇققان ئەر-ئاياللارغا نەسىھەت بولسۇنكى تالاق قىلىپ ئايالنىڭ ئىدىتى توشمىغىچە ئويدىن چىقىرۋەتمىسۇن. ئادەمنى توخو ئىت مۇشۇكلەرگە نىكاھلاپ نىكاھنى كۈلكىگە ئايلاندۇرۋالمىسۇن. نىكاھنى پۇل تاپىدىغان تاللا بازىرىغا ئايلاندۇرۋېلىپ ئاللاھنى مەدھىيلىگەنگە ھەق تەلەپ قىلمىسۇن. نىكاھنى غەيىپ دەپ ئىشەنسۇن. ئاللاھنىڭ ئادىللىق بىلەن ياخشى ئەرگە ياخشى ئايالنى ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمىسۇن! ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئۈنۈتمىسۇن!

قېنى ئاشۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كېيىنكى تۇرمىشىنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن ۋە نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭمۇ  مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ تەن ئېلىكتىر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ كېسەل ۋە بالا-قازادىن ساقلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى!

ئاللاھ ياشلىرىمىزنى مەغپىرەت ئەيلە نادانلارنى توغرا يولۇڭغا يولات! بىزنى خارلاردىن قىلمىغىن! ئامىن!

مۆمىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنزىلىم: http://torsodisi.blogbus.com/
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-06-26 17:23قايتا تەھرىرلىدى ]
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 13:55

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى nawayi نىڭ 2011-06-25 18:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەشۇ نىكاھى ئوقۇلىدىغان قىز-يىگىتتىن باشقا يەنە ئىككى مۇسۇلمان ئەر شۇ يەردە گۇۋاھ بولسا بولىدۇ.  ئىككى ئەر تولۇق تېپىلمىسا بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال گۇۋاھچى  بولسىمۇ بولىدۇ.

قىزنىمۇ ۋە يىگىتنىمۇ تەڭ تونۇيدىغان گۇۋاھچىنى تاپالىساق سىز ئېيتقاندەك بولىدۇ. قىز - يىگىتنىڭ نىكاھ مەيدانىدا ھازىر بولۇش مۇھىم بولۇپ بىر-بىرىنىڭ گۇۋاھلىق  ئالدىم،  تەگدىم كەلىمىسىنى ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىشى شەرت. ئەلۋەتتە ھازىرقى زاماندىكى قىز باشقا ئۆيدە بولسا بولمايدۇ. بىر تەرەپكە ئىككىدىن ئارتۇق بولۇش تونۇشمايدىغان ئىككى جەمەت ئارىسىدا زۆرۈر بولىدۇ. ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپتىنلا ئىككىدىن مۆمىن مۇسۇلماننى گۇۋاھلىققا ھازىرلاش كېرەك.  تونۇشمايدىغان يات يۇرتتىكىلەر بىلەن بولغان تويدا گۇماندارلار گۇۋاھلىقىنى سۇرۇشتىرىمەن دەپ قارشى تەرەپكە بارمىسىمۇ ئۆز تەرەپتىن گۇۋاھلىرىندىن سورىۋالسا بولىدۇ. يوقۇرقى ئايەتتە توھمەتكە توت نەپەر دەپ ئېلىشنىڭمۇ ھېكمىتى بار بولغاندەك. تونۇشمايدىغان ئىككى تەرەپ توي قىلسا ئەلۋەتتە ئاسانلىقنى ئىزدىشى كېرەك. ھازىرقى جەميىتىمىزدە بىر توپ ئادەم نىكاھقا كىرىدۇ. مۆمىنلىك شەرتىگە توشامدۇ يوق. كەلمى شاھادەت، كەلمى تەۋھىد، تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا بارمۇ يوق. بۇ مۇھىم. نىكاھ ئىككى مۆمىن مۇسۇلمانغا ئوقۇلىدۇ. نىكاھ ئوقۇغۇچى 50سومغىلا ئېسىلماي، ئالدىرماي مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھىغا ئالدىراش كېرەك.
يۇرتىمىزدا قىزنى مەيدانغا ئېلىپ كەلمەي قىزدىن سورايدىغانغا ئىككى ئەر گۇۋاھلىققا كەلتۇرلەتتى. بۇ يامان ئادەت ئۆزگىرەشكە باشلىدى. نىكاھ مەيدانىدىكى گۇۋاھچى نىمىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنى بىلگەندە ئىككىدىن توت بولۇشنىڭ ھېكمىتىنى بىلىش تەس ئەمەس.  
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8040
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-26
ئاخىرقى: 2011-06-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 16:31