باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3099 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 2/3     Go
تېما: نىكاھ توغرىسىدا بەزى سۇئاللار
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 18:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ھازىر دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم پۇل تاپقان بايلار ئۇزنىڭ تۇنجى ھالال جۇپتىدىن باشقا بىر ئايالنى نىكاھ  ئۇقۇتۇق دەپ  مەخپى ئۇي تۇتۇپ يۇردىكەن بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا نىمە دىگۇلۇك ئەمدى.
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1140
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1140دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 11933 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-26
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 17:46

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەممىمىزگە، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
ئاخىرىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-27
ئاخىرقى: 2012-01-21
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 17:57

نىكاھ قىلغاندا قىز بىلەن ئوغۇلنى بىريەرگە ئەكىلىپ نىكاھ قىلىش قانداق تۇغرىمۇ خاتامۇ ؟
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بو& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2012-02-22
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 23:55

بىر يەرگە ئەكەلمەي نىكاھ ئوقۇغاندىن بەكرەك تۇغرا.  
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بولغان ھىساپلىنىمەن
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 09:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-06-27 17:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نىكاھ قىلغاندا قىز بىلەن ئوغۇلنى بىريەرگە ئەكىلىپ نىكاھ قىلىش قانداق تۇغرىمۇ خاتامۇ ؟

قۇلاقنى ئاڭلىسۇن دەپ ياراتقان، گۇۋاھچىلارمۇ ئاڭلىسۇن. ئاڭلىمىسا نىمىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئەگەر مۆمىنە بولسا خىجىل بولماي ئاللاھقا ھەمدىلەر، شۈكرىلەر ئېيتىپ جامائەت ئارىسىدا ئولتۇرۇپ ئىككى ئاۋازنىڭ ئالدىم، تەگدىم دېگەنلىكىنى گۇۋاھچىلارغا ئاڭلىتىش كېرەك. ئەگەر قىز سورۇندا بولسا ياق دىسە ھىچكىم زورلىيالمايدۇ. مەجبۇرلاپ توي قىلالمايدۇ، جامائەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىزمۇ بىر يەرگە ئەكىلىپ ئوقۇيتتى. مەھرىنى نەق مەيداندا تەيىنلەيتى، تەيىنلەش كېيىن قالدۇرۇلسا كاپالەت سوز ئېلىناتتى. يوقۇرقى ئايەتلەرگە قاراڭ. مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ھىكمەت ئىگىسىلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىدۇ.
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 09:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى asanat نىڭ 2011-06-26 18:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ھازىر دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم پۇل تاپقان بايلار ئۇزنىڭ تۇنجى ھالال جۇپتىدىن باشقا بىر ئايالنى نىكاھ  ئۇقۇتۇق دەپ  مەخپى ئۇي تۇتۇپ يۇردىكەن بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا نىمە دىگۇلۇك ئەمدى.

توغرا دەيسىز مۆمىنە قېرىندىشىم.

ئەر تەرەپتىن ئىككى گۇۋاھچىنىڭ رولىمۇ شۇ. ئايال تەرەپتىن ئىككى گۇھاچى كەلتۇرۇلسە ئەنە شۇنداق ىش يۇز بېرىدۇ. تۈنجى ئايالنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنىڭ ھۆكمىمۇ شۇ. نىكاھ ئوقۇتسىلا ھالال بولىدۇ. دەپ مەخپىي تۇتۇش مات بولۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. قوش نىكاھلانغانلىقتىن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا چەكلەنگەن شۇڭا مەخپىي ئوي تۇتتۇم دىيىشمۇ بىر بانادۇر. مۆمىنلەر ئايالىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنى ئاللاھ دوست تۇتمايدۇ. 
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
ئاخىرىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-27
ئاخىرقى: 2012-01-21
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 15:52

نەۋرۇز قىرىندىشىمغا رەھمەت جاۋاب بەرگىنىڭىزگە ، بىزنىڭ مەلىدىكى بىرئىمان يىگىت -قىزنى بىريەرگە ئەكىلىپ نىكاھ قىلىش ھارام قانداق ئالىم بولسا ئالدىمغا كەلسۇن دەپتۇ . شۇڭا تىخىمۇ ئىنىق ۋە تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .  بۇنى ئۇ ئوزى ھارام دەۋلدىمۇ ياكى شۇنداق قارشتىكى مۇجتەھىدلەر بارمۇ ؟
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بو& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2012-02-22
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 19:13

يىگىت -قىزنى بىريەرگە ئەكىلىپ نىكاھ قىلىش ھارام قانداق ئالىم بولسا ئالدىمغا كەلسۇن دەپتۇ
-------
قىزىق گەپ بوپتۇ بۇ.  ئۇ ئەمدى قانداق ئالىم كىشى كەلسىمۇ، دەلىل سۆزلىسىمۇ قۇبۇل قىلمايدۇ.  
مېنىڭ سىڭلىمنىڭ نىكاھى ئوقۇلىدىغان چاغدا ئىككى تەرەپكە ئىككى قېرى ئادەمنى ۋەكىل دەپ بېكىتىپ شۇ ئىككى ئادەمدىن ئالدىڭمۇ تەگدىڭمۇ دەپ نىكاسى ئوقۇلدى. «ۋاكالەتەن تەگدىم، ۋاكالەتەن ئالدىم » دەپ نىكاھى ئوقۇلدى(بىر قېرى ئادەم سىڭلىمغا ۋاكالەتەن ئۇ يىگىتكە تەككەن بولدى، يەنە بىر قېرى ئادەم ئۇ يىگىتكە ۋاكالەتەن سىڭلىمنى ئالغان بولدى).
مەن ئۇلارغا: بۇ قىز يىگىت مۇشۇ يەردە بار بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ ئۆز لەبزى بىلەن ئېيقان «ئالدىم، تەگدىم» دىگەن سۆزىنى جامائەت ئاڭلىسا ياخشى بولمامدۇ؟ بۇ نىمە قىلغىنىڭلار؟ دەپ پىكىر قىلسام، دامۇللا دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى باركەن، مۇشۇنداق ئوقۇيمىز، ناھىيەدىنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇشنى بېكىتكەن دەيدۇ.
جائىز ئىشنى ۋاجىبقا، مۇستەھەب ئىشنى ھارامغا چىقىرىدۇ چالا مۇللىلار.
قىز بىلەن يىگىتنى سۈيۈشتۈرۈپ نىكاھ ئوقۇڭ دىمىسە بىر كىشى، ياكى كارۋاتقا چىقىرىپ قۇيۇپ نىكاھ ئوقۇڭ دىمىسە، ئۇنى ھاارام دەيدىغانغا.  
قىز بىلەن يىگىت شۇ سورۇنغا ھازىر بۇلالمىغان ئەھۋالدا ۋەكىل قۇيۇپ ئوقۇسا جائىز.  شۇ سورۇنغا ھازىر بۇلالايدىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئۆز لەبزى بىلەن ئېيتىشى ئەۋزەل.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بولغان ھىساپلىنىمەن
ئاخىرىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-27
ئاخىرقى: 2012-01-21
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 22:54

موللاملا، بۇتوغۇرلۇق ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل كەلتۇرۇپ بارماق كوتۇرۇش دىگەن تىمىغا ئوخشاش تەپسىلى چۇشەنچە بىرىڭلار؟
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-29 01:58

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-06-28 22:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
موللاملا، بۇتوغۇرلۇق ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل كەلتۇرۇپ بارماق كوتۇرۇش دىگەن تىمىغا ئوخشاش تەپسىلى چۇشەنچە بىرىڭلار؟

(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ اﷲ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ [221].

ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز - نەسىھەت ئېلىش، اﷲ نىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر [232].

ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار اﷲ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (اﷲ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) [235].

ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل - مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر [236]. ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [237].

ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟ [21].

ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت! [22]. سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر [23]. ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكىملىرىدۇر، بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [24]. سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. اﷲ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى اﷲ قا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر - بېرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئەفىفە بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [25].  [ 4 - سۈرە نىسا]

ئۆز ۋاقتىدا سەن اﷲ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، اﷲ تىن قورققىن!» دېدىڭ، اﷲ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، اﷲ تىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، اﷲ نىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ [37]. [سۈرە ئەھزاب]

ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، اﷲ نىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. اﷲ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [10]. [سۈرە مۇمتەھىنە]
يۇرتىمىزدا  تۈنجى تويدا قىز خىجىل بولىدۇ دەپ نىكاھ مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلمەي ئىككى گۇۋاھچى ۋاكالىتەن تەگدىم دەپ گۇۋاھلىق بېرىلەتتى. ئىككىنجى تويدا نىكاھ مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلەتتى.
نىكاھ توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار. ئايەتلەرنى يازدىم ھەدىسلەر بەك كۆپكەن نەقىل ئالمىدىم. ئايەت ھەدىسلەردىن مەلۇمكى مۆمىن مۇسۇلمان مۆمىن مۇسۇلمان بىلەن نىكاھلىنىدۇ. مۇشرىك، كاپىر ۋە ئۇچ ئەۋلاد ئىچىدە نىكاھى ئوقۇلمايدۇ. بۇ ئەڭ مۇھىم. قىزنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ دەيدىغان پەتىۋا يوق! پەقەت تۈنجى تويىدا ئادەم كۆپلىكىدىن خىجىل بولسا ئۈندىمىسە يەنى تەگدىم دەپ ئاۋاز چىقىرالمىسا ئۇچ سورۇلسىمۇ زۇۋان سۇرمىسە تەگدىم دەپ جاۋاپ بېرىلگەن بولىدۇ. ئەگەر رازى بولمىسا قارشى ئاۋاز چىقىرىدۇ. قىز قەتئىي زورلانمايدۇ. يەنە بىرى ئىسلامدا نىكاھ يوشۇرماي ئوچۇق- ئاشكارە ئوقۇلىدۇ. نىكاھ مەخپىي ئوقۇلمايدۇ. قىز-يىگىتنىڭ مۆمىن مۇسۇلمانلىقى ۋە نىكاھ شەرتىگە توشقانلىقى سۇرۇشتۇرىلىشى ئاندىن نىكاھ ئوقۇلىشى كېرەك. پۇلنى دەپ كاپىرغا نىكاھ ئوقۇساق بولمايدۇ. نىكاھدىن كېيىنكى تويمۇ ئاشكارلاشنىڭ داۋامىدۇر. نىكاھقا كەلگەن جامائەتنى غىزالاندۇرۇپ ئاشكارلانسىلا كۇپايە قالغىنى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئىككى گۇۋاھچى راستچىل، مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن بولىشى شەرت. قىزنى نىكاھ مەيدانىغا ئېلىپ كىرىش ئېلىپ كىرمىگەندىن مىڭ ئەۋزەلدۇر. جامائەتنىڭ ئالدىدا ئالدىم، تەگدىم دىيىش گۇناھ ئەمەس. خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار، بۇددىستلار چېغىدا ئاشكارلايدۇ، مەخپىي مەجبۇرى نىكاھ ئوقۇمايدۇ. ئىلگىركى پەيغەمبەرلەردىن كېلىۋاتقان توغرا تەۋھىدلىك دىنىمىزمۇ ئەنە شۇنداق ئاللاھنىڭ ئىزنىنىڭ داۋامىدۇر. ئەلۋەتتە ئەڭ ئەۋزىلىنى تاللايمىز.
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!