باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3294 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ھېكايەمنىڭ داۋامى~~~~
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1371
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 23:37

ھېكايەمنىڭ داۋامى~~~~

ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلاردىن ھېكايەمنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويغانلىقىم  سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلىكى،شۇنداقلا  ئىلھامنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن شۇنداق بولۇپ قالدى.بۈگۈن يەنە ئىلھام كەلگەندەك تۇرىدۇ،ئەمىسە ئارتۇق گەپنى قويۇپ باشلاۋېرەي:
تەييارلىق ئوقۇشۇم پۈتۈپ،باشقا بىر شەھەردىكى مەكتەپكە كەسىپ ئۆگىنىشكە كەلدىم.ئەلۋەتتە ئىككى يىل ئوقۇش جەريانىدا ئالىي مەكتەپ توغرۇلۇق خېلى ساۋاتلارغا ئىگە بولۇپمۇ قالغانىدىم.پويىزدىن چۈشۈپلا بۇ يەرنىڭ شۇنچىلىك دېمىق ھاۋاسى ئادەمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.بەدىنىمدىن شۇرۇلداپ تەرلەر ئېقىشقا باشلىدى.مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسى،كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مۇئامىلىسى بولدى.بىرلىكتە كەلگەن ساۋاقداش بالىلار بىزنى كۈتىۋالغىلى چىققان يۇقىرى يىللىقتىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇردۇق.نەلەردىندۇر بىر خەنزۇ موماي كېلىپ،بىرنەچچە تەڭگە پۇل سېلىنغان ئەسكى قەلەي پىيالىسىنى تاڭگىراڭشىتىپ پۇل بېرىشنى ئىشارە قىلدى.بىز پۇل يوق دەپلا گەپنى ئۈزدۇق.مەنغۇ ئەزەلدىن مۇنداق كىشىلەرگە پۇل بەرگۈم كەلمەيدۇ،ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بۇ ئىشنى كەسىپ قىلىۋالغانىدى.ئۇ موماي كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.پۇل بەرمىسەك ئالدىمىغا تىزلىنىپ،بۇتلىرىغا باش ئۇرغاندەك باش ئۇرغىلى تۇردى.شۇنداق قىلغانچە تېخىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ نېرى كەتتىم.توۋۋا دەپتىمەن،نېرىراقتا يەنە ئىككى خەنزۇ بىر تال قۇرۇق پوتۇلكىنى تالىشىپ جىدەللىشىۋاتاتتى.بۇ شەھەرگە كېلىپ تۇنجى ئالغان تەسىراتىم مانا شۇنداق مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.ئاپتوبۇستا  چىقىپ،چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ،تەخمىنەن ئىككى سائەت يول يۈرۈپ ئاندىن مەكتىپىمىزگە كەلدۇق.مەكتەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ ئاشخانىسى ۋە مەكتەپنىڭ تۆت تەرىپىدە ئىشىكتىن چىقىشىمىزغىلا يەنە بىردىن خۇيزۇ ئاشخانىسى بار ئىدى.ھەر ھالدا تاماقتىن قىينالمايدىغان بولدۇم دەپ خوش بولدۇم.مەكتەپكە كېلىپ ئىككى كۈن تىزىمغا ئالدۇرۇش بىلەن بولدۇق،تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپلا  ھەربىي مەشىق باشلىنىپ كەتتى.يەنە رامىزانمۇ تەڭلا كەلدى.ھېلىمۇ ياخشى ناننى بولىشىغا ئەكىۋالغان ئىكەنمەن.مەن بۇرۇندىن ھەربىي مەشىق دېسە كىنولاردىكى ئالاھىدە قىسىمنىڭ مەشىقلىرىنى ئويلاپ ،ئۆزۈمچە بىزمۇ شۇنداق مەشىق قىلساق تازا كۆڭۈللۈك بولىدۇ،ھېچبولمىسا تاغلارغا،دالىلارغا ئاپىرىپ مەشىققە سالىدۇ دەپ چۈشەكەپ يۈرۈپتىكەنمەن،نەدىكىنى نەچچە مىڭ بالىنى مەيدانغا يىغىۋېلىپ بىر ئىككى ئۈچ ،ئوڭغا،سولغا بۇرۇل دەپ ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان نەرسىكەن ئەمەسمۇ بۇ ھەربىي مەشىق دىگەن.
بىر ئىش مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى.بۇ مەكتەپكە كېلىپ زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ رامىزاندىمۇ ھېچ بىر رامىزان ئەمەستەك يەپ-ئىچىپ يۈرىشى بولدى.تەييارلىق ئۇقۇشتا كۆپ قىسىم بالىلار روزا تۇتاتتى.بولۇپمۇ قىزلار شۇنداق ئىدى.لېكىن بۇ يەرگە كېلىپلا رامىزان يوق.نى -نى قاۋۇل يىگىتلىرىمىز  ھېچ ھېيىقماستىن چىدىيالمايدىكەنمىز ،يا تۈزۈك تاماق بولمىسا دەپ باھانە ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.ھەر قېتىم ھەربىي مەشىقتىن چۈشلۈك دەپ ئېلىشقا چىققاندا مەن ياتاققا ماڭسام،بىر قانچە ساۋاقدىشىم ئاشخانىغا ماڭىدۇ.بىللە تاماق يەپ كەلمەمدۇق دىيىشىدۇ.ئۇچرىغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئاشخانىغا كېتىۋاتقان.ھەممىسىلا خۇددى رامىزان دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغاندەك،بۇ ئۇقۇمنى ئاڭلاپ باقمىغاندەك ،تاماق يىمەمسىلە؟دەپ سورىشىدۇ.بەزىدە ئۇلار خىجىل بولمىغان بىلەن مەن خىجىل بولۇپ كېتىمەن،يىمەيمەن دەپلا كېتىپ قالىمەن.نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا ھەربىي مەشىق كۈچىنى كۆرسەتتى.مىدىر-سىدىر قىلماي يېرىم سائەت،ھەتتا بىر سائەت تۇرغۇزىدىغان بولدى.كالپۇكلىرىم قۇرۇپ،بەدەندىن شۇرۇلداپ تەر ئىقىپ تۇراتتى.ھۆل-يىغىن شۇنداق كۆپ بولىدىغان بۇ شەھەردە دەل مۇشۇ ھەربىي مەشىق مەزگىلىدە بىرتېمىممۇ يامغۇر ياغمىدى.ئوتتەك قىززىق ۋە دېمىق ھاۋا ئادەمنى تولىمۇ قىينايتتى،كۈندە قۇرۇق نان بىلەن روزا تۇتۇش سەل ئېغىر كەلدى.دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا باشقا بالىلارنىڭ كېيىن تۇتىلساڭ بولىدىغۇ،ئۆزۈڭنى قىيناپ نىمە قىلىسەن؟قارا نەچچە كۈندىلا ئاپتاپتا كۆيۈپ ئۇرۇقلاپ كېتىپسەن،ئۆزۈڭنىمۇ ئويلاپ قوي دىيىشلىرى ماڭا مايدەك خوشيېقىپ قېلىۋاتاتتى،بىراق يەنە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى مۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايتتى.بىراق بارغانسىېرى چىدىيالمايۋاتقىنىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.ھەقىقتەن ئۇسسۇزلۇق بەدىنىمنى ھالسىزلاندۇرۇپ،ئاران ئاران قېلىۋاتاتتىم.شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن روزا تۇتمىدىم،بىراق بىر نەرسەمنى يڭقىتىپ قويغاندەكلا تۇتقان قويغىنىمنى بىلمەي،غەم-ئەندىشىدە دېگۈدەك ئۆتتۈم.شۇنىڭ بىلەن باھانىدىن بىرنى تېپىپلا مەشىققە چىقمىدىم.كۈنلىرىم يەنەئىزىغا چۈشىشكە باشلىدى.
رامىزاننمۇ تۈگىدى.توۋۋا بۇ يەردىكى بالىلار رامىزاننى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ھېيت ئوينا شنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن.

داۋامى..................
 
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) تەربىيىلىك ي ..
  • سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتەر
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1154
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 83
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
    ئۆسۈش: 400 %
    مۇنبەر پۇلى: 1020 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-25
    ئاخىرقى: 2012-03-18

    داۋامىنى كۇتىمىز.........
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 989
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە989دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 5377 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-10
    ئاخىرقى: 2012-03-15
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 00:59

    ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم  داۋامىنى ساقىلايمەن. بەك كىچىكىپ كەتمەس ھە....!
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1371
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-31
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 10:58

    رامىزان مەزگىلىدە يەنە شۇ ئاتالمىش كۈتىۋېلىش باھانىسى سورۇن ئورۇنلانتۇرۇلغانىدى.ئەلۋەتتە بۇ سورۇنمۇ بۇرۇنقىلاردەكلا رەڭلىك ۋە ئېسىل ھاراق شاراپلار بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،مەن مۇشۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.شۇڭا دەسلىپىدىلا ھېچقانداق سورۇنغا بارماسلىق نىيىتى بىلەن كەلگەن بولغاچ،ئۇ يەرگىمۇ بارمىغان.كېيىن ئاڭلىسام كەچ سائەت ئونلارغىچە ئولتۇرۇپتۇ،كېيىن قىزلارنى يولغا سېلىپ قويۇپ،ئوغۇللار كېچىچە ئىچىشىپتۇ،كۆزىگە سىغمىغاننى ئەدەپلەپ،قائىدە-تۈزۈم ئۆگىتىپتۇ،كېيىن بىر قىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم:
    -بۇندىن كېيىن مۇشۇ سورۇن دىگەن يەرگە بارمايمەن.ئۆزۈمنى بەك باشقىچە ھېس قىلىدىكەنمەن.بىز قىزلار بىر تەرەپتە قاتار تىزىلىپ ئولتۇرىمىز،ئوغۇللارمۇ بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ،بىر ئاز ۋاقىت ئۇنى بۇنى دەپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇسۇل تانسا باشلىنىدۇ.بىز خۇددى ئىشرەتخانىدىكى قىزلاردەك كىم كەلسە شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل تانسا ئوينايمىز،ئوغۇللار خالىغان قىزنى تاللاپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ،بىز يا بازاردىكى كۆكتات ۋە ياكى قوتاندىكى مال بولمىساق.........
    دېمىسىمۇ بۇ بىر ھەقىقەت ئىدى.ئادەتتە تۈزۈكمۇ گەپ قىلىشمايدىغان قىز ئوغۇللار مۇنداق سورۇندا بىر-بىرى بىلەن بېقىندىشىپ ئۇسۇل تانسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.گەپ قىلىش ئەمەس،ئۇ يەر بۇ يېرىنى تۇتۇپ،سىلىسىمۇ بۇ سورۇندا توغرا چۈشىنىلىدۇ.چۈنكى ئۇلار دەل مانا مۇشۇنداق مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە جەم بولغان دە .مۇنداق سورۇن خېلى ۋاقىتلار ئىلگىرىلا بىزگە ئاتالمىش سەنئەت،ئۆزگىچە مەدەنىيەت نامى بىلەن سىڭىپ كەتكەن.يەنە بىر قىسىم قىزلىرىمىز گۈزەللىك گىمىناستىكىسى،يەنە چەتئەلنىڭ ئانداق ئۇسۇلى،مانداق ئۇسۇلى دېگەنلەرنى ئۆگىنىپ يۈرىدۇ.
    -ۋوي بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟ئاشۇنداق ئۇسۇل ئويناپ خىجىل بولمامسىز؟
    -بۇ دىگەن سەنئەت تۇرسا،
    -سەنئەت دەپلا شۇنداق دىنىمىزغا ،مىللىتىمىزگە زىت ئىشلار بىلەن................
    -بولدىلا سىزگە دېسەممۇ چۈشەنمەيسىز،ھازىر قايسى زاماندا ياشاۋاتىمىز،بەزى ئىشلارنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.
    توغرا مەن چۈشەنمەيمەن،چۈشىنىشنىمۇ خالىمايمەن،بىز  دەل مانا مۇشۇنداق زىيادە توغرا چۈشىنىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن.قىزلىرىمىز مودىل بولدى،يېرىم يالىڭاچ كىيىم بىلەن سەھنىگە چىقتى،ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەم ئاكا بولغۇچى پەستە باشقىلار بىلەن بىللە ھۇزۇرلىنىپ چاۋاك چېلىپ ئولتۇردۇق.بۇنى بىر سەنئەت دەپلا چۈشەندۇق،بىراق ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنى بازاغا سېلىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىدۇق.ھاراق-شاراپ سورۇنلىرىمىزنىڭ ئېسىل تۆرىسىدىن ئورۇن ئالدى،مۆرى كەلگەندە ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قويسا ياخشى،يۈرەكنى چوڭايتىدۇ،تارتىنمايدىغان قىلىدۇ دەپ ياشلىرىمىز ئىچسە،ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ،چاتاق چىقمىسىلا بولدى دەپ چۈشىنىپ كەلدى،بىراق بىز بىر مۇسۇلمان ئىدۇق.مۇنداق قىلىش خاتا ئىدى دېگەننى ئويلىمىدۇق.مۇنبەرلەردە قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى،قىزلارنى قوغداش توغرىسىدا جار سېلىۋاتىمىز،بىراق مانا مۇشۇنداق سورۇنلاردىن ئۆزىنى تارتىۋاتقان يىگىتلىرىمىز  يوق دىيەرلىك.
    بىزگە شۇنداق بىر ئىدىيە سىڭىپ كەتكەنكى<<ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم>>دەيدىغان،مېنىڭچە بۇ گەپنىڭ ئۆزىلا خاتا،ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم ئەمەس،بەلكى ئادەمدەك ئادەم بىلەن ئادەم.
    بۇ قېتىمقى ھېيتلىق پائالىيەتمۇ ھەر ھالدا ھاراقسىز ئۆتكۈزىلگەن بولسىمۇ،بىراق يەنىلا ئاتالمىش سەنئەت پائالىيىتى بارئىدى.
    مەن ئالىي مەكتەپ كېلىپ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى،مۇھىت ھەقىقەتەن ئادەمگە بەك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.ئۆيلىرىدە نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان بالىلار مەكتەپتە پەقەت مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا كىرگەندىلا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقى يادىغا كېلىدۇ،ئەلۋەتتە ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس.بىراق كۆپ سانلىقى شۇنداق ئىدى.تەييارلىق ۋاقتىمىزدا روزا تۇتىدىغان بالىلار بۇ يەرگە كېلىپلا تۇتمايدىغان بولدى،سەۋەب بىرلا ئۇ يەردە ئۇيغۇر بالىلار كۆپ،تۇتمىسا خىجىل بولىدۇ،بۇيەردە ئۇيغۇر بالىلارئاز،تۇتمايدىغىنى كۆپ.ئۇنىڭ ئۈستىگە روزا تۇتماسلىق ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.روزا تۇتۇشنى بىر خىل ئىبادەت ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭ ئورۇقلاش ۋاستىسى ياكى ئەتراپتىكى مۇھتنىڭ بېسىمى بىلەن قىلىدىغان بىر خىل ئادەت بولۇپ قالغاچ،بېسىم يوقالسىلا مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان گەپ.
    رامىزان ۋاقىتىدا يەنە مۇنداق ئىش يۈز بەرگەنىدى،مەن ۋە ئۈچ ئۇيغۇر ساۋاقدىشىم بىللە تېلىفۇن بازىرىغا باردۇق.مەن بىر تېلىفۇن سېتىۋالدىم قايتاشىمىزدا بىر ساۋاقدىشىم:
    -يېقىن ئەتراپتا بىر خۇيزۇ ئاشخانىسى بار،قوۋۇرغا كاۋىپى بەك ئوخشايدۇ،شۇ يەرگە بارىلى،ئەلى مېھمان قىلىدۇ-،دېمەسمۇ،
    -توغرا،توغرا،ئاداش خېلى پۇلغا تېلىفۇن ئالغاندىكىن،ئانچە-مۇنچە تەبرىكلىمىسەك بولماس-،دېدى يەنە بىرى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ.
    -شۇ،شۇ ،ئانچە-،مۇنچە زاكىتىنى ئايرىپ قويمىساڭمۇ سەت تۇرىدۇ-،دەپ كۈلدى ئۈچىنچىسى.
    -ئۇلارنىڭ كاللىسىدا رامىزان دىگەن ئۇقۇم يوق ئوخشايدۇ ياكى مېنىمۇ روزا تۇتمىدى دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ.
    -كېيىن بارىلى ئۇ يەرگە،ھازىرچە مەكتەپتىن يەپ تۇرمامسىلە،بىرەر كۈنى مەخسۇس شۇنى يىگىلى ئاپىراي.
    -ۋاي ئەمدى كېلىپ بولغاندا،يېقىنلا يەردە تۇرسا،بېرىپلا كەلمەمدۇق.
    -بۈگۈن مەن روزا تۇتقان ئىدىم.................-،مۇشۇنچىلىك دېسەم ئاخىرىنى ئۆزلىرى چۈشىنە دەپ زىيادە گەپ قىلمىدىم.
    -ئۇنداق بولسا،سەن يېمىسەڭلا بولىدىكەنغۇ،بىزنى مېھمان قىلساڭلا بولدى،بۈگۈن زادى بارىلى .
    ھەممىسى مۇشۇنداق دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.مەنمۇ بوپتۇ دەپ باردىم.بىراق بىز بارغاندا ئۇ نەرسىنى چىقارماپتۇ،پەقەت كەچلىكىلا چىقىرىدىكەن،شۇنداق بولسىمۇ بالىلارنىڭ ئاران كەلگەن پۇرسەتنى قويىۋەتكۈسى كەلمىدىمۇ،داپەنجى يەپ بولسىمۇ كېتىلى دىيىشىپ شۇنى بۇيرۇتتى.تاماق چىقىپ بولغاندا ئۇلار تاماق يىيىشكە باشلىدى.مەن بىرتەرەپتە تېلىفۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇردۇم،بىر ۋاقىتتا كۈتكۈچى ئايال:
    -ئاۋۇ ئاغىنەڭلار نېمىشقا تاماق يىمەيدۇ-،دەپ سوراپ قالدى.
    -ھە،ئۇ روزا تۇتقان.
    -ئەمىسە سىلەر نېمىشقا تۇتمايسىلەر؟
    -بۇ،بۇ،بىز.....بىز...................
    دۇدۇقلاپ گەپمۇ قىلالماي قالدى،ئەمدى نىمىمۇ دىيەلىسۇن،يا مەن مۇسۇلمان ئەمەس دەمدۇ ياكى چوپچوڭ ئوغۇل بالا مەن چىدىيالمايمەن دەپمۇ ۋە ياكى خوشياقمىدى دەمدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟
    مەن ئالىي مەكتەپتە ھەرخىل بالىلارنى كۆرۈش جەريانىدا،قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سىناقلار دۈچ كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.بىراق بۇ سىناقتىن ئۆتكەنلەرنى ئاساسەن كۆرۈپ باقمىدىم.شۇڭا ھاياتىمدىكى چوڭ قارارنى دەسلەپكى قەدەمدە چىقاردىم،ئۇ بولسىمۇ كېيىن ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىز بىلەن توي قىلمايمەن دىگەن قارار ئىدى.

    داۋامى.....................
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7716
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 25
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-03
    ئاخىرقى: 2011-06-13
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 18:10

    داۋامىغا تەشنامەن،لېكىن ئىملاغا دىققەت قىلىۋېلىڭ،شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
    بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما،
    بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما.
    كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 780
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە780دانە
    ئۆسۈش: 1400 %
    مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 20:55

    قېرىندىشىم ! ئاخىرىنى كۈتىمىز!
    سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
    سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1371
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-31
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-08 22:33

    مېنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىممۇ تاساددىپىي ئىش ئەمەس،بۇرۇن تەبلىغلەردىن،ئەڭ مۇھىمى<<پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى>>دىگەن كىتابنى ئوقۇپ،دىنىمىزغا بولغان ھۈرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى.دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قوللىنىۋاتقان ،شۇنداقلا مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغان ياپونىيە ئالىملىرى ۋە باشقا مۇتەخەسىسلەر بالىنى ھامىلە ۋاقتىن باشلاپ تەربىيلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بىراق يۇقىرىقى كىتابتا بولسا،رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بالا تەربىيلەشنى ياخشى بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىشتىن باشلاشنى بىزگە تەلىم قىلغان ئىدى.چۈنكى قانداق بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىش بالىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.مانا مۇشۇنداق تەلىم تەربىيىلەرنىڭ تەسىرىدە كېيىن ئوقۇغان،ئىلىملىك قىزغا ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.بىراق ئالىي مەكتەپتە كۆرگەنلىرىم مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.بۇرۇن پايتەخىتتە ئوقۇغان ۋاقلىرىمدا مەن بىلەن يۇرتداش قىزلارمۇ خېلى بار ئىدى.ئادەتتە يۇرتىمىزدا قىزلارنىڭ ھەممىسى ياغلىق چىگەتتى،يىڭى قىسقا كىيىم كەيمەيتتى(ئەلۋەتتە باشقا يەردىن كەلگەن خىزمەتچىلەر بۇنىڭ سىرتىدا،لېكىن ئۇلارمۇ يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بارسا ياغلىقسىز خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن ئۇيىلىدۇ).ھەتتا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسىمۇ يىڭى قىسقا ئەمەس ئىدى.يىڭى قىسقا بولسا نۇرغۇن بالىلار كەيمەيتتى. نۇرغۇن قىزلار ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۆڭلەك كىيەتتى.ئىشقىلىپ دىندا خېلى چىڭ ئىدى.بىراق مەن بىلەن بىر شەھەردىكى يۇرتدشلىرىم ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ،باشلىرى ياغلىقسىز قالدى،كىيىملىرى قىسقاردى.ياغلىقنىڭ ئىچىدە ئۆز گۈزەلكىنى يوشۇرۇپ كەلگەن چاچلار ئەمدىلىكتە كۆرگەزمە بولماقتا.ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم قىزلار ئۆز ھالىتى ساقلاش ئەمەس،تېخىمۇ مۇكەممەل ئورۇنۇپ،ئىسلامغا تېخىمۇ يىقىنلاشماقتا.بىراق مۇنداق قىزلار بەكلا ئاز،بەكلا ئاز .ئەلۋەتتە بىزگە ئوخشاش ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇغان قىزلارنى تاپقۇسى كېلىدۇ.شۇنداق بولغاندا نۇرغۇن جەھەتلەردە پىكىر ئورتاقلىقى بولىدۇ.ئۆز-ئارا چۈشىنىش،ئۆز-ئارا قوللاش،شۇنداق كېيىنكى پەرزەنت تەربىيىسى جەھەتلەردە خېلى كۆپ ئاسانلىق بولىدۇ.بىراق نۇرغۇن قىزلار شۇنچە يىل ئوقۇپ،بالا بېقىشنى خالىمايدۇ،ئوقۇشنى بالا تەربىيىسى ئۈچن ئەمەس،خىزمەت قىلىش،پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى يالغۇز قىزلاردىلا ئەمەس،ئوغۇللاردىمۇ زور مەسئۇلىيەت بار .قىزلاردا ئوغۇللارغا بولغان ئىشەنچ ئاللىبۇرۇن يوقالغان.شۇڭا ئۇلار خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئەرلەرنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشتىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ.ئوغۇل بالا بىرى كۆڭلىگە يېقىپ قالسا،بېرىپ دىيەلەيدۇ،بىراق قىز بالا ئۇنداق ئەمەس.ئوغۇل بالا خالىغان ۋاقىتتا باشقىنى تاپالايدۇ،بىراق قىز بالىغا مۇنداق شارائىت يوق.شۇڭا خىزمەت قىزلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قالدۇرغان چېكىنىش يولىمىكىن دەپ ئويلايمەن.ئەگەر جەمىيتىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولغان بولساق قىزلارمۇ بىزدىن ھايا قىلىدىغان بولغان بولسا ھە،تولىمۇ ئەپسۇس،بۇ پەقەت ھازىر شېرىن خىيالىي فانتازىيە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.ئەڭ مۇھىمى كېيىنلىكنى ئويلىسام ئاتا-ئانابولغۇچى ھەر ئىككەيلەن دىندىن تۈزۈك خەۋىرى بولمىسا،بالىنى قانداقمۇ ئىسلامىي ئۇسۇلدا تەربىيلىگىلى بولسۇن؟بىز پەقەت ئۆزىمىزگە ئاياللا ئەمەس،بەلكى كەلگۈسى پەرزەتلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئانا تاللايمىز.شۇڭا قانداق بىر قىزنى تاللاش تولىمۇ مۇھىم.بىراق ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇھەببەتنى قانداقتۇر ئاتالمىش يۈرۈش دەپ چۈشىنىۋالىدىغان بولدى.دائىم بىللە سەيلە قىلىش،بىللە تاماق يىيىش،دائىم تېلىفۇندا سۆزلىشىش........ئىشقىلىپ مۇشۇنداق يۈرۈش نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە شېرىن مۇھەببەت ئاتالماقتا.مۇھەببەتنى تويدىن بۇرۇن بولىدۇ دەپ ئويلىماقتا.مانا مۇشۇنداق خاتا ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تويدىن بۇرۇن دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلاربىلەن ھارام مۇناسىۋەتنى پەيدا قىلماقتا ۋە بۇ يولنى ئاتالمىش مۇھەببەت نامى بىلەن نىقابلاپ ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەكتە.مانا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ جەمىيىتىمىزدە ئەۋج ئېلىشى بىلەن،نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا مۇھەببەت ئۇقۇمى تىلغا ئېلىسا،كۆز ئالدىغا ئىككى ياشنىڭ قول تۇتۇشۇپ دېڭىز بويىدا سەيلە قىلىۋاتقان،كۆل بويىدىكى ئورۇنداقتا مۇڭدىشىۋاتقاندەك ئاللىقانداق مەنزىرىلەر كېلىدۇ.
    ئەسلى ھەقىقىي مۇھەببەت تويدىن كېيىن بولۇشى كېرەك.ھەقىقىي مۇھەببەت رەسۇلۇللانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىككى ياشنىڭ نىكاھلىنىشىدىن كېيىن بولۇشى كېرەك.بەلكىم مۇنداق دېسەم بەزى قېرىنداشلار ھەيران قېلىشى مۇمكىن،ئەمىسە دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ.مۇھەببەت دېگەن نىمە؟بۇنى قانداق چۈشىنىسىز؟
    مۇھەببەتنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرۈش.بىرىنى ياخشى كۆرسە،ئىختىيارسىز ئۇنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭ خوشاللىقى تەبىئىي ھالدا سىزنى خوشال قىىدۇ،ئامال بار ئۇنى خوشال قىلىشنى ئويلايسىز،بەزىدە شۇنداق تاتقان جاپالىرىڭىز دەل ئۇنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن يوقايدۇ....ۋەھاكازالار.دېمەك ھەقىقىي مۇھەببەتنى سىز كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز،چۈنكى كۆڭلىڭىز سىزگە بويسۇنمىغان ھالدا بولىدۇ.نىمە ئۈچۈن؟زادى نىمە ئۈچۈن؟دەل مانا مۇشۇنداق سۆيگۈنى پەقەت ئاللاھلا ئىنسان قەلبىگە سالىدۇ.ئەگەر ئۇ سۆيگىنى ئۆزىڭىز پەيدا قىلالىغان بولسىڭىز ئېنىقلا ئۇ سىزنىڭ كونتىروللىقىڭىزدا بولاتتى.شۇنداق بولغان بولسا،سىز خالىغان ئادەمنى ياخشى كۆرەلەيسىز ۋە كۆڭۈل بېرەلەيسىز.بىراق سىز ئۇنداق قىلىشقا ئاجىز.بىرىنى ياخشى كۆرىمەن دەپلا ياخشى كۆرەلمەيسىز،ئۆچ بولىمەن دەپلا ئۆ بولالمايسىز.چۈنكى ياخشى كۆرۈش ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ.شۇنداق بولغانىكەن،نېمىشقا تويدىن كېيىن ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بولىدىغىنىغا گۇمانلىنىسىز؟ھەقىقىي ھالال مۇھەببەت پەقەت ھاللال نىكاھ ئارقىلىقلا بولىدۇ.چۈنكى بىز ئاللاھقا قاراپ ماڭساق،ئاللاھ بىزگە قاراپ يۈگىرىدۇ.بىز ئاللاھقا بىر غېرىچ يېقىنلىساق،ئاللاھ بىزگە بىر غۇلاچ يېقىنلايدۇ.بىز ئاللاھ دېسەك،ئاللاھمۇ ھە بەندەم دەيدۇ.شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئاشۇ دىنسىزلار قىلغاننى قىلىپ ،ئاتالمىش مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىۋاتقان ياشلىرىمىز بەك تولا.ئەلۋەتتە مانابۇمۇ ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى:<<سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن(مۆئمىنلەرگە جەننەت بىلەن)خوش خەۋەر بەرگۈچى ۋە(كافىرلارنى ئازاپ بىلەن)ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ>>(سۈرە سەبەئ  28 -ئايەت)سۆزىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى كىچىككىنە دەلىلى.

    داۋامى.....................  
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    ھايات-ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھىساب بېرىشتۇر!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7810
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 7
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-10
    ئاخىرقى: 2011-07-14
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-10 09:35

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ بۇ تىمىنى  كۈرۈشكە مۇيەسسەر  بولدۇم، ھەقىقەتەن مەنمۇ  بۇرۇن  ئويلىغان  كۆڭلۈمدىكى  گەپلەركەن.
    داۋامىغا   تەشنامىز~~~ داۋاملىق  تىرىشىڭ!
    ھايات-ھەر بىر نەپەس  ئۈچۈن ھىساب بېرىشتۇر!
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1371
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-31
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-10 19:49

    بىر كۈنى خۇيزۇ ئاشخانىسىدا ناشتا قىلىۋېتىپ،ئىسلام توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق.گەپلىرىمىز تۇرۇپلا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدە بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ساۋاقدىشىمىز :<< قايسىدۇر بىر پەيغەمبەر  مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ،دەپتىكەن>> دەپ سالدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق كۈلگۈم كەلدى،بىراق نېمىشقىدۇر كۈلەلمىدىم.كۆڭلۈم باشقىچىلا بىر تۇيغۇدا ئىدى.گەپ قىلاي دەپ گەپمۇ قىلالمىدىم.زادى نىمە ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن.شۇ چاغدا يەنە بىر ئاغىنىمىز:<< ۋوي ئاداش،نىمە دەپ يۈرىسىلەر؟قايسى بىر پەيغەمبەر ئەمەس،ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىگەن  شۇ >>دېدى ھەيرانلىق ئىلكىدە.ئىشقىلىپ بۈگۈن ناشتىلىققا چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم.نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئاشۇ قىلغان گىپى خېلى بىر ۋاقىتقىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى.ئۇنىڭ بۇ گىپىنى زادىلا كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.مەن ئەزەلدىن بۇنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بىلىدۇ ھەم ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلىغان ھەر قانداق بىر كىشى بىلىدىغان ئەڭ ئاددىي ساۋات دەپ بىلەتتىم.دېمىسىمۇ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئەڭ دەسلەشەرتى بولغان شاھادەت كەلىمىسىمۇ شۇ سۆزنى تەستىق قىلىش بىلەن بولىدىغان تۇرسا .رەسۇلۇلاھقا ئىمان كەلتۈرمەي تۇرۇپ قانداق مۇسۇلمان بولغىلى بولسۇن؟رەسۇلۇللاھنىڭ كىملىكىنى،قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ،قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگىلى ۋە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغىلى بولسۇن؟
    مەكتىپىمىزدە تەقۋادار بالىلارنىڭ ئازلىقى،ھېچبولمىسا ناماز ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ بولماسلىقى مېنى تولىمۇ يالغۇزسىتىرىپ قويدى.باشقىلار بىلەن ئىسلام توغرۇلۇق شۇنداق پاراڭلاشقۇم بولسىمۇ،بىراق شۇنداق ئادەمنى،شۇنداق قېرىنداشلارنى تاپالماي ئىچىم سىقىلاتتى.بۇ جەھەتتىكى ئۇسسۇزلىقىمنى مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇنبەرلەردىكى ئېسىل قېرىنداشلار بىلەن پاراڭلىشىش،مۇنبەردىكى ياخشى ماقالىلەرنى ئوقۇش بىلەن قاندۇرۇپ كەلدىم.بىراق نىمىلا دېگەن بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ سۆھبەتلەشكەنگە يەتمەيدۇ-دە.شۇنداق قىلىپ بارغانچە يازغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ،چۈنكى تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا تۇرغۇم كەلمەيدۇ،ياتاقتىغۇ خەنزۇلار ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ.ھە راس،يىڭى كەلگەن ۋاقىتتا ياتاقتىكىلەرگە دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دەپ قويغان.ئۇلارمۇ باش ئۈستىگە دەپ رىئايە قىلىپ كەلگەن.بىراق بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم،بىرىنىڭ ئۈستىلىدە بىر پوتۇلكا پىۋا تۇرىدۇ،ئاغزى ئوچۇق،بىراق تېخى ئىچىلمىگەن ئىكەن.ياتاقتىكى ئىككىسى سۇخانىغا كىرىپ،ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ تاماكا چەككىلى تۇرۇپتۇ.ئاۋۇ پىۋېنى كۆرۈپ ئاچچىقىپ شۇنداق كەلدى،پوتۇلكىنى قولۇمغا ئېلىپ،كارىدورنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قارىتىپ ئاتتىم.ياتاققا كىرسەم،يەنە بىرىنىڭ ئۈستىلىدىمۇ تۇرىدۇ.ئۇنىمۇ ئېتىۋەتتىم.كىرىپ ئۇلاردىن:
    -نىمە قىلىۋاتىسىلەر ؟-،سورىدىم ۋارقىراپ.
    -ھېچنىمە................
    ئۇلارنىڭ قولىدىكى تاماكىلار نەلەرگىدۇر يوقاپ كېتىشكەنىدى.مەنمۇ زىيادە گەپ قىلماي،ئۇلارغا غەزەپ بىلەن بىر قارىۋېتىپ چىقىپ كەتتىم.شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈنگىچە ماڭا گەپ قىلماي يۈردى.بىراق ھامان بىر ياتاقتا نەچچە يىل ياتىدىغان بولغاندىكىن مەن يەنە باشتا گەپ قىلدىم.چۈنكى ئارىسىدىكى بىرسى بىلەن خېلى چىقىشىپ ئۆتەتتىم.ئۇۋاقىتتا كومپىيۇتىرىم بولمىغان تولىراق ئۇنىڭكىنى ئىشلىتەتتىم.مەن ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىشى بولسىمۇ،مەندىن كوپمىيۇتىرىنى سورىمايتتى،تاكى مەن ئىشلىتىپ بولمىغۇچە مەن ئىشلىتەتتىم دېمەيتتى.مەن بىلىمىگەن مەسىلىلەرنى سورىسام ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ قوياتتى،بەزىدە ياتاقتا پاراڭلىشىپ،مەن بىلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالسا،ھايۋانات دەمدۇ ياكى ئۆسۈملۈك دەمدۇ شۇھامان بەيدۇ دىن رەسىمىنى كۆرسىتىپ دەپ بېرەتتى.ئىشقىلىپ ماڭا كۆپ ياردەم قىلاتتى.شۇڭا مەن ئاۋۋال يەنە شۇ بىر نەرسە سورىغان باھانىدە گەپ قىلدىم ،شۇنداق قىلىپ مۇناسىۋېتىمىز بۇرۇنقىدەك يامان ئەمەس كېتىۋەردى،بىراق شۇندىن بېرى ئۇنداق ئىش قايتا يۈز بەرمىدى.
    تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،بۇرۇنقى ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ياتاقتا ياتقان ۋاقىت بىلەن ھازىرقى ۋاقتىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم.بۇرۇن ئاشۇ مەن بىلەن بىر تىل،بىر دىندىكى قېرىنداشلىرىم مېنىڭ ئاشۇ ئېتىقادىمغا ھۈرمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ياتاق كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدىم،بىراق ھازىر مەن دىنسىز بالىلار بىلەن بىرگە ياشىماقتىمەن.ئىبادىتىم ھېچ بىر توسالغۇسىز داۋاملاشماقتا.ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ھۈرمەتكە ئېرىشەلمىگەن ئېتىقادىم،مانا بۇ دىنسىزلارنىڭ ئالدىدا توسالغۇسىز داۋاملاشماقتا.بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟؟؟؟؟


    داۋامى..................
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7823
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-10
    ئاخىرقى: 2011-06-12
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-10 22:18

    YAHXI DAWAMLIK YEZING