شۇنداق قىلىپ تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن تەتىلگىمۇ ئازلا قالدى،چۈنكى بۇ يەرنىڭ قۇرۇق يەل-يىمىش ،پىچىنە پىرەنىك،ئىشقىلىپ نۇرغۇن مانا شۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئوچۇق قۇيۇلسا بىردەمدىلا نەملىشىپ قالىدىغان دىمىق ۋە نەم ھاۋاسىغا شۇنچىلىك تويۇپ كەتكەنىدىم.ئادەم ياتاقتا ئولتۇرسىمۇ شۇرۇلداپ تەرلەر چىقىپ تۇراتتى،ياتاقنىڭ ۋە ئۆزۈم سېتىۋالغان شامالدۇرغۇچ ئاساسەن 24 سائەت دېگۈدەك توختىماي مېڭىپ تۇراتتى.شۇڭا تېزراق ئۆيگە قايتىشنى،قېرىنداشلار بىلەن جەم بولۇشنى،ئاغىنىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىشنى كۈتۈپ كەلگەنىدىم.ئەڭ مۇھىمى ئۆيگە بېرىپ كەلسەم يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىمانىمنى ياخشىلاپ كېلەتتىم.چۈنكى بۇ يەردە ھېس قىلىپ بولالمىغان بەزى نۇقسانلىرىمنى،ئىدىيىدىكى بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت ئۆيگە قايتىپ قېرىنداشلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەنلا ھېس قىلالايتتىم.ھەر تەتىلدە شۇنداق بولۇپ كەلگەنىدى.دەل مۇشۇ پەيتلەردە بىر تەبلىغنى ئاڭلاپ قالدىم،تەبلىغدە مۇنداق دىيىلگەنىدى:<< ئەركىشىنىڭ ئىشتاننى ئوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ كىيىشى كىبىرلىك،ھاكاۋۇرلۇق،رەسۇلۇللاھ مۇنداق كىيىشتىن چەكلىگەن ھەمدە ئوشۇقتىن ئاشقان قىسمىنىڭ دوزاقتا ئىكەنلىنى توغرىسىدا بايانلار ھەم بار.يەنە بەزىلەر مەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ كەيمەيمەن دىيىشىدۇ،شۇنداق كىيگەنلىكنىڭ ئۆزىلا ھاكاۋۇرلۇق،كىبىرلىككە ياتىدۇ>>،تەبلىغدە شۇنچىلىك كەسكىن سۆزلەنگەنىدى،بۇ توغرىلۇق بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ھەدىسنى كۆرگەن بولساممۇ،بەك چۈشىنىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىمىمنىڭ تۆۋەنلىكى،باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپ بەك ئويلىشىپمۇ كەتمىگەن ئىكەنمەن.مۇشۇ تەبلىغنى ئاڭلاپ،ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم،ئاخىرى بارلىق ئىشتانلىرىمنى ئوشۇقتىن ئاشمايدىغان قىلىپ ئوڭشىتىۋەتتىم.ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىلىدىغانلىرى ئەسلى مۇشۇنداق يۈرسە ياخشى،بىزمۇ چوڭلاردىن شۇنداق دەپ ئاڭلىغان دىيىشتى،بەزىلەر ئىشتىنىڭ كىچىك كېپ قالدىمۇ ئاداش دەپ كۈلىشەتتى.مەنمۇ ئارتۇق چۈشەندۈرۈش بېرىشتىن زېرىكتىم،ھەممىسىگە:
-ھە مەن مۇشۇنداق كىيىشكە ئامراق-،دەپلا گەپنى تۈگەتتىم.
باشقىلارنىڭ گىپىگە بەك پىسەنتمۇ قىلىپ كەتمىدىم.ئىشقىلىپ كۆڭلۈم ئازادە بولۇپ،ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك قالدەك ھېس قىلاتتىم.تەتىلمۇ كېلىپ ئۆيگە قايتتىم.
ئۆيگە قايتىشىمدا<<دىن ۋە ھايات>>(بۇرۇنقى 1600 سۇئالغا جاۋاب)نى باستۇرۇپ ئېلىۋالدىم.ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،ئاتا-ئانام بىلەن،قېرىنداشلار بىلەن،ئاغىنىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم،يەنىلا ئۆي ياخشى-دە.ئادەمنى خوشال قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىغا مەسجىد سېلىنىپتۇ.بۇنىڭدىن تولىمۇ خوش بولدۇم.كۈندە بەش ۋاق نامازنى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇسام،بىكا بولساملا مەسجىدكە كىرىپ كىتاب ئوقۇسام دەپ شۇنداق ئېسىل پىلانلارنى تۈزۈپ يۈردۈم.بىر كۈنى نامازغا بالدۇرلا كىردىم،ناماز ۋاقتىغا يەنە بىرەر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بارئىدى.مەن ھېلىقى دىن ۋە ھايات دىگەن كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇرسام،بىر ئاكاش كېلىپ كۆرۈپ باقاي دەپ سورىۋېدى ئۇنىڭغا بەردىم.بىر ئازدىن كېيىن ئۇكام ئانامنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋىدى،مەن چىقىپ كەتتىم،شۇ جەرياندا كىتابنى بىر مۇنچە كىشى كۆرۈپ ياراپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كىتاب بىر مەزگىل مەسجىدتە تۇرۇپ تۇرسا،بىزمۇ ئوقۇۋالساق دېۋىدى مەنمۇ خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم،كىتابنى ياشلارمۇ،چوڭلارمۇ ھەممىسى قولدىن قولغا ئېلىپ كۈرۈشتى.شۇنداق خوش بولدۇم.بىراق ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.مەسجىدنىڭ ئىمامى بۇ كىتابنى سوراپ قالدى،كىتابنى ئوقۇۋاتقان ھېلىقى كىشى مېنىڭ ئىكەنلىكىنى دېدى،ئارىدىن مۇئەززىن :
-ھېچبىر زاۋۇت ئادرىسى،نەشىر ۋاقتى.........ھېچنىمىسى يوق كىتابكەن ئۇ -،دېدى.
-شۇنداق ياخشى كىتابكەن،ھەممىسىلا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئاساسىي بىلىملەركەن،يەنە تېخى بىر قىسىم بىز خاتا قىلىپ كېلىۋاتقان جايلارمۇ باركەن-،دېدى كىتاب ئوقۇۋاتقان ياشراق كىشى.
شۇنداق قىلىپ ياشلار بىلەن ياشانغانلار ئارىسىدا سەل سۈركىلىش پەيدا بولدى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن ئۆزرە سوراپلا كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ بېسىقتى.
ھەر قېتىم نامازدىن خېلى بۇرۇنلا مەسجىدكە كېلىپ بولاتتىم،مەسجىد ئالدىدا چوڭلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشاش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى،بىراق مېنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى بۇ پاراڭلارنىڭ تولىسى غەيۋەت بولۇپ چىقتى،ئەلۋەتتە ئىمام ۋە مۇئەززىنلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار ئىدى.مەسجىدمۇ شۇ ئىش بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر ئاغزى دۇئادا ياكى دۇرۇت ئوقۇش بىلەن بولسا كۆزى ياشلارنىڭ قىلغان تۇرغىنىدا ئىدى،قۇسۇر ئىزدەشكە ئارانلا تۇراتتى.كېيىن ئاڭلىسام ئاكاممۇ مەسجىكە كىرىپ بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپتۇ.سەپنى چىڭ قىلىمەن دەپ يېقىن تۇرسا،.ئادەمنى قىستىما دەۋاتقان،قولۇڭنى ئۇنداق قىلدىڭ،پۇتۇڭنى مۇنداق قىلدىڭ،قۇلاقنى تۇتمىدىڭ..............ۋاي-ۋۇي ئىشقىلىپ گەپ جىق.شۇنداق قىلىپ يەنە شۇ كىشىلەر ئاكامغا دىيىشتىن قورقۇپ(چۈنكى ھازىرقى ياشلارنى قايىل قىلغۇدەك بىلىم ئۇلاردا يوق تە،ئۇنىڭ ئۈستىگە يا ئاكامنىڭ قىلغىنى خاتا بولمىسا)ئاتامغا:
- ئوغلۇڭغا گەپ قىلساڭ بولمامدۇ،نىمە ئۇ قىپ يۈرگەنلىرى،بىز بۇرۇندىن مۇنداق قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرساق،نەدىكى بىر ئىشلارنى تېپىپ،ئەجىبا بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز خاتامىكەن،بۇرۇندىن تارتىپ ئىمام-ئاخۇنۇملار مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن تۇرسا،ئەمدى بۇ كىچىك بالىلار ئۆزلىرىچە كۆپ بىر نەرسە بىلىپ كەتكەندەك، ئىمام ئاخۇنۇملاردىن قۇسۇر تاپقىدەك بوپتۇ.ئۇلارنى ئوقۇتۇپ قويسا،ئەمدى ئۆزىنى بىلمەي خۇددى ئاسماندىن چۈشۈپ قالدەك بىر قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىدۇ بۇ ياشلار.......
كۈندە مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىپ ئاتامنىڭمۇ سەۋىر قاچىسى توشقان چېغى،ئاكلامغا ئاچچىقلاپ:
-بولدى بۇندىن كېيىن نامازغا كىرمە،ئۆيدىلا ئوقۇ بولدى،ھېلىمۇ باشقىلاردىن يەتكۈچە گەپ ئاڭلاۋاتىمەن-،دەپ گەپنى ئۈزۈپتۇ.
گەرچە ئاتام كىچىكىمىزدىن بىزنى نامازغا ئادەتلەندۈرگەن بولسىمۇ،بىراق ئۆزىنىڭ تۈزۈك ئىلمى بولمىغاچ،ئىمام ئاخۇنۇملارنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايدۇ،ئاتاملا ئەمەس،يېزىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇنداق.كېيىن بىلسەم كۆپ قىسىم ياشلار بولۇپمۇ دىندا بىلىمى يۇقىرىراق ياشلاربۇ مەسجىدكە كىرمەيدىكەن.چۈنكى ئىمام ئۇلارغا يارىمايدىكەن،دېمىسىمۇ قىرائىتى ياخشى ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلىرى بار ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم سوۋۇپلا كەتتى.ئۆيدە مۇشۇنداق بىرەر مەسىلىدە مۇنازىرە بولۇپ قالسا،مەن گەپ قىستۇرۇپ بولغۇچە ئانام بولدى قىل دىگەن مەنىدە ئىشارە قىلاتتى.چۈنكى ئاتامنىڭ ئىدىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى چۈشنىپ قوبۇل قىلىشى تولىمۇ تەس ئىدى.شۇڭا ئانام داۋاملىق مېنى بېسىپ تۇرۇپ،كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.بۇ مەسجىدتىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىگەن بىلەن،ھەر جۈمە كۈنىدىكى قىلغان تەبلىغلەر مېنى تولىمۇ خوشال قىلاتتى.ئاتا-ئانىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش،ناماز،روزا،قىمار،قوشنىدارچىلىق.........ۋەھاكازالار.ئىشقىلىپ شۇنداق جىق نەرسىلەر چۈشىنىۋالدىم.
بىركۈنى ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ مەكتەپ ئاشخانىسى توغرىسىدا سورىدىم:
-بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىكى ئۇيغۇلار ناماز ئوقۇمايدۇ،روزا تۇتمايدۇ،ئۇلارنىڭ تامىقىنى يىسەم بولامدۇ؟
-بولمايدۇ،چۈنكى ناماز مۇسۇلمان بىلەن كافىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق،ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى،قىيامەت كۈنى ئەڭ بالدۇر ھېساب ئېلىنىدىغىنىمۇ ناماز.روزىمۇ ھەم شۇنداق مۇھىم ئىبادەت تۇرسا،شۇلارنى قىلماي تۇرۇپ يەنە مەن مۇسۇلمان دىگەن كىشى ئېنىقلا ئۆزىنى ئالدىغانلىق.ئەينى ۋاقىتتا شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەجدە قىلىشتىن باش تارتقىنى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى.پۈتۈن پەرىشتىلەرگە دەرس بېرىدىغان شۇنداق ئىلىملىك بىر مەخلۇق ئاشۇ بىر قېتىملىق ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ لەنىتى بولدى.بىزچۇ؟ئاللاھ ناماز ئۇقۇ دىسە ئۇقۇمىساق،روزا تۇت دىسە تۇتمىساق.بۇ ئاللاھقا قارشى چىققانلىق بولماي نىمە؟ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ،گىپىنى ئاڭلىمىساق،بۇ قانداق قۇللۇق؟ئاغزىمىزدا مۇنداقلا ئېيتىپ قويغان شۇ شاھادەت كەلىمىسى بىلەن بىز مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە كىرەلمەيمىز،ئەمەل بولىمىسا بىكار...........................
ئاغىنىلىرىمنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك ئايەت ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈپ مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى،ھەقىقىي بىر مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا بىر مۇنچە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ باردۇق.
كېيىن چوڭ ئاچامدىن يەنە مۇشۇ مەسىلىنى سورىدىم.چۈنكى مەن چوڭ ئاچامنى بەك چوڭ بىلەتتىم.مېنىڭ ئىسلامنى ئۆگىنىشىمگە ھەم شۇ ئاچام سەۋەب بولغان ۋە شۇ ئاچامنىڭ يولدىشىدىن ئۆگەنگەن.ھازىر قىزلىرىنىڭ ھەممىسىلا مېنى ئوقۇتقۇدەك سەۋىيدە ئىدى.ئۇ ئاچاممۇ ئوخشاش جاۋاب بەردى:
-ئۇكام بۇ تاماق مەسىلىسى تولىمۇ مۇھىم مەسىلە،بىز گىلىمىزنى پاكلىماي تۇرۇپ،قىلغان ئىبادىتىمىزدىن ھۇزۇر ئالالمايمىز،ھالاۋىتىنى تىتىيالمايمىز.ئۆزۈڭ ئىشەنچ قىلالمىغان نەرسىدىن يىراق بول،ھارام شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزۈڭنى تات.ئادەم شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى تاتماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ.
ئاچامنىڭ سۆزلىرى قەلبىمدە يەنە بىر قېتىم داۋالغۇچ پەيدا قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىممۇ تاماق مەسىلىسىدە قەتئىي بىر قارارغا كېلىپ،مەكتەپكە يول ئالدىم.
داۋامى...........................
[ بۇ يازمىنىئەلى 2011-06-14 09:51قايتا تەھرىرلىدى ]