باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1240 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 08:56

زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا(ھەمزە)

زەئىپ ھەدىسلەر توغرىسىدا
مەن ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادىغا قارىماي پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ <دىيارىمىزىدكى ئاجىز،تۇقۇلما ھەدىسلەر› ناملىق بىر تىما يازغان.
بۇ تىمىدىن كۆپنچە قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانغان بولسىمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىز خاتا گۇماندا بولغان. ھەتتا مىنى ‹پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدىغان› دىگەندەك خەتەرلىك گەپلەرنى تەنتەكلىك بىلەن قىلىپ تاشلىغان.
ئىسىڭلاردا بولسۇن. مەن ئۇتىمىنى ئۈزۈم تەتقىق قىلىپ يازمىدىم. ھەم ئۈزۈمچە ‹بۇ ھەدىس تۇقۇلما،بۇ ھەدىسئاجىز› دىگەن گەپنى قىلمىدىم. بەلكى دۇنيا ئىسلام ئەللىرىدىكى ئالىملار (ئازغىنا بىر قىسىم ‹بىلىمدار›لاردىن باشقا ) ھەممىىسى ئىتراپ قىلغان مۇھەددىس ئالىملىرىنىڭ نەچچە ئون يىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ناھايتى ئاز بىر قىسىمىنى تەرجىمە قىلدىم. ھەدىسنى ئەينى تەرجىمە قىلدىم.
تۈۋەندىكى زەئىپ ھەدىسلەر توغرىسىدىكى تىمىنى ھەدىسلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يوللۇدۇم.
ئەگەر تەپسىلى مەزمۇنىدىن خەۋەردار بۇلاي دىسىڭىز تۇۋەندىكى قۇرلارغا مەرھەمەت قىلىڭ!
 بۇ تىمىنىڭ باشتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ مەزمۇنغا مەرھەمەت قىلىڭ
«مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرى» دىگەن كىتابدا تەپسىلى سۆزلەنگەن، ئالدى بىلەن يالغان ھەدىسلەر توغرىسىدا، ئاندىن زەئىپ، ئاندىن سەھىھ ھەدىسلەر توغرىسىدا سۆزلەندى.
بۇ ئۈچ مۇقەددىمىنى بىرلەشتۈرسە، ھەدىس ئىلمى تەتقىقات كىتابى، ھەدىس ئاتالغۇلىرى تولۇق سۆزلىنىپ بولىدۇ. شەيىخ ئىمام ھافىز شام مۇپتىسى تەقىييۇددىن ئەبۇ ئۆمەر ئوسمان ئىبنى ئابدۇرەھمان ،ئىبنى سىلاھ، دىگەن مەشھۇر نامى بار (ۋاپاتى ھ 324 – يىل، مىلادىيە 935 – يىل) بۇمۇھەددس ئالىمنىڭ «مۇقەددىمەت ئىبنى سىلاھ» ناملىق ئۇسۇلھەدىس كىتابىدا زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن.
ھەرقانداق ھەدىستە، سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ياكى ھەسەن ھەدىسلەرنىڭ شەرتلىرى، سۈپەتلىرى تېپىلمىسا، ئۇ زەئىپ ھەدىس بولىدۇ. ئەبۇ ھاتەم ئىبنى ھەببان رەھمەھۇللا، زەئىپ ھەدىسلەرنى 49 قىسىم قىلىپ تەقسىم قىلغان، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن مۇئەللەق، يەنى باش تەرەپدىن نۇرغۇن راۋى ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  مۇنداق دىگەن دەپ سۆزلىگەن ھەدىس. مۇئزەل، مۇنقەتئ يەنى تۇتاشقان ئىسنادى بىر ئىككى يەردىن ئۈزۈك بولغان ھەدىس، مۇرسەل ھەدىس يەنى تابىئىن، ساھابىنى قويۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دەپ سۆزلىگەن ھەدىس، مۇزتەرىيپ، مۇئەللەل، شاز، مەقلۇب قاتارلىقلار زەئىپ ھەدىسنىڭ ئاتالغۇلىرىدۇر. ئەڭ خەتەرلىكى، سۆزلەش ھارام بولىدىغان ھالال بولمايدىغان ھەدىس يالغان ھەدىستۇر دىگەن.
ئىبنى سىلاھ، كىتابىنىڭ 3-، 9 -14، 18-22- تۈر، نەۋئىلىرىدە يۇقارقى زەئىپ ھەدىسلەرنى بىرمۇ بىر تونۇشتۇرغان، بىزمۇ بۇلارنى كىيىن سۆزلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتابدىن سۆزلىمىدۇق، چۈنكى، بىز يازماقچى بولغان كىتاپمۇ مۇشۇ كىتابدىن ئېلىنغان.  مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھمەھۇللا «ھەدىس ئاتالغۇلىرى» ناملىق ھەدىس ئىلمى تەتقىقاتى كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسىم 5 – مەزمۇنىدا زەئىپ ھەدىسلەر توغرىسىدا مۇنداق دىگەن؛ زەئىپ ھەدىس دىگەن سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەرنىڭ شەرتلىرىدىن خالىي بولغان يەنى شۇ ھەدىسلەرنىڭ شەرتىگە توشمىغان ھەدىستۇر. زەئىپ ھەدىسلەر ئۇقەيلىينىڭ، ئىبنى ئەدىينىڭ، خەتىيبۇلبەغدادنىڭ، ئىبنى ئەساكىرنىڭ، دەيلىمىنىڭ، ئىبنى جارۇد ۋە ھاكىم مۇستەدەركلەرنىڭ كىتابلىرىدا ناھايىتى كۆپتۇر. ھەتتا، بەزىلىرىدە يالغان ھەدىسلەرمۇ باردۇر.
زەئىپ ھەدىس، ئىلىم ۋە زەننى، گۇماننى پايدا بەرمەيدۇ، ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنى ئېتىبارغا ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ. سوزلەش دۇرۇس ئەمەس. پەقەت، زەئىپ دەپ قويۇپ، سۆزلىسە بولىدۇ، بەزىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ شەرىت بىلەن زەئىپ ھەدىسنى تىلغا ئېلىپ، كىتابلىرىغا يېزىپ سېلىپ، سەل قارىغان. لېكىن، مەن ئۇنداق قارىمايمەن، مەسىلەن: ئۇلار قاتتىق زەئىپ بولمىسا، پەزىلەت ئەمەللىرىدە قورقۇتۇپ، قىزىقتۇرۇپ ۋەز – نەسىھەتتە سۆزلىسە بولىدۇ. لېكىن، ئۇ زەئىپ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىگەن دەپ ئېتىقاد قىلمىسا بولىدۇ دىگەن.
توغرا، زەئىپ ھەدىسلەرنى قەتئىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىمىگەن، بىزمۇ شۇنداق دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئەگەر ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىگەن بولسا،بىز شۇنداق ئېتىقاد قىلساق، ئۇنداقتا ھەدىس زەئىپ، ئاجىز بولماستىن، سەھىھ بولاتتى دىگەن.
ئۇنداقتا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىمىگەن بۇنداق زەئىپ ھەدىسلەرنى، سۆزلەپ، كىتابلاردا يېزىپ،دەلىل ئىسپات قىلىپ نېمە قىلارمىز؟!
بىزگە قۇرئان ئايىتى، سەھىھ ھەدىسلەر يېتەرلىك، شۇلار كۇپايە، شۇنىڭ ئۈچۈن زەئىپ ھەدىسلەردىن ھەزەر قىلسۇن دەپ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتىمەن. مەدىينە مۇنەۋۋەرنىڭ ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى، شەرىئەت پاكۇلتىتىدا دەرىسلىك قىلىنىدىغان ئىبنى سىلاھنىڭ يۇقارقى كىتابىدىن ۋە نەۋەۋىينىڭ تەقرىيب ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس، ناھايىتى پايدىلىق تۈزۈلگەن شۇنداق ئاسان، رۇشەن، ئوچۇق يېزىلغان. «مۇستەلھۇلھەدىس» يەنى ھەدىسلەر ئاتالغۇسى ناملىق ئۇسۇلۇلھەدىس، ھەدىس ئىلمى تەتقىقات كىتابىدا زەئىپ ھەدسىلەر توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن:
بۇ سۆزلەر ئىلگىرى – ئاخىر بارلىق ھەدىس  تەتقىقاتقىدىكى، مۇشۇ پەندىكى كىتابلارنىڭ سۆزلىرىگە، بولۇپمۇ زەئىپ ھەدىس توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە كۇپايە، ھەممىسىگە مۇشۇ سۆزلا تېتىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن مۇشۇ كىتابدىن تاللاپ يازدىم. زەئىپ ھەدىس دىگەن ئادەتتە، ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسنىڭمۇ سۈپەتلىرى، شەرتلىرى بولمىغان ھەدىستۇر، بەيقۇنى رەھمەھۇللا ئۆزىنىڭ نەزمىسىدە «زەئىپ دىگەن ھەسەن مەرتىبىسىدىن تۆۋەندۇر، ئۇنىڭ تەقسىماتلىرى بەك كۆپتۇر.» دىگەن، شۇنداق، زەئىپ ھەدىسنىڭ ئاجىزلىقى نەچچە خىل بولغاچقا، بۇ بىر نەچچە خىل بولىدۇ.
مەسىلەن: قاتتىق زەئىپ، ۋاھى، مۇنكەر، ھەتتا يالغان ھەدىسمۇ باردۇر. ھەدىسنىڭ زھەئىپلىكى مۇنداق تونۇلىدۇ.
1- ھەدىس تەتقىق قىلىش قائىدە – قانۇنلىرى بويىچە ھەدىسنىڭ تۇتاشقان يوللىرى، ئىسنادى، مەتنىسى، مەنىلىرى تەتقىق قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈپ، زەئىپلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
2- تارىخ جەھەتتىن، تەكشۈرۈلۈپ، راۋىيسىنىڭ پاسىق، پاجىر، ھەتتا كاززاپ، يالغانچى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، ئاندىن ھۆكۈم قىلىنىدۇ، يەنى راۋىيسىنى سۆزلىگۈچىنى تەكشۈرۈلىىدۇ
3- قۇرئان ئايىتىگە ياكى سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت، مۇخالىپ بولسا، زەئىپ، ھەتتا، يالغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
4- ساھابىلار، تابىئىنلار،  شۇ زەئىپ ھەدىسنىڭ ئەكسى بويىچە يول تۇتىدۇ. ئەگەر، ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇلار ئەلۋەتتە قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.
5- ھەدىسنىڭ مەنىسى، لەۋزى، بالاغەت، پاساھەت، سۆز تەرتىپى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ. مەلۇم مەزھەپ، ئېقىم مەسىلىلىرى سۆزلەنسە، تەرەپپازلىق، مىللەتۋازلىق، نەسەببازلىق تېپىلسا، زەئىپ ياكى يالغان، مۇنكەر، باتىل دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
6- ھەدىسلەرنىڭ تۇتاشقان يوللىرى، ئىسنادى، ئۈزۈك بولۇش ياكى بىرەر سۆزنى قوشۇپ قويۇش، ياكى ئېلىۋېتىش، ياكى بۇرمىلاپ تەپسىر ۋە تەئۋىيل قىلىنىپ كەتكەن بولسا، ياكى ھەدىسكە باشقا سۆز ئارىلاشسا، زەئيپ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بار بولۇپ، قەدىمقى ئالىملار، مۇھەددىس ئالىملار، تەتقىقاتچى شەيىخلەر ھۆكۈم قىلىپ بەرگەن، كىيىنكىلەر شۇلارغا تايىنىپ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىدۇ. مەشھۇر مۇھەددىسلەر، ھەدىسكە ۋە راۋى، كاتىپلارغا ھۆكۈم قىلىپ بەرگەن، ئەلبانى رەھمەھۇللاغا ئوخشاش مۇھەددىس ئالىملار دەل شۇلارغا تايىنىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۆزىمۇھەم تەكشۈرىدۇ.
ئىنسان بالىسى خاتالىشىدۇ، ئەگەر بۇرۇنقى مۇھەددس ئالىملار خاتالاشقان بولسا، كېيىنكىلەر ئۇنى بايقاپ تۈزەتسە بۇ دۇرۇس، ئەلبانى، ئۇسەيمىيىن، ئىبنى بازلار، ئۇلاردىن بۇرۇنقى شەيىخۇلئىسلام، ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى كەسىر، زەھەبى، ئىبنى جەۋزى، ئىبنى قەييۇملار بار، ئۇلاردىن بۇرۇن مەشھۇر توققۇز مۇھەددىس، يەنى بۇخارى، مۇسلىملار، ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل رەھمەھۇللانىڭ ساۋاقدىشى، يەھيا ئىبنى مەئىيىن قاتارلىقلار بار. بۇنداق ھۆكۈم قىلىش، ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە مەۋجۇدتۇر، بۇ ئىلىم – پەنمۇ توختىماستىن دەرسلىك قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەلبىڭىزدىكى بىر مۇھىم سۇئالغا ئاشۇ يەتتە خىل جاۋابنى بەردۇق. سۇئال بولسا، نېمە ئۈچۈن بالدۇرقىلاردىن ئاشۇ كاتتا مۇھەددىسلەردىن كېيىنكىلەر ئالىم بولۇپ كەتتى؟جاۋابى يۇقىرداسۆزلەندى. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجەلەر، مىشكاتنى، مەسابىھنى يازغان ئالملار، ئايرىيالمىغان بۇ ھۆكۈملەرنى نېمە ئۈچۈن كېيىنكى ئالىملار بولۇپمۇ مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملار ئايرىپ ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن دىگەن سۇئاللارغا ئاشۇ يۇقىرقى جاۋاب بېرىلدى.
زەئىپ ھەدىسنىڭ مىسالى:
تىرمىزي رەھمەھۇللا، ھەكىيمۇلئەسرەمدىن ئەبى تەمىيمەتدىن، ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دىگەنلىكىنى خاتىرلىگەن:
كىم ھەيزىدار ئايالغا چېقىلسا، ياكى ئايالنىڭ ئارقا مەقئىتىگە چېقىلسا ياكى  كاھىننىڭ يېنىغا بارسا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشكەن قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ دىگەن بۇ ھەدىسنى تىرمىزى خاتىرلەپ بولۇپ، بۇ ھەدىسنى مۇھەممەد يەنى، بۇخارى رەھمەھۇللا زەئىپ دىگەن. بۇ ھەدىس ئىسناد جەھەتتىن زەئىپ، دىدى. چۈنكى، ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا، راۋىيلار ئارىسىدا ھەكىيمۇلئەسرەم بار بولۇپ، ھەدىس ئالىملىرى بۇ كىشىنى زەئىپ دىگەن. ئىبنى ھەجەر ئەسقالانى رەھمەھۇللا، بۇ ھەدىسنى لىين زەئىپ دىگەن.
مانا مۇشۇنداق زەئىپ ھەدىسلەر مۇنكەر ھەدىسلەر، ھەتتا يالغان ھەدىسلەر ياكى يالغانلىرى ئارىلىشىپ قالغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەلبانى رەھمەھۇللا 9000 ھەدىسنى توپلاپ، زەئىپ، مۇنكەر، باتىل، ئەسلى يوق، ھەتتا يالغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئايرىپ بەرگەن. 

زەئىپ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىشنىڭ ھۆكمى
ئالىملار ۋەز - نەسىھەتتە قىزىقتۇرۇش ياكى قورقۇتۇپ ئاگاھلاندۇرۇشلاردا سۆزلىنىدۇ، لېكىن، زەئىپ دەپ قويۇپ سۆزلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىدى ياكى دىگەن دەپ سۆزلەنمەيدۇ. ئەقىيدە، ئەھكام، ھالال - ھاراملارغا بۇنىڭدىن ھۆكۈم ئېلىنمايدۇ دىدى. لېكىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زەئىپنىڭ تۈرىنى ئايرىپ، شەرىت قويۇپ، مۇرسەل، مۇئزەل، مۇنقەتئە قاتارلىقلارنى سۆزلەۋەرگەن كىتابلارغا يېزىۋەرگەن. ئەمەلىيەتتە، زەئىپ ھەدىسلەرگە ئۈچ شەرىت بىلەن پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئەمەل قىلىنىدۇ دىگەن. ئۇلار؛
1- قاتتىق زەئىپ بولماسلىق
2- ئەمەل قىلغاندا بۇ ھەدىس سابىت دەپ ئېتىقاد قىلىنمايدۇ، بەلكى، ئېھتىيات قىلىنىدۇ.
3- ئەمەل قىلىنغان باشقا ھەدىسنىڭ ئاستىغا كىرىشى شەرىت دىگەندەك، لېكىن، ئۇسەيمىيىن، ئەلبانى رەھمەھۇللالار؛ ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ. قەتئىي ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى دەپ ئېتىقاد قىلمايمىز دىگەن.
بۇ توغرىسىدا ئىبنى ھەببان مەخسۇس زۇئەپائ يەنى زەئىپ ھەدىسلەر دىگەن كىتابنى، زەھەبى رەھمەھۇللا مىيزاننى، ئەبۇ داۋۇت مەراسىلنى، بەيھەقى رەھمەھۇللا، ئىلەل دىگەن كتىابنى يازغان. ھازىر ئەلبانى رەھمەھۇللا بىز يۇقىردا دىگەن زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىنى يازغان. ئومۇمى سانى 9000دىن ئاشىدۇ. 
 

زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ تۈرى
1- مۇئەللەق، يەنى ئۈستۈن تەرەپدىكى راۋى سۆزلىنىپ، ئاستىدىكى باش تەرەپ يوق قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېسىپ قويۇلغاچقا مۇشۇنداق ئاتالغان. مۇھەددىس سۆزلىمەكچى بولغان شەيىخلىرىنى يوق قىلىۋېتىپ، ئىسناد، راۋىيلارنى تىلغا ئالماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دەپلا ھەدىسنىڭ ئۆزىنى سۆزلەپ كېتىدۇ. ياكى ساھابى، تابىئىندەك بىر ئىككى راۋىينى تىلغا ئېلىپ قويىدۇ. مانا بۇ مۇئەللەق ھەدىس بولۇپ، ئىسنادىنى، راۋىيلارنى تەكشۈرگىلى بولمىغاچقا، ھەدىس زەئىپ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
بۇنداق مۇئەللەق ھەدىس رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ھەدىستە ئىسنادى تۇتاش بولىدىغان، يوللىرى ئېنىق بولىدىغان، راۋىيلارنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان شەرىتلەر يوقاپ كەتكەن، بىز ئۇ كىشىلەرنىڭ ھالىنى، ئەھۋالىنى ئۇقمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا ھەدىس سۆزلىگىلى قويسا، كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دەپ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەۋېرىدۇ.
ئىسناد تۇتاشقان يول، راۋىيلار ئەھۋالى ھەدىسنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، بۇخارى، مۇسلىمدىكى مۇئەللەق ھەدىسلەر رەت قىلىنمايدۇ. بۇلاردىكى بۇنداق ھەىدسكە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مۇئامىلىسى قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ھەدىسنى دېدى، مۇنداق تىلغا ئالدى دىگەن لەۋزى بىلەن كەلسە، سەھىھ بولىدۇ دىيىلدى. تىلغا ئېلىندى، ھېكايە قىلىندى، رىۋايەت قىلىندى دىگەن ھەدىس يەنىلا زەئىپ ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە كالام شۇكى، بۇخارى،  مۇسلىمدىن باشقا كىتابلاردىكى مۇئەللەق ھەدىس زەئىپ، رەت قىلىنىدۇ.
ئەمما، مەيلى بۇرۇن، مەيلى ھازىر سەھىھ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى، راۋىيلىرىنى قىسقارتىشنى مەخسەت قىلىپ، يوق قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دىيىش دۇرۇس، بۇ مەشھۇر  قائىدە، ئۇنى سىز، بىزمۇ دەپ سالىمىز. لېكىن، بۇ مەلۇمدۇر.
2- مۇرسەل ھەدىس، بۇنداق ھەدىس مەلۇم راۋىينى يەنى ساھابىنى ئۈزۈپ قويۇپ، ئالاقىدار قىلمىغاچقا، مۇرسەل دەپ ئاتالغان. تابىئىندىن يۇقىرى راۋىي يەنى ساھا بە ئۈزۈلۈپ قالغان، تابىئىن، ساھابىنى ئۈزۈپ قويۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دەپلا سۆزلەپ كەتكەن، ساھابە بىلەن كۆرۈشكەن، كۆرۈشمىگەنلىكى نامەلۇم، ئۇ يوشۇرۇن كىشى ساھابىمۇ ياكى تابىئىنمۇ بۇمۇ ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن:
ھەسەن بەسرى، سەئىيد ئىبنى مۇسەييىب رەھمەھۇللالار، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن ياكى مۇنداق قىلغان دەپ سۆزلەيدۇ. خۇددى ئەبۇ داۋۇتتىكى مۇرسەل ھەدىسلەرگە ئوخشاش. ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئاخىرقى مەراسىل ناملىق كىتابي پۈتۈنلەي مۇرسەل ھەدىس سۆزلەنگەن كىتابتۇر.
مۇرسەل ھەدىسمۇ زەئىپ، رەت قىلىنىدۇ. مەيلى ئەقىيدە، مەيلى ھالال – ھارام، ئەھكام مەسىلىلىرىدە بولسۇن، مەيلى باشقا مەسىلىلەردە بولسۇن رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى،  بۇ ھەدىسمۇ تۇتاش بولۇشتەك شەرتنى يوق قىلىپ قويغان، راۋىيسى راسلا ساھابىمۇ ياكى كىم؟ قانداق كىشى، بۇ ئېنىق ئەمەس. يوشۇرۇن كىشى زەئىپ بولسا، ھەدىسى زەئىپ بولىدۇ، مۇئەللەق، مۇرسەل، مۇئزەل ھەدىسلەر يوللىرى كۆپىيىپ، ئىسنادى كۈچىيىپ، ئايەت، سەھىھ ھەدىسلەر قوللاپ، ساھابە، تابىئىنلار ئەمەل قىلىش بىلەن ھەسەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا، ئەمەل قىلىنىدۇ، سەھىھ ھەدىسنىڭ مۇئامىلىسى قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، قەتئىي رەت قىلىنىدۇ. ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنمايدۇ، مانا بۇ ھۆكۈم جۇمھۇر مۇھەددسىلەرنىڭ، ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ، فىھقىشۇنالارنىڭ ھۆكمىدۇر. ئەمما، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، مالىك ئەھمەد رەھمەھۇللا قاتارلىق ئۈچ مەزھەپ ئالىملىرى، ئەگەر ھەدىسنى مۇرسەل ھالدا سۆزلىگۈچى، تابىئىن، ئالىم ئىشەنچىلىك بولسا، يەنىلا ئىشەنچىلىك كىشىدىن مۇرسەل ھالدا سۆزلىگەن بولسا، بۇ چاغدا قوبۇل قىلىنىدۇ، ھۆججەت قىلىنىدۇ دىگەن.
چۈنكى، ئىشەنچىلىك، تەقۋا، ئادىل تابىئىن چوقۇم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىگەن سۆزىنى دەيدۇ، دىمىگەن سۆزىنى دىمەيدۇ. ئالدىراپلا، ساھابىنى يوشۇرۇن قىلىپ، زامانى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن ياكى مۇنداق قىلغان دەپ سالىدۇ. ئەگەر بۇ ھەدىسنى سۆزلىگۈچى تابىئىن چوڭ كىبار، تابىئىن بولسا، ئىشەنچىلىك بولسا، ئادىل، ئىشەنچىلىك، راۋىيلارغا خىلاپ زىت بولمىسا، ھەدىسنىڭ بۇندىن باشقىمۇ يولى بولسا، باشقىلارمۇ سۆزلىگەن بولسا، ساھابىلارنىڭ سۆزىگە، قىلىقىغا ئۇيغۇن بولسا، ئەكسەر، كۆپىنچە مۇجتەھىد ئالىملار شۇ ھەدىس بىلەن ھۆكۈم چىقارغان بولسا، مانا مۇشۇنداق يۇقىرقى شەرتلەر تولۇق بولسا، ئاندىن مۇرسەل ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىدۇ. ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدۇ دىگەن. ئەگەر بىرەر ساھابە، كىچىك بولغانلىقىدىن ياكى مەجلىسدە يوق بولغانلىقدىن ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن چاغدا دىيىلگەن ھەدىسنى سۆزلىسە ياكى كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ قالسا، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن ياكى مۇنداق قىلغان دەپ مۇرسەل ھالدا ھەدىس سۆزلىسە، يەنى بۇ ساھابىنىڭ مۇرسەل ھەدىسى بولسا، جۇمھۇر، مۇھەددىس ئالىملار بۇ خىل ھەدىس سەھىھ بولىدۇ، ھۆججەت ۋە ئەمەل قىلىنىدۇ دىگەن.
مۇرسەل ھەدىسلەر توپلانغان كىتابلار، ئەبۇ داۋۇدنىڭ مەراسىيل دىگەن كىتابى، ئىبنى ئەبى ھاتەمنىڭ مەراسىل دىگەن كىتابى، ئىلائىينىڭ ئەھكامۇلمەراسىل دىگەن كىتابى بار. شارائىتىڭىز يار بەرسە، ئۆزىڭىز كۆرۈڭ، ئۇنداق بولمىسا سوراپ بىلىڭ. چۈنكى، بۇ ئىسلام دىنى ئىسلام شەرىئەت مەنبەسى، سۈننەت، ھەدىسنىڭ ئىشىدۇر.
3- مۇئزەل ھەدىس بۇ خىل ھەدىس، ھەدىسنىڭ ئىسنادى يەنى تۇتاشقان يولدىن، راۋىيلاردىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشى چۈشۈپ قالغان. راۋىيلار، كاتىپلار يەنىلا سۆزلەۋەرگەن ھەدىستۇر. بۇ خىل ھەدىسنى ھاكىم مۇستەدرەك دىگەن كىتابىدا ئىمام مالىك مۇئەتتا دىگەن كىتابىدا يېزىپ چۈشەندۈرگەن.
ئىمام مالىكدىن ئەبۇ ھۈرەيرەدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن دەپلا سۆزلەيدۇ. لېكىن، ئىمام مالىك بىلەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارىلىقىدىكى كىشىلەر يوق قىلىنغان، ئۇلار كىملەر؟ بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ھەدىس زەئىپ بولىدۇ. مۇرسەل ھەدىسدىنمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ، چۈنكى، بۇ خىل ھەدىسنىڭ يوشۇرۇن يوق قىلىنغان، راۋىيسى، كىشىلىرى بەك كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەدىسمۇ زەئىپ بولۇپ، رەت قىلىنىدۇ، دەلىل – ئىسپات، ھۆججەت قىلىنمايدۇ، ئەمەلمۇ قىلىنمايدۇ. بەزىلەر بۇ ھەدىسنى باش تەرەپدىن بىر، ئاخىردىن بىر راۋىيسى چۈشۈپ قالغان ھەدىستۇر. دەل شۇ راۋى، مۇھەددىسنىڭ ئەھۋالى بىزگە نامەلۇم بولغاچقا، ھەدىس زەئىپ بولىدۇ دىگەن.
ئەگەر بۇنداق ھەدىسنى سەھىھ دېسەك، ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا، ئىسلام دىنىغا سۈيقەست كۆپلەت كىرىدۇ، يالغان ھەدىسلەرنى مۇشۇ خىل ۋاسىتە بىلەن كىرگۈزۈۋېتىدۇ، ھەزەر قىلىڭ، ئىمام سۇيۇتى رەھمەھۇللا، مۇئزەل، مۇنقەتئ مۇرسەل ھەدىسلەر كۆپ چىقىدىغان كىتابلار، سەئىد ئىبنى مەنسۇرنىڭ سۇنەن ناملىق كىتابى، ئىبنى ئەبىددۇنيانىڭ تۈزگەن كىتابلىرى دىگەن. ئىقتىدارىڭىز، قابىلىيىتىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز تەكشۈرۈڭ، ئۇنداق بولمىسا تەكشۈرگەنلەرگە شەكسىز ئىشىنىڭ، ئۇلارمۇ ئاللاھ دەيدۇ.
4- مۇنقەتئ ھەدىس، شەيىخ، مۇھەددىس، كاتىپبدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان ئارىلىقدىن ئۈزۈك مەۋجۇد بولغان، ئىسنادى تۇتاشقان، يوللىرى ئۈزۈك ھەدىستۇر. مەيلى ئۈزۈلۈپ قېلىش باشتا بولسۇن ياكى ئوتتۇرىدا بولسۇن، ياكى ئاخىرىدا بولسۇن بەرى بىر. بۇ يۇقرىقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبنى ھەجەر باشتىن ياكى ئوتتۇرىدىن ياكى ئاخىردىن ئۈزۈك بولسا، مۇنقەتىئ بولىدۇ دىگەن. مەسىلەن: ئەگەر سىلەرگە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشلىق قىلىنسا، ئۇ كۈچلۈك، ئىشەنچلىك دىگەن ھەدىسنىڭ راۋىيسى، ھەدىس سۆزلىگۈچىلەر ئارىسىدىن شەرىيك ئىسىملىك راۋى چۈشۈپ قالغان. گەرچە بۇ ھەدىسنى ھاكىم ئەھمەد بەزار، تەبرانى قاتارلىقلار خاتىرلىگەن بولسىمۇ، ئەنە شۇ ئۈزۈكلۈك مەۋجۇد بولغاچقا، ھەدىس ئالىملىرى ئىتتىپاققا كېلىپ، بۇ ھەدىس ۋە مۇشۇنداق ھەدىس زەئىپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، يوشۇرۇن، يوق قىلىنغان راۋىيسىنىڭ ئەھۋالى بىزگە ئېنىق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىس ھۆججەت قىلىنمايدۇ دىگەن.
5- مۇدەللەس ھەدىس، يەنى ھەدىسنىڭ ئىسنادىدىكى ياكى ھەدىسنى سۆزلىگەن شەيىخنىڭ ئەيبىنى يوشۇرغان ھەدىستۇر. ئىچكى ئەھۋالى ناچار، تاشقى كۆرۈنۈشى ياخشى بولىدۇ. مەلۇم شەيىخدىن ھەدىسنى ئاڭلىغان بولسا، كېيىن بۇ ھەدىس سۆزلىگۈچى، ھەدىسنى باشقا شەيىخكە تۇتاشتۇرۇپ سۆزلىۋېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەدىس ئاڭلىغان شەيىخىنى مەلۇم سەۋەبلەردىن سۆزلىمەيدۇ. ياكى، ئەيبىنى يوشۇرىدۇ ياكى داڭلىق، مەشھۇر، ئادىل، ئىشەنچىلىك شەيىخدىن سۆزلىۋېتىدۇ. ياكى بىر نەچچە شەيىخدىن ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئارىلىقدىن زەئىپ، مەسىلە كۆرۈلگەن شەيىخنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئادىل، تەقۋا، ئىشەنچىلىك، ئىتماتلىق شەيىخنى ئېلىپ قالىدۇ. مانا بۇ ئەڭ ئەشەددى، يامان ئىشتۇر. ئىشەنچىلىك بولغان، ھەدىسلىرى سەھىھ بولغان، شەيىخ، ئۇستازلارنى زەئىپ قىلىۋېتىدۇ، قاتتىق ئالداش، خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئەنە شۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ مەشھۇرراقى، بەقىييە ئىبنى ۋەلىيد،  ۋەلىيد ئىبنى مۇسلىم قاتارلىقلار.
بۇنداق ھەدىسنىڭ ھۆكمى شۇكى، ئۇنى سۆزلەشمۇ مەكرۇھ، قاتتىق زەئىپ، شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مۇدەللەس ھەدىس، يالغاننىڭ قېرىندىشى يالغانغا ئوخشاش دىگەن. مەخسەد، بۇ ھەدىسمۇ ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنمايدۇ، ئەمەلمۇ قىلىنمايدۇ. ھەدىسنى بۇنداق قىلىۋېتىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق، شەيىخ، ئۇستازى زەئىپ، ئىشەنچىلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن يوشۇرىدۇ، ياكى، شەيىخدىن تۆۋەن مەرتىۋىدىكى كىشىلەرمۇ بۇ ھەدىسنى بىلگەچكە، يۇقىرى مەرتىۋىلىك شەيىخدىن سۆزلىۋېتىدۇ – دە، ئىشەنچىلىك بولىدۇ. ياكى، شەيىخنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ قالىدۇ، ياكى ھەدىسنى كۆپ سۆزلىۋېتىپ، تولا تىلغا ئېلىشنى  ياقتۇرماي، ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ، ياكى ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ئالىيلاشتۇرۇش، يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، مانا مۇشۇنداق تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ، ئاخىرىدا بۇنداق مۇھەددىس ۋە ھەدىسلىرى رەت قىلىنىدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىسىدا خەتىيبۇلبەغداد، بورھانوددىن، ئىبنى ھەجەرلەر كىتاب يازغان.
6- مۇرسەل، خەپى، مەخپى ھالدا ئىسنادىنى ئۈزۈۋېتىش، ئۇچقاشقان ياكى بىر زاماندا ياشىغان كىشىدىن ھەدىس سۆزلىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشىدىن زادى ھەدىس ئاڭلىمىغان. مەسىلەن: ئىبنى ماجە رەھمەھۇللا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن، ئۇقبەتدىن مۇنداق بىر ھەدىسنى خاتىرلىگەن. ئاللاھ، پوستا تۇرغۇچى، مۇھاپىزەتچىگە رەھىم قىلىدۇ دىگەن ھەدىس. ئەمەلىيەتتە ئۆمەر ئوقبەتكە ئۇچقاشمىغان، كۆرۈپمۇ باقمىغان. لېكىن، باشقىلار شۇنداق ھەدىسنى سۆزلىۋەتكەن، مانا مۇشۇنداق ھەدىسلەرنى شەيىخ، ئۇستازلار تارىخنى تەكشۈرۈپ، ئىلگىركىلەرنىڭ سۆزىنى ئېلىپ، ھەدىسنىڭ مەنىسىنى، لەۋزىنى تەتقىق قىلىپ تاپىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز، بۇ خىل ھەدىسمۇ زەئىپ بولۇپ، ھۆججەت قىلىنمايدۇ، ئەمەل قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىسىدىمۇ خەتىيبۇلبەغداد رەھمەھۇللا تەپسىل ناملىق كىتاب يازغان، بىلسىڭىز كۆرۈڭ، بىلمىسىڭىز سوراڭ، ئۇلارغا ئىشىنىڭ.
7- ھەدىسنى سۆزلىگۈچى، راۋىيسى توغرىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرمۇ ھەدىسنى زەئىپ، ھەتتا باتىل، يالغان قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر، راۋىي، كاتىپ يالغانچى ياكى يالغانچى دەپ تۆھمەت قىلىنغان، ئەيىبلەنگەن بولسا، پاسىق، بىئەتچى، نادان، جاھىل بولسا، ياكى غەلەت سۆزلەيدىغان بولسا، ياكى ياخشى يادىلىمىسا، غەپلەتتە قالسا، ئىتماتلىق، ئىشەنچىلىك كىشىلەرگە خىلاپ سۆزلىسە،ئېلىشىپ قالسا ھەدىسكە ھەرخىل ھۆكۈملەر بېرىلىدۇ، ئەڭ خەتەرلىك گۇناھى كەبىيرە بولىدىغان قاتتىق ھەزەر قىلىدىغان، قورقۇنۇشلۇق بولغىنى، يالغان ھەدىستۇر. ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۆھتان قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، يالغاننى توقۇشدىن چوڭ گۇناھ يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇتىۋاتىر، سەھىھ ھەدىستە بۇنداق كىشى دوۋزاختا بولىدۇ دىگەن. بۇنداق ھەدىسنى سۆزلەش، يېزىش، ھالال ئەمەس. پەقەت، ماۋۇ يالغان، ھەزەر قىلىڭلار! دېسە بولىدۇ، رەت قىلىش لازىم. ئەمدى سۈكۈت قىلمايلى!!.
يالغان ھەدىسنى توقۇغۇچىلار ئاللاھقا يېقىنچىلىق ئىزدەپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ ياكى قورقۇتۇپ، زاھىدلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يامان ئىشدىن توسۇش، ياخشىغا بۇيرۇش ئۈچۈن ياكى بىرەر مەزھەپ، گورۇھ، پارتىيىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭكىنى راست، توغرا قىلىش ئۈچۈن ياكى ئىسلام دىنىغا سۈيقەست قىلىش ئۈچۈن، ھاكىم، ۋالىي، خەلىپىلەرگە يېقىن بولۇش ئۈچۈن، مال – دۇنيا پار ئېلىش ئۈچۈن، يۈز – ئابرۇي، بىلەرمەنلىك قىلىپ توقۇيدۇ. تارىخ، قىسسە سۆزلەپ جان بېقىش، كەسىپ قىلشى ئۈچۈن ھەدىسنى پۇلغا سېتىش ئۈچۈن ياكى ھاكىمىيەتتىن قورقۇپ، خاتا، ئازغۇن پەتىۋاغا دەلىللەپ توقۇيدۇ، ياكى ئۆزى بىلمەي توقۇيدۇ ياكى بىلمەي ھەدىس ئەمەس سۆزنى ھەدىس دەپ سۆزلەيدۇ. نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، بىز بۇنى «يالغان ھەدىسلەر توپلىمى ۋە بىدئەتلەر» دىگەن كىتابدا تولۇق يازغان، كۆرۈڭ.
8- مەترۇك ھەدىس، راۋىيسى، سۆزلىگۈچىسى يالغانچى دەپ ئەيىبلەنگەن ھەدىستۇر. ئاددى سۆزلىرىدىمۇ يالغانچىلىق قىلىپ قالىدۇ، بۇ خىل ھەدىس يالغان ھەدىسكە يېقىن كېلىدۇ، تاسقالىدۇ، ئوخشاپ قالغىلى. ئەڭ خەتەرلىك، يامانراقى يالغان، ئاندىن قالسا، مەترۇك، ئاندىن مۇنكەر ھەدىس، ئاندىن قالسا، مۇئەللەل، مۇدەررەج، مەقلۇب، مۇزتەرىيب قاتارلىقلار. مانا بۇ ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىينىڭ مەرتىۋىگە تىزىشدۇر. دىمەك، مەترۇك ھەدىس يالغانغا يېقىن، يالغاننىڭ ئوخشىشىدۇر.
9- مۇنكەر ھەدىس، بۇنداق ھەدىس بولسا، پاسىق، پاھىش، غەلەت سۆزلەيدىغان، غەپلىتى كۆپ كىشىنىڭ ھەدىسىدۇر. بۇ قاتتىق زەئىپ ھەدىس بولۇپ، ئەمەل قىلىنمايدۇ، دەلىل – ئىسپات، ھۆججەت قىلىنمايدۇ. بۇ ئىبنى ھەجەر ئەسقالانى سۆزىدۇر.
10- مۇئەللەل ھەدىس، ھەدىستە ياكى راۋىيسىدا تەنە ئىللەت تېپىلىپ قالغان ھەدىستۇر. راۋىيسىدا ۋەھىمە، گۇمان بولغان ھەدىس، گۇڭگا، مەخپى بولۇش، گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇشلار، ئىللەتكە بارىدۇ. راۋىيسىنى كاززاپ، پاسىق، بىدئەتچى، غاپىل، ياخشى يادىلىمىغان دىگەنلەرمۇ، ئىللەت، بۇ مۇنكەرنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرىدىغان قاتتىق زەئىپ ھەدىستۇر، ھۆججەت ۋە ئەمەل قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىسىدا ئىبنى مەيدەنى رەھمەھۇللا، ئىبنى ئەبى ھاتەم، ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل رەھمەھۇللا، تىرمىزى رەھمەھۇللا، دارتقۇنىيلا مەخسۇس ئىلەل دىگەن ئىسىم بىلەن كىتاب يازغان ۋە شۇنداق ھەدىسلەرنى توپلىغان، ئەلبانىيدەك ئالىملار شۇ كىتابلارنى كۆرگەچكە ھەدىسكە باھا، ھۆكۈم بىرەلەيدۇ، سىز خاتىرجەم بولۇپ، ئىشىنىڭ.
11- ئىشەنچىلىك، ئادىل كىشىلەرگە خىلاپلىق قىلىش، زىت، مۇخالىپ ھالدا ھەدىس سۆزلەش، ئەگەر خىلاپلىق قىلىش، ئىسناد يوللىرىنىڭ سىياقىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بولسا، ياكى ساھابىلار سۆزىنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، بۇ مۇدەررەج دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر، بىرەر راۋىينى زىيادە قىلىۋېتىش بىلەن خىلاپلىق قىلسا، بۇ ئىسنادىنىڭ تۇتۇشىشىدىكى زىيادىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر، ھەدىس سۆزلىگۈچى راۋى بىلەن يەنە بىر راۋىينى ئالماشتۇرۇۋەتسە ياكى ھەدىسنىڭ مەتنىسىدە زىددىيەت مەۋجۇد بولسا، بىرەرسىنى كۈچلەندۈرگىلى مۇمكىن بولمىسا، بۇ مۇزتەريىب دەپ ئاتىلىدۇ. سىياقنى قويۇپ، لەۋزىنى ئۆزگەرتسە، مۇسەھھەپ دەپ ئاتىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇلارنى بىر – بىرلەپ تونۇشتۇرىمىز.
مۇدەررەج ھەدىس، بۇ خىل ھەدىسنىڭ ئىسناد، سىياقى ئۆزگەرتىلگەن ياكى ھەدىس مەتنىسىگە ھەدىس بولمىغان سۆز كىرگۈزۈۋېتىلگەن ھەدىستۇر. ھەدىس سۆزلىگۈچى سۆز قىلىۋېتىپ، ئۆز ئىچىدىن بىرەر جۈملە سۆزنى دەپ سالسا، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ھەدىسمىكى دەپ گۇمان قىلىپ يازغان. مەسىلەن: سابىت ئىبنى مۇسا، شەرىيك ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ، ئۇ كىشى ماڭا ئەئمەش ئەبۇ سوفىياندىن، جابىردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىر ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن دەپ جىم تۇرۇۋېتىپ، ئاندىن سابىتقا قاراپ، كىم كېچىسى كۆپ ناماز ئوقۇسا، كۈندۈزى يۈزى نۇرلۇنۇپ كېتىدۇ دەپ سۆزنى داۋام قىلىپتۇ. ئەسلى مەخسىدى سابىتنى ماختاپ قويۇش ئدى. چۈنكى، سابىت تەقۋا، زاھىد ئىدى، لېكن، بۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىگەن ھەدىس ئەمەس ئىدى. ھەدىسنى ئۇ تېخى دىمىگەن، سابىت خاتا گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭ يۇقىرقى يۈزى نۇرلۇنىدۇ دىگەن سۆزىنى ھەدىس ئورنىدا سۆزلىگەن. مانا بۇ مۇدەررەج ھەدىس بولۇپ، زەئىپ ھەدىسنىڭ باش تەرىپىگە ياكى ئوتتۇرىغا ياكى ئاخىرىغا ھەدىستىن بولمىغان سۆزنى قسىتۇرسا، ئارىلىقنى ئايرىۋەتمىسە، بۇمۇ مۇدەررەج ھەدىس بولىدۇ.

(سەھىھۇلمۇسلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ھەدىسلىرى قىسمىدىن ئېلىندى)

http://hemza.blogbus.com/logs/116115405.html
[ بۇ يازمىنىھەمزە 2011-05-27 09:02قايتا تەھرىرلىدى ]
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1130 %
مۇنبەر پۇلى: 8790 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 09:18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، ھەدىسلەر توغرىسىدا ئىزدەنمەكچى بولغانلارغا «يالغان ھەدىسلەر ۋە بىدئەتلەر»دىگەن كىتاپ ياخشى ئۇقۇشلۇق بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن !

بۇ كىتابنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
[ بۇ يازمىنىھەمزە 2011-05-27 10:02قايتا تەھرىرلىدى ]
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.