باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1285 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: "ئەينا"،"ھۆددەس"..قاتارلىق شېئىرلار
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 19:20

"ئەينا"،"ھۆددەس"..قاتارلىق شېئىرلار

بۇرن (مۇتتەقىين نامىدا) مۇنبەرگە يوللىغان بەزى شېئىرلىرىمنى مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم. تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەينا

ئاللاھ بىزنى ياراتتى ،بېرىپ ئەقىل -پەم ئەينا،
ئەزىز قىلدى بىزلەرنى ،بارچە ئىچرە ئەڭ ئەينا،
«سەجدە قىل »دەپ بۇيرىدى پەرىشتىنى ئادەمگە،
ئورۇندىدى بۇيرۇقنى ،بولۇپ ھەممە جەم ئەينا.
بەردى بىزگە يەتكۈچە نېئمەت،ئىززەت ئىگىمىز،
ئاڭا شۈكۈر ،قانائەت،ئەمەل بىزدە كەم ئەينا.
چۈشەنمەيمەيمىز كۆپىمىز:«سىناق ئەسلى بۇ دۇنيا،
پۇختا بولسۇن تەييارلىق ،ئالدىمىز چوڭ جەڭ ئەينا»
خۇدا قىلدۇق بەزىمىز پۇل-ئەمەلنى،شۆھرەتنى،
ئاڭا غۇرۇر،ئادالەت،رەھمەت بولدى يەم ئەينا.
يول باشلىدۇق بەزىمىز ئازغۇنلۇققا ،پىتنىگە،
ئازات بولۇپ خىزمەتتىن شەيتان ئالار دەم ئەينا.
يالغان ساراڭ كۆپەيدى،ساراڭغا يوق سوت دېسە،
دەسسەر يولنى ئېگىز-پەس_راست ساراڭدەك ھەم ئەينا.
ھايۋان بىلەن بەسلەشتۇق يەپ-ئىچىشتە،ئويۇندا،
ئىنسانلىقنى ياراتماي،ئاتاپ بۇنى«پەن»ئەينا.
غۇرۇر ئەرچۈن ئارتۇق يۈك،ھايا _تۈرمە قىزلارغا،
ئەمما غەيۋەت،تۆھمەتتە ئەر-ئاياللار تەڭ ئەينا.
دېمەك يەكۈن ئەي دوستلار،زامان ئەسلى تار ئەمەس،
«ئادەم»بولساق ھەقىقى جاھان بىزگە كەڭ ئەينا.


ھۆددەس


(ئانامغا ئاتاپ)

گۆدەكلىك ئىچرە قەدرىڭنى بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس


زەررىچە جاۋاپ ئەجرىڭگە بېرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس،

ئۈنسىز تەر ئاققۇزساڭ بىزچۈن ئەتىدىن –كەچكىچە ئەينا،

قولغا قول بولغىلى بىر رەت كېلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

لەكىلدەپ نەچچە رەت سىرتتا ،سېنى غەم كۆلىگە تاشلاپ،

ھەتتاكى كېچىلەپ ئۆيگە كىرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس،

جاۋاپ بەر ئەي ئۇلۇغ ئانا ، جاپاغا بەنىتمۇ سەنلا؟

كىم ئۈچۈن ئاقاردى چاچلار ؟بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئەقىدە باغلىدىڭ بىزگە،دېمەستىن كەلگەيمۇ ۋاپا،

چوڭ بولۇپ ئالدىڭدا بوينى ئېگەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

مېھىرلىك قوللىرىڭ بىلەن بېشىمنى سىلىساڭ ئاستا،

بىزار بوپ سېنىڭدىن ھەتتا ،كۈلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئىزدەندىم ئۆزۈمچە:”كىمدۇ_جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان؟ “

سەنكەنسەن ئەسلىدە،كۆزگە ئىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

لاتاپەت سەندىلا ئارتۇق،ساخاۋەت سەندىلا ئارتۇق،

مۇھەببەت سەندىلا ئارتۇق،ئۆگەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئەگەردە ئالسىڭىز رەھمەت مېنىڭدىن گۈللەيسىز ئوغلۇم، “

مەن ساڭا بىر قېتىم رەھمەت دېيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

خالىسا گۈل ئۈنەر ئوغلۇم خۇشپۇراق مەن سۆيگەن جايدىن، “

كۆكەرگەن قولۇڭغا بىررەت سۈيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا جەننەتنىڭ ئىشىكى“ دېسە،

قالاقلىق دەپ قويۇپ باشتا ئىشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

نادامەت ئىچىدە ئويلاپ،چىشلىدىم قولۇمنى قاتتىق،

نى سەۋەب بار شۇنچە بەستىم،چۈشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئادەمبىز خاملا سۈت ئەمگەن(دېمەيسەن نېمىشكە تۆھمەت؟)

كەچۈرگىن گۆدەك ئوغلۇڭنى،خاتا قىپ ساپتىمەن ھۆددەس.

نائۈمىد قالمىسام دەيمەن،ئەمدى دەرت سالمىسام دەيمەن،

بىر تېمىم سۈتۈڭگە بەدەل تۈلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

ئاتالدى بۇ نەزمە سەنچۈن ،بۈيۈك سەن بۇنىڭدىن مىڭ گەز،

قۇۋۋىتىم شۇنچىلىك ئارتۇق تۈزەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.




        چېقىمچى

         (ساتىرا)

     _ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (سۇخەنچى)خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ(4).ئۇنىڭ بوينىدامەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ(5).
   (سۈرە مەسەد:4-،5-ئايەتلەر)

 نېچۇك پايدا تاپارسەن خەقنى چېقىپ چېقىمچى،
پىتنە ،ئىغۋا ئىچىدەجېدەل بېقىپ چېقىمچى،
تالمايدىكەن پۇتۇڭمۇ ماڭساڭ ئارام تاپماستىن،
كۈندۈزى ھەم كېچىسى چىراغ يېقىپ چېقىمچى.
تۇتىلاردەك سۆزلەيسەن شىكەر تامار تىلىڭدىن،
ھەسەت ئوتى چىرمىغان ،زەھەر تامار دىلىڭدىن،
رۇدىپاردەك چاپلاشقان قۇتۇلماق تەس سېنىڭدىن،
ئەگىشىسەن ھەرزامان پۇرسەت تېپىپ چېقىمچى.
ئىككى ئادەم ئارىدا گەپ -سۆز توشۇپ يۈرىسەن،
ئىناق بولسا ھەممەيلەن چوڭ ماتەمدەك كۆرىسەن،
دۈشمەنلەشسە ئەگەردە شادلىق پەيزى سۈرىسەن،
خوشاللىقتا ئاسمانغا دوپپا ئېتىپ چېقىمچى.
تېپىۋالساڭ بىر گەپنى چوڭايتىسەن مىڭ ھەسسە،
قالار سەندىن بۇ ئىشتا مىكروسكوپمۇ بىر پەستە،
خالى ئەمەس سەن بۇندىن ھەرزامان ،ھەرنەپەستە،
ئۆتەر كۈنۈڭ چوڭايتىپ ،ئادەم چېقىپ چېقىمچى.
ئۆسەك سۆزلەر تارقىتىپ ناپاك دېدىڭ پاكلارنى،
كۈلۈپ تۇرۇپ قورقۇتۇپ كېسەل قىلدىڭ ساقلارنى،
ھەسەت ئوتى چىرمىغاچ ئۆچ قىلدىڭ ئامراقلارنى،
كۆردۈڭ ياندىن تاماشا خوشال يېتىپ چېقىمچى.
ۋەيران قىلدىڭ قانچىلاپ ئۆم_ئىناق ئائىلىنى،
يېتىم قىلدىڭ قانچىلاپ بىچارىنى بالىنى،
بېسىقمىدى بۇ يۇرتتا جەڭ _جىدەل ئەڭ يامىنى،
سەن بولغاچقا ئىناقلىق بابىن ئېتىپ چېقىمچى.
ئادەم چېقىپ يۈرگىچە گازىر چاقساڭ بولمامدۇ،
ئەل قوينىدا گۈللىنىپ قۇدرەت تاپساڭ بولمامدۇ،
ئىلىم -ئىرپان كۆكىدە قانات قاقساڭ بولمامدۇ،
پايدا بېرەر دەريا بوپ لەرزان ئېقىپ چېقىمچى.
بولدى ئەمدى تاشلىغىن چېقىمچىلىق نۇمۇستۇر،
ئاقىۋېتى ئۇنىڭكى خانى ۋەيران بۇلۇشتۇر،
چېقىمچىلىق زۇلمەتلىك ،ھاقارەتلىك تۇرمۇشتۇر،
تۇرسۇن ھەرچاغ ھىدايەت زۇلمەت يېپىپ ،چېقىمچى.

تەخسىكەش

(ھەجۋى شېئىر)

بېلىڭىزدە كېسەل بارمۇ سۆزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش،
يا بىر نەرسە يىتۈكمىدى ئىزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش،
مەن خەلىقنىڭ چاكىرىمەن دەپ بەك يۇغان سۆزلەيسىز،
بىر ئىش بۇيراي تىزلا ماڭا «خوش»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

باشلىقىم دەپ سوكۇلدايسىز كۈن بويى ھېچ توختىماستىن،
بولسىڭىز گەر دېمەك بىر ئىش دېمەيسىزبىر ماختىماستىن،
«ساقلاپ تۇر»دەپ بىرلا كەتسە كېتەلمەيسىز ساقلىماستىن،
نەدە ھازىر تېلىفۇننى بىر ئەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

باشلىق باردا بىرەر مىنۇت بەلنى رۇسلاپ تۇرالمايسىز،
سورىماق بوپ بىرەر ئىشنى دۇدۇقلاپ يا سورالمايسىز،
كىسەل بولسا كۈتۈپ كۈندە يېنىدىن نېرى بولالمايسىز،
بىرەر قېتىم ئاچچىقلىنىپ «ئۆل!»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

ئاچچىقلىنىپ قاالسا باشلىق ئېچىلمايدۇقاپىقىڭىز،
يا ئۆتمەيدۇ گالدىن ياخشى بىرەر ۋاقلىق تامىقىڭىز،
ئۇخلىيالماي نەچچە كېچە بېسىپ كەتتى قاپىقىڭىز،
قىزىپسىزغۇ قان بېسمىنى ئۆلچەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

باشلىق دېسە تۈننى كۈندۈز كۈن چىقىپتۇ دېيەر بوپسىز،
ياقتۇرسا گەر قەلەندەرنى جۇل-جۇل كىيىم كىيەر بوپسىز،
كۆپ سىيىشنى زىيان دېسە كۈندە بىر ۋاق سىيەر بوپسىز،
بىر تال سۈڭەك تاشلاپ بەرسە «گۆش»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

مۇشتلاپ قويسا دولىڭىزغا بەك ئېشىپسىز ھەددىڭىزدىن،
«دادام »دەپسىز خوشامەت قىپ تېنىپ نەسلى_جەددىڭىزدىن،
بىچارىلىك چىقىپ تۇرار قاراپ باقسام ئەپتىڭىزدىن،
شۇ ھالەتتە «ھاياتىم بىر گۈل »دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

باشلىققىلا خىزمەت قىلىش بولۇپ قالدى ئادىتىڭىز،
چۈنكى باشلىق ئويىڭىزدا سىزنىڭ ئۆرلەش قانىتىڭىز،
ئۇ بولمىسا نەدىن كېلەر سىزنىڭ بەخت_ئامىتىڭىز.
خىيال ئىچرە كەلگۈسىنى كۆزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش.

نەچچە يىللاپ جاپا چېكىپ بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپسىز،
كۆپ ئېگىلگەچ بېلىڭىزمۇ تالىدىغان بولۇپ قاپسىز،
بېرەلمەپتۇ باشلىق پايدا ھەقىقەتكە ئۆتۈپ تاق سىز،
«مەن زادى كىم»دەپ شۇ ھالدا ئويلاپ بېقىڭ تەخسىكەش
   پىنھان بىر كوچىدا يىغلايدۇ بىر قىز.     
يوللاردا ماشىنا ماڭار شىپىشلاپ،
«كەلمەكتە قىيامەت»خورىنى ئېيتىپ،
يۇلتۇزلار كۆز تاشلار شۇنچىلىك سەبى،
ھەيرانلىق ئىلكىدە زېمىنغا بېقىپ.

مۇت بايلىق ئۈستىدە پۇشۇلدار بىرى،
كەۋسەرنىڭ لەززىتى قىلغاچقا بىھۇش.
ھەممە يەر تىپتىنىچ،تىمتاس شۇنچە تۈن،
گوياكى بىر ئۈلۈم دۇنيا ئۇنتۇلۇش.

يىراقتا جىمىرلار خىرە كۆز نۇرى،
پىنھان بىر كوچىدا يىغلايدۇ بىر قىز.
شۇ تارام يېشىدىن پۈتۈلگەن بىر خەت:
كۆڭۈلگە ئالدىراپ ئوت قويما ھەرگىز!
ئۇ دۇنيادىكى ئەسلىمە
 
نەۋباھار ،غۇنچىلار ئاچقاندا چېچەك،
غاپىللىق ئىچىدە ياشىدۇق ئاداش.
كۈز كېلىپ چۇشكەندە سۇلاشقان غازاڭ،
ئويغىنىپ ئۇلۇغ ئىش باشلىدۇق ئاداش.

ۋەلېكىن كېچىكىپ قاپتىمىز ئۇزۇن،
تېڭىرقاپ كاللىنى قاشلىدۇق ئاداش،
ئۇچقاچقا شىۋىرغان،توسقاچقا جۇدۇن،
نائىلاج بۇ ئىشنى تاشلىدۇق ئاداش.

ۋاقىت ئۇ گوياكى ئوق ئىكەن قايتماس،
يانالماي ياشلىققا قاقشىدۇق ئاداش،
ئالدىمىز چوڭ داۋان، كەينىمىزھەم ھاڭ!
ھەسرەتتە كۆزلەرنى ياشلىدۇق ئاداش.

سەكراتتا ئەۋلاتقا قىلىپ نەسىھەت:
«بۇگۈننى قەدىرلە،ياش»دېدۇق ئاداش،
«كېلىدۇ بۇ ياشلىق ساڭا بىر نۆۋەت،
چىڭ تۇتۇپداۋاندىن ئاش»دېدۇق ئاداش.

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-12-03

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ئاۋۇ «ئانامغا ئاتاپ»دېگەن شىئېرنى تونۇغاندەك قىلىمىنا،بۇرۇن داڭلىقمۇ يا داڭدارمۇ دېگەن مۇنبەرگە يوللانغاندەك
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 21:27

1-قەۋەت (adash) نىڭ يازمىسىغا

توغرا،بۇرۇن داڭلىققا يوللىغانىدىم.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-12-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 22:30

2-قەۋەت (ئويلان) نىڭ يازمىسىغا

ھە،ئەمىسە خېلى كونا ھەقەمسايىلەردىنكەنمىز جۇمۇ،شۇ چاغداماڭا بەك ياراپ كېتىپ  100سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاپتىم،ھازىر يانا مۇكاپاتلاي دېسەم بۇ مۇنبەردە قانداق مۇكاپاتلايدىكى،ھېچبىر بىلىپ بولاماي.
ئىشقىلىپ مۇنۇ تېمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،قوللىرىڭىز ھارمىغاي،قەلەمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!
شىئېرلىرىڭىزنى كۆچۈرىۋالسام ئىجازەتتۇ؟ دېمەكچىكى خاتىرەمگە كۆچۈرگەندىن سىرت باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىماقچىدىم.....
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-12-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 22:44

كەچۈرۈڭ،تولا ئىنكاس يېزىۋەردىم مالىماتاڭ قىلىپ  

«لەكىلدەپ نەچچە رەت سىرتتا.....»
كىچىكىمدە يامان جىق ئاڭلايتتىم لەكىلدەپ دېگەن  ئا  گەپنى،بۇرۇن پەقەت ئانامنىڭ ئاغزىدىنلا ئاڭلاپ باققان،بىزنىڭ ئۆيدىن باشقا يەردە ئاڭلاپ باقمىغان،ئانامنى،بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ ،،شۇ  شۇ ،شۇڭا يازدىم يانا ئىنكاسنى.
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 22:48

Re:2-قەۋەت (ئويلان) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى adash نىڭ 2011-05-21 22:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  2-قەۋەت (ئويلان) نىڭ يازمىسىغا :
ھە،ئەمىسە خېلى كونا ھەقەمسايىلەردىنكەنمىز جۇمۇ،شۇ چاغداماڭا بەك ياراپ كېتىپ  100سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاپتىم،ھازىر يانا مۇكاپاتلاي دېسەم بۇ مۇنبەردە قانداق مۇكاپاتلايدىكى،ھېچبىر بىلىپ بولاماي.
ئىشقىلىپ مۇنۇ تېمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،قوللىرىڭىز ھارمىغاي،قەلەمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!
شىئېرلىرىڭىزنى كۆچۈرىۋالسام ئىجازەتتۇ؟ دېمەكچىكى خاتىرەمگە كۆچۈرگەندىن سىرت باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىماقچىدىم.....   

ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن بەكلا سۈيۈندۈم . مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 241
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە241دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2649 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-01-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 23:15

پاھ نىمىدىگەن پاساھەتلىك ياخشى شىئېرلار بۇ!!!  چېقىمچى،تەخسەكەشنى ھەجەپ ئۇستىلىق بىلەن قامچىلاپسىز       يەنە«ئۇ دۇنيادىكى ئەسلىمە»دىگەن شىئېرىڭىزمۇ بەك مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ....................رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 13:22

بەك ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 13:35

داڭلىقتىكى بۇرادەرلەرمۇ باركەندە بۇ مۇنبەردە،كونا دوسلارنى كۈرۈپ خوش بولدۇم ،ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ   
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 2766 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-03
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 14:06

بۇ شېئىرلار بەك ياخشى چىقىپتۇ. ماشائاللاھ
ئىزدىنىشتىكى «لاتا» شائىرنى ئەسلەپ قالدىم يەنە....