ھۆددەس
(ئانامغا ئاتاپ)
گۆدەكلىك ئىچرە قەدرىڭنى بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس
زەررىچە جاۋاپ ئەجرىڭگە بېرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس،
ئۈنسىز تەر ئاققۇزساڭ بىزچۈن ئەتىدىن –كەچكىچە ئەينا،
قولغا قول بولغىلى بىر رەت كېلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
لەكىلدەپ نەچچە رەت سىرتتا ،سېنى غەم كۆلىگە تاشلاپ،
ھەتتاكى كېچىلەپ ئۆيگە كىرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس،
جاۋاپ بەر ئەي ئۇلۇغ ئانا ، جاپاغا بەنىتمۇ سەنلا؟
كىم ئۈچۈن ئاقاردى چاچلار ؟بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
ئەقىدە باغلىدىڭ بىزگە،دېمەستىن كەلگەيمۇ ۋاپا،
چوڭ بولۇپ ئالدىڭدا بوينى ئېگەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
مېھىرلىك قوللىرىڭ بىلەن بېشىمنى سىلىساڭ ئاستا،
بىزار بوپ سېنىڭدىن ھەتتا ،كۈلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
ئىزدەندىم ئۆزۈمچە:”كىمدۇ_جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان؟ “
سەنكەنسەن ئەسلىدە،كۆزگە ئىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
لاتاپەت سەندىلا ئارتۇق،ساخاۋەت سەندىلا ئارتۇق،
مۇھەببەت سەندىلا ئارتۇق،ئۆگەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
”ئەگەردە ئالسىڭىز رەھمەت مېنىڭدىن گۈللەيسىز ئوغلۇم، “
مەن ساڭا بىر قېتىم رەھمەت دېيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
”خالىسا گۈل ئۈنەر ئوغلۇم خۇشپۇراق مەن سۆيگەن جايدىن، “
كۆكەرگەن قولۇڭغا بىررەت سۈيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
”ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا جەننەتنىڭ ئىشىكى“ دېسە،
قالاقلىق دەپ قويۇپ باشتا ئىشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
نادامەت ئىچىدە ئويلاپ،چىشلىدىم قولۇمنى قاتتىق،
نى سەۋەب بار شۇنچە بەستىم،چۈشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
ئادەمبىز خاملا سۈت ئەمگەن(دېمەيسەن نېمىشكە تۆھمەت؟)
كەچۈرگىن گۆدەك ئوغلۇڭنى،خاتا قىپ ساپتىمەن ھۆددەس.
نائۈمىد قالمىسام دەيمەن،ئەمدى دەرت سالمىسام دەيمەن،
بىر تېمىم سۈتۈڭگە بەدەل تۈلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
ئاتالدى بۇ نەزمە سەنچۈن ،بۈيۈك سەن بۇنىڭدىن مىڭ گەز،
قۇۋۋىتىم شۇنچىلىك ئارتۇق تۈزەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
چېقىمچى
(ساتىرا)
_ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (سۇخەنچى)خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ(4).ئۇنىڭ بوينىدامەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ(5).
(سۈرە مەسەد:4-،5-ئايەتلەر)
نېچۇك پايدا تاپارسەن خەقنى چېقىپ چېقىمچى،
پىتنە ،ئىغۋا ئىچىدەجېدەل بېقىپ چېقىمچى،
تالمايدىكەن پۇتۇڭمۇ ماڭساڭ ئارام تاپماستىن،
كۈندۈزى ھەم كېچىسى چىراغ يېقىپ چېقىمچى.
تۇتىلاردەك سۆزلەيسەن شىكەر تامار تىلىڭدىن،
ھەسەت ئوتى چىرمىغان ،زەھەر تامار دىلىڭدىن،
رۇدىپاردەك چاپلاشقان قۇتۇلماق تەس سېنىڭدىن،
ئەگىشىسەن ھەرزامان پۇرسەت تېپىپ چېقىمچى.
ئىككى ئادەم ئارىدا گەپ -سۆز توشۇپ يۈرىسەن،
ئىناق بولسا ھەممەيلەن چوڭ ماتەمدەك كۆرىسەن،
دۈشمەنلەشسە ئەگەردە شادلىق پەيزى سۈرىسەن،
خوشاللىقتا ئاسمانغا دوپپا ئېتىپ چېقىمچى.
تېپىۋالساڭ بىر گەپنى چوڭايتىسەن مىڭ ھەسسە،
قالار سەندىن بۇ ئىشتا مىكروسكوپمۇ بىر پەستە،
خالى ئەمەس سەن بۇندىن ھەرزامان ،ھەرنەپەستە،
ئۆتەر كۈنۈڭ چوڭايتىپ ،ئادەم چېقىپ چېقىمچى.
ئۆسەك سۆزلەر تارقىتىپ ناپاك دېدىڭ پاكلارنى،
كۈلۈپ تۇرۇپ قورقۇتۇپ كېسەل قىلدىڭ ساقلارنى،
ھەسەت ئوتى چىرمىغاچ ئۆچ قىلدىڭ ئامراقلارنى،
كۆردۈڭ ياندىن تاماشا خوشال يېتىپ چېقىمچى.
ۋەيران قىلدىڭ قانچىلاپ ئۆم_ئىناق ئائىلىنى،
يېتىم قىلدىڭ قانچىلاپ بىچارىنى بالىنى،
بېسىقمىدى بۇ يۇرتتا جەڭ _جىدەل ئەڭ يامىنى،
سەن بولغاچقا ئىناقلىق بابىن ئېتىپ چېقىمچى.
ئادەم چېقىپ يۈرگىچە گازىر چاقساڭ بولمامدۇ،
ئەل قوينىدا گۈللىنىپ قۇدرەت تاپساڭ بولمامدۇ،
ئىلىم -ئىرپان كۆكىدە قانات قاقساڭ بولمامدۇ،
پايدا بېرەر دەريا بوپ لەرزان ئېقىپ چېقىمچى.
بولدى ئەمدى تاشلىغىن چېقىمچىلىق نۇمۇستۇر،
ئاقىۋېتى ئۇنىڭكى خانى ۋەيران بۇلۇشتۇر،
چېقىمچىلىق زۇلمەتلىك ،ھاقارەتلىك تۇرمۇشتۇر،
تۇرسۇن ھەرچاغ ھىدايەت زۇلمەت يېپىپ ،چېقىمچى.
تەخسىكەش
(ھەجۋى شېئىر)
بېلىڭىزدە كېسەل بارمۇ سۆزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش،
يا بىر نەرسە يىتۈكمىدى ئىزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش،
مەن خەلىقنىڭ چاكىرىمەن دەپ بەك يۇغان سۆزلەيسىز،
بىر ئىش بۇيراي تىزلا ماڭا «خوش»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
باشلىقىم دەپ سوكۇلدايسىز كۈن بويى ھېچ توختىماستىن،
بولسىڭىز گەر دېمەك بىر ئىش دېمەيسىزبىر ماختىماستىن،
«ساقلاپ تۇر»دەپ بىرلا كەتسە كېتەلمەيسىز ساقلىماستىن،
نەدە ھازىر تېلىفۇننى بىر ئەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
باشلىق باردا بىرەر مىنۇت بەلنى رۇسلاپ تۇرالمايسىز،
سورىماق بوپ بىرەر ئىشنى دۇدۇقلاپ يا سورالمايسىز،
كىسەل بولسا كۈتۈپ كۈندە يېنىدىن نېرى بولالمايسىز،
بىرەر قېتىم ئاچچىقلىنىپ «ئۆل!»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
ئاچچىقلىنىپ قاالسا باشلىق ئېچىلمايدۇقاپىقىڭىز،
يا ئۆتمەيدۇ گالدىن ياخشى بىرەر ۋاقلىق تامىقىڭىز،
ئۇخلىيالماي نەچچە كېچە بېسىپ كەتتى قاپىقىڭىز،
قىزىپسىزغۇ قان بېسمىنى ئۆلچەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
باشلىق دېسە تۈننى كۈندۈز كۈن چىقىپتۇ دېيەر بوپسىز،
ياقتۇرسا گەر قەلەندەرنى جۇل-جۇل كىيىم كىيەر بوپسىز،
كۆپ سىيىشنى زىيان دېسە كۈندە بىر ۋاق سىيەر بوپسىز،
بىر تال سۈڭەك تاشلاپ بەرسە «گۆش»دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
مۇشتلاپ قويسا دولىڭىزغا بەك ئېشىپسىز ھەددىڭىزدىن،
«دادام »دەپسىز خوشامەت قىپ تېنىپ نەسلى_جەددىڭىزدىن،
بىچارىلىك چىقىپ تۇرار قاراپ باقسام ئەپتىڭىزدىن،
شۇ ھالەتتە «ھاياتىم بىر گۈل »دەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
باشلىققىلا خىزمەت قىلىش بولۇپ قالدى ئادىتىڭىز،
چۈنكى باشلىق ئويىڭىزدا سىزنىڭ ئۆرلەش قانىتىڭىز،
ئۇ بولمىسا نەدىن كېلەر سىزنىڭ بەخت_ئامىتىڭىز.
خىيال ئىچرە كەلگۈسىنى كۆزلەپ بېقىڭ تەخسىكەش.
نەچچە يىللاپ جاپا چېكىپ بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپسىز،
كۆپ ئېگىلگەچ بېلىڭىزمۇ تالىدىغان بولۇپ قاپسىز،
بېرەلمەپتۇ باشلىق پايدا ھەقىقەتكە ئۆتۈپ تاق سىز،
«مەن زادى كىم»دەپ شۇ ھالدا ئويلاپ بېقىڭ تەخسىكەش
پىنھان بىر كوچىدا يىغلايدۇ بىر قىز.
يوللاردا ماشىنا ماڭار شىپىشلاپ،
«كەلمەكتە قىيامەت»خورىنى ئېيتىپ،
يۇلتۇزلار كۆز تاشلار شۇنچىلىك سەبى،
ھەيرانلىق ئىلكىدە زېمىنغا بېقىپ.
مۇت بايلىق ئۈستىدە پۇشۇلدار بىرى،
كەۋسەرنىڭ لەززىتى قىلغاچقا بىھۇش.
ھەممە يەر تىپتىنىچ،تىمتاس شۇنچە تۈن،
گوياكى بىر ئۈلۈم دۇنيا ئۇنتۇلۇش.
يىراقتا جىمىرلار خىرە كۆز نۇرى،
پىنھان بىر كوچىدا يىغلايدۇ بىر قىز.
شۇ تارام يېشىدىن پۈتۈلگەن بىر خەت:
كۆڭۈلگە ئالدىراپ ئوت قويما ھەرگىز!
ئۇ دۇنيادىكى ئەسلىمە
نەۋباھار ،غۇنچىلار ئاچقاندا چېچەك،
غاپىللىق ئىچىدە ياشىدۇق ئاداش.
كۈز كېلىپ چۇشكەندە سۇلاشقان غازاڭ،
ئويغىنىپ ئۇلۇغ ئىش باشلىدۇق ئاداش.
ۋەلېكىن كېچىكىپ قاپتىمىز ئۇزۇن،
تېڭىرقاپ كاللىنى قاشلىدۇق ئاداش،
ئۇچقاچقا شىۋىرغان،توسقاچقا جۇدۇن،
نائىلاج بۇ ئىشنى تاشلىدۇق ئاداش.
ۋاقىت ئۇ گوياكى ئوق ئىكەن قايتماس،
يانالماي ياشلىققا قاقشىدۇق ئاداش،
ئالدىمىز چوڭ داۋان، كەينىمىزھەم ھاڭ!
ھەسرەتتە كۆزلەرنى ياشلىدۇق ئاداش.
سەكراتتا ئەۋلاتقا قىلىپ نەسىھەت:
«بۇگۈننى قەدىرلە،ياش»دېدۇق ئاداش،
«كېلىدۇ بۇ ياشلىق ساڭا بىر نۆۋەت،
چىڭ تۇتۇپداۋاندىن ئاش»دېدۇق ئاداش.