ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-05-24 14:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
12-سىنتەبىردە بىز قاشلىغان يارا ھازىر راكقا ئايلاندى دىگەن مەزمۇندا بىر دىئالوگ باركەن ،، بۇ ۋەقەدە نىمىنى كوزدە تۇتۇلىدۇ ؟؟
12-سىنتەبىر ۋەقەسى دېگىنى 1980-يىلى ھەربىي ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەربىي گېنرال كەنئان ئەۋرەن تۇيۇقسىز ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى جۇمھۇر رەئىس دەپ ئاتاپ، تۈركىيەدە نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى سىياسىي جىنايەتچى دەپ تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ ھەربىي دىكتاتورلۇق ھوكۇمرانلىقىدا توققۇز يىللىق قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشلاتقان.
بۇنداق سىياسىي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا كۆرسەتكەن باھانە سەۋەبلىرىدىن بىرى: 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ كونيادا "شەرىئەت"نى يولغا قويۇش مەقسىتىدە "قۇددۇس نامايىشى" ئۆتكۈزگەنلىكى. كەنئان ئەۋرەن تۈركىيەنىڭ شەرىئەت دۆلىتى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قاتتىق ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان ۋە بارلىق پارتىيەلەرنى تاقىۋەتكەن، رەھبەرلەرنى قولغا ئالغان....
ئىسرائىلىيەلىك خادىم شۇڭا بۇ ۋەقەنى "بىز قاشلىغان يارا"، "بۇ يارىنى راك كېسىلىگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئەجەلنى تېزلىتىش"لازىم دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ.
سىز بەلكىم "دادام ۋە ئوغلۇم" ناملىق بىر فىلىمنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.
بۇ فىلىمدىكى باش قەھرىمانمۇ مۇشۇ 12-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانى. بۇ ۋەقە تۈركىيە تارىخىدىكى بىر پاجىئە.
بۇ قانلىق پاجىئەدە ناھەق ئۆلگەنلەرنىڭ سورىقى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
[ بۇ يازمىنىdilara 2011-05-24 15:38قايتا تەھرىرلىدى ]