查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە خەتلىك: بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق 121-قىسىمدىن ئارىيە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ئۇيغۇرچە خەتلىك: بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق 121-قىسىمدىن ئارىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

dilara 2011-05-21 04:54

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ فىلىمنى كەڭساي تورىدىكى پائالىيەتكە ئاتاپ تەرجىمە قىلدىم، قوبۇل قىلغايسىزلەر.
[attachment=10726] 
[attachment=10725] 

[attachment=10729]



ئەسەرگە قويۇلغان تەلەپ:

1.چوقۇم تەرجىمە ئەسەر بولۇشى كېرەك.  (شۇنداق، مەن تەرجىمە قىلدىم)
2.مەزمۇنى ساغلام،ئەھمىيەتلىك،ئىلغار ئىدىيىلىك ۋە يېڭىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. (ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك مەزمۇن)
3.ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ راۋان تەرجىمە قىلىنغان،ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،تىنىش بەلگىلەر جايىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى كېرەك. (بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم)
4.پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر بىردەك << كەڭساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى>> سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك. (تۇنجى قېتىم كەڭسايغا يوللىدىم. پائالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر كەڭسايدىن يۆتكىمەيمەن)
5.تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى،ئەسەر مەنبەسى(كىتاب نامى،نەشىر قىلىنغان يىلى،بەت سانى ياكى توردىكى ئۇلانما ئادرېسى...) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. (فىلىمنى توردىن چۈشۈرۈپ 6 مىنۇتلۇق قىسمىنى كەستىم. مەنبە تۈركچە تور بەت)
6.مۇنبەردىكىلەرگە مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلەيدۇ دەپ قارىغان، ھەرقانداق تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.  (بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق 121-قىسىمدىكى قارا جەمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۇ قىسقا سۆھبىتى ئارقىلىق، تەپرىقچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتەلەيمىز دەپ ئويلىدىم. ئىچكى ئۇرۇش، جېدەل-ماجرانىڭ مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ بىزنىڭ ئاجىزلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكە سېلىش يۈزىسىدىن بۇنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلدىم.)
 ھۆرمەت بىلەن: كەڭسايدىن دىلارا


abduwali123 2011-05-21 11:31
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك دىئالۇگ

saifulla 2011-05-21 11:49
ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇن.. ساقلىۋالساق بولغۇدەك.

تاھىربەگ 2011-05-21 11:52
چوك تەشەككۈر كارداشىم

muhtarbay 2011-05-21 13:21
ھەقىقى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىز

borayar 2011-05-21 15:28
سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ئىدىم. مۇمكىن بولسا ئالاقە  ئادرېسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، ۋەياكى مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ:
چ چ330222140

sodigar 2011-05-21 18:36
ھەقىقى ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ ..مەزمۇنى خېلى سىياسى تۈسكە ئىگە ئىكەن.
بۇ فىلىم ئارقىلىق ئىراق،ئابغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەزھەپلا تۇقۇنىشىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە مەسچىتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار نامى بىلەن پارتلىتىلىشىدىكى ئارقا كۈچلەرنى چۈشۈنىۋالغىلى بۇلىدىكەن.

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

ئەسەت 2011-05-22 02:38
ھە ،ھازىرقى ۋەزىيەتنى ياخشى تەھلىل قىىلىپتۇ!!!

aydingkiqa 2011-05-22 07:54
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل مەزمۇن ئىكەن.

arzuyum 2011-05-22 11:00
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر !

rayhan 2011-05-23 11:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ...ئاللانىڭ رەھمىتى بولسۇن قېرىندىشىم .....مۇشۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي .....«بىلگەننى ئەلدىن ئايىما»   دەپتىكەن كونىلار ......

muhtarbay 2011-05-23 11:12
بۇ كىنودىكى دىئالوگلار ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ ،يامان يېرى ماۋۇ ھەپتە چىقماي كوڭەل يىرىم

dilara 2011-05-23 22:59
  بۇ فىلىمنى ياڭيۇ تورىدىن ئۆچۈرۈپتۇ.
كەڭساي بوشلۇقىغا چىقىرىپ قويسام بولاتتى. قانداق چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار

dilara 2011-05-23 23:56
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام باشلىق، سىزگە كۆپ رەھمەت. ئەپسۇس، مەن ئۇ يەرگە يەنىلا كىرەلمىدىم. مەخپى نۇمۇرنى تەكرار تەكرار توشقۇزغان بولساممۇ، مېنى قوبۇل قىلمىدى. فىلىمنى سىزگە يوللاپ بەرسەم بولغۇدەك. قىسقا ئۇچۇردا جمەيىل ئادرېسىڭىز نى بەرسىڭىز، سىزگە ئەۋەتەي. فىلىمنى ف ل ۋ فورماتقا ئايلاندۇرۇپ كىچىكلەتتىم، ھازىر 12 مىگابايت ئەتراپىدا كېلىدۇ.
[attachment=10761]

kangsay 2011-05-24 00:05
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،بوپتۇ ئىلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بىرىڭ ئەمىسە:
kangsayda@sina.com
1245851217@qq.com
بۇنىمۇ سىناپ باقارمىز!!

قاراخان0998 2011-05-24 01:50
ئاپلا ،فىلىم قۇيۇلمىدى ،

dilara 2011-05-24 13:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى قاراخان0998 نىڭ 2011-05-24 01:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاپلا ،فىلىم قۇيۇلمىدى ،

فىلىم كەڭساي بوشلۇقىغا چىقىرىلدى. ئەمدى ئاچسىڭىز ئاپتۇماتىك قويۇلىدۇ، كۆرەلەيسىز.

fatih204 2011-05-24 14:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
12-سىنتەبىر دىكى قاراش ھازىر راكقا ئايلاندى دىگەن مەزمۇندا بىر دىئالوگ باركەن ،، بۇ ۋەقەدە نىمىنى كوزدە تۇتۇلىدۇ ؟؟
يانە بىر گەپ مۇشۇ پۇسۇ ھەممە قىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى ، ياكى ئوزبىكچە تەرجىمىسىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟

dilara 2011-05-24 15:15

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-05-24 14:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
12-سىنتەبىردە بىز قاشلىغان يارا ھازىر راكقا ئايلاندى دىگەن مەزمۇندا بىر دىئالوگ باركەن ،، بۇ ۋەقەدە نىمىنى كوزدە تۇتۇلىدۇ ؟؟ 


12-سىنتەبىر ۋەقەسى دېگىنى 1980-يىلى ھەربىي ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەربىي گېنرال كەنئان ئەۋرەن تۇيۇقسىز ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى جۇمھۇر رەئىس دەپ ئاتاپ، تۈركىيەدە نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى سىياسىي جىنايەتچى دەپ تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ ھەربىي دىكتاتورلۇق ھوكۇمرانلىقىدا توققۇز يىللىق قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشلاتقان.
بۇنداق سىياسىي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا كۆرسەتكەن باھانە سەۋەبلىرىدىن بىرى: 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ كونيادا "شەرىئەت"نى يولغا قويۇش مەقسىتىدە "قۇددۇس نامايىشى" ئۆتكۈزگەنلىكى. كەنئان ئەۋرەن تۈركىيەنىڭ شەرىئەت دۆلىتى بولۇپ قېلىشىنىڭ  ئالدىنى قاتتىق ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان ۋە بارلىق پارتىيەلەرنى تاقىۋەتكەن، رەھبەرلەرنى قولغا ئالغان....

ئىسرائىلىيەلىك خادىم شۇڭا بۇ ۋەقەنى "بىز قاشلىغان يارا"، "بۇ يارىنى راك كېسىلىگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئەجەلنى تېزلىتىش"لازىم دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ.

سىز بەلكىم "دادام ۋە ئوغلۇم" ناملىق بىر فىلىمنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.
بۇ فىلىمدىكى باش قەھرىمانمۇ مۇشۇ 12-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانى. بۇ ۋەقە تۈركىيە تارىخىدىكى بىر پاجىئە.
بۇ قانلىق پاجىئەدە ناھەق ئۆلگەنلەرنىڭ سورىقى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.



dilara 2011-06-08 12:52
كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار ئادرېس بولسا، دەپ بەرسەڭلار

rayhan 2011-06-08 15:38
يوق ...ئويغۇرچە ئەمەس ھازىرغىچە پۇسۇسىنى پۇتۇنلەي تۇرۇكچە كۇرۇپ كىلىۋاتىمىز....

fatih204 2011-06-08 19:07
تۇركچە كورسىمۇ چۇشىنەلەمدىكەنسىز رەيھان ؟؟  ياكى ئاز تولا بىلەمسىز يا تۇركچىنى ؟
مەنغۇ بىر جۇملە گەپنى چۇشەنمىسەم كورگۇم كەلمەيدىغان مىجەزىم بار  

ohho~duqu 2011-06-14 23:15
بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقى قەستىمىدۇ؟

oylinish 2011-09-07 10:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ماڭا  بىر ياردەم قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
بۇ فىلىمنى يوللىغان بوشلۇقنىڭ ئادىرىسىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز...

تاھىربەگ 2011-09-07 12:29
كوردلار ۋادىسى فەلەستىن
ئۇيغۇرچە خەتلىك
، تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرەڭ



http://www.wisalstudio.com/uy/watch.php?id=34

dilara 2011-11-17 03:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-09-07 10:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ماڭا  بىر ياردەم قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
بۇ فىلىمنى يوللىغان بوشلۇقنىڭ ئادىرىسىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەن ئۇلىنىش قىلغان بوشلۇقتىن ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ. قارىغاندا بىرەرسى پاش قىلىپ举报 ئەرىز قىلغان ئوخشايدۇ.
پەقەت مۇشۇ كەڭسايدىلا كۆرگىلى بولغۇدەك.

dilara 2011-11-17 15:00
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى ohho~duqu نىڭ 2011-06-14 23:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقى قەستىمىدۇ؟

شۇنداق دەپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىزغۇ...

توران 2011-11-17 15:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇنبەردە تۈركچە بىلىدىغانلار بولسا ھەمكارلىشىپ ، {بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق} ناملىق فىلىمنى  خەتلىك شەكلىدەتەرجىمە قىلغان بولساڭلار!
ئاز-ئازدىن بولسىمۇ!!!!
بۇ فىلىم ئارقىلىق دۇنيانى چۈشۈنۈش، ھەم دىن دۈشمەنلىرنىڭ ئىسلام رايۇنلىرىغا پىلانلىغان سۇيقەست،ئەپتى-بەشرىلىرنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ
تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

تەقۋا571 2011-11-17 23:31
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل مەزمۇن ئىكەن.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە خەتلىك: بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق 121-قىسىمدىن ئارىيە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062408 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us