قۇرلۇش بانكىسدا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.- ئەتىگەن . بانكىدا جىق ئادەممۇ يوق. ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە زال دىرىكتورى زالدا ئەسنەپ دىگۈدەك ئولتۇراتتى. شۇ ئارىدا بىر ئايال كەلدى . دە مىنىڭ ئۇدۇلۇمغا كىلىپ تۈشۈكتىن بىر قەغەزنى سۇندى. ئېلىپ قارىسام 中央派来的,取钱دىگەن خەت .دەماللىققا نىمە قىلىشنى بىلمەي بانكىنىڭ جىددى سىگنالىنى بېسىشنى ئويلىدۇم يۇ ئاستا ئۇ ئايالغا قارىدىم . قارىسام خېلى بىر خىللا . شۇنىڭ بىلەن مەن ئامانلىق ساقلىغۇچنى چاقىرىپ كەلدىم دە خەتنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . ئۇمۇ دەماللىققا تۇرۇپ قالدى دە تىزلا بۇ قەغەزنى بۇنداقلا بەرسىڭىز بىز پۇل بىرەلمەيمىز. تامغىسى يوقكەن. شۇڭا يولنىڭ ئۇدۇلدىكى ئاۋۇ پەيچىسوغا بىرىپ سوجاڭنىڭ تامغىسىنى بېسىپ ئەكىلىڭ . ئاندىن بىز پۇل بىرەيلى دىۋىدى ھېلقى ئايال رەخمەت دىيشنمۇ ئۇنتۇپ چىقىپ كەتتى .قاراپلا قالدىم.ئارقىدىن ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئەقىلگە ئاپىرىن ئۇقۇدۇم. ئۈزۈمنىڭ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىجىرەلمىگىندىن ئەپسۇسلاندىم . ئارلىققتا ئالىدىراش بۇلۇپ كەتتۇق. چۈشلۈك تازا ئالدىراش ۋاقىتا بىشىمنمۇ كۈتۈرمەي ئىشلەۋاتاتتىم تۇيۇقسىز تۈشۈكتىن بىر قەغەز سۇنۇلدى. ئېلىپ قارىسام يەنە شۇ . بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىدىم دە تامغىچۇ؟ بايا پەيچسوغا كىرگەندىم .دەرۋازىدىكى ساقچى بۇنى كۈرۈپ بۇنچىلىك ئىشقا سوجاڭنى ئاۋارە قىلىش كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى مەركەزدىن ئەۋەتىپتۇ . شۇڭا بېرىپ پۇل ئالسىڭىز بۇلىدۇ دىدى. ھە . ئەمدى قانداق قىلارمەن،ساقىچىلارمۇ مەسئۇليەتتىن قېچىپ مەسئۇليەتنى بىزگە ئىتتىرىپ قۇيۇپتۇ. ئاخىرى مەسلە چىقسا كىم ئىگە بۇلىدۇ؟ .شۇنىڭ بىلەن زال دىرىكتورىنى چاقىرىپ كەلدىم . ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممسىنى ئۇققاندىن كىيىن خەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ : بىز دىگەن 建设银行،مەخسۇس قۇرلۇش سالىدغان .ئۆي سالىدىغان كىشلەرگە پۇل بىرەلەيمىز. شۇڭا سىز ئۇدۇلدىكى يېزا ئىگلىك بانكسسى بىلەن سودا سانائەت بانكىسغا بېرىپ پۇل ئېلىڭ دىۋىدى . ھېلقى ئايال چىقىپ كەتتى. پاھ نىمە دىگەن ئەقىللق بىزنىڭ زال دىرىكتورى ھە . بىردەمدىن كىيىن ھېلقى ئايال يەنە كىردى. مەن يەنە نىمە بولدى دىدىم . ئۇ :يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا كىرگەندىم . ئۇلار بىز پەقەت يېزا نۇپۇسىغا پۇل بىرەلەيمىز. سىنىڭ نۇپۇسۇڭ شەھەر نۇپۇسى ئىكەن. دىدى . شۇنىڭ بىلەن سودا سانائەت بانكىسغا كىرسەم ئۇلار بىزدىگەن 工商银行(公 سەن ئايالكەنسەن ،كەچۈرگىن دىدى. ئاھ خۇدا بانكىلارمۇ نىمانداق ئەقىللىقلىشىپ كەتكەندۇ؟ شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىشنى مەسىلھەتلىشىپ تۇرساق بانكمىزنىڭ باشلىقى كەلدى .ھەم ھەممە ئىشلارنى سوراپ بىلگەندىن كىيىن كەچۈرگىن سىنى 中央派来的,ئەۋەتىپتۇ. بىز ناھىيە دەرىجىلىك بانكا. بىزنىڭ چىشىمىز پاتمايدۇ. شۇڭا سەن ئەڭ ياخشسى 中行دىن پۇل ئالغىن دىۋىدى ھېلقى ئايال چىقىپ كەتتى .