بۈگۈن ناھىيەدە بىربانكىغا كارتابېجىرگىلى كىرىپ،جەدىۋەلنىڭ ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە توشقۇزدۇم. بانكا خىزمەتچىسى جەدىۋەلگە قارىۋەتكەندىن كېيىن.
-خەنزۇچە ياز، بىلمىسەڭ باشقىلار يېزىپ بەرسۇن،- دەپ تاشلاپ بەردى.
-مەن يېزىشنى بىلىمەن ،بىراق مەن ئۇيغۇر شۇڭا ئۆزۈمنىڭ يېزىقىنى ئىشلىتىمەن،- دېدىم سەل تېرىكىپ.
-سېنىڭ بۇ يېزىقىڭنى كىم چۈشىنىدۇ ؟قايتىدىن ياز،-دەپ ئۆز ئىشىنى قىلدى. پەقەتلا چىدىماي ئۇنىڭغا قاراپ:
- سېنىڭ ماۋۇ جەدىۋىلىڭدە ئۇيغۇر يېزىقى يېزىشقا بولمايدۇ! دېگەن ئەسكەرتىش بارمىكەن ؟ياكى ئاۋۇ تامغا شۇنداق ئېسىپ قويغان قانۇنلۇق ئەسكەرتمە بارمىكەن؟- دەپ ۋارقىرىدىم -دە ،يانچۇقۇمدىن 100 يۈەن پۇل بىلەن كىملىكىمنى چىقىرىپ ئالدىغا تاشلىدىم .
-قاراپ باق،ماۋۇ جوڭگو خەلق پۇلى بىلەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئۇيغۇر يېزىقى بېسىلىپتىمۇ؟ مۇشۇ نەرسىگە بېسىلىشقا سالاھىيىتى توشقان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ سېنىڭ مۇشۇ جەدىۋىلىڭگە يېزىلىشىغا سالاھىيىتى توشمامدىكەن؟ ئاۋۇ مېنىڭ دۆلەت بەرگەن قانۇنلۇق كىملىكىمگە قاراپباق ، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئىسىم بارمىكەن؟ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئىسمىم، ئادرېسىم قانۇنىي كۈچكە ئىگىمىكەن؟ سېنىڭ باشلىقىڭ يوقمۇ ؟ بۇ ئورۇندا پىكىر ساندۇقى يوقمۇ؟ ماۋۇ خىزمەتنى يەنە ئىشلىگۈڭ بولسا قۇرۇق گەپنى جىق قىلماي ۋەزىپەڭنى ئورۇندا،مېنىڭ ۋاختىم سېنىڭكىدىن قىس.
ھېلىقى خىزمەتچىنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، پۇت-قولى تىترەپ كەتتى .كارتىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا ھەممەيلەن، يارايسەن ئۇكام، يارايسەن دەپ ! ماختىشىپ قالدى.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ،بىزنىڭ باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىمىزدىكى مەقسەت، باشقىلارنىڭ مەقسىتىنى چۇشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈش .......
_______________________________________
گېنېرال ئىملانى تەھرىرلىدى.[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-05-20 11:11قايتا تەھرىرلىدى ]