باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6375 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: قىپچاق-قازاق كىتاپلىرىدا چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 1790 %
مۇنبەر پۇلى: 2404 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-10-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 18:22

قىپچاق-قازاق كىتاپلىرىدا چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2011-05-22)
 
قىپچاق - قازاق كىتاپلىرىدا چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
قازاق - قىرغىز خەلىقى قىپچاق تۈرىكلىرى بۇلۇش بىلەن ، كەڭ تۈرىك مىللەت دەرىخىنىڭ بىر شېخى ھىساپلىنىدۇ . تاتار باشقىرىت تۈركولوگى زەكى ۋەلىدى توغان ئۆزىنىڭ << تۇرىك تارىخىغا كىرىش >>( تۈرىك تىلىدىكى ) ۋەزنىلىك ئالەمشۇمۇل شۆھرەتلىك كىتاۋىدا ھازىرقى قازاقلار ، قىرغىزلار ، تاتارلارنىڭ بىر قىسمى كاۋكازىيەلىكلەرنىڭ قىسمەن ئەجداتلىرى ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم تۇرىكلىرىنىڭ بىرقىسمى ، قارا قالپاق ... ، كۇمان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىقى كاۋكاز ئەتىراپى شىمالىدىكى مىلەتلەرنى قىپچاق تۈرىكلىرىگە تەۋە دەپ قارىغان ئىدى . ئۇندىن باشقا ئەزەربەيجان ، سالجۇق تۈرىكلىرى ، تۈرىكمەنلەر ( ھازىرقى ئىراق ، سۈرىيە ، سېربىيە ، ئىران رومانىيە تۈركلىرى ) ، تۇرىكمەنىستان تۇركلىرى ،ئۆزبېك ، ئۇيغۇر - سېرىق ئۇيغۇر ، ياقۇت - تۇۋا ... تۇرىكلىرى قەدىمىقى ئۇغۇز تۈرىكلىرى جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇغۇز تۈرىكلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە كىرىشىنىڭ قىپچاق تۈرىلىرىدىن بۇرۇن بۇلغانلىقىنى ... ، ئۇلارنىڭ تارىختا يىپەك يۇلى مەدىنىيىتدە ئاجايىپ ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى يازغان ... ئۇندىن باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيادا قىپچاقلار << سارىت >> (قەدىمىقى تۇرك تىلىدا سۇدىگەر دىگەنلىك ) دەپ قۇيىدىغان قەۋىملەرنىڭ ياراتقان مەدىنىيەتلىرىنىڭ ، پۈتۈن تۈرىك خەلىقلىرىگە ئۇلگە بۇلىدىغانلىقىنى قەيىت قىلغان ...
قانداقلا تارىخىي دەلىلنى كەلتۈرمەيلى ، قازاق - قىرغىز دەپ ئاتالغان قەۋىملەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر يەردە ياشاپ ، خۇشنا بۇلۇپ كەلگەن . ئۇلار تىل ، مەدەنىيەت ، ئۆرىپ ئادەت... ۋە باشقا مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكتىن يېقىنلىقى ، قان جەھەتتە بىردەكلىكى سەۋەپلىك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز ئارا خۇشنا بۇلۇپ ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن ... بۇ ھەقتە تارىخىي پاكىتلار يېتەرلىك . بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بۇلمايدۇ ...
قازاقلار تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن تالاي كۇلپەتلەرنى مۈرىنى مۇرىگە تىرەپ دىگۈدەك ئۆتكۈزدى . بۇ خەلىق جۇڭغار باسقۇنچىللىرى دەۋرىدە ، ئۇلارغا قارشى تۇركىستان شەھىرى ئەتراپلىرى ، ئامۇ دەريا شىمال شەرقىدىكى قارا تاغ ئېتەكلىرىدە ، بايقال بۇيلىرىدا 16 - ئەسىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ، ھەتتا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشلاردا ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرنىيەتتە بۇلۇپ كەلدى ... ، ئۇلاردىن شۇ دەۋىردە تەۋكەخاندەك بۈيۈك پادىشا يۇل باشچىللىرى يېتىشىپ چىقتى ... ئۆزبەكخان ۋە شايبانىلار دەۋرىدە ماۋنە نەھىر ئۇيغۇرلىرى بىلەن قازاق - قىپچاقلىرىنىڭ يۇغۇرىلىشى تېزلەشتى تاشكەنىت ، چىم كەنىت شەھەرلىرىگە قازاق قەبىلىلىرى كۆچۈپ كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن قان جەھەتتە تېخىمۇ قۇشۇلدى ... ، دىمەك بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆزبەك مىلىتىنىڭ شەكىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى ھىساپلىنىدۇ ...
بۇمىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ھەتتا 18 -19 -ئەسىرنىڭ بۇسۇغىغىسى ۋە ئۇتۇرلىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلدى ... دۆۋلىتىمىزدىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىللىرى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە . سۇدا قىلىپ تاغلارغا ، يايلاقلارغا بېرىپ قازاق قەبىلىللىرى بىلەن مال ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كەسپىي سۇدىگەرلەرنى ئۇيغۇرلار << قىرچىلار >> دەيدۇ . يەنى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار سۇدىسىنى << قىرچىلىق >> دەپ ئاتايدۇ . مانا مۇشۇنداق باغلىنىش سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە قازاق - قىپچاقلارنى ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ . يازغۇچىللىرىمىز ھەتتا ھەرقانداق تارىخىي ئەسەرلىرىدە ، قازاق - ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ : << ئانا يۇرۇت >> تا ، << ئىز >> رومانلىرىدا قازاق قەھرىمانلىرى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان . تارىخىي كىتاپلىرىمىز بۇ قىپچاق قەۋىملىرىگىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن بەرگەن ، نەۋايىنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرىدە قازاق - ئۇيغۇرلارلا ئەمەس دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەۋرىشكىللىرى بار ... ، بىزنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلغاندۇر ... . مانا بۇ ئەجداتلىرىمىزدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ... .
بىزدە بۇ ھەقتە ئىسپاتلار يېتەرلىك ، ئەمما مۇشۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي كۆپلىگەن قازاق كىتاپلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياراتقان مەدىنىيەتكە ئائىت ھېچقانداق بىر ئۈلگۈلەرنى ئۇچۇراتقىلى بۇلمايدۇ . مەشھۇر ئىكىسپىدىتسىيەچى چوقان ۋەلىخانۇپ 19 - ئەسىرنىڭ بۇسۇغۇسىدا ، چارپادىشانىڭ ئىشپۇيۇنى بۇلۇپ ، ئۇيغۇر رايۇنىغاكىرگەنلىكى قازاق ۋەرۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇنىڭ قۇل يازمىللىرىدا ئۇچۇق ئېيتىلغان ... ( ئەلۋەتتە بۇ بىر قېرىنداش مىللەتتىن چىققان ئالىمنىڭ ئىنسانىيلىق شەنىگە سېلىنغان قارا داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس ) . بۇلا ئەمەس قازاق - قىپچاق خەلىقى بىزلەرگە شۇنچىلىك قېرىنداش ، قانداش كېلىدۇيۇ ئەمما ، نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ۋەكىللىرى بۇلغان ئەدىپ -ئالىملىرى ، ئىنسانىيلىق بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دادىل ، كەسكىن بىرنەچچە ئېغىز يازما يېزىشتىن شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ .. ياكى كۆزى كىچىكلىك قىلىدۇ . مەن خېلىدىن بېرى قازاق خەلىقىنىڭ سۆيۈملىك ئاقىن - شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى جۈملىدىن مۇقاغالى مۇقاتايېۋ ، مۇختار ماغاۋېن ، مۇختەر شاقان ... قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيىنىش بىلەن ئۇقۇغان ، ئۇقۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بىراق يېقىندىن بۇيات نەشىر قىلىنغان قازاق تىلىدىكى كىتاپلاردىكى بەزى مەسىلىلەر ، ئۇيغۇر مەدىنىيەتىگە بۇلغان ھۆرمەتسىزلىكلەر ، دارىتما - ياپتا گەپلەر مېنى قازاق ئەدىپلىرىدىكى ، قەلەمكەشلىرىدىكى ئىنسانىيلىقتىن ، سەمىمىيەتتىن گۇمانلاندۇرۇپ قۇيدى ..، ئەلۋەتتە ھەرقانداق قەلەمكەش ئىنسانىيلىقنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيىشى ، شۇ ئاساستا مىللىيىك بىلەن ئۇنى يۇغۇرىشى ، باشقا مىللەت مەدىنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى شەرىت ... بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تارىخىي ئەسەرلەردىن ، يازمىلىرىدىن بۇ ھالەتنىڭ - قەدىمىي مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەتلىرىگە ئايىت ئىزنالارنى ، ئۇچۇق ئىپادىلەرنى تاپالمىدىم ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم :ئاخىرى بۇ بىنۇرمال ھادىسەلەرنى ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلەر ئالدىدا ئاشكارىلاشنى تۇغرا تاپتىم ...
مەن يېقىندا ئۇتتۇرا ئاسىياغا سۇدا بىلەن چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدىن ، قىرغىزلارنىڭ بەزى تارىخچىللىرىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ ، تارىخىي كىتاپلىرىغا << ئۇيغۇرلارنى بىز يەنسەي بۇيلىرىدىن قىتان، تۈبەتلەرنىڭ ھىمايىسىدە سۈر-تۇقاي قىلىپ بۇياقلارغا قۇغلىغانمىز ... ، ئۇلار ئەشۇنداق خەلىق ، بىز ھازىرمۇ ئۇلارنى بۇيەردىن قۇغلىشىمىز كىرەك ...>> دەپ يازغانلىقىنى ئاڭلىدىم . ئۇندىن باشقا مەشھۇر دۇنياۋى شەخىس يازغۇچى چىڭغىىز ئايىتماتۇۋ ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان بۇلسىمۇ قىرغىزلار ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ << سەن قىرغىزسەن ... ئەگەر مۇشۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىريازما يېزىلغان گېزىت ، نەشىريات ئۇرنى بۇلسا ئۇنى پىچەتلىگۈزىۋېتىمىز دىگەنلىكى ... >> مەلۇم . مەن بۇ ھەقتىكى پاراڭنىمۇ رايۇنىمىزدىكى بىر گېزىتخانا مەسۇلىدىنمۇ ئىشىتكەن ئىدىم ... قىرغىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي مەدىنىيەتىگە باشقىچە سۇغۇق مۇئامىلىدە بۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ ... بۇندىن سىرىت قازاقىستان مۇستەقىل بۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن قازاقلار ، << ئۇيغۇرلار دۆۋلىتىگە چىقىپ كەتسۇن ...>>دەپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ، نەزەربايۇپ << ئۇيغۇرلار بۇلمىسا يەتتە سۇ رايۇنىدىكى دىخانچىىلىق تۇختايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن قازاقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاخساپ قالىدۇ ... >>دەپ قازاق ئامىسىنىڭ غەزىۋىنى پەسەيىتكەن ئىكەن ...
بۇ ئىشلارنى ئاز دىگەندەك دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن غۇللۇق قازاق ئەدىپ ، تارىخچى - مەدەنىيەتشۇناسلاردا بۇخىل ئايرىمىچىلىق يېقىندىن بۇيان خېلىلا ئېغىردەرجىدە باش كۆتۈردى ... بىزگە مەلۇمكى غەرىبىي يۇرۇتلۇق ئەل قىدىر مۇڭغۇللار قۇرغان يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەرىبىي يۇرىتتىن ئىچكىرىي رايۇنلارغا بېرىپ ، موڭغۇل خان ئۇردۇسىدا تۇرغان ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر خەرىتەسىنى سىزىغان .ئۇ نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ئېنجىنېرى ئىكەنلىكى << يۈئەن سۇلالىسى تارىخى >> دا ئۇچۇق ئېيتىلغان . خەنزۇلارنىڭ داڭلىق ئارخىلۇگى جىداچۈن يازغان خەنزۇ تىلىدىكى 1997-يىل10-ئايدا نەشىر قىلىنغان ، << شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت سوئال جاۋاپلار >> دىگەن كىتاپنىڭ 80 - 85- بەتلىرىدە ، يۈئەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىدىن داڭلىق ۋەزىر ئارخۇن سارى ، مازۇچاڭ ، مۇزىكانىت گۈئەن يۈن شەن ... لەر قاتارىدا بېيجىڭ شەھىرىنى لاي ھەلىگۈچى ئىنجىنىر ئەلقەدىرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي پاكىتلار بىلەن تۇختالغان . ئەلقىدىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان << يۇئەن سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلەر >> دىگەن كىتاپتىمۇ بايانلار بار .
بىراق قىززىق يېرى شۇكى ، مەن يېقىندا قازاق تىلىدا ئىلى خەلىق نەشىرياتى 2006-يىل 10 -ئايدا نەشىر قىلغان ، پولات كەرىبايېۋ يازغان << قازاقلارنىڭ ئۆي قۇرلىش مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇر ئەلقەدىرنى قانداقتۇر تارىخىي پاكىتلارنى چۆرىپ تاشلىغان ھالدا ، ئۇنى << قازاق - قىپچاق >>دەۋالغانلىقىنى ، مۇئەللىپ خىيالەن بۇ ئۇيدۇرمىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ساختا دەلىللەرنى ئۇتتۇرغا قۇيغانلىقىنى كۆردىم ... بۇ كىتاپنىڭ 60 -63- بەتلىرىدە ، ئەلقىدىرنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش << قازاق - قىپچاق ئىكەن>> لىكى ھەققىدە نۇرغۇن بەت ئاجىرىتىلغان :<< ... قۇبلاي مۇڭغۇلچە ، ۋەزىرلەر خانزۇچە ، ئەمما ئەلقىدىر قازاق - قىپچاق تىلىدا سۆزلەيدۇ . پادىشا ئەلقىدىرغا ، پادىشا ئۇردىسىنى سېلىشتا سېنىڭ كۆز قارىشىڭ قانداق ؟ دەپ سۇرىسا ، قازاق - ئەزىمەتى ئەلقىدىر :< ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن ، غەرىپنىڭ ئۆي ئۇسلۇبىدا پەرىق بار ...> دىگەچ ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ، شەھەر قۇرلۇش ئىسخىمىسىنى خانغا سىزىپ بېرىدۇ ... >> . كىتاپ مۇئەللىپى يەنە :<< ئەلقىدىرنىڭ ئۆزى كىم ؟ ئۇنىڭ ئۇلۇتتى - مىللىتى كىم ؟ بېيجىڭغا قانداق بارغان ؟ دىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ، ئېلىمىزدىكى تارىخشۇناس ، ئارخىلۇگلىرى ، خېلىدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىپ كەلدى ... مېنىڭ قارىشىمچە ئەلقىدىر قازاق ... >> دىگەن ئىدىيەلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
بۇندىن باشقا يەنە قازاق تىلىدا يېزىلغان يېقىنقى زامان شىنجاڭتارىخىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئېلىپ بارغان مەدىنىيەت يارىتىش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇش ۋە ئۇتۇقلىرى ، بەكمۇ تۈۋەن ئۇرۇنغا چۈشىرىپ قۇيۇلغان ياكى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ۋە ياكى قەستەن يېزىلمىغان . ھەتتا بەزى كىتاپلاردا ئۇيغۇرلارنى مازاق قىلىدىغان قاراشلارمۇ باش كۆتۈرگەن ... 2005 - يىلى 12- ئايدا ئىلى خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن قازاق تىلىدا نەشىر قىلىنغان مۇراتخان ئۆمەر ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان << تۆھمەت >> دىگەن روماندا ، مۇشۇ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى روسلار تەرىپىدىن قۇغلىنىپ ، شىمالىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەرگە ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ ، يەيدىغىنى ، كىيىدىغىنى يۇق ، كىرەرگە ئۆيى يۇق بۇلۇپ قالغان ئۆمەر ئىسىملىك بىر قازاق ياشنىڭ كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان ... ئەمما ، ئەسەردىكى پىرسۇناج تىلىدا ھەركىتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە بۇلغان مەنسىتمەسلىك قۇيۇق ئىپادىلەنگەن ... كىتاپتا دىيىلىشىچە .. ئۆمەر شىمالىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ نەگە بېرىشىنى ، نەدە تۇرۇشىنى ... بىلەلمەي قالىدۇ . ئۇ مۇشۇنىڭدەك تەمتىرەشلىك ئىچىدە بىر بۇلاقنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە ، ئىبىرايىم ئاخۇن دىگەن بىر ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ... ، ئۇنى ئۆيىگە ئەپ كېلىپ تاماق بېرىدۇ ... ئۆمەرنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ئۇنايدۇ ... ، كېيىنچە بۇ قازاق يىگىت ئەشۇ ئۇرايىم ئاخۇننىڭ باش پاناھ بۇلۇشى بىلەن ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇل دۇنياسى ئارقىلىق بېيىپ سۇدىگەر بولىدۇ ... بىراق ئۆمەر بۇساخاۋەتچى ئۇيغۇرنى پۇل تاپقاندا ئۇنتۇپ ، ئىزلەپمۇ قۇيمايدۇ ... دىمەككى ، بۇ كىتاپتا بىر ئۇيغۇر ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىپ ، بىر قازاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى ... ، بىراق كىتاپ ئاپتۇرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرنى مەنسىتمەسلىك بولىدۇ ... ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلەن<< ئاش بەرگەنگە مۇش بەر>> دى دىگەندەك ، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بۇلىدۇ ... << ئىبىراھىم ھاراقكەش مېنىڭ بەستىلىك قامىتىمنى كۆرىپ ، مېنى ( قازاق يىگىتنى )ئۆيىگە ئاپىرىپ ، ھاشارغا سالغۇسى كەلدى بولغاي ، مېنى كۆرىپ كۆڭلى يايراپ مەسلىكى يېشىلدى ... >> دەيدۇ ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلەن . ئىبىرايىم ئاخۇن ئۆمەرگە تاماق بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ، قازاق ئايالى مەريەمگە تاماق ئېتىشنى بۇيرۇغاندا ، ئۆمەر تۆردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق ئىككى قات كۇرپىسىدە ئۇلتۇرۇپ ، ئىبىرايىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە زەڭ سېلىپ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ ... ئۇيغۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى ئىچىدە قىلىدۇ : << ئورۇسلار ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ، مەن ئۇرۇسلارنى سۆيىمەن ... >> دەيدۇ ئىچىدە . ئۇ مۇشۇ خىيالنى سۈرىۋاتقاندا ، ئۆزىگە شەپقەت قۇلىنى سۇنغان بۇئائىلەنى ، ئائىلە ئىگىللىرىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قۇيمايدۇ ... تارىختىن مەلۇمكى ئۆمەردەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ، ئۇتتۇرا ئاسىيادىن 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە مەملىكىتىمىز شىنجاڭ رايۇنىغا قېچىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقىدا كۆكلەپ ، ئۆزىنى تۈزىۋالغان قازاقلار ئاز ئەمەس ... قارىغاندا قازاق ئەدىپلىرى بۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ...
مۇشۇ كىتاپنىڭ ئاخىرقى بابىدا بىر قازاق پېرسۇناژ ناھىيە ھاكىملىقىغا ئۆزى سايلىنالماي ، ئۆزىدىن ئىقتىدارلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاكىملىققا سايلانغانلىقىنى كۆرەلمەي ھەسەت بىلەن تەنە قىلىپ : <<... مەخسۇم ھاجى دۇرۇس ئېيتىدۇ ، ھاكىم بۇلۇشقا شەھەرلىك ئۇيغۇرنى سايلاشقا تۇغراكەلسە ، ھاشىم ھاكىملىققا لايىق ئۆزىمۇ پۇلدار ئادەم ...>> دەيدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ ...
2007- يىلى 7- ئايدا مىللەتلەر نەشىرياتى قازاق تىلىدا نەشىر قىلغان ، جۇمادىل مامان ئۇغلى ، قۇربان ئەلى قۇنۇسقانۇپ لار يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا 1943- 1945- يىللىرى ئۇيغۇرلار زور رول ئۇينىغان ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ، قازاقلارنىڭ شەخسىي ئىنقىلاۋى قىلىۋېتىلگەن . بۇ ئىنقىلاپتا ئون -مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تالاي قۇربانلارنى بەرگەنلىكى نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغان . غېنى باتۇر مۇشۇ ئىنقىلاپنىڭ يۇل باشچىسى ئىدى ...، نىلقا ، غۇلجا ۋە جىڭ ئۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار قان كېچىپ كۈرەش قىلغانىدى ... چەتئەل تارىخچىللىرى بۇ ئىنقىلاپتەك مۇنتىزىم ھەركەتنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى ھېچقاچان كۇرۇلمىگەنلىكىنى قەيىت قىلغانىدى ... سوۋېت ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمىدى مۇشۇ ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلغان ئىنقىلاپ ھەققىدە << غېنى باتۇر >> دىگەن رومانىنىمۇ نەشىر قىلدى ، بۇكىتاپ روس تىلىغىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى ...
بىراق قازاق ئاپتۇرلىرى يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقارقى تارىخىي تۆھپىللىرى يۇققا چىقىرىلغان ، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ، ئىنقىلاپ باشچىسى پەقەت قازاق ئەكبەرلا بولۇپ قالغان ... ، بۇكىتاپنىڭ 93- 94- بەتلىرىدە :<< ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنى ساراسىمىگە سالغان ، ئەزىمەتلىك قىلىپ قۇزغىلاڭ كۆتىرىپ ئۇلار تەرىپىدىن < ئالتە ئۇغرى > دەپ ئاتالغانلار دەل مۇشۇ ئىنقىلاپنى قۇزغىغانلار ، مۇشۇ ئىنقىلاپ باشچىللىرى ئەكبەر ، پاتىخ ( تاتار ) ، خامىت ، سەيىت ، ناۋان ، مۇلداجان قاتارلىق قازاقلار ئىدى >> دىيىلگەن . ئاپتۇرلار يەنە :<< شۇنىڭ بىلەن ئەكپەرلەر لاستاي تاغنىڭ بېشىدىكى ئاق تاشنى ماكان قىلىپ مۇشۇ يەردە شىتاپ قۇرىدۇ . قۇراللىق كۈرەش يۇل باشچىسى ئەكبەر ، ئۇرۇنباسار خامىت ، شىتاپ باشلىقى فاتىخ ... بۇلۇپ بەلگىلىنىدۇ ...>> . بۇكىتاپتا باشتىن ئاخىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ قۇزغىغانلار ، ئىنقىلاپ قىلغانلار قان تۆككەنلەر ، غۇلجا- ئايرۇدۇرۇم ، لاڭشاڭ بۇتخانىسىنى ... . جىڭ شىخۇنى ئازات قىلغانلار << قازاقلار>> دىيىلگەن ... ئەمەلىيەتتە ، ئىنقىلاپ ھەققىدە << ئانا يۇرۇت >> رومانىدىمۇ مەلۇمات بار ... ئەخۋال شۇنداق ، تارىخىي پاكىتلارنى قازاق ئەدىپلىرى نىمە ئۈچۈن بۇرمىلايدۇ ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ ... ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ روھىدا يېتىلگەن تار ئىنسانىي مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ تېخى پىىشپ يېتىلمىگەنلىكىنى دەلىلىيدۇ ... بۇنىڭغا ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى كۆرەلمەسلىكتەك ھەسەتخۇرلۇق ، كۆزى كىچىكلىك يۇشۇرۇنغان ...
يېقىندىن بۇيان قازاق - قىرغىز قەلەم كەشلىرى ئارسىدا يەنە نۇرغۇن ئۇيدۇرما تارىخ يازىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى مەسىلەن ، << قازاقلار تارىخى >> دىگەن خەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلغان كىتاپتا : << قارىخانىلار سۇلالىسىنى قازاقلار قۇرغان >> ، مەخمۇت قەشقەرىي ، يۇسىپ خاس ھاجىپلار قىپچاق ... دەيدىغان قاراشلار باش كۆتەردى . ھەتتا تۇرپان شەھرىنى بىز قازاقلار قۇرغان دىگۈچىلەرمۇ پەيدا بۇلدى ... يېقىندا يەنە قىرغىزلار :<< كىروران گۈزىلى قىپچاق - قىرغىز >> دەيدىغان بۇلىۋالدى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقى دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە ... مەخمۇت قاشقەرىنى، يۇسۇپ خاجىپنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تۇركىيەنىڭ ۋە باشقا روس گېرمان تارىخچىللىرى ، خەنزۇ تارىخچىلىرى ئىسپاتلاپ بۇلغان ... يېقىندا مۇسكىۋادا روسچە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخچىسى نەبىجان تۇرسۇننىڭ << ئۇيغۇر تارىخى >> دىگەن كىتاۋىدىمۇ بۇنداق ئىسپاتلار يېتەرلىك ... كىروران ۋە كىروران گۈزىلى مەسىلىسىدە ياپۇن ئالىملىرى دۇنياغا ئەرزىگۈدەك دەلىلەر بىلەن ئۇنىڭ يەرلىك مىللەتلىك تەركىۋى ، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدىن ئارىيان ، ساك ..نەسىللىك خەلىقتىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . پاكىت ئېنىق تۇرۇپ ، تارىخنى بۇرمۇلاش ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدىغان ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ...
مەن يېقىندا جۇڭگۇ تىل نەشىرياتى تەرىپىدىن 2006- يىل نەشىر قىلىنغان ، خەنزۇ تارىخچىسى شۇ خەيشەن تەرىپىدىن يېزىلغان :<< قەدىمىقى مايا مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپنى تاسادىپەن كۆرىپ قالدىم ، كىتاپنىڭ 364- بېتىدە << مايالىقلار ۋە جۇڭگۇلىقلار >> دىگەن قىسىمدا ئاپتور << يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇلىقلار ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا قىتەسىنى تاپقان ، جۇڭگۇ ئامېركىدىكى قەدىمىي تاش ئۇيمىلارنىڭ ئوخشاشلىقى بۇنى دەلىلىيدۇ ...مۇندىن ئەڭ قەدىمىقى دەۋىردە شاڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بۇلغاندا ، بەزى جۇڭگۇلىقلار جەنۇبىي ئامېرىكىغا بارغان ... ۋە كېيىن مايالىقلارنىڭ ئەجداتىغا ئايلانغان ... بۇقاراش مايالىقلارنىڭ ئەجداتى يەھۇدى دىگەن قاراشقا سوققا بىرەلەيدۇ ... >> دىيىلگەن . كۆرنىپ تۇرۇپتۇكى جۇڭگۇ مەدىنىيىتى بىلەن مايا مەدىنىيىتى ئىككى سۇغۇق قۇتۇپقا مەنسۇپكى ئۇلار نى بىرئۇرۇنغا قۇيۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . بۇ بىر ئۇيدۇرمادىن باشقا نەرسە ئەمەس . يېقىندا يەنە بەزى جۇڭگۇ تارىخچىللىرى ئافىرىقىلىقلارمۇ جۇڭگۇلۇقلارغا قانداش ...دىگەن << بۈيۈك قاراش >>. ئۈستىدە ئىزلىنېۋېتىپتۇ ...
دىمەككى قازاق ئەدىپلىرىنىڭ مەدىنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەي ، ھەتتە ئۇيغۇر مەدىنىيەتىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىشى ، دەل يۇقارقىدەك تۇيۇق قاراشلارنىڭ ئەكىس ساداسسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ... شۇنى ئېيتىشقا بولۇدۇكى تارىخنى ، پاكىتنى بۇرمىلاش مۈمكىن ئەمەس ئۇنى بىز يۇشۇرغان بىلەن باشقا مىللەت ، دۇنيا خەلىقى ، ئىنسانىي ئاڭغا ئىگە ئالىملار يۇشۇرمايدۇ ... ئىلگىرى جۇڭگۇ تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر << شەنخەيجىڭ >>( تاغ ئىزىملار قۇررى ) دىگەن كىتاپنى كۇرىيە تارىخچىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىقى ئەجدادى ، مەمىلىكىتىمىز شەرىقى شىمالىدىكى قەدىمىي مىللەت << گاۋ جۈ لى >> خەلىقىنىڭ تارىخچىللىرى يازغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ... دىمەك پاكىت ھامىنى پاكىت ... ئۇنى يۇشۇرۇش ، قۇياشنى ئالقان بىلەن تۇسۇمەن دىگەندەك ئاخمىقانىلىق ...
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، كەڭ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلەمكەش ، تارىخچىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى ، روھىيىتىنى تۇغرا چۈشىنىپ ، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۇرتاق قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بىزنىڭچە تەرەققىيات مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا ھۆرمەت ، ئۆزئارا باراۋەرلىك ... چۈشىنىش ، مەدىنىيەتلەرنى ئۆز ئارا ئىتىراپ قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلىدۇ
مەنبە : گۈلۈستان
 
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-20

ئەمىتاخۇندا مالنىڭ ئىسىللىرى بار،ئۇنىڭدا بار مال ئۇندىن باشقا ھىچكىمدە يوق ، ئەمما ئۇنى يىيىپ ساتىدىغان يايمىسى يوق ،،
سەمىتاخوندا يايما دۇكان يەتكۇچە بار ، ئەمما مېلىنىڭ تايىنى يوق ،،
سۇ بار يەردە ئوت يوق ئوت بار يەردە سۇ ،،،
شۇنىڭ بىلەن ئەمىتاخوننىڭ قولىدىكى خاس ھاجىپتىن تارتىپ ناۋايى دىگەن ئىسىل دۇردۇنلارغىچە ھەممىسىنى سەمىتاخونلار ھەر باپ بىلەن ئوزىنىڭ دۇكىىنىدا ئوز نامىدا بازارغا سالماقتا
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 247
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 19:30

تېما  ئىگىسىگە رەھمەت...  ھەقىقەتەنى  سۆزلەپسىز.ئۆز ۋاقتىدا كەمچىللىك  بىزدىن ئۆتكەچ  ناخشىچىلار  توغۇرلۇق  قازاقلاردىن كەچۈرۈم سورىغان. ئەمدى   نۆۋەت بىزگە كەلگەندەك  قىلىدۇ.
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 247
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 19:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-05-18 18:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمىتاخۇندا مالنىڭ ئىسىللىرى بار،ئۇنىڭدا بار مال ئۇندىن باشقا ھىچكىمدە يوق ، ئەمما ئۇنى يىيىپ ساتىدىغان يايمىسى يوق ،،
سەمىتاخوندا يايما دۇكان يەتكۇچە بار ، ئەمما مېلىنىڭ تايىنى يوق ،،
سۇ بار يەردە ئوت يوق ئوت بار يەردە سۇ ،،،
شۇنىڭ بىلەن ئەمىتاخوننىڭ قولىدىكى خاس ھاجىپتىن تارتىپ ناۋايى دىگەن ئىسىل دۇردۇنلارغىچە ھەممىسىنى سەمىتاخونلار ھەر باپ بىلەن ئوزىنىڭ دۇكىىنىدا ئوز نامىدا بازارغا سالماقتا

جىڭ  گەپ.
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6337
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 1445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2011-10-13
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 20:35

ىنتپاقلىق ياشسۇن ،         
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6337
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 1445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2011-10-13
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 20:45

يا تورداس  بۇندايغا كوپ باس اۋىرتپاڭىز  ،  تاريخ بۇرمالايتىندار   قازاق ۇيغىر  قىرغىزداردا بار  ،  ماخۇمۇت  قاشقارىي   الشىر ناۋاي   فارابىي  جاغىنان  كوپ تالاستار وتەدى  ولار بۇكىل تۇرىكتىڭ  اتاسى  ،  مەن وز باسىم  ماخۇمۇت  قاشقاريدى  قازاق دەپ كورگەن  ەمەسپىن  قىرغىزدار  قىرغىز دگەنىن  ەستىگەم   ،  فارابىي دى  قازاق  دەپ ايتا الامىن  بۇكىل دۇنىيەدە  قازاق دەپ بەلگىلەندى  ،  بىراق  تاريختى  قوزغاي بەرسەڭ  ۇلت قايشىلغى تۇىلاتىنىن  بىلگەيسىڭ  ،  
mp3
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 561
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە561دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7299 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-10-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 21:56

جايى يوقنىڭ جىنى يوق،دىگەن بىكار گەپ  ئەمەس،ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۇك
شېھىتلەر ئۆلمەس..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 786
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە786دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 8656 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2011-10-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 22:13

مەن ئارتۇق سۆزلىمەي چىقىپ كېتەي جۇمۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2011-10-14
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-19 00:22

قوي گۆشى  يېقىندا  ئۆسمەسلىگى مۈمكىن...........
bilig
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1126
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 507
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە507دانە
ئۆسۈش: 1170 %
مۇنبەر پۇلى: 5944 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2011-10-16
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-19 01:02

بۇنى  يازغان  يولداش  نىڭ  مەقسىتى  نىمە  بىلمىدىم  ئەمما بۇنداق  غەيبەتلەرگە كۆپچىلىكنىڭ  قۇلاق  سالماسلىغىنى  تەۋسىيە قىلىمەن  ھەممىمىز قېرىنداش  تۇرساق ئاز ساندىكى   يازغۇچىلارنىڭ  ئاساسسىز  غەيبەتلىرىنى  كۆتۇرۇپ چقىش  قېرىداشلار ئارىسىغا سۆغاقچىلىق  سېلىشدىن باشقا  نەرسە  ئەمەس
  بۇنداق  نەرسىلەرنى يازغانلارنى پەقەت دۇشمەن دەيمىز خالاس