باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1594 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4131
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 1073 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-01
ئاخىرقى: 2012-02-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 19:05

ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار

كۆرمەس بۇلۇپ يۈرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.
بۇندا لەززەت سۈرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.
ئارانلا تۆت كۈنلۈك جاھان بۇ،كەتمەيدىغان مىھمان ئەمەس بىز،
شەيتانلارغا كۈلىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

قېرىندىشى،بىر تۇققىنىنى ئۆچى باردەك تالاپ يۈرگەنلەر،
ئەل ئىچىنى سىسىتىپ...توخو تۇخۇمىدەك پالاپ يۈرگەنلەر.
ئىت سىياقتا يۈزنى چۈشۈرۈپ ئىت يالىقى يالاپ يۈرگەنلەر،
تالايمەن دەپ تۇرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

دۇنيا باقى ئەمەس ئىنسانغا،ئىنسانمۇ ھەم كىتەر بىر كۈنى،
شۇندا ئۈلۈم،ئەجەل سىگنالى قۇلاقلارغا يىتەر بىر كۈنى.
ياشالىساق ئەلگە سايە بوپ ئەۋلادلار ياد ئىتەر بىر كۈنى،
ئەلگە قاپاق تۈرىۋەرمەڭلار، ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

بىر پىلەكتە ئۈنگەن خەمەك بىز،شېخىمىز بىر،ئۇرۇقىمىز بىر،
ئاتىمىز بىر،ئانىمىزمۇ بىر،شۇڭا يۈرۈش تۇرۇقىمىز بىر.
توۋلىغاندا ئۈنىمىز ئوخشاش،سوراقلاردا سورىقىمىز بىر،
ئەمدى مەزھەپ قۇرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

كىچىككىنە جاھاندا تۇرۇپ تىپىشالماي يۈرسەك ھەر ياقتا،
بىرلىرىمىز قارا تاغ ئارا،بىرلىرىمىز تاغلىرى ئاقتا.
بىرلىرىمىز ئىشرەت ئىزدىسەك بىرلىرىمىز قايدۇق قاۋاقتا،
ئەلدىن خالىي يۈرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

قاراڭلارچۇ ياشلىرىمىزغا،تاماكىدىن باشلاپ ئۇيۇننى،
ئاق تاماكا خاراب قىلغاندا ئىلاجى يوق ئەگدى بويۇننى.
ئۇنىڭسىزمۇ چىقىرالايتتى ياشلىقىدا ئون بال قۇيۇننى،
ئۇنچە بالدۇر ئۆلىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

قىزلىرىمىز چىقسا سەھەردە كەچتە ئۆينى تاپالماس بوپتۇ،
پالتىسىنى ئىززەت غورۇرنىڭ دەس كۆتۈرۈپ چاپالماس بوپتۇ.
بۈزرۈكلەردىن قالغان كىيىملەر ئۇچىسىنى ياپالماس بوپتۇ،
ياغلىقلارنى چۆرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

ھىيىقىدۇ خەقلەرئوغرىدەپ،بىزنىڭ قانداق ئېلاجىمىز بار؟
ياقا يۇرتتا شۇ كەسىپ بىلەن ئۆتىۋاتقان جىق ھاجىمىز بار.
شۇ ھاجىلار شەرەپ كەلتۈرگەن ھىچكىمدە يوق گۈلتاجىمىزبار،
چۈشلەرنى ئوڭ ئۆرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

ئاجراشماڭلار ئاتاـ ئانىلار،دەرتنى بەك جىق تارتتى بالىلار،
بىللە تۇرغان بىلەن ئانىسى ئاتىسىدىن قانداق ئايرىلار؟
مىراس بۇلۇپ قالار سىلەردىن بالىلارغا كۆڭۈل يارىلار،
ئۆينى ئىككى بۆلىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

 
تىللىمايمىزشۇنداق قىلدى بىللە ياشاۋاتقان زاماننى،
ئارتىپ قۇيۇش توغرىمۇ دوستلار بۇ زامانغا ھەممە ياماننى؟
كەلگۈسىگە ئۈمۈد باغلايمىز سورىماستىن كونا خاماننى،
زاماندىنلا كۆرىۋەرمەڭلار،ئۇ ئالەمنىڭ دەرۋازىسى بار.

www.uyghurawazi.org


سىز يۇرەك توختاپ كىتىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىراڭ!.
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2165 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-27

كارامەت.....   
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 237
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2425 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-03-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 23:05

ئەسىرىڭىز  ئالامەت چىقىپتۇ ..ئۇنىڭدىن  باش  سۆرىتىڭىز  تېخىمۇ  كارامەتكەن..............
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7299
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-08-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 23:37

مەزمونى بەك ياخشىكەن .دىھقان شائىرى مەممەتجان راشىدىننىڭ شىئىرلىردەك پۇراق باركەن .
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1408
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1408دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 00:58

كىم يازغان شىئىردۇ بۇ بەك ياخشى يېزىپتۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ