باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4596 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
قوزام
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1479
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1479دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 21:42

  بەككۆپكەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقاي.......
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1364
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1364دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15480 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-09
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 11:02

ئاخىرىنى تىز يوللاڭ قىزىل كوۋرۇك ،،،،
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 12:33

يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپتىمەن ، ھەقىقەتەن ئىسىل تېما .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 18:16

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(6)

9.  ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ  بىرى مۇشۇ مەكتەبتە پىسخىك تىلشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن،  قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق خوش بولدۇم. قىزچاقمۇ ئۇيغۇرچە « تىنچ تۇردىڭىزمۇ» دېگەن سۆزنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلدى. قىزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئانچە راۋان ئەمەسلىكىنى ، تۇرىۋاتقان شەھرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغاچ قىزىنىڭ ئانا تىلدا پۇختا ئەمەسلىكىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە بايان قىلىۋېدى، شەھىدە ئىسىملىك بۇ ئۆلچەملىك ئۇيغۇر چوكاندىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شەھىدە مېنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، ماشنىسىنى ھەيدەشتە ئۆزى ئەڭ تونۇش يولدىمۇ راۋان ماڭالماي تولا ئازدى، سۆزلەپ ھارمايتتى، قەشقەرنى، غۇلجىنى ،خوتەننى، كۇچانى، سورايتتى، ئۈرۈمچىدە يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويغان ئاخرلىقى لەغمەن، ئاچچىقىدا ئۇرۇشۇپ سالغان ئاخرقى ئۇيغۇرخىزمەتدېشى، قوپاللىقى ئۈچۈن دەككسىنى يىگەن  ئۇيغۇر ساقچى، قاتارلىقلار ھەققدىدە سېغىنىش ئىلكىدە قىزىشىپ سۆزلەيتتى. كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سانايتتى، ئۇلاردىن ماڭىدىغان چاغدا ئانا تىلىدا كەچۈرۈم سورىۋالمىغىنىغا نادامەت چېكەتتى.بىز ئاۋال ئولاش -چولاش كىنو كۆرگەن بولدۇق، لېكىن كىنو بىزنى كۆردىمۇ ياكى بىز كىنونى كۆردۇقمۇ بىلەلمەيلا زالدىن قايتىپ چىقتۇق. نېمە يەيدىغانلىقىمنى، نېمەدېسەم ئېتىپ بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. مېنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممىنى يىگۈم بارتى، تاللاشقا مەجبۇر بولغىنىم ئۈچۈن چۆچۈرىنى تاللىدىم. ئۇلار بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ھالال قوي گۆشى ساتىدىغان قاسساپتىن ئالغان گۆش بىلەن چۆچۈرە قىلىشقا تۇتۇندى.( بۇ يەردە قوي، كالا، توخۇ قاتارلىق گۆشلەرنى تاپماق تولىمو قولاي بولسىمۇ، لېكىن ھالاللىرىنى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن، چۈنكى بۇ شەھەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى كۆچمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان چىكاگۇ، لوس ئانجىلىس، نىيويورك قاتارلىق شەھەرلىرىدىكىدەك مۇسۇلمانلار كۆپ ئەمەسكەن. گەپ ھالال تاماق مەسىلىسىگە كەلگەندە شۇنى قوشۇمچە قىلاي: ئايرۇپىلاندا كالا، توخۇ گۆشىدىن قىلىنغان تاماقلارنى باشقىلارغا سۇنغان ئامېرىكىلىق ھاۋاقىز ماڭا قاراپ « سىزنىڭ ھالال تامىقىڭىز ھازىلا كېلىدۇ » دەپ ئەسكەرتكەندە شۇنداق سۆيۈندۈم، دېمەك ئۇ ھالال تاماقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەن. كېيىن بىلىشىمچە ئامېرىكىدا ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى بار ئىكەن، بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇلار ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالمايدىكەن. بىزنىڭ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىدە تاماقلار ئۈستىگە ھالال دەپ يېزىپ قويىلىدۇ، نەدىن يولغا چىقسىڭىز «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىلغان تاماق ئالدىڭىزدا ھازىر، لېكىن ھاۋاقىزلاردىن سورىسىڭىز « ئەلۋەتتە ھالال، ئىشلەتكىنىمىز توخۇ ۋە كالا گۆشى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 20 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتتە ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى كۈنتەرتىپكە قويولمىغان. ئىچكىرىنىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمان ئاشخانىسى بار، سورىسىڭىز ئوخشاش «بىز چوڭ گۆش ئىشلەتمەيمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. ھەتتا بېيجىڭدىكى خېلى كۆپ زىيالىمۇ ھالال تاماق ھەققىدە بايىقى قاراشتا).  گەپ يەنە ئۇيغۇرلارغا كۆچتى، ئۇيغۇرۇم يەنە تۈگىمەس ئەيپلەردە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى، بىر ئاز سەبرە قىلدىم، چۈنكى مەن مۇنۇ قېرىداشلىرىم بىلەن تېخى بايىلا تونۇشقانىدىم. كۆڭلۈمدە « تونۇمىغان، ئۆمرىڭىزدە ئۇچراتمىغان بىر ئۇيغۇرنى قورقماي ئۆيىڭىزگە باشلايسىز، ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ ئىزدەپ كېلىپ تاماق ئېتىپ بېرىسىز، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېسىللىكى ئەمەسمىكەن؟ ياكى سىلەر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟». ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم. ئۇلار تۇرۇپلا قېلىشتى، لېكىن يەنە « سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن قاراڭ، ئۇيغۇر دېگەن تولىمۇ گۇمانخور كېلىمىز، بىر بىرىمىزدىن كەچكىچە ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا ياشايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا ياق، دېسىڭىز، سىز نېمىشكە بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟ نېمىشكە بىز ئىزدەپ كىرمىگىچە كەسپدېشىڭىز ماھىنۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟» باشقا گەپ قىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ ئۇ دوكتۇر كەسپدېشىمنى ئىزدىمىگەنلىكىم گۇمانخورلۇقۇمدىن ئەمەس، تونىمىغان بىر ئادەمگە قانداق گەپ ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئېدى. « سىز خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن)مۇ-يە، ھەپتىگىچىمۇ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمىگىنىڭىزگە قاراپ بىز سىزنى چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلىغان». توغرا،  مېنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمەي باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنىمۇ خالىماي، ئۆزەممۇ باشقىلارغا ئاۋارە بولۇشنى ئىستىمەي بۇنداق مۆڭ يۈرۈشۈمنى ئۇلار شۇنداق چۈشەندۈرسە ۋە چۈشەنسە ھەق، بەلكىم مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ كەتكەچكە خەنزۇۋانلارغا ئوخشاپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. گۇمانخورلۇق، خۈدۈكسىرەش، ئەنسىرەش قاتارلىقلار مەنچە مەندە شىنجاڭدا ئۇزاق ياشىغان دوستلىرىمدىكىدەك ئېغىر ئەمەس. مەن ئۇلارغا تۈركىيەگە بارغىنىمدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەندىن گۇمان قىلغنىنى سۆزلەپ بەردىم. توۋا كۈلكىلىك يېرى مەندىن گۇمان قىلغانلار جىياڭسۇ، جې جىياڭلىقلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ كۈن ئالىدىغان بالىلار ئېدى. توۋا دەيمەن، شۇلاردىن سوراپ باقسام دەيمەن، ”مېنى ئىشپىيۇن دەيسەن، سەن كەينىڭگە مەن چۈشكىدەك نېمە ئىش قىلغانتىڭ، قايسى ئىشپىيۇن سەنلەردەك بېدىك، ۋاستىچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرەر؟“ بېشىمدىن ئۆتكەن يۇقارقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق،مەن  ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق، سەۋەبسىز خۇدۇكسىرەش، زىيادە دېلىغولدۇۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىز چاپلاشقانلىقى توغرىسىدكى قاراشىقا قوشۇلدۇم. مۇشۇ ئىللەتلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللىقىنى تەكىتلەشتى، مەن بۇنىڭ ئىتىپاقلىققىلا ئەمەس، تەرەققىياتىمىزغا ۋە مەۋجۇدلۇقىمىزغا خەۋپ كەلتۈرىۋاتقان تەھدىدلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. راستىمنى دېسەم مەنمۇ تا ھازىرغىچە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقانلىقىمغا گۇماندا ئېدىم، ئايرۇپىلانغا چىقىۋېتىپمۇ خۇددى ھېلى بىر كۆرۈنمەس قول مېنى تارتىپ چۈشۈرېۋېتىدىغاندەك، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈۋېتىپ ھېلى بىر ساقچى مېنى ئايرىم سوراق قىلىدىغاندەك، سومكامدىن ھېلى بىر نەرسە چىقىپ مېنى بالاغا قويىدىغاندەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن بەك قىينالغان ئېدىم. بەلكىم بۇ خىل كەيپىيات باشلىقلىرىم  توختماي بىر يېرىم يىل ئاچقان يېغىننىڭ، ۋە ھەر يىغىندا تەكىتلىنىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پىسخكامدىكى يارىسىدۇر. ئەگەر مەنمۇ دوستلىرىمدەك مۇنداق يىغىننى ئون نەچچە يىل ئاڭلىغان بولسامچۇ؟ ئىچكىرىدە ئىشلىگەنلىكىمگە تەسبىھلەر ئېيتتىم.
ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن نان بىلەن ئۇلارنى مىھمان قىلدىم، ناننى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرۈپ كېتىشتى. شەمشىنۇر ناننى كۆرۈپ ئۇخلاپ قالغان قىزىنى ئويغاتتى. ئەتىسى ئۇلار سەپەرگە چىقىدىكەن، مېنىڭمۇ رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ئىشلىرىم بار ئېدى، شۇڭا ئامالسىز خوشلاشتۇق، ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ خوشلىشىش ئۈچۈنمۇ يېرىم سائەت كەتتى، ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىسام سىتىرلكا ئەتىگەن سائەت تۆتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياتاقدېشىم ئادىتى بويىچە تېخىچە ئۇخلىماپتۇ، ئۇلارغا بۈگۈنكى خۇشاللىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ ئاغزىنى ئاچقانچە ھەيرانلىقتا گېپىمنى ئاڭلىدى، « بۇنداق ئىشلار، مەنچە ئەگەر دېگەنلىرىڭ  راست بولسا پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا قالدىمىكىن، ماڭا جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلغۇممۇ كېلىپ كەلمەيدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا پەرۋا قىلىشمايدۇ. ئەگەر سەن بۇ گەپلەرنى ماڭا دېمىگەن بولساڭ مەن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالار كەنمەن » دېدى قويۇق جەنۇبى جۇڭگۇ تەلەپپۇزىدا.يانچۇغۇمنى سىلاپ قويدۇم، ماھىنۇر ئىشلىتىشكە بەرگەن ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى، خۇداغا شۈكۈر، ئەتىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن قازانغا پىلتە قىلىپ قويۇلغان لەغمەننى سېلىپ، تۈگۈپ قويۇلغان چۆچۈرىلەرنى پۇشۇرۇپ، بىر قانچە كۈن ئۇيغۇرچە جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان بولدۇم.
10.  ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
زىيالىينىڭ جەمئىيەتتىكى روللىرىنىڭ بىرى دۇنيادكى يېڭى ھادىسە ۋا شەيئىلەرنى نۇتۇق ۋە يازما ئارقىلىق ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ مەزكۇر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاراچ يارىتىشتۇر.  بىز بۇ يەردە تىلنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىكى پىكىر قىلغۇچى بىلەن پىكىر ئوبىكتى ئوتتۇرىسىدكى ۋاستىچىلىق رولىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەيداندا تۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش ۋە ئىددىيىۋىيي ئېقىملارنى چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ، تۇرىدىغان زىيالىلىرىمىز بولمىغاندا خەقلەرنىڭ ئاشقازىنى شاما قىلىۋەتكەن ئەبجەش قاراشلارنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق جاھاننىڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىدىغان بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. دۇنيانى بىۋاستە ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دائىم يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەتتا بەزىدە ھەممە ئادەم بىلىدىغان، لېكىن مەنىسى ھەققىدە ئانچە ئويلۇشۇپ باقمايدىغان سۆزلەرنى ئاكتىپلىتىش ئارقىلىق مەزكۇر چۈشەنچەگە بازار ھازىرلاش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. « ئۆيۈم مېنىڭ بىردىن بىر ئاپتونۇمىيەمدۇر » دېگەنىكەن ئابدۇقدىر جالالىددىن، ماڭا بۇ گەپ بەك تەسىر قىلدى. ئەگەر بىز ئاۋال بۇ ئاپتونۇمىيە دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئىشلىتىپ تۇرساق، چۈشەنمەيدىغانلارغا بىر ئەسكەرتمە بولۇشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىگە ئىنتىلىدىغانلار چىقىدۇ. مەن 2- ئىيۇندىن بۈگۈنكى 12-ئىيۇنغىچە بىر فوردداش(فورد مۇكاپاتىغا بىللە ئېرىشكۈچى) نىڭ ئۆيىدە « يېرىم مۇستەملىكە» لىك ھاياتىمنى تەستەرەك كەچۈرىۋاتاتتىم، خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلار ھەمكارچىسى جەرى خانىم  بۇ مەسىلەمنىمۇ  خۇددى باشقا ئىشلىرىمنى چۈشلۈك ۋە كەچلىك  دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى قۇربان قىلىپ بېجىرىپ بەرگەندەك ماشىنىسى بىلەن يۈرۈپ بىر پەستى ھەل قىۋەتتى.( بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك ماشنىسى بولغاندىن كېيىن ماشىنا بولمىسا ئاپتوبۇس جىق يەرلەردەيوق،تۇرمۇش شۇنداق بىقولاي). مەن بۇ قىزنى شۇ ياشتىكى باشقا قىزلارغا سېلىشتۇرۇپ سۆيۈنۈپ قالدىم. ئۇنىڭ كېيىنىشى تەلىيىمگە ئانچە بەك ئوچۇق ئەمەس ئېدى. كېيىن ئۇنىڭ باشقا گەپلىرىدىن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشقان بولغاچقا يۈرۈش تۇرۇشتا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدىم. جەرى ماڭا لاۋرېنستىكى ئاشخانا ۋە مۇسۇلمانلارغا مۇناسىپ تاللا بازارلىرىنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۆزى ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويدى.
ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچىنى ئالغاندا ئاپتۇنومىيەم ئەمەلگە ئاشقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ھاياجانلاندىم. نەچچە كۈندىن خەقنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۈزۈكرەكمۇ تىنالماي، ئاۋازلىق كۈلەلمەي چاراسلاشقا ۋە قاشاڭلىششىقا كۆنۈشكەن نېرۋىلىرم ئاجايىپ راھەتلەنگەندەك بولدى. ئۆينىڭ ئاچقۇچىسىنى ئېلىپ گۈيياڭلىق ياتاقدېشىمدىن، پاكىز ياكى ئەمەسلىكىنى سورۇدۇم « ئوخشىمايدۇ، ئەگەر جوڭگۇلۇق تۇرغان بولسا چوقۇم مەينەت» دېدى كېسىپلا. «ھەرقانچە بولسىمۇ ئامېرىكا بولغاندىكىنى تۈزەتكەندۇر، بۇنداق ناچار خۇيلىرىنى » دەپ ئويلاپ ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. راست، دېگەندەك ئۆي يالىغاندەك پاكىز ئېدى. سەۋەبىنى سورىسام مەكتەپ ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن بىرەر قۇر تازىلاپ، تۈزەپ چىقىدىكەن. ئۆيدە توڭلاتقۇ، مۇنچا، ئوچاق ۋە ئوچاققا مۇناسىۋەتلىك مەن ئىسمىنى ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلا بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن باشقا ھىچ نېمە يوق ئېدى. مەن ئايالىم ۋە بالام بارلىقىنى باھانە قىلىپ مۇشۇنداق ئوبدان ئۆيگە ئورۇنلىشىۋالغاندىم، بولمىسا مەكتەپنىڭ بويتاقلىرىغا بۇنداق ئىككى ئېغىزلىق ئوي تەگمەيدىكەن. ئالالىسا سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئالسا بەلكى ھەممە نەرسىسى تەل ئۆيلەرنى مەن ئالغان 400 دوللاردىن ئەرزان ئالغىلىمۇ بولارمىش. مەن ماشىنام بولمىغاچقا زەھەردەك قىممەت بولسىمۇ مەكتەپ ئىچىدىكى ئۆينى تاللىدىم. تېلىفون،تور،سۇ، توك، گاز، قاتارلىقلارنى ئايرىم شىركەتلەرگە تېلىفون قىلىپ بىجىرىدىكەنمىز، مەكتەپ پەقەت ئۆي ئىجارىسىنىلا ئالىدىكەن. بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي جەرى خانىم قىلىشىپ بەردى.( ئاللاھ ئىشلىرىنى ئوڭ، بەختىنى نۇرلۇق قىلغاي!)، خۇداغا شۈكۈر بۇنىڭ ھەقلىرىنى مەن ھىساپ ئاچقان باڭكا ماڭا ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىدىكەن بولمىسا يەنە ماشىنىسىز، نەلەردە تەمتىرەپ يۈرەتتىم.
ئۆيۈمنى تولدۇرۇشۇم كېرەك، پەقەت بولمىسا كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ئېلىشىم كېرەك ئېدى. بۇنىمۇ ھەل قىلدىم، سىرىتتىن ئىككى تاق كىشىلىك، بىر ئۈچ كىشىلىك ساپا تېرىۋالدىم، خۇداغا شۈكۈر ياغاچلىرى ئالامەت مۇقىم، مەن ئەمەس مەندەك مۇساپىردىن يەنە ئوننى ئۇزاتقىدەك ئەلپازدىكى بۇ ساپالار مېنى چوڭ غەملەرنىڭ بىرىدىن خالاس قىلدى. پەردە، شىرە ۋە كارىۋاتنى بىر ياپۇنلۇق ئايالنىڭ چاپلىغان نىمكەش جابدۇقلار تىزىملىكىدىن كۆرۈپ تېلىفون قىلدىم، ساددىلىقمنى چاندۇرۇپ، مېنىڭ بۇ نەرسىلەرگە جىددىي مۇھتاجلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇپتىمەن، ئازراقمۇ چۈشۈرەلمىدىم. تېخى مېنى باھا تالىشىشقا ئۇستىكەنسەن تۈركمۇ سەن دەيدۇ، ماختىغان قيياپەتتە. ئېسىت قەشقەرلىك ئۇيغۇر بولغۇنۇم، مۇشۇ كور خېرىدارلىقىمنى كۆرسە ئاكام يەنە قاقشاپ كېتەر « ساڭا كىتاپلا بولسا، باشقا ئىشلىرىڭنى بىزلا قىلىپ بەرسەك،-ھە!» ئامال يوق، كىتابتىن باشقىنى بىلمەي چوڭ بولۇپتىمەن، نېمىگە قىزىقساق ئەركىمىزگە بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئاناممۇ مېنى باشقا ئىشلارغا زورلىماپتۇ.
ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى، تاماق يەيدىغانغا شىرە، قىشتا توڭلسام ئىسىتقۇ، يازدا تەرلىسەم سوۋۇتقۇ، قاتارلىق باشقا نەرسىلەرنى ئالمىسام يەنە بولمىدى. جەرى خانىم يەنە بۇ ئىشتىمۇ يارىدىمىنى ئايىمىدى. ئامېرىكىدا «ئىسكىلات ئوقىتى» دەيدىغان بىر تىجارەت شەكلى بار ئىكەن. ئۆي كۆچىدىغان كىشىلەر ئۆزنىڭ لازىم قىلمايدىغان ئەشيالىرىنى  داچىسىدىكى ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا تىزىپلا ئېلىشىغا ساتىدىكەن، مەن بۇ يەردىن بىر تاماق شىرەسى، ئىككى ياستۇق ۋە بىر قىسىم ئاشخانا سايمانلىرىنى ئالدىم، بەزى نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋەتتى، ھىسابلاشساق،13 دوللار بولۇپتۇ. خۇشاللىقىم خېلى بىر يەرلەرگە كەتتى. جەرى خانىم ئامېرىكىدا بۇ سودىنىڭ بەكمۇ قىزىيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ داچىسىدىكى ئەشيالارنىڭ ئاساسەن مۇشۇنداق «ئىسكىلات ئوقىتى» ئارقىلىق سېتىۋېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مېنى يەنە بىر يەرگە ئېلىپ باردى، بۇمۇ ناھايىتى چوڭ ماگىزىن بولۇپ بۇ يەردىمۇ نىمكەش جابدۇقلار تولۇپ كەتكەن، ھەممە نەرسە تۈر تۈرى بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ئېدى، توۋا دېدىم، نىمكەش مالنىمۇ تاللا بازىرىغا سېلىپ مۇشۇنداق چىرايلىق ساتسا بولىدىكەنغۇ؟ شۇ ئان كۆز ئالدىمغا ئۈرۈمچىدىكى بىردىن بىر ساپ ئۇيغۇرلا بار  نىمكەش مال بازىرى كەلدى. بۇ ئۈرۈمچىدىكى يىگانە ئەسكى بازىرى بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىدە كەمسىنىش، بىچارىلىق، كىملەرنىڭدۇ كۆرۈپ قېلىدىن قورقۇپ ئالاق جالاق ئەتراپقا قاراپ قاراپ قويۇۋاتقاندىكى ناتۇۋانلىق ئادەمنى يېغلىتاتتى. لېكىن كۆز ئالدىمدا ئالى ماشىنىسى بىلەن مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن ئايال ۋە بۇ يەردىكى داڭلىق ماركىلىق ماشنىلار بىلەن كېلىپ مال تاللاۋاتقان ئامېرىكىقلارلارنىڭ چىرايىدا خاتىرىجەملىكتىن باشقا ھىچ نەرسە ئەكسلەنمەييتى. ئادەم نىمىشكە ئۆزىنىڭ ناتۇۋانلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ؟ نىمشىكە يالغاندىن بىچارىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ھەممىمىز ئۆي كۆچىمىز خوشنىمىز بىزنىڭ نەرسىمىزنى كۆزىمىزچە ئېلىشنى خالىمايدۇيۇ،ئىچىدە كېرەك قىلغۇسى بارلىقىنى تەستە يوشۇرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار نامراتلىقتىن ئۇيالمايدىكەن بەلكى نامراتلىققا رازى بولۇپ ياشاشتىن نومۇس قىلىدىكەن. كىشىلەردىن ئۆزى ئىتىياجلىق نەرسىنى سوراشتىن ئۇيالمايدىكەن بەلكى چىن نىيىتىنى يوشۇرۇپ، خۇپسەنلىك قىلىشنى ئېغىر ئالىدىكەن.!
بىز يەنە بىر نىمكەش مال بازىرىغا باردۇق، بۇ يەرنىڭ ئىسمى « ئىزگۈ نىيەت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەشيالارنى ئۆي كۆچكەنلەر بۇ يەرگە ئىئانە قىلىدىكەن، بۇلار ۋاكالىتەن سېتىپ كىرىمنى مۇھتاجلارغا يارىدەمگە ئىشلىتىدىكەن. جەرى خانىم مېنى بۇ يەردىن كۆپرەك سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى، ئەمما بۇ يەردىكى ماللار بىز باشتا كۆرگەن نىمكەش ماللار بازىرىدىن خېلىلا قىممەت ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنام بولمىغاندىن كېيىن بۇلارنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيتتىم. كۆڭلۈمدە مۇشۇ يەردىن جىقراق بىر نەرسە سېتىۋېلىپ كەمبەغەللەرگە ئازراق بولسىمۇ يارىدەمدە بولالمىغىنىمغا ئۆكۈندۈم. مەنچە مېنىڭ نۇرغۇن بۇرادەرلىرىم تۇرمۇشنىڭ، خىزمەتنىڭ مەنىسىزلىكىدىن قاقشايدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئېدىم، لېكىن مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر يېرىم يىللىق ھاياتىمنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزەم بىلىدىغان يوللار بىلەن يېتەكلەپ نۇرغۇن مەنىگە ئېگە قىلغان ئېدىم. مەن خىزمەتتىن مەجبۇرىي ئىستىپا بەرگۇزۇلگەندىن كېيىن مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلىرىمنى كۆرگىلى باردىم، ئوقۇغۇچىلىرىمغا بېيجىڭدا ئۆگەنگەنلىرىمدىن لېكسىيە سۆزلىدىم.  مەن مېنىڭدىن چالا پۇلا بىلىم، پىشمىغان مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتمىلىرىدىن باشا ھىچ نېمىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماڭا ھۆرمەتتە تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ ھاياتىمدىكى مەنانى ھىس قىدىم. ئىنسان سۆيۈش ، سۆيۈلۈش، ئىززەتلەش ۋە ئىززەتلىنىشتىنمۇ  مەناغا چۈمىدۇ، بۇنى ھەممىمىز دۈم چۈشكەن پۇل بىلەن تاپالمايمىز، ئەلۋەتتە. مېنىڭ ئۈمىتسىزلەنگەن دوستلۇرۇممۇ نامراتلىقتىن ئەمەس بەلكى ھاياتتىكى قۇرۇقلۇقتىن، موھىتتىكى بۇرۇقتۇملۇقتىن ۋە ياشاشتىكى نىشانسىزلىقتىن شۇ ھالغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ماڭا دوستلۇرۇم ئامېرىكىدا مەۋجۇد يۇقارقى ئىشنى يۇرتۇمدىكى چېغىمدا يەتكۈزگەن بولسا بۇنىمۇ سىناپ باقاركەنمەن. ئويلاپ باقساق ئىئانىگە خېرىدارلىق قىلىدىغان ئادەم تاپماق ئاسان ئەمەس، ئەگەر بىز مۇشۇ يولنى ياكى مۇشۇ خىلدىكى يولنى سىناپ باقساق، ئىئانىگە بېخىل ياكى ئاجىزلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ساتسا پۇلغا ئالمايدىغان نەرسىلىرىنى يىغىپ ياكى پۇل قىلىپ خەير ساخاۋەتكە مۇھتاجلارغا مۇشۇنداق داۋراڭسىز تارقىتىپ بەرسەك نېمىشقا بولمايدىكەن. مەنچە ھەرىكەت، پائالىيەت ئادەمنىڭ ھاياتىنى مەنەگە چۈمدۈرىدۇ، قۇرۇق غەيۋەت، ئاچچىق نەپرەت، يىرىڭلىق ئۈمىتسىزلىككە تولغان سورۇنلاردىكى تۇگىمەس ئولتۇرۇش ئادەمنىڭ ئەقلى ۋە ۋىجدانىنى ئۇخلۇتۇپ قويىدۇ.
ئۆي كۆچۈشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا فوردداش دوستلۇرۇم يارىدەم قىلدى. ياپۇنلۇق خانىمنىڭ ئۆيىدىن كارىۋات قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى توشۇيدىغان چاغدا بىر مەسىلە چىقتى، گۈيياڭلىق فوردداش دەسلەپتىلا « ياپۇن ئالۋاستىسنىڭ نەسىسىنى ئالدىڭمۇ؟ » دېگەندە كۆڭلۈم بىراز يېرىم بولغان ئېدى. چۈنكى ھىچ بىر گۇناھسىز بىرىنىڭ مۇنداق مىللىتىنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشى سەۋەپلىك سەتلىنىشى ماڭا ياقمايتتى. نەرسە كېرەكلەرنى ئەمدىلا توشۇيلى دەپ تۇرساق، ھېلىقى گۈيياڭلىق « ياپۇن ئالۋاستىسى سېنى ئالداپتۇ، بۇ نەرسىسى ئۇنچە پۇلغا يارىمايدۇ، بۇلارنى ئالساڭ توشۇپ ئاۋارە بولغانغا چۇشلۇق ئىش يوق » دەپ توشۇشۇپ بېرىشتىن يالتىيىۋالدى. باشقىلارمۇ سۈكۈتتە ئۇنىڭغا قوشۇلغاندەك بولۇپ تۇراتتى. ئامالسىز ياپۇنلۇق ئايالدىن ئۆزۈر سوراپ پۇل تۆلەپ بولغان كارىۋاتنى قايتتۇرۇپ بەردىم، لېكىن نېمىلا دېسۇن يېزىق شىرەسىنى قايتتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلمۇدۇم. ئۇلارغا كېرەك بولمىغان يۈز ماڭا كېرەك، مەن گەرچە ھەقىقەتەن قىممەت ئالغان بولساممۇ بۇنداق لەۋزىدىن قالايمىقان يېنىۋلسا بولىدىغان مەدەنىيەتتە ئۆسمىگەن. ئامېرىكىدا ماگىزىندىن ياكى شەخستىن ئالغان نەرسە كۆڭۈلگە ياقمىسا بىر ئاي ئىچىدە قايتتۇرۇپ بەرسە پۇلنى ئېلىۋالغىلى بولىدىكەن، ساتقۇچىمۇ ئالغۇچىمۇ بىر نەرسە دېمەيدىكەن. مەنچە بۇ يەردە سەمىمىيلىك ۋە بىر بىرىگە ئىشەنچ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ جوڭگۇدا بولۇپ قالسا كىشىلەر بۇزۇلغان چۇۋۇلغان نەرسىلىرى بىلەن ماگىزىنلارنى تولدۇرىۋېتىدۇ.
ئۆينىمۇ كۆچۈۋالدىم، ئۆي قىشتا گاز بىلەن ئىسىتىلىدىكەن، قانچىلىك ئىسىتقۇم كەلسە ئۆزەم تەڭشىسەم بولىدىكەن، ئەمما تەرلەپ كەتسەم سوۋۇتقۇ يوق. ھاۋادان (ھاۋا تەڭشىگۈچ) ئالساممۇ بولاتتى، لېكىن خەنسۇ فوردداشنىڭ ياپۇنلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا تېخىمۇ كۈچىيىپ ھېلىقى ياپۇنلۇق ئايالنىڭ تەييار ھاۋادانىنى ئالدۇرماي قويدى. مەن مىللەتچىلىكنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بەكرەك گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. دېمىسىمۇ ئىنسان يات موھىتقا دۇچ كەلگەندە قوغۇدىنىش ئھتىياجىنى ھەممىدىن بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتىدۇ-دە ئۆزى بىلەن بىر تۈركۈمدىكىلەرگە سىغىنىدۇ، يات تۈركۈمدىكىلەرنى چەتكە قاقىدۇ. گۈيياڭلىق ياتاقدىشىمنىڭ ياپۇنلارغا بولغان نەپرىتىنى مەن تارىخ دەرسلىكلىرىدىكى بايانلاردىن، 90 -يىللاردا ئەۋج ئالغان خۇئاشىيا ئىدولوگىيىسىدىن ۋە ئۇنىڭ يات بىر ئەلدە ياشاۋاتقاندىكى كۆچەيگەن مىللەتچىلىكىدىن كۆردۈم. مەن ئوقۇغان چاغلاردىمۇ كىتابلىرىمىزدا دائىم «ياپۇن ئالۋاستىلىرى»، «ياپۇن قاراقچىلىرى» دېگەن ئىبارىلەر كۆپ قوللۇنۇلاتتى. ھازىر قاراپ باقسام  مائارىپتا لوگىكىغا ۋە ئەخلاققا يات ھاقارەت ئىبارىلرىنىڭ دەرسخانىدا ۋە دەرسلىكلەردە قوللۇنىلىشى غەرپتە توغرا كۆرۈلمەيدىكەن.
قارىسام ئۆيدە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىسى ۋە بىر دۈم كۆمتۈرۈلگەن چىنىدەك يۇمۇلاق نەسە ئورنۇتۇغلۇق تۇرۇپتۇ، سوراشتۇرسام،  ئەگەر ئوت كەتسە ياكى تاماكا چەكسەم ھېلىقى چىنىدەك نەسە سايراپ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرگە خەۋەر قىلارمىش. بۇ ئارقىلىق ماڭا ئۆيدە تاماكا چېكىلمەيدۇ دېگەن مەقسەد ئۇقتۇرۇلدى، مەن ئۇنداق تەنگە زىيانلىق خۇيلاردىن يىراق بولغاچ پەرۋاقىلمىدىم. كېيىن دىققەت قىلسام تاماكا چېكىۋاتقانلار ھەرقانداق بىنا ياكى ئۆنىڭ ئالىغا كەلگەندە تاماكىسىنى تاشلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن. ئاچقۇچنى پات-پات سىلاپ قويىمەن، بۇ بىرسى خۇشاللىقتىن، يەنە بىرى بۇ بىردىن بىر ئاچقۇچۇمنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىمدىن. ئاچقۇچتىن پەقەت بىرنىلا بەرگىنىدە ھەيران قېلىپ سورۇدۇم، « ئائىلەڭ كەلگەندە ئايالىڭغا يەنە بىرنى بېرىمىز» دېيىشتى. تۇۋا، بۇ يەردە ئاچقۇچ يوقاتساڭ ساڭا ئاچقۇچ بەرگەن ئورۇن ئۆزى ئامال قىلىپ بېرىدىكەن ئۆزەڭ بېرىپ ياساتساڭ بولمايدىكەن، ناۋادا بىرسى ياساپ بەسە قانۇن بويىچە جازالىنىدىكەن.
ئۆيۈممۇ بولدى لېكىن يەنە بىر موھىم نەرسەم يوق، ماشىنام. مېنى ئۆيىگە چاقىرىۋالغان ئۇيغۇر ھەمشىرىلىرىم ئايالىم كەلگىچە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىشىمنى تاپىلىغان ئېدى. قانداقلا ئويلىسام ماشىنا ھەيدەشكە رايىم يوق. بۇ يەدە تاكسى يوللاردا مېڭىپ يۈرمەيدىكەن. تاكسى لازىم بولسا تاكسى شىركىتىگە تېلىفون قىلىپ كېلىشىپ قويۇشۇم كېرەككەن. تاكسى باھاسى بەك قىممەت ئىكەن. چاغلىقلا يەرگە قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس قىرىق مىنۇتتا بىر كېلىدىكەن، تېخى چۈشتىن كېيىن بەشتىن قالسا ئۇمۇ يوق. ھېلىقى ئۇيغۇر ھەمشىرەلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىدا بايلارلا تاكسىدا ئولتۇرالايدىكەن.
ماشىنا بۇ يەردە ئەڭ ئەقەللى قاتناش ۋاستىسى دەپ تونۇلغاچقا بۇ يەردىكى ئامېرىكىلىقلار ماشىنىسىز بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئاممىۋى قاتناش  بىزدىكىدەك ئومۇملاشمىغان. بەلكى بۇ ئامېرىكىقلارنىڭ پايانسىز قۇرۇقلۇقتا ئىندىئانلارنى ئات بىلەن سۈرۈپ تۇقاي قىلىپ زىمىن ئېچىپ، ئاندىن شۇ ئاتنىڭ ئورنىنى خۇسۇسى تۇرمۇشقا ئاتتەكلا ماسلاشقان ماشنىغا ئالماشتۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار خۇسۇسى تۇرمۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ھەممە ئىشتا شەخسنىڭ خاھىشى، ئەركى ۋە قولايلىقىنى بىرىجى ئورۇنغا قويىدىكەن. ھەممە ئادەمنىڭ خۇسۇسى بوشلۇقى، خۇسىۇسى ئىشى ۋە سىرى بولۇشىنى ئۇلار تەبىئى ھوقۇق سانايدىكەن . مەن تۇرىۋاتقان لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەردە بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكىدەك  كۆجۈم مەھەللىلەر بولسىمۇ لېكىن بىر ئۆي بىلەن يەنە بىر ئۆينىڭ ئارىسىدا چوقۇم بىر پارچە چىملىق ياكى ئورمانلىق بولىدىكەن. ئامېرىكلىقلارنىڭ يول يۈرگەندە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى ئەمەس بەلكى بىر كېچە قونۇپ راھەت ئالغان ئۆينىڭ چاقلىق ھالىتى بولغان خۇسۇسىي ماشىنىنى تاللىشى بەلكىم يۇقارقىدەك شەخسىيلىككە ھەددىدىن زىيادە يېپىشىدىغان مىجەزىدىن كەلگەن بولۇشى ئىھتىمال. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگۇدىكى قىستاڭ ئاپتۇبوسلاردىن بەك ۋايسايدۇ، چۈنكى ئۇلار يات بىرسى بىلەن يېقىن بىر يەردە تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەككىلىككە چوقۇنىدىغان مىجەزىنىڭ ئىنكاسى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى ماشنىنى ئەلا بىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى ئەلۋەتتە. بايلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ سىموۋۇلى بولغان، ھەممە نەرسىسى دۇنيادا مۇدا بولىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشنىلىق يۈرۈشى بىزدە توسقۇنسىز ئېقىم ھاسىل قىلىپ، بايلىققا ۋە ئىناۋەتكە تەلپۈنىشىتكى نىشانغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئەمەلىيەتتە ئاممىۋىي قاتناش  تەرەققىي قىلغان، تاكسىلىرى كوچىلاردا خېرىدار ساقلاپ تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان بىزدەك كىشىلەرگە ماشىنا ئانچە زۆرۈرمۇ ئەمەس. ۋاھالەنكى، بىزدە ماشىنا ئەمەلنىڭ دەرىجىسىدىن، بايلىقنىڭ مىقدارىدىن، ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكىدىكىدەك ماشنىلىقلارنىڭ پىيادەلەرگە يول بېرىشى جوڭگۇدا ئەقىلگە سىغمايدۇ. قانداقمۇ ماشىنىلىق ئەمەلدار نەچچە يۈزمىڭلىق ماددىي مەبلەغ ۋە ھىساپسىز مەنىۋىي دەسمايە بەدىلىگە ئېرىشكەن ماشنىشىسىدا تۇرۇپ ناماراتلىق، ئامالسىزلىق ۋە ئاجىزلىق كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن پىيادىگە يول بەرسۇن؟ بۇنداق كەمسىتىلىشتىن كېيىن  پىيادەلەر ھاياتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلمەي قالمايدۇ،“ نامرات قالساڭ، ئەمەلسىز قالساڭ خورلىنىسەن، ھاياتتىكى نىشان، ماشىنىلىقلارغا يېتىشىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تاللاپ پۇراپ كەتكەن ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس، ئۇلار قوللۇنۇشقا پېتىنالمىغان ۋاستىلار بىلەن بايىقققا، ھوقۇققا ئېرىشىش كېرەك“. ئەمەل بىلەن پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان جەمئىيەتتە بايلىق ئاتا قىلمايدىغان بارلىق نەرسىلەريەنى بىلىم، ئىجتىمائى غايە، ئىتىقاد. سىياسىي تەشەببۇس، ئىنساننىڭ قەدرى، تەبىئەتنىڭ بولغۇنىشى قاتارلىق تۈمەنلىگەن ئىشلار كىشىلەرنىڭ پىكرىنى مەشغۇل قىلالمايدىلا ئەمەس، دىققەتتىن ساقىت قىلىنىدۇ. بەلكىم بىزنىڭ پىيادىلەرنىڭ ھودۇقۇپ قېچىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كۆنگەن ماشنىلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ قالسا لاۋرېنستىكى تېزيول بويىدا قورقۇنچتىن  بىخەۋەر ئوتلاپ يۈرگەن بۇغىلارنى، دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىدىن خاتىرىجەم چىقىۋاتقان تىيىنلارنى كۆرگەندە ئادەملەرنى قورقۇتقان ئەلپازىنىڭ بۇ يەدە ھايۋانغىمۇ كار قىلمايدىغانلىقىنى سېزىپ ئەقلىنى يوقۇتار. پۇل تاپقىلى، ماشنا ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن شۇ ماشىنىنى كەشىپ قىلغانلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدا شەكىللەندۈرگەن ئەخلاق ۋە ئادەتنى يېتىلدۈرمەك پۇل تاپقاندەك ئاسان ۋە تېز بولمايدۇ
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 5331 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-05-09
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 19:32

داۋمى باردەك قىلىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 23:56

بەك ياخشىكەن  داۋامىنى كۆرۈش ئۈمۈدۈ م بار       
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 00:39

بۇنى ئەلكۈيىدە كۆرگنىدىم بەك ياخشى تىما يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋەتتىم
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-05-08
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 11:56

خىلى مول بىلىمگە ئىگە بۇلىۋالدىم بۈگۈن.ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىلىم ئىلىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىگە،ۋە باشقىلارنى چۈشۈنۈش پۇرسىتى بەرگىنگە ۋە  مۇشۇ تېمىنى يوللىغان قېرىنداشلىرىمغا كۈپتىن كۈپ تەشەككۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7362
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-12
ئاخىرقى: 2012-02-09
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 15:35

گۈلەن ئەپەندىنىڭ جاسارىتىگە قايىلمەن، ئۇنىڭغا تىنچ-ئامانلىق، ئۇتۇق-مۇۋاپپىقىيەتلەر تىلەيمەن.
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 17:05

ھەقىقەتەن ئېسىل تېما....


مېنىڭ مۇ باشتىكى دۇنيا قارىشىم ئامېرىكىنى تىللاش بىلەن باشلانغان..