باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4594 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 13:34

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلدى(2011-05-11)
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(1)

  
 ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
)ئەسكەرتىش: بۇ تىما ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى گۇلەننىڭ يازمىسى بولۇپ شۇ مۇنبەردىن كۆچۈرگەن‹ جېك بلوگى›دىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى)
1.  خاتىرەمدىكى ئامېرىكا

-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە.  بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. يېزىقمۇ تىلمۇ ئۇيغۇرچە تۇرسا نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەينى چاغدا چۈشەنمىگەنلىكىم بىلەن دېھقانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.) شۇنداقتىمۇ شۇ گېزىتلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەكلا تۇيىلىدىغان رادىيولاردىن جاراڭلاپ تۇرىدىغان ”ئامېرىكا جاھانگىرلىگى“، ”رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“، ”قۇل قىلىنغان پورلىتارىيات سىنىپى“ دېگەندەك گەپلەر ماڭا ئىنتايىن قەبىھ بىرسىنىڭ تىللنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىدۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاھانگىر دېگەننى چۈشەنمەيتتىم، بۇ گەپ قۇلۇقۇمغا لاخشىگىر دېگەندەك ئاڭلىناتتى-دە كۆز ئالدىمغا قىپقىزىل چوغ قىستۇرۇلغان كۆرۈمسىز بىر نەرسە كېلەتتى. رادىيو ۋە گېزىت ژورناللاردىن ئامېرىكا ھەققىدە سەبىي قەلبىمگ سىدۈرۈلگىنى ھەجىۋىي ”قەغەز يولۋاس“ ۋە ئىسكەتسىز ”لاخشىگىر“ . مەنچە بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.

باشلانغۇچىنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمىزدا دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسىننىڭ ”سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق“ دېگەن چۆچىكىنى ئوقۇدۇق. مەن شۇ چۆچەكتىكى قىزچاقنىڭ ھەر بىر تال سەرەڭگىنى ياققاندا سۈرگەن تەسىرلىك خىيالىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن. ماڭا بۇ چۆچەكنىڭ تەسىرى ”نۇزۇگۇم“ داستانىنىڭ  تەسىرىدىنمۇ بەكرەك رۇشەن بولغان دەپ جەزىم قىلىمەن. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز قىزچاقنىڭ پاجىيەلىك تەقدىرىنى ”رەھىمسىز، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“ كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم تەسىرات يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرغان بولسا كېرەك. بىر قار ياغقان سوغۇق كۈنى چىرايلىققىنە بىر قىز ساۋاقدېشىم ”كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ“ دەپ تەسىراتىنى ئوقىغاندى. ماڭا شۇ چاغدا سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق خۇددى ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمدەك، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم شۇ قىزنىمۇ ئازاپلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇ تۈزۈمگە راستىنلا نەپرەتلەنگەنىدىم. ساۋاقدېشىمنىڭ ”سەبىي“ دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقاندىكى ناتىۋان تۇرىقى ھازىرغىچە سۈرەتتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن ”سەبىي “ دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ سۆزنى ئاڭلىسام ھېلىقى ساۋاقدېشىم سىياقىدىكى ”سەرەڭگە ساتقۇچى قىز“ كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنى ”رەھىمسىز كاپىتالىستىك تۈزۈم“گە تېخىمۇ ئۆچ قىلاتتى. مەنچە بۇ ئامېرىكنىڭ قەلبىمدىكى سەلبىي ئوبرازىنى كونكىرىت مەزمۇن بىلەن ”بېيىتقان“ يەنە بىر ئامىل ھىسابلانسا كېرەك.

تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ئوبرازى جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات دەرسلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىپ باردى. مۇئەللىملەر بۇ دەرسلەردە پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى ”رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“گە دۆڭگەپ ھارمىدى، ھېلىقى چىرايلىق ساۋاقدېشىم ۋە ماڭا ئوخشاش قۇلىقى يۇمشاق، كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار تەسىرات ماقالىسىنى يۈز نومۇرغا لايىق يېزىش ئۈچۈن كاپىتالسىتىك تۈزۈمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا ھېسىداشلىق قىلىپ، كاپىتالىستلارنى تىللاۋەردۇق. ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بايراقدارى گوركىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمدە تارتقان ئازاپلىرى ھەققىدە بىر رەسىملىك ئوچۇق دەرس ئۆتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. رەسىمدە كاپىتالىستلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق سىزىلغان بولغاچقا خېلى بىر كۈنلەرگىچە چۈشەپ چىققانىدىم.

تولۇقسىز ئۈچنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابلارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە چىققان كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ ئۈلگۈرەتتىم. ئەلۋەتتە، چەتئەل ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر ئېدى. كىتابلارغا قارىغاندا ماڭا ”دۇنيا ئەدەبىياتى“،“تارىم“، ”تەڭرىتاغ“، ”شىنجاڭ ياشلىرى“ دېگەن ژورناللار بەكرەك يارايتتى. ”دۇنيا ئەدەبىياتى“ غا سوۋېت-روس ۋە سوتسىيالىستىك شەرقى ياۋۇرپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بېسىلاتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ بەكمۇ روسچە ئۆگەنگۈم كەلگەن ئەمما ماتېرىيال تاپالمىغانىدىم. ژورناللاردا ئاندا ساندا ياپۇنىيە ۋە غەرپ ئەدىپلىرنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلسىمۇ بەزىلىرىگە ”رەزىل كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى قامچىلانغان“ دېگەندەك تەھرىر ئىلاۋىلىرى قوشۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم پاراڭ ئارىلىقىدا ”سىنىپىمىز ئامېرىكىغا ئوخشاپ قاپتۇ“ دېگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئامېرىكىغا ئوخشاپ قالغان ”زۇلمەتلىك“ سىنىپىمىزنىڭ ”رەزىللىك“لەر بىلەن تولغان ”قاراڭغۇ“ رىياللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ”بىخ“ نامىدا بىر گېزىت چىقارغانىدۇق. ھازىر پەرەز قىلىپ باقسام، تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم كاپىتالىزىمنىڭ ”رەزىللىك“ مەنبەسىنى تونۇپ يېتىش باسقۇچىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ھالقىغان دەۋرىم بولغانىكەن.

89-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى بولدى، تەشۋىقاتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ تىنچ  ئۆزگەرتىۋېتىش سۈيىقەستى راسا تەنقىدلەندى. بۇلار مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەزىللىك كۈچلىرىگە بولغان غەزىپىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىنساندا بىر قۇتۇپقا قارشى قوزغالغان نەپرەت ئۇنىڭدا قارشى قۇتۇپقا قارىتا مۇھەببەتنى ئويغىتىدىكەن. 91-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. شۇ چاغدا خاتىرەمگە ”ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆلگەن ئالتە مىليۇن ئىنساننىڭ قانلىرى بىكارغا كەتتىمۇ“ دەپ يازغانىدىم. مەن گوركى ۋە نىكولاي ئوستۇرىۋېسكى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدىن ”ھەقىقىي ئىنسانلىق كومىنىستلىقتۇر“ دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. يەنە ”ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر“ دەپ بىر كىتاب بولىدىغان  شۇ كىتابمۇ مېنىڭ  كومىنىستلىق ھىسسىياتىمنى قۇۋۋەتلىگەن ئېدى. دېمەك مەندىكى كاپىتالىزىمغا قارشى ئويغانغان نەپرەت مېنى سوتسىيالىزىمنى سۆيىدىغان قىلىپ قويغانىدى. تولۇق ئوتتۇردىكى ھاياتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن ”خۇدا يوق“ دەپ تالاش- تارتىش قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولۇق ئوتتۇرا خېمىيىسى بىلەن بىئولوگىيىسىنىڭ ”خۇدا يوق“ نى ئىسپاتلاشقا يارايدىغان قىسمىنىڭ تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مېنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. ”خۇدا بار“ دەيدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا مۇشت كۆتۈرۈپ ۋارقىرايتتى –يۇ ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردىن بىخەۋەر ئىدى. (تۆۋە دەيمەن، شۇ چاغدا ”خۇدا يوق“ دېگىنىم ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ساۋاقداشلىرىم مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە ھاراققا چۆپقەت، مەن نەچچە مىڭ يىللىق ھاراق ئەئەنىسىگە ئىگە ئىچكىرىدە شۇنداق ھاراملاردىن يىراق ياشىدىم).

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىكىدىكى  بىر قىسىم سۈرەتلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. بىر رەسىمدە ئاغزىغا پاتمىغۇدەك بىر ئوچۇم تاماكىنى چېكىۋاتقان بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبرازى بېرىلىپ ”كاپىتالسىتىك تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىك“ دەپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى. باشقا بىر رەسىمدە ”كاپىتالىستىك ئىقىتىسادى كىرزىس تۈپەيلى ئامېرىكىدا سۈتلەر دېڭىزغا تۆكىۋېتىلمەكتە“ دەپ يېزىلغان، يەنە بىرسىىگە ”ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن يەرلىرى تاتىۋېلىنغان ئىندىيانلارنىڭ قان ياشلىق سەپىرى“ دەپ تېما قويۇلغانىدى. قىزىق يېرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىدولوگىيە پەنلىرى مېنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلغان بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا بۇلارغا تەبئىي پەنلەرمۇ دەستەك بولۇپ مېنى ئاتېئىزىمچىلىق ۋە  كۆممۇنسىتلىق مۇھەببىتىگە موپتىلا قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئويۇمدا سوتسىيالىزىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەزىللىك ۋاباسىنى داۋالايدىغان دورا ئىدى.

92-يىلدىكى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپ زىيارىتى نۇتىقى، كومپارتىيە يولغا قويغان بازار ئىگىلىكى تۈزىمى ۋە مەن بېيجىڭدا كۆرگەن خەنسۇلاردىكى ئامېرىكا مەستانىلىقى مېنى بىر مەزگىل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىز قەشقەردە ئوقۇدۇق دەپ ئىدولوگىيە كۆرىشىنىڭ نامسىز قۇربانلرىغا ئايلىنىپتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۈرلۈك ماركىسىزىملىق قاراشلارنى بىزلا ئۆگىنىپتىمىز. جوڭگۇنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن بەن چاۋ، جاڭچىيەن، لىيۇجىنتاڭ دېگەندەك جوڭگۇنىڭ بىرلىكىگە توھپە قوشقان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ تارىخ، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىدىيە سىڭدۈرىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىكەنلىكىگە شەكلەنگەنىدىم. ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا (ئىمام بۇ خارى سەۋەبلىك بۇخارا مۇسۇلمانلار ئالىمىگە مەشھۇر، مەھمۇد كاشغەرى سەۋەبلىك قەشقەر تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتلىك) دەپ نام ئالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا  مەن تولۇق كوممۇنىزىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدىم، ۋاھالەنكى، قىزىل پايتەخت بېجىڭدا ئالغان خەنسۇچە مائارىپ مېنى بۇ ئىددىيىدىن گۇمانلاندۇردى. تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن شۇنچە قالايمىقانچىلىققا شاھىد بولغان بېيجىڭلىق تاكسىچىلار خۇددى ھىچ قانداق سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ ئىددىيىسىنى توغرىلىمىغاندەك سىزگە دېموكراتىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بىز قەشقەردە بىسرەمجان بولۇپ كەتكەن ”غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى“ گە  بېيجىڭلىقلار شۇنچە بىپەرۋا ئىدى. بېيجىڭدىكى بىرىنچى يىلىم قەشقەردە ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدىغان ”ئەكسىيەتچى“ ئىددىيەرنى، كوچىدا ئاشكارە سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن ئوقۇش، دەرسخانىلاردا ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىددىيەگە دائىر ماركىسىزىمدىن باشقا كىتابنىڭ بولماسلىقى، چەتئەل ئەدەبياتىغا ئائىت سوۋېت سوتىسيالىستىك رىيالىزىمىغا مەنسۇپ ئەسەردىن باشقىلارنىڭ ئازلىقى، بىزنى ئىددىيىدە بەكلا چۈشەپ قويغان ئېدى. بىز توغرىسىنى ئېيتقاندا شىڭشىسەي سوۋېت بىلەن دوست بولغان1930- يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىيىم كېچەك، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە رۇس كومىنىستلىرىغا ئەگىشىپ ياشاپ كەپتىمىز. 1930-يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كونسۇلى بىلەن شىۋىت كونسۇلى ئىدولوگىيە رىقابىتىدە رۇسلارغا ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ قەشقەردىن قوغلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم قەشقەرنى زامانىۋىي دۇنيادىكى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن.  ئۇنىڭ يېزىشىچە قەشقەر روسچە كومۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ تۇرمىسىگە قامالغان. بېيجىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،  بۇ شەھەر ھەتتا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئىددىيەلەرگە قۇچاق ئاچقان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىددىيىدە شۇنچە ئاسان ئازات بولالىشى باشقا سەۋەپلەردىن باشقا بەلكىم قەشقەردەك مۇددەتسىز ھەپسىگە مەھكۇم بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە قاينىغان ”زامانىۋىيىلىشىش غەرپلىشىشمۇ“، ”دېموكراتىيە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلامدۇ، پاراۋانلىقنىمۇ؟“، “ فېدىراتسىيە تۈزىمى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىمۇ؟“ دېگەنگە ئوخشاش مۇنازىرىلەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇربولغانىدى.  شۇ چاغدا دىنشۇناسلىق فاكۇلتىتىدىكى بىر پروفېسسور لېكسىيەسىدە ”جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەندە ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنماقتا“ دېگەن ئېدى. مەن شۇ چاغدا “ مۇئەللىم، سىز جوڭگۇلۇقلار دېگەندە خەنسۇلارنىلا كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟“ دېسەم، قىلچە ئويلانماستىن ”ئەلۋەتتە“ دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن دۇنياغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم، نەزىرىمدىكى دۇنيادا كاپىتالىزىممۇ، سوتسىيالىزىممۇ يوق، پەقەت ئىنسانلارلا بار ئىدى. مەزكۇر دۇنيادا تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەتنى، ئادىل رىقابەتنى قوغۇداش، ئىنساننىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش،  ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرش ئىدى. بۇ يەردە ئىنسان سۆزى، ئىددىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايتتى. ئۇشبۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئاساسى قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق رازىلقى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ  ئۇ ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقىنى  شەرتسىز قوغۇدېشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىتىلمەي ئىنسان ھاياتىدا لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىتىلەتتى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم تۈزۈمنى پەدەزلەش قۇرالى ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ قورالى ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. شۇ چاغدا ئىككى ئىش ماڭا تەسىر قىلدى، بىرى ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاكام ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ يارىدەمگە خېلى جىق پۇل ئەۋەتتى، يەنە بىرى مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈل تارتىدىغان بىر خەنسۇ بالا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. يىللاپ كۈل تارتىپ تاپقان پۇلىنى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ تەلپۈنگىدەك ئامېرىكا قانداق يەر؟ نېمىشقا ئامېرىكا مەكتەپلىرى باشقىلارنى ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پۇللىرىدىن تارتىپ بېرىپ قوبۇل قىلىدۇ؟ مۇشۇ نېمىشقىلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئاكام ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يارىدېمىدە ئېنگىلىزچە ئۆگنىشكە باشلىدىم.

شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىلىم ئىزدەش مۇساپەم باشلاندى، مەن ئۇچراتقان ساختا ئىلىمنىڭ زۇلىمى، زالىم ئىلىمپۇرۇچلارنىڭ دەرس دەپ ئاتالغان مۇستەملىكىچىلىكى، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولغان ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتىكى توختاتمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان  قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ نىمىشقا مەن ئالغان ئون بىر يىللىق مائارىپ مېنى كوممۇنىست قىلىشقىلا يارىدى-يۇ جان بېقىشقا يارىمىدى؟ مېنى ئامېرىكىغا، ئۇنىڭ كاپىتالىزىم تۈزىمىگە ئۆچ قىلغان مائارىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ مەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈپمۇ باقمىغان دۆلەتكە، ياشاپمۇ باقمىغان تۈزۈمگە نەپرەتلەندىم؟

يېقىندا ئاڭلىشىمچە مېنىڭ تولۇقتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئانامغا ”ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى“ دەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا بۇ گەپ ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولغاي ماڭا،  ”بالام سەن مەكتەپتە مەسجىد بار، مۇسۇلمان  ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر ئىماملىق قىلىدۇ دەيسەن، ئىسلام تەرغىباتچىلىرى بار دەيسەن، ئىسلام دىنى دەرس قىلىپ ئۆتىلىدۇ دەيسەن، ئوقۇغۇچىلار چۈمبەل ئارتسىمۇ، ساقال قويسىمۇ چەكلىمەيدۇ دەيسەن، خانىمىڭنىڭ نېمە دېگىنىدۇ بۇ؟“. بۇنىڭغا نېمە دەي؟ ئۇلارغا ئىراققا ئابغانىستانغا ئۇرۇش ئاچقان بوش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلىتى ياكى خەلقى ئەمەس، بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشەندۈرەلەمدىم؟ ياق. ئۇچۇر مەنبەسى سۈنئىي قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر بولسا دۇنيا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقماي ياكى قىزقىشتىن قورقۇپ بىخەۋەر قالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئەسەبىي تۈس ئېلىپ كاللىسى تەرەپباز ئۇچۇرلارغا لىقلىنىدۇ، ئۈچىنچى بىر ئىھتىمالدا دۇنيانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، موھىتقا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەيلى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسۇن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بۇرمىلانغان بولىدۇ. ئۆتكەندە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى بەرقى مۇنبىرىدە دېموكراتىيەنى  ئاپرىقىچە دېموكراتىيە، ئاسىياچە دېموكراتىيە دەپ ئايرىپ يۈرمىدىمۇ! جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا ياشاۋاتقان ئادەمگە دېموكراتىيەمۇ شۇنداق تۇيۇلماي قالامدۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ھىچ قاچان ئايرىلىپ، ئالمىشىپ باقمىغان بىر ئەلدە كىشىلەر دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىپ بولالامدۇ؟ ئانامغا باشقا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم. ئەمما بۇ گەپ ماڭا ئۇزاققىچە تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچۇم پاكىستان ياكى ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن بۇرمىلانغان چۈشەنچىنى تارقىتىۋاتاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، جىيەنلىرىمنىڭ بىر-بىرىنى ”خۇدايىم بۇيرىسا دەپ دىنىي گەپ قىلما، خانىمغا دەپ قويسام جاجاڭنى يەيسەن “ دەپ تەھدىت سېلىشلىرىنى توغرا چۈشەنمەي قانداق قىلاي! ماڭا بۇرمىلانغان چۈشەنچە ۋە تەرەپباز ئىدولوگىيەلەرگە مەھكۇم بولغان، مېنى كوممۇنىست قىلىپ تەربىيەلىگەن قەشقەر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىگەندەك تۇيۇلدى. قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپ  پەقەت ئىككىلا كەسپتىن ماگىستىر ئاسپىرانت (تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىدىكەن. بىرى ئەدەبىيات يەنە بىرى ماركىسىزىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىلىسى ئىدولوگىيە نوقتىسىدىن بىر مەركەزگە بېقىنىدۇ. مائارىپ يەنىلا ”ئاساسىي خەۋپ“،  ”ئەشەددىي دۈشمەن“  دېگەندەك ئىدولوگىيىلىك ئوقلارغا باغلانغان. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈن ”ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشىمىنى“ دېگىنى بىلەن  باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا  يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن ”ئامېرىكا ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى“ دەپ ئۆگەتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق ئىدى. دېمەك بۈگۈنمۇ بىر خىيالىي دۈشمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە، بىر مەۋھۇم قورقۇنچ رىياللىقنى پەدەزلىمەكتە ئېدى. ئامېرىكىنى سەۋەبسىز دۈشمەن دەۋاتقانلار قۇربانلىق بولماقتا، مەقسەتلىك دۈشمەن دېگۈزىۋاتقانلار بالىلىرىنى، پۇللىرىنى يوشۇرۇنچە ئامېرىكىغا يولغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەرنىڭ بوش مىڭىلىرىگە كۆرۈنمەس قەلەملەردە سىخمىلارنى سىزماقتا ئېدى. چۈنكى بېكىك جەمئىيەت، بۇرۇختۇم موھىت ھەرقاچان تەرەپباز ئۇچۇر، بۇرمىلانغان ئىددىيە ۋە ئاساسسىز چۈشەنچىلەرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلىق بازىرى ئېدى.

مەن كۆرگەن مائارىپ خاتىرەمگە ”ئامېرىكا ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دۈشمىنى“ دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. بۈگۈنكى سەبىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بۇنىڭ ”ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى“ دېگەن يېڭى بىر نۇسقىسى قوشۇپ يېزىلماقتا. مەنچە ئالدىنقىسى مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا گىرىپتار قىلسا، كېيىنكىسى بىر مىللەتنى ئۇزاققىچە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مەن  بىلىم، سۆيگۈ ۋە قەيسەرلىككە تەشنا قەلبلەرگە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن.
(داۋامى بار)
 
<بوزقىر>مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىندى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(2)

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(2)

  
 2.   ئىزدىنىش سەپىرى

           ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق قىلاتتى. بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان « يانچۇقچى،  ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەنىدىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. بەزىدە بەكلا گەۋدىلىك ئۇيغۇرغا خاس چىرايىمدىن بىزار بولغانلىقىمنىمۇ يوشۇرمايمەن.  ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «مۇشۇ خەق ئوغرى دەپ قالمىسۇن » دېگەن ئەندىشىدە يوغان خەنسۇچە كىتاب كۆتۈرىۋالاتتىم ھەم ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن  ئالمايتتىم.( كېيىن بۇ ئادەتنىڭ مەندىلا ئەمەس  ئىچكىرىدە  ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدىم) . مۇشۇنداق سۇئاللار ۋە مۇئامىلىلەر ماڭا ھاياتىم ۋە ئىستىقبالىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان خەلق بىلەن  باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.

          مەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش مەقسەد ئەمەس بىر ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. ئالىم مەكتەپكە قاراپ سەپەرگە چىققاندا بىر ساۋاقدىشىم ”ئۈچ يىللىق مەكتەپتە ئوقۇپلا خىزمەتكە چىقىدىغان ئىشنى قىلغۇم بارتى، بەش يىللىق مەكتەپكەن“ دەپ ئاغىرىنىپ بەرگەندە تاڭ قالغانتىم. بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مېنىڭ ئون بىر يىل بىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ پەقەتلا بىر ئىدولوگىيە ئۈچۈن بولغانلىقىنى بايقىغىنىمدا قارارىمدىن شۈبھىلەندىم. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەييارلىۋالغان كۆنسىپىكلىرىنى يادلىتىشلىرى، شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقىنىدىن ئەمەس پەقەت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىدىنلا پەخىرلىنىشى مېنى ئويغا سالاتتى. بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىلا تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەركىزىي مالىيە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خەنسۇ بالا مەكتىپىدە تاياق يەپ بىزنىڭ خوشنا ياتاققا يارىدەم سوراپ كەپتۇ.  بىزنىڭ ”قەھرىمان“ بالىلار توپلۇشۇپ بېرىپ شۇ نانقېپىغا بولۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەلدى، ۋە پايدىسىغا ھاراق ئىچىشتى. شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتىنى تۈگەتكەن بىر يۇرتدېشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە كىم ”ئۇيغۇردىن دوستۇم بار“ دېسە باشقىلار  چېقىلالماسمىش. بىرىنجى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا بىر سورۇندا مەن ئوقۇغان  مەكتەپنى بېيجىڭلىقلارنىڭ « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» دەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. مەن بۇ گەپنى قىلغان بېيجىڭلىقلاردىنلا ئەمەس شۇ گەپنى ھېجىيىپ تۇرپ ھىچ خورلۇق ھىس قىلماستىن ماڭا شۇلارنى دوراپ دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1913- يىلدىكى بىر خاتىرىسىدە ”  خەلقىمىزنىڭ  بەزىلىرى ئۆزىنى چەنتۇ دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدۇ“ دېگەنىكەن. خىيالىمدا توقسان نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى خەق قويغان ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاشتىن ئۇيالمىغان ئۇيغۇر بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى ”ھايۋاناتلار باغچىسى“ غا ئوخشۇتۇپ  كالچاراۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوپمۇ ئوخشاش تۇراتتى. ئەڭ ھەيران قالارلىقى  ئۇيغۇر بالىسى تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر تەربىيەسىز قالغانلىقتىن شۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ شۇ گەپنى دەۋاتاتتى. بەزىدە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق » دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك تارىخىي بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى.  بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن شۇنداق قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ھەر قېتىمقى لېكسىيەدە سىنىپقا بالىلار پاتماي قالاتتى. بۇندىن باشقا ھەر يىللىق نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان « تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، ئىستىقبالنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپەككۇر ئويغانغانىدى. ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوكتۇر، مۇتەخەسىسلەردىن ئىلھام توختى، زەپەر ئابلىز، كۆرەش ئىبراھىم، راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئوپ پولات، لېتىپ توختى، مەترېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە ساۋاقداشلىرىمىزدا قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتوم پىزىكىسى ئالىمى كۆرەش ئىبراھىمغا ئەگىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىققان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىدىن ئۈلگىنىڭ چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئۆزىمزىدىن چىقىشىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلغانىدىم.

           مىجەزىم شۇ بولسا كېرەك، بىر نەرسىنى ئۆزەم بىلەر بىلمەي باشقىلارغا دەپ بېرىشكە، ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتىم. نەتىجىدە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيتتىم. بەلكىم بۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك ئىھتىياج – ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى مېنىڭ بىر ئاكام دېگەندەك ياخشىلىق قىلىش پىشانەمگە يېزىلغاندۇ. بەزەن شۇ چاغدا قۇرۇق ئاۋارە بولغاندەك ئويلاپ قالىمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنىڭ مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلە قانداقتۇر شۇ چاغدا مەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قاقشىغاندەك مىللتىمىزنىڭ ”ئەيپلىرى“ بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. سىياسەتنىڭ زورى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، ئىقتىسادىي نەپ تۈپەيلى مەكتەپتىن ئاسانلىقچى قوغلانمايدىغان، ”ئىتىبار“ تۈپەيلى تۈزۈكرەك دەرسمۇ ئورۇنلاشتۇرلمايدىغان ستۇدېنت قايسى مىللەت بولمىسۇن ”بۇزۇلىدىكەن“.  ئالى مەكتەپتە ئۆزەم مەنىسىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىپ  قىلغان ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋانلاردا__ ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل سەپەردە ھاراتتىم. شۇ چاغدا ھەمسەپەر بولغان دوستلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىدە يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىپ قالىمەن.

             بېيجىڭدا ئېنگىلىزچىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشەققەتتە ئۆگەندىم لېكىن ئۆزەم رازى بولغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلمىدىم. ئۆزەم ئالاقىگە خوشسىز بولغاچ بۇ تىلدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنەلمىدىم، تىلنىڭ يۇقۇرقى بىرىنجى ئۆتكىلدىن ئۆتەلمىگەچ ئۆزەم ئامراق كىتاب ئوقۇش باسقۇچىغا  يېتەلمىدىم. بۇ جەياندا  شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەندەك ئالاقىگە پەمسىز ۋە خوشسىز ئادەمنىڭ تىل ئۆگەنمىكى مۈشكۈلكەن. بەزىدە چەتئەلگە توغرىسى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىرادەم دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇ بولسا كېرەك، مەن دائىم ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالاتتىم ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىدىن توختىماي شۈبھىلىنەتتىم. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا ”سوفىنىڭ دۇنياسى“ (بۇ كىتاپنى داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى) دېگەن كىتاب بازارلىق بولدى. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا غەرپ پەلەسەپىسىنى ھىكايەلەشتۈرۈپ بىر يىپقا تىزىپ چىقانىدى. شۇ چاغدا بىزگە مەھمۇد كاشغەرىدىن تارتىپ تەجەللىگىچە بولغان تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەپسىلى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما مەزمۇنى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيتتى.  ئوقۇغان مەزمۇندىن بەھىر ئالالمىغاچقىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى توغرىسى بۇ دەرسلەرگە ئۆچ ئېدى. بىر قېتىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىم، تۇرپاندا 1912 يىللاردا بىر دېھقاننىڭ نەچچە ھارۋا قەدىمكى قول يازمىنى ”كاپىر قالماقلارنىڭ بىر نەرسىسى ئىكەن“ دەپ سۇغا ئېقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى. دەرس تۈگەپ ياتاققا قايتقاندا بىر ساۋاقدېشىم ”ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن شۇ دېھقان، بولمىسا ئۆگىنىپ ئاۋارە بولاتتۇق “ دېۋىدى باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ تەستىقلاشتى. دەسلەپتە نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ قالدىم، مەنچە قەدىمكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېشەلىگەن بولساق مۇنداق بىزارلىق بولمايتتى. ماڭا ”سوفىنىڭ دۇنياسى“ تېپىلماس ئىلھام بولۇپ شۇنداق بىر كىتاب يېزىش پىكىرى تۇغۇلدى. تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق شەكىلدە بىر يىپقا تىزىپ چىقىشنى خىيال قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملاتتىم. بۇ ئىش ماڭا چەتئەلدە ئوقۇشتىنمۇ موھىم بىلىندى.  گەرچە شۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ شۇ چاغدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سېكرتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا باش ئەگدۈرمىدى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى.  دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى،« ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ پەرقلىق تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كادىر، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچىدىن ئىبارەت پولات قاتلام شەكىللەنگەن بولۇپ تىز پۈكۈپ كادىر بولۇشنى تىك تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن ئەلا بىلەتتى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس90-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، مىللەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكار قىلىنىۋاتقان ئۇ چاغلاردا شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى قىممىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولدى.

(داۋامى بار)
 
ناخشا-ئۇسۇل بىزنى سېگانلار ئېگە بولالمىغان‹‹شە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2705 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2012-05-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 18:02

قولىدىن كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز  ئۈشبۇ  ئۆمرە چولتا تېمىنى ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇپ بۇ يەرگە ‹‹فالى›› قىلىۋەتكەن بولسا بىز ‹‹شىيازەي›› قىلىۋىلىپ  ‹‹يۇپەن››پۇپەن‹‹دومىتى ››پومىتى ،‹‹دوكاجى›› پوكاجى ‹‹شۇجى›› پۇجى، ‹‹ئەرجى›› پەرجى دېگەندەكلەرگە ‹‹ئەنجۇاڭ›› قىلىپ ئاڭلاپ ماڭغان بولساق ئاجايىپ بىر ‹‹گەنجۆ›› بولاتتىدە!
ئېسىل تېما!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1364
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1364دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15480 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 18:37

بۇ ئەسەرنى يازغان گۇلەن ئەپەندى ۋە كەڭساي ئەھلى بىلەن يۇز كۇرۇشتۇرگەن قىزىل كوۋرۇك توردىشىمىزغا رەھمەت ئىيتىمەن ،،،  جۇملە ئابزاسلىرىدىن ئويلار تۇكۇلۇپ تۇرىدۇ  بۇ ئەسەردىن ،،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 19:04

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(4)

(ئەسكەرتىش: بۇ تىما ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى گۇلەننىڭ يازمىسى بولۇپ شۇ مۇنبەردىن كۆچۈرگەن‹ جېك بلوگى›دىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى)
5.يول قايان؟
         يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى  قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ  ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى،بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە  تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا تېلىفوندا ”ئۆيلەندىم، ئۆي ئالدىم، بالىلىق بولدۇم، لېكىن يەنە خوش بولالمىدىم“ دەپ تاشلىدىم. ئارىدا ئۆيۈمگە كەلگەن  بۇرادەرلىرىمدىن بىرى « كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى « سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەرسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ. « سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم « سەپەر __ ئامېرىكا».
         موھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بېيجىڭدا__ ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەنمۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغانمۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىلىرىمىزدا  ئەۋج ئالغان « ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالى ئېدىم. ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
             ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپ  بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمىگە قوشۇلمىدى. ئىشلىگەن يىلىم توشمايمىش. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنساممۇ بولماسمىش، سەۋەبى ئۇنۋانىم توشمايمىش، قارىغاندا مۇكاپاتنى قېرىپ ماڭالماس بولغاندا بەرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنسۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. بۇلاردىن فورد مۇكاپاتى مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى« نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فوردنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى بايقىدىم. مۇشۇ كۈنگىچە قاقشىغانلىرىم خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى چۈشەنمەستىن غۇتۇلداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن. مەن ئۇيغۇرنى ئۆزەمگىمۇ يورۇق بولمىغان بىر مەنزىلدە كۆرۈشكە ئىنتىلگىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئۇيغۇرنى چۈشىنشىتە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا، ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئەتراپىمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم. تېرىمچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائى خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ  بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما، تىكەنلەرنى ئېلىۋېتىدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.
6. خەير دوستلار
             رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن  بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ.  بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ گېپى بويىچە تارىخنى ياراتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ، ئالىم ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىسى قايسى ئەمگەكچىدىن سوراپ خانۇ ۋەيران قىلىندى؟ ئۈرۈمچىدىكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ قەبرىستانلىقى قېنى؟ قەشقەردىكى ئارىسلانخان قەبرىستانلىقىدىكى بوۋىلار قېنى؟ بېيجىڭدىكى تەرەققىيات ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى، لېكىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ۋەدە قىلىپ كاركىراۋاتقان يەرلىك ئاغۋاتلارنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇنداق ئېسىل قىياپىتىنى ئۆلگە قىلىپ بىرلىكنى قۇغۇدىماي  قىلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىكى  ئادەمنى نەپرەتلەندۈرەتتى.
           بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تامىقىمىز شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدا (مەن مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىسىدكى خاتا تەرجىمىنى مۇشۇنداق تۈزەتتىم)  بولدى. تاماققا بېرىپ كەلگۈچە كىشىلەر بىزگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلدى،قانچىسى  بىزگە ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. دېمەك بېيجىڭلىقلار يات ئېرىقتىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ كۆنگەن ئېدى. چەتئەللىكەر بىلەن ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ئولمپىكنىڭ ئالدىدىكى تەشۋىقات بېيجىڭلىقلارنىڭ يات ئېرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىنى شىنجاڭلىق(ئۇيغۇر) دەپ قاراپ كەمسىتىدىغان ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى قىلىقىغا تۈزۈتۈش بەرگەن ئېدى.(لېكىن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدىن باشقا يەردە ياتاق بەرمەيدىغان ئىش ھازىرغىچە ئۆزگەرمەپتۇ). بۇرۇن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسى ئىچىگە ياتاقتا ياتقانلىق كىنىشكىسى ياكى مەزكۇر ئورۇننىڭ خىزمەت كىنىشكىسى بولمىسا ئادەم كىرگۈزمەيتتى، بۇ قېتىم بۇ ئۆزگىرەپتۇ، چۈنكى قورۇ ئىچىدە بىر قانچە يەردە خوجايىنى ۋە ئاشپىزىنىڭ قايسى دىندىكى بولىشى نائىنىق، ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى «مۇسۇلمان» ئاشخانىسى بارىكەن، بۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتىدىغان بازارچاقمۇ بارىكەن. ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مىھمانلىرى بۇ يەردە غىزالىندىكەن.
            تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىردىن بۇيان  ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ غەربىي ئەللەر بىلەن ئالاقىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ گومىنداڭ زامانى  ۋە 50-يىللاردا روسسىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن مەملىتىكېتىمىزنىڭ ئالاقىسىدا ئۇيغۇرلار ئەلچىلىك رولىنى ئۆتىگەنىدى.  بۇنداق تارىيخى ئەنئەنە گەرچە يېقىنىقى مەزگىدە ئىتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، سەلقارالدى. قارىغاندا يىمەكلىكتە ئۇيغۇر تاماقلىرى يەنىلا ”ئەلچىلىك“ سالاھىيىتىدىن چېكىندۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ بېيجىدىكى ۋاكالەتخانىسىدا غىزالىنىشى  بۇنى چۈشەندۈرسە كېرەك. دېمەك، خەلقئارا ئالاقە ۋە بازار ئېگىلىكى،يەرشارىلىشىش بىر نوقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، پۇل مەن  شۇنچە يىل بېيجىڭدا تۇرۇپ كرەلمىگەن ئۆزىمىزنىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ بۇ تۆمۈر دەرۋازىنى خالىغان ئادەمگە ئوچۇق قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم ۋە پۇلدىن ئىبارەت ۋاستىنىڭ بارلىق سۈنئى توساقلارنى بەربات قىلىشىنى تىلىدىم. ئىنسان ئىجتىمائى رىياللىق ۋە قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالمىغاندا  پەقەت بولمىغاندا پۇل ئارقىلىق بولسىمۇ باراۋەر بولالىسا، قانۇني يول بىلەن ئېرىشەلمەيۋاتقان  غۇرۇر ۋە ئەركىنلىكنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تېرىشىشى مۇمكىن. مەنچە قوزغاتقۇچىلىرى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىۋاتقان بىزدەك خەلق ئۈچۈن بۇ مەلۇم مەنىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
           بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتساق بىر قانچە بېيجىڭلىق بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن بىزدىن « بۇرۇن ۋېيگوڭسۈن، گەنجىياكولاردا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازار بار ئېدى، ھازىر نەگە يۆتكەلدى؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردۇق. ئۇلار سەۋەبىنى سوراشتى ۋە بۇ كوچىلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئارىمىزغا يېڭى كىرىپ كەلگەن بىر بېيجىڭلىق چېقىلىشنىڭ سەۋەبىنى  زەھەر ئەتكەسچىلىكى، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىزلىقلاردىن كۆرۈۋېدى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا، كانادا ۋە ئامېرىكادىكى تاڭلىقلار(خەنسۇلار) كوچىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردىكى مەسىلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن بەتتەر ناچارلىقىنى، غەرىپتە ۋە ئامېرىكىدا تاڭلىقلار كوچىسى دېگەنلىك نومۇسىنى سېتىش، جىنسىي كېسەللىك، بولاڭچىلىق، ئەتكەسچىلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىشقا پايدىلىق دېگەن سەۋەب بىلەن قوغۇداۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر كوچىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرقانچە قالاق بولسىمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن خېلى چوڭ رېستۇرانلاردىكى خېلى داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇمايدىغانلىقىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. سۆھبەتتىن كېيىن ئويلاپ قالدىم. مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت چۈشەنمەسلىكتىن، خاتا چۈشىنىشتىن ۋە مەلۇم گوروھنىڭ خاتا چۈشەندۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئېيتقان « يالغاننى قېرىق قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ» دېگەندەك بىر كىچىككىنە ئىشنى چىڭىغا چىقىرىپ سۆزلەۋەرسە ئاۋام ئىشىنىپ قالىدىكەن-دە نەتىجىدە بىگۇناھ كىشىلەر سىياسىي بېدىكلەرنىڭ غەرىزى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدىكەن. 2001-يىلى كەچ كۈزدە ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەردە سەككىز ئون ياشلادىكى بىر قىز مەندىن « سەن تېرورچىمۇ؟» دەپ سورىغاندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن نەپرەتلەنگەنتىم. بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە تاماقنى ئۇيغۇر كوچىسىدىن تاللاپ يىگۈسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈسى بار، ھېلىقى كىچىك قىزنىڭ قاڭشارلىق، ساقال بۇرۇتلۇق كىشىلەرگە تېرورىزىمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە غۇبارسىز سۇئاللىرى بار. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە بەرپا قىلغان مەھەللىلەر قالايمىقانچىلىق باھانە قىلىنىپ مۇشۇنداق ۋەيران قىلىنسا بۇ سۇئاللارغا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟ پەقەت بىردىن بىر ۋاستە پىلانلىق ئاخباراتمۇ؟. ئۇنداقتا ئاۋامنىڭ مۇستەقىل باھا بېرىش پۇرسىتى بولمىسىچۇ؟ ئىدىلوگىيىنىڭ كونتروللىقدىن خالى ئاخبارات مەۋجۇد بولمىسىچۇ؟
         بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ ئارىمىزدىكى ئاغزى يۈگرەكلەرگە  ئوخشايدىغان بىر خۇيى بار ئۇ بولسىمۇ بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋىلىش ۋە شۇ ھەقتە گەپ ئېچىشتىن ئۇيالماسلىق، بەلكىم بۇ پۈتۈن شەرقلەرگە ئورتاق بولسا كېرەك. بىر كۈنى خۇنەنلىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاسادىپى پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ « مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بەك يېقىملىق، مەنىلىك…» دەپ سۆزلەپلا كەتتى، ياقا يۇرتتا بىر يات كىشىنىڭ ئاغزىدىن مىللەتنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاش ئادەمنى خېلى خوش قىلىدۇ. ئاڭلاپ ئولتۇرسام « بولۇپمۇ سىلەردىن چىققان تېڭگىر ئالامەت ناخشىچى …» دېمەسمۇ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر بىلەن موڭغۇلنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردۈم. گەپ شۇ يەردە تۈگىدىمىكىن دېسەم يەنە بىرى قوپۇپ تېرورچىلىق ھەققىدە سۆز ئاچتى، مەن بۇ تېمىغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپمۇ قۇتىلالمىدىم. ئۇ شىنجاڭدىكى تېرورچىلىقنىڭ ئاجايىپ ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشنى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى ۋە ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئامالسىز كەسپىنى سورىدۇم، بىر شىركەتنىڭ خادىمىكەن، مەلۇماتى تولۇقسىزدا توختاغلىقكەن، مەن گەرچە ئۆزەمنى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولساممۇ نەسىھەتتىن توختىمىدى. مەن بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ سەبرى قىلدىم. چۈنكى تەبىقىچىلىك تۈزىمىدە، مۇستەبىت دۆلەتتە ئۇزاق ياشىغان كىشىلەر مۇشۇنداق بىلمەستىن ئاڭلىغاننى راست دېيىشكە، ئۆزىنىڭكىنىلا ھەق بىلىشكە، باشقىلارنىڭ  ئەقلىدىن ۋە كەچۈرمىشىدىن دائىم گۇمانلىنىشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇلار ئادەمنى ئادەملىكى بىلەن ئەمەس قايسى مىللەت، قايسى تەبىقىگە مەنسۇپلىقى بىلەن كۆزىتەتتى ۋە باھالايتتى. مەن بۇنداق ئەھۋالغا تولا دۇچ كەلگەن. بىر قېتىم لەنجۇ ئۇنۋېرىستىتىگە ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قەغەز تەكشۈگىلى بارساق بىزدىن «ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەلەمسىلەر» دەپ سورىغانتى.تۈركىيەدە يولۇققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا يۇرتۇڭ قانداق، خەلقىڭ نە ھالدا  دەپ سورىماي  تۇرۇپ، يۇرتۇڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ۋەز ئېيتاتتى. بۇنداق ۋەز نەسىھەتلەر خوشلاشقىلى بارغان يۇرتۇمدا، يولدىكى بىكەتلەردە، ۋە ھەتتا  مەن ئامېرىكىغا ئۇچقان بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىدىمۇ داۋام قىلدى. ئويلاپ باقسام ئەقلىمنى بىلگەندىن بېرى مۇنداق ئىككى نەرسە ماڭا ھەمراھ بولۇپتۇ، بىرى قورقۇتۇش يەنە بىرى نەسىھەت. بۇنىڭ بىرى سەۋەب بولسا يەنە بىرى نەتىجىكەن، يەنى مېنى قورقۇتۇپ نەسىھەتنى ئاڭلاتماقچى، ياكى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغاچقا قورقۇتماقچى، خوش، ئۇچاغدا مېنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر قىلىش ئەركىمچۇ؟ خاتالىشىش، ئېزىش ۋە بۇلاردىن ئۆزۈمگە خاس يەكۈن چىقىرىش ھوقۇقۇمچۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن تونۇش بىلىشلىرىمنىڭ ماڭا « ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشمەسلىك، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىق، توغرا_ خاتا، ھەق_ ناھەق مەسىلىلىرىدە زامانغا بېقىپ ئىش تۇتۇش، ئىلاج قىلىپ قايتىپ كەلمەسلىك، ئامېرىكىغا بارغانلىقمنى ھىچ كىمگە دېمەسلىك، تۈركىيەگە بارغانلىقم ھەققىدە تىۋىش چىقارماسلىق، توردا قالايمىقان ماقالە يازماسلىق، مەكتەبتىن چىقماي، گەپ قىلماي، جىمجىت ياشاش..» ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.
              ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغان مەزگىلىمدە  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدى. ئۆزەمنىڭمۇ  مېڭىش ئالدىدا ئۇستازلىرىم ۋە كەسپداش ئېنى سىڭىللەر بىلەن مۇڭدۇشۇش ئىسىتىكىم بولغاچقا تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ماسراق قىلىپ « ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكچى بولدۇم.  قويغان تېمام ئوقۇغۇچىلىرىمغا ياقتى. لېكسىيە دۈشەنبە كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي مەزمۇنىنى خەنزۇچە يېزىپ بەردىم. دۇشەنبە چۈشتە خەۋەر كەلدىكى « لېكسىيەم تەستىقلانماپتۇ». بەلكىم بۇ مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشۇم بىلەن باغلانغاندۇ،  ياكى ئۇستازلىرىم بەش يىل ئەنسىرىتىپ ئۆتكەن پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىسىنىڭ لېكسىيىسىدىن خەۋپسىرىگەندۇ، ئاڭلىسام  ئامېرىكىدىن كەلگەن مەلۇم ئۇيغۇر ئالىمنىڭ لېكسىيىسىنىمۇ تەستىقلاشمىغانىكەن، شۇڭىمۇ ھەيران قالمىدىم. ئەمما ئىچىم يەنە بىر مەرتە ئاچچىققا تولدى.
          ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ تىلنىڭ شاراپىتى بىلەن پروپېسسورلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ھەقسىز ئوقۇتىمىز دەپ ئەڭ ئېسىل شارائىتقا، ئەڭ ياخشى بالىلارنى يىغىۋالغان شۇ تۆت توك توك زىيالىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مېنى بۇرۇنلا بەزدۈرگەچ باشقىچە ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. پەقەت ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىڭ ھەممە گۇناھنى مىللەتكە ئارتىپ، بارلىق رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى ئۇيغۇردىكى نۇقساندىن ئىزدەيدىغان مۇدا خاھىشقا مايىللىقى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ئۇستازنىڭ « بىز تېخىچە ئۇيغۇر زۇلۇمىدىن قۇتۇلمىدۇق!» دېگەن سۆزنى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ مېنى نەشتەردەك چاقماقتا ئېدى. بېيجىڭدىن نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللار ۋە ئازابلىق خىياللارنى يۈدۈپ چىكاگۇغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا قەدەم باستىم.
(داۋامى بار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 19:10

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(5)

7.«مايگۈلى» نىڭ جەزبىسى
        ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.  مەن ئۇنىڭغابۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ  ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1660 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى  تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلان كۆزۈمگە ”ماي گۈلىكۆرۈنۈپ كەتتى. يېنىمدىكى ئولتۇرغىنى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ پۇقرالىققا ئۆتكەن بېيجىڭلىق ئايال ئىكەن. بۇ ئايال مېنى دەسلەپ مۇسۇلمان بولغاچ ئامېرىكىغا ئۆچ، دەپ ئويلاپ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋەئافغانىستادىكى«تاجاۋۇزچىلىق» لىرىنى تەنقىد قىلدى. مەن ھىچ ئىپادىسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن گېپىنى بۇراپ مېنىڭ ئالاھىدە ھالال تاماق بۇيرۇتقانلىقمنى خاتاغا چىقاردى ۋە ئامېرىكىدا بۇنداق قىلماسلىقنى، مۇسۇلمانلىق سالاھىتىمنى ئامال بار ئاشكارىلىلىماسلىقنى جىكىدى. مەن باشقىچە ئىنكاس بىلدۈرمىدىم پەقەت« مەن يالغان ئېيتالمايمەن» دەپ قويدۇم. ئۇ ئايال گەپ ئارىلىقىدا بىر گىرمان خىزمەتدىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى بىر مەسىلىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە سەۋەبىنى « بىز يەھۇدىلارغا قان قەرزدار، شۇڭا مېنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە ئۇنى بۇنى دېيىشىم نامۇۋاپىق» دەپ بەرگىنىنى ھەيرانلىقتا بايان قىلدى. مەن ئەكسىچە ئۆزەم، ھۆرمەتلەيدىغان گېرمان خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ۋە قايسى بىر يىلى گېرمان باش مىنىستىرىنىڭ پولشادا تىزلىنىپ تۇرۇپ پولەك خەلقىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئاسارەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان تەسىرلىك كۆرۈنىشىنى ئەسلىدىم. ئۇ ئايال ئامېرىكا بىلەن جوڭگۇنى سېلىشتۇرۇپ « جۇڭگۇ دېمۇكراتىيەگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا دېمۇكراتىيەدە چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا ئازراق توغرا يېرى باردەك ھىس قىلدىم. دېمىسىمۇ گۇئەنتانامۇ مەھبۇسلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشى ئۇنىڭ گېپىگە ئاساس بولالايتتى، كېيىنكى ھۆكمىگە مەن پىكىر قېتىشقا ئامالسىز ئېدىم، پەقەت ئىددىيە جەھەتتە جوڭگۇ كومپارتىيىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن موھىملىقىلا ماڭا ئايان ئېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دېيەلمەيدىكەن، گەرچە ئامېرىكىدا داچىسى بولسىمۇ ئامېرىكىلىقلار پەخرلەنگەندىن سۆيۈنۈپ ئۆچلەنگىنىدىن نەپرەتلىنەلمەيدىكەن. جوڭگۇغا قايتىپ كېلەي دېسە ئۆزىمۇ بالىلىرىمۇ كۆنەلمەيدىكەن، ھەم جۇڭگۇمۇ پۇقرالىققا قايتا ئالماسمىش. بۇ ئايالنىڭ ھەدىسە ئامېرىكنى داتلاپ بېرىشلىرىنى توغرا چۈشەندىم. ئادەم قېرىغاندا دائىم ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشايدۇ. بۇ بىچارە موماينىڭ بارلىق ئەسلىمىسى ۋەتىنىگە باغلانغان،  ئامېرىكىدا ئەسلىگۈدەك بىر نەرسە بولمىغاندىن كېيىن زېرىكىدۇ-دە! قارىغاندا ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى پېرىزدىنىت بولۇشتا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشنى ئۆلچەم قىلىش ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى ۋەتەن دەپ بىلىشى بىلەن مناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. ئەجەبا، يۇرتىمىزدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە يۇرتىمىزدا تۇغۇلمىغانلارنىڭ كۆپلەپ ئەمەلدار بولۇشى سەۋەب بولغانمىدۇ؟
            چىكاگۇدا چىگردىن كېرىش رەسمىيىتى بېجىرىۋېتىپ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، چۈنكى ئادرىسىم ئارۇپىلاندا تارقىتىپ بېرىلگەن جەدىۋەلگە پاتمىغان ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەدىۋەلگە توشقۇزۇلىدىغان بىر قانچە ئۇچۇرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇپ قايتا بىر جەدىۋەل  ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان ئېدى. ساقچى يىگىت « ئامېرىكىغا مەرھابا!» دەپ مىنۇت ئۆتمەستىن پاسپورتۇمنى قولۇمغا بەرگەندە ھەيران قالدىم. قايتۇرۇپ « باشقا چاتاق يوقتۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ساقچى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ « يوق» دېگەندىلا خاتىرىجەم بولدۇم. مېنىڭ مۇنداق ئەنسىرىشىمگە سەپىرىمنىڭ بېشىدىلا ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىدا يۈز بەرگەن پىشكەللىك سەۋەپ بولغان ئېدى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە پاسپورتۇم بولغاندىن كېيىن ماڭا لازىم بولماس، ئايالىمغا لازىم بولۇپ قالسا ئىشلەتسۇن دەپ كىملىكىمنى ئۆيدە قويۇپ ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىغا كەپتىمەن. بىلەت ئالماشتۇراي دېسەم بولمىدى، پاسپورتۇمدا دادامنىڭ ئىسمى باركەن، كىملىكىمدە يوقكەن. سەۋەبىنى سورۇدۇم، پاسپورتۇمدا كىملىك نومرۇم ۋە رەسىمىم بارلىقىنى دېدىم، ساقچىغا خەۋەر قىلدىم، ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولدى، ساقچى ئاجايىپ قوپاللىق بىلەن بۇ ئۆزەڭنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ۋاقىراپ كەتتى، سەۋەپسىزلا. ئاخىرى يېڭىدىن بىلەت كەستۈرۈپ ئايرۇپىلانغا چىقتىم.
             مانا بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتىكى ئىككى دۆلەتتىكى  ئىككى خىل خىزمەت ئۇسۇلى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈنىمى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى ئىنسانغا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىمۇ رۇشەن ھىس قىلدىم. دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەت يەنە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا قورقماي قۇچاق ئېچىۋېتىپتۇ ۋە مۇئامىلىدىكى ئىززەتنى كەم قىلماي كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنى مەن بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر قاتارىدا باشتىن ئاياق ئورانغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنى، چىرايىدىن ئوتتۇرا شەرق ئەھلى  ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان كىشىلەرنى خېلىلا كۆپ كۆردۈم، بىر مۇسۇلمان ئايال ھەتتا مېنى ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇپ ئەرەبچە سۆزلەپ كەتتى. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، تەكشۈرۈش ھەممەيلەنگە ئوخشاش، ھىچ كىم بۇرۇتى، ياكى چۈمبىلى سەۋەبلىك ئەزەۋەيلەپ تەكشۈرۈلمىدى. تەكشۈرۈشنى كۈتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكى باشقا چەئەللىكلەرگە قارىدىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتقاندەك خاتىرىجەملىك جىلۋە قىلاتتى ، بۇيەردە قورقۇۋاتقان، ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىۋاتقان پەقەت مەنلا ئېدىم، تۈگۈلىۋالغان پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز گەۋدىسى ئېدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، نېمىشكە بىز دائىم مۇشۇنداق ئەنسىزلىك، خۇدۇك، گۇمان ئىچىدە ياشايمىز. نىمىشقا توغرا نەرسىنى توغرا، خاتا نەرسىنى خاتا دېيەلمەيمىز؟ نېمىشقا نارازىلىقلىرىمىزنى ھاراققا، غەيۋەتكە، لايغەزەللىككە يەم قىلىۋېتىمىز؟مەنچە قانۇنلۇق بىر پۇقرانىڭ بەلكى بىر بۆلۈك پۇقرانىڭ ئۆز ۋەتىنىدە داۋاملىق قورقۇمسىراپ،ئەندىكىپ ياشىشى، ئىشەنچتىن خالى دائىم نازارەتتە تەكشرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك، ئىگىسىز قالغاندەك ھىس قىلىشى، ھەمكارلاشىلالماسلىقى، دائىم سىياسىي پەرمانلارنىڭ مەجبۇرلىشىدا زورىغا ئالغا سۆرىلىشى مەنچە شۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەر قانداق زوراۋانلىق خەۋپىدىنمۇ قورقۇنچلۇق خەۋپ  ئېدى.
             بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگەپ ئايرۇپىلان ئالمىشاي دەپ تۇرسام مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئايال مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئايرۇدۇرۇمدىن تېلىفون ئۇرماقچىلىقىمنى، لېكىن تېلىفونۇم يوقلىقىنى ئېيىتقان ئېدىم. ئۇ ماڭا تېلىفونىنى بېرىپ تۇردى ۋە ماڭا يولۇمنى كۆرسۈتۈپ قويدى. مۇنداق يارىدەمسۆيەرلىكنى تۆرت سائەتكە يېقىن  ئايرۇپىلان ساقلاش جەريانىدا كۆپ ئۇچراتتىم، كىشىلەر بىر بىرىگە يول كۆرسىتىشەتتى، تاپالمىغانلارنى يېتىلەپ ئاپىرىپ قوياتتى. مېنى ئايرۇدورۇمدا قىزىقتۇرغان بىر ئىش مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمى ۋە ئىككى دەيزۇ ئايالنىڭ سۈرىتى قوشۇپ چىقىرىلغان مۇراجەت تاختىسى بولدى. تاختىغا تەبىئى موھىتىنى قوغۇداش بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى قوغۇداش ھەققىدىكى مۇراجەتكە ئوخشاش مەزمۇن يېزىلغان ئېدى. بۇنداق ئېلان تاختىسىنىڭ مۈشۈك ئېيىقنىڭ ۋە دەيزۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان جوڭگۇدىكى بېيجىڭ ئايرۇدورۇمىدا ئەمەس، مۈشۈك ئېيىق ۋە دەيزۇلارنىڭ سايىسىمۇ بولمىغان ئامېرىكىدىكى چىكاگۇ ئايرودورۇمىدا كۆرۈلىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. شۇئان كۆز ئالدىمغا قەشقەرگە ماڭىدىغان يولدىكى بوستانلىقلاردا يەر ئېچىش ئۈچۈن بۇزۇلىۋاتقان جاڭگاللار، كېسىلىۋاتقان ئورمانلار، يۇلغۇنلار كەلدى، يۇرتۇمدىكى ئۈنى ئۆچكەن تورغاي، كۇركىرىماس بولغان پاقا، پىشايۋانلاردىن غايىپ بولغان قارلىغاچ بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ھەققىدە ھىچكىم مۇراجەتنامە چاپلىيالمايتتى.  يېڭى يېزا قۇرىمىز دەپ دېھقانلارنىڭ يول بويىدىكى، كۆزگە چېلىقارلىق يەردىكى خام كېسەكلىك تاملىرىنى چېقىۋاتسا، تەرەققىيات رايۇنى قۇرىمىز بىچارە دېىھقاننىڭ ئەللىك يىللىق يېرىنى يوقىلاڭ باھاغا ساتقۇزىۋاتسا، يەر ھۆكۈمەتنىڭ دەپ 2009-يىلدىكى يەرگە  1995-يىلدىكى ئەسلى سېتىۋالغان باھا بىلەن پۇل بېرىپ قاقشىتىۋاتسا مۇراجەت چاپلانمايتتى، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرى مىھمان بولغان، ئىمادىدىن قەشقەرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئىلىم تارقاتقان، بوۋام ئات چاپقان، مومام رەستىلىرىنى كەزگەن تەۋەرۈك قەشقەر چېقىلىۋاتسا ھىچكىم مۇراجەت چاپلىمايتتى. ھەممە سەمىمىي تەكلىپ، پۈتۈن قانۇنىي ھوقۇق، ھەممە ئاڭلىق تەشەببۇس، بارلىق ھەق سۆزلەر غەيۋەت قازىنىدا قاينىماقتا، ھاراققا، خىروئىنغا، ئەيدىزگە ئايلىنىپ بۇ خەلقنىڭ ئوبرازىنى، ئارمانىنى، كەلگۈسىنى يالمىماقتا ئېدى. ئون مىليۇندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەڭ  سەمىمىي، ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرى بىۋاپا دۇنيادا بىر مۈشۈك ئېيىقچىلىكمۇ زىلزىلە قوزغىيالمىغان ئېدى.
8. سالام، ھۆر شىتات
            كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا ”ھۆر شىتات“  دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە ”ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن“ دەپ ھاياجانلاندىم.  مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى.  مەن بۇرۇن موڭغۇل بالىلارغا دەرس بەرگەن بولغاچ چىرايى بىزنىڭ قازاق قارداشلارغاراق ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مىللەت بالىلىرىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم. يول بويى قىزغىن مۇڭداشتۇق. ئۇ مېنىڭ تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغىلى كەلگىنىمنى ئاڭلاپ « بۇ كەسپتە بۇ يەدە ئاساسەن چەئەللىكلەر ئوقۇيدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئابىستىراكىت كەسپلەردە ئاز» دەپ تونۇشتۇردى. مەن كۆڭلۈمدە ئانچە قايىل بولمۇدۇم، چۈنكى تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئامېرىكا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، بۇ مەكتەپنىڭ تىلشۇناسلىق پىرافېسسورلىرىمۇ ئامېرىكىلىقلار ئېدى. ئۇ بالا دادىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرىستىتىدە موڭغۇل تىلى پروفېسسورى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئۆزى موڭغۇلچە ئۇقمايدىكەن، مەن ئۇنىڭ موڭغۇلچە ئۇقمايمەن دېگەن سۆزنى شۇنچە تەبىئى دېگىنىدىن ھەيران قالدىم. بۇ ماڭا چىڭغىزخاننىڭ 800 يىل بۇرۇنقى ئات بىلەن ياراتقان سەلتەنىتى ۋە شۇ سەلتەنەتنىڭ تىرىك ۋارىسلىرى بولغان بۈگۈنكى موڭغۇل ياشلىرى ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلايدىغان خاسىيەتلىك رىشتە__ ئانا تىلدىن ئۈنسىز خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. مەن بۇرۇن دەرس ئۆتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنسۇچە ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ جىددىيلەشسە موڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئېدىم. گەرچە ئۇلاردا بىزدىكىدەك مەجبۇرى قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلمىغان، ئانا تىلدا ئوقۇش مەمۇرىي ۋە ئىختىسادىي ۋاستىلەر بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ موڭغۇلچىنىڭ يىگىلىشى ئېغىر مەسىلە ئېدى. موڭغۇل ئۇكىمىز بۇ مەكتەبتە 1200دىن ئارتۇق خەنسۇ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى سۆلەپ بەرگەندە ھەيران قالدىم. 27مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى  ئىچىدە مۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ بولۇشى جوڭگۇنىڭ كەلگۈسە ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئېدى.
            لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەر بىر ئۇنۋېرىستىت شەھرى بولۇپ 88مىڭ ئاھالە ياشايدىكەن، سانائەت ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ دېھقانچىلىق ئاساس ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى كانزاس شىتاتىدىكى قۇللۇققا قارشى بايراقدار ئاموس ئادامس لاۋرېنس دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ مەزكۇر كىشى بۇ شەھەرنى قۇرغۇچىلاردىنكەن. شەھەرنىڭ تۆرت پەسىل ئېنىق، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن تولغان، ھاۋاسىدىن گۈپۈلدەپ تۈرلۈك كۆكات ۋە ياۋا گۈللەرنىڭ ھېدىلا پۇرايدىكەن. كىچىكىمدىن يېزامدا قۇشلار ناۋاسى بىلەن ئويغۇنۇپ كۆنگەن مەندەك سەھرا بالىسىغا بۇ يەردىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق چورقىراشلىرى بىلەن ئويغۇنۇش غەمسىز بالىلىغىمنى ئەسلەتتى. بۇ يەردە كانزاس ئۇنۋېرىستىتى ۋە يەنە بىر ئنىستىتۇت بار ئىكەن. شەھەر ھاياتى مۇشۇ ئىككى مەكتەپنى مەركەز قىلىپ ئايلانسا كېرەك. كوچىلاردا پىيادە كېتىۋاتقان ئادەمنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، خۇددى بۇ يەردە يوللار ماشىنىلار ئۈچۈن ياسالغاندەكلا. ئەگەر پىيادىلەر يولدىن ئۆتمەكچى بولسا ماشىنىلىق كىشى مۇتلەق ھالدا پىيادە ئادەمگە يول بېرەتتى. مەن بۇنى تۈركىيەدىمۇ بايقىغان ئۇ يەردىمۇ ماشىنىلار خېلى يىراقتىن توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرەتتى. قارىغاندا ماشىنا بايلىق ۋە ئەمەلنىڭ بەلگىسى ئەمەس پەقەت بىر قاتناش قورالى دەپ قارىلىدىغان يەرلەردە مۇشۇنداق بولسا كېرەك، بولۇپمۇ كىشىلەر بايلىق ۋە ئەمەل دەرىجىسى بويىچە رۇشەن تەبىقىلەرگە بۆلۈنمىگەن ئەللەردە.
         مەيلى چىكاگۇ كوچىلىرى بولسۇن ياكى كانزاس ۋەياكى لاۋرېنس بولسۇن ھەممىسى ئورمان ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ شەھەر بەرپا قىلىنغاندا يېشىللىق ئادەمگە ئەمەس ئادەم يېشىللىققا ماسلاشقاندەك قىلاتتى. شەھەردىكى بىنالار ئاساسەن بىر قەۋەت ياكى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ مەن بۇ شەھەردە تېخىچە بەش قەۋەتتىن ئېگىز بىنا كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممە يەر كەڭ، يوغان ئازادە، ئادەملار شۇنچە شالاڭ، خاتىرىجەم. خۇددى ۋەتەندىكى چېغىمدا مەن تېلۋېزورلاردا كۆرگەن ئىختىسادىي كىرزىس، چوشقا زۇكۇمى، ئۇرۇش ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن  كىشىنى ۋەيران بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئامېرىكا باشقا بىر سەييارىدىكى دۆلەتتەكلا. نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزانىكەن. بىر چامادان كومپىيوتىر ئالدىم 349 دوللارغا، بۇ يەدىكى مەن ئۇچراشقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشنىسى بار ئىكەن، يامان ئەمەس بىر ماشىنا ئاران مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.(مەن ئەزەلدىن ماشىنىغا قىزىقمايمەن، شۇڭا قايسى ماركىدىكى ماشىنا ئىكەنلىكىنى مىڭ يادلىساممۇ ئېسىمدە قالمايدۇ)، بىر پوتۇلكا 100%ساپ لېمون شەربىتى ئاران بىر يېرىم دوللار.. بىزنىڭ يۇرتلاردىكى شەھەرلەرنى سېمۇنتلاشتۇرۇش، چىملىقلاشتۇرۇش، شەھەردە يەرلىك دەرەخلەرنى يوقۇتۇپ ياتلاشتۇرۇش، تولا دەرەخ ئالماشتۇرۇپ قاقاسلاشتۇرۇش بۇ يەردە يوقتەك ئېدى. بەلكىم باينى دوراش مودىسى سەۋەبىدىنمۇ قانداق بۇ يەردىكى چىملىق ئەڭ چەت ئۇيغۇر يېزىلرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلغانىدى. « ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» نىڭ چىىمى پۈتۈن يۇرتىمىزنى قاپلاپ بولغان ئېدى. دېمەك سىز باي بولسىڭىز، تەرەققي بولسىڭىز ھەممە نەرسىڭىز مۇدا بولىدىغان گەپكەن. قىزلار ئۈرۈمچىدە بەس بەستە كېيىپ كەتكەن گاچا ئىشتان، يېڭى يوق ئۇزۇن كۆينەك، يوتىنى ياپالماس يوپكا، خىپ خاپ ئىشتان… كىم بۇلارنى ئامېرىكا كوچىلرىدىن ئاۋال ئۈرۈمچىگە ئاندىن غۇلجا، قەشقەر، كۇچا، خوتەنگە تارالمىدى دېيەلىسۇن. لېكىن بىزنىڭ تەرەققىي ئەللەردىن قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز پەقەت كۈنسىرى ئالمىشىپ تۇرىدىغان مودا قىياپەت، ئالدامچى شەكىل. شۇ قىياپات ۋە شەكىل ئىچىدىكى ئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، تەرتىپچانلىقى، سەمىميلىكى تېخى بىزگە قوبۇل بولۇشتىن يىراق. تۇنجى كەلگەن كۈنى مېنى ئايرىدورۇمدىن ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئۇكىمىزغا پۇل تەڭلىسەم ئالمىدى، سەۋەبىنى سورىسام « بۇ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خالىسانە مۇلازىمىتى، بىزگە ماي پۇلى دېگەندەك چىقىملارنى باشقىلار ئىئانە قىلغان، شۇڭا پۇل ئالسام بولمايدۇ » دېدى. ئۇ كۈنى كېچە سائەت 11دىن ئاشقان بولۇپ ئۇ ئۇكىمىز ماڭا تۇرىدىغان يېرىمنى تېپىپ بېرەلمەي كۆپ مالال بولغان ئېدى. مەن بۇلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ پۇلنى ئېلىشقا ئۈندىسەم « بۇ دېگەن ئامېرىكا بۇ يەردە سەمىمىيلىك مەسىلىسى بار» دەپ مېنى خىجىل قىلدى. ئۇ كۈنى مەزكۇر ئۇكىمىز پۇلنى ئالسا تامامەن بولاتتى، مەن پۈتۈنلەي رازى بولۇپ بەرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئەمەس مۇكاپاتى ئېدى. ئەمما ئۇ ئېلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى بۇ يەردە ئېقىۋاتقان پىرىنسىپ كىشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن كۈچىنى كۆرسىتىۋېرىدىغان سەمىمىيلىك پىرىنىسىپى ئېدى. دىننى مەنبە قىلغان خالىسلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتتىكى ئەسلىي «خۇدا ھەممە ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن ئەقىدىدىن كەلگەن پىرىنسىپ بۇ دۆلەتتە مەزكۇر دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى.
          ئەگەر شۇ ئۇكىمىز ئىچكى موڭغولدا ياكى شىنجاڭدا بولسا شۇنداق دېيەلەيتتىمۇ؟ خالىسلىققا، سەمىمىيلىككە بۇ قەدەر ئەمەل قىلالايتتىمۇ؟ ياق، چۈنكى ئادەم موھىتنىڭ مەھسۇلى، جەمىيەتتە قايسى ئادەت مۇدا بولغان، قايسى پىكىر ئومۇملاشقان بولسا ئاجىز ئىنسان تەبىئى ھالدا شۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، ھەم ماسلاشمايمۇ ئامالسىز. بۇ قانداقتۇر قايسى مىللەتتىكى نۇقسان، ئەيىپ ئەمەس جەمئىيەت مىخانىزىمىدىكى ناچار ماتورنىڭ مەسىلىسى، مۇشۇ مىخانىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ياشاۋاتقان ئىنسىان ياكى ئىنسانلار توپى بولغان مىللەت پەقەت يۇقاقى قۇرۇلمىنىڭ تەلىپى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدۇ خالاس. شۇڭا كىشىلىرىمىزنى « بىلىم قۇت بەلگىسىدۇر» دەپ تەربىيەلەيدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئارىمىزدا مىڭى چىقسىمۇ، «ئىسراپچىلىقنى تۈگىتەيلى»  دەپ ماقالە يازىدىغان ئەختەم ئۆمەردىن يۈزمىڭى چىقسىمۇ ئۇيغۇر بىلىمسىزلىكلىنى ۋە ئىسراپخورلىقىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى بىلىمنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئجتىمائى تۈزۈم، ئىسراپچىلىقنى تۇسايدىغان  ئېنىق تەدبىر ۋە بۇلارنىڭ كەينىدىكى قانۇنىي كاپالەت ۋە مەنىۋىي تۈۋرۈك يوقنىڭ ئورنىدا.
            مەن كارىدۇرلاردا، لېفىتتە ئۇچرۇشۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە سالام قىلىپ ئۆتىۋاتقنىنى، ئاياللار-قىزلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ساقلاپ تۇرىۋاتقىنىنى، مەمۇرلارنىڭ ئىنگىلىزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان چەتئەللىكلەرگە بىر جۈملىنى قايتا قايتا دېگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگىچە سەۋرىچانلىق قىلىۋاتقىنىنى، ماشنىسى دوقۇرۇشقانلارنىڭ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە يول بېرىۋاتقىنىنى، قىزىل چىراقسىز بىرلا «توختاڭ» دېگەن بەلگە بىلەن كىشىلەرنىڭ شۇنچە بىخەتەر قاتناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۈركىيەدە ئاڭلىغان « غەرپلىكلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىق سۈپەتتە ياشايدىكەن» دېگەن سۆزنىڭ راستلىقىغا چىنپۈتتۈم. مەكتەپتە تاماكا چېكىپ پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئەرەبلەر يەنە بىر بولسا خەنسۇلارئىكەن. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا سالام قەرزى بار، تاماكا چېكىش مەكروھ » دېگەن ئىسلامىي پىرىنسىپنى ئۆز ھەرىكەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرغان ئېدى.
(داۋامى بار)
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1364
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1364دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15480 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 19:26

ئۇچۇنجى قىسمى قىنى بۇرادىرىم ،،،  ئىنگىلىز تىلى كۇرۇس ئىچىپ ئاياقلىشىپلا ، بىراقلا تۇركىيەنىمۇ چۇگلىۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ ،،،
3- قىسمى چۇشۇپ قاپتۇ ،،،
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 5331 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 19:29

بارىكاللا ! داۋامىغا تەشنامەن !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 20:50

    3-قىسمىنى ئايرىم يوللىغانىدىم ،چىقماپتۇ-دە يەنە ئىنكاس شەكلىدە يوللىۋېتەي.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 20:54

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(3)

(ئەسكەرتىش: بۇ تىما ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى گۇلەننىڭ يازمىسى بولۇپ شۇ مۇنبەردىن كۆچۈرگەن‹ جېك بلوگى›دىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى)
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى،  دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرپ لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگىلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم.  شۇ چاغلاردا خەنسۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ ”شىنجاڭ مەدەنىيىتىۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا ”غەرپنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى“ دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. بىر قىسىم زىيالىلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرپ ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى.   رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن ”ئىللەت“ لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن  تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم.  كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى.  بۇ يول ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش» «بىلىم كۈچ» «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى» دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننى ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە مەن شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس  پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنسۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلارداقايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن  «ئانا يۇرت» نىڭ قاچاق باسمىسىدن باشقا   30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشغەرى» گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا  ئىسپات قىلاي دەپ قارىسام ،تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭ چىققانىكەن.  كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى  جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەرپنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىددىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوفىنىڭ دۇنياسى“ دېگەن كىتابنىڭ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن باشقا دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان قانداق پەلەسەپەلەر بار؟ يەنە بىرى قانداق قىلغاندا كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرمەيدىغان شەكىلدە ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مەن ئەجدادلار چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن دۇنيا، ئىنسان، ئىلاھ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت  زادى نېمە، ئۇنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزىمەن دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ بولالماي ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتىم. ئۇ چاغلاردا ماگىستىر ئوقۇغان ئادەم كۆپ بولمىغاچقا ئاسانلا بىر ئالى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم.  مۇنبەر چىققاندىن كېيىن ھىس قىلدىمكى كاللامدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بىلىملەر پەقەت قالايمىغان دۆۋلەنگەن ماتېرىياللاردىن باشقا نېمە ئەمەسكەن. بۇنداق سېستىمىلاشمىغا بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن چۈشەندۈرگەندەك ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگەندەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ بىر ماتىرىيال بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ياكى كۆنكىرىت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىگە ئەس قاتمايدىكەن.
نېمە قىلىش كېرەك؟ غەرپتىن سوۋۇغان كۆڭلۈم تۈركىيگە تەلپۈنەتتى. تۈركىيەدېكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى چۈشىنىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۆزەم ئانچە چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان غەرپ ئىددىيە ئېقىملىرىغا قارغاندا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى.. بۇندىن باشقا مەن تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلاتتىم. مەنچە شەرق مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدا بىر قانچە دۆلەت ئەندىزە بولالايتتى. بۇلار ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە ئېدى. بۇنىڭ ئىچىدە  ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى چۈشىنىش ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش جەيانىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگنىۋالالايتتۇق. مۇشۇ مەقسەدلەر بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچى تۈرىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ مۇلاقاتقا تاللاندىم. مۇلاقاتتا بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۇئاللىرى مۇنداق بولدى؛
-        سەن تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىڭنىڭ كېينكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىڭغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسەن، سەنچە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق رىيال ئەھمىيتى بار؟
بۇ سۇئال ماڭا ياغدەك ياقتى. مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئۇزۇندىن بېرى تەشنا ئېدىم. جاۋابىمنى مۇنداق باشلىدىم. بىرىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى. تەرەققىيات مائارىپسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مائارىپتا قوللىنىلماسلىقى ئاپتونۇم رايۇندىكى ئانا تىلىدا ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان نەچچە ئون مىليون جوڭگۇ پۇقراسىنى يېڭى ساۋاتسىزلىققا گىرىپتار قىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جوڭگۇدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۇۋا، سالار، سارىغ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرتىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بېرى بۇ تىللارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچىدىكى مائارىپ، نەشىرىياتچىلىق، ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى يۇقارقى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلغان. تارىخنى قويۇپ بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق ”قۇرئاننىڭ  كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كېيىن قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمىلىرى يورۇقلۇققا چىقتى. ”قۇتادغۇبىلىك،دېۋانۇلۇغەتىت تۈرك“ قاتارلىق يىرىك مىراسلارنىڭ قازاقچە نۇسقىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. دېمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرەققىيات قېرىنداش تۈركى تىللار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قازاق ۋە قىرغىزچىغىمۇ قوشۇپ ياساپ بۇ تىللارنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەنگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تەربىيە بۆشۈكىگە ئايلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇرتىلنىڭ تەرەققىياتى دەخلىگە ئۇچرىسا بۇ مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىمۇ ئاقساشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرتىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىسا باشقا تۈركى تىللار يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى باشقا تۈركىي تىللارغا شەكسىز تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن قالقان ۋە بۇلاق.  ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا قوللۇنىلىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە پايدىلىق. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشىۋىكلىرى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىنى قۇرۇپ،  ئۆزبېكچە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ھەتتا بىر قىسىم موڭغۇل ، تاجىك ۋە شىبەلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېزلىكتە كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى 1960-يىللارغىچە ساقلاپ قالالىغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت رۇسلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى تەربىيەلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلىغا يۈزلەپ (قازاقىستاندىن يىلىغا ئىككى يۈز ئوقۇغۇچى جوڭگۇنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدۇ) جوڭگۇغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنسۇچە تەييارلىق مۇددىتى قىسقاراپ باج تاپشۇغۇچىلارنىڭ قان تەرى كۆپ تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ يوقۇتۇلۇش ئورنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراق، ئابغانىستان، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە روسسىيە تېرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە جوڭگۇ مائارىپنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ  ئەرزان ماللىرىغا خېرىدارلىق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنىمۇ مايىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى،
-        كەچۈرىسەن ۋاقىت توشتى. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، سەن بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن؟
-        پەقەت ياقتۇرمايمەن.
-        ھە، بولدى، رەھمەت ساڭا. ۋاقتىمىز بولغان بولسا ئۇيغۇرتىلنىڭ رىيال ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىنى ئاڭلىغۇمىز بار ئېدى. باشقىلارغا دېمىگەن، ساڭا دەۋىتەيلى، سەن مۇلاقاتتىن ئۆتتۈڭ.
مۇلاقاتتىن ناھايىتى كەيپىم چاغ چىقتىم. يولدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇدېر ئۇچراپ قالدى.
-        ھە، مىيەنشى (مۇلاقات) قانداق بولدى؟
-        ئۆتتۈم،
-        ئۇنداق ئاسان بولماس، بېيجىڭدا قايتا پۇچا(تەكشۈرۈش) قىلىدۇ.
-        قانچە سۇئال سورىدى؟
-        ئىككى، بىرسى بەك ئۇزۇن، سىزگە جاۋابىمنى بىر ئىككى ئاغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمەن. يەنە بىرى  مېنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىمنى سورىدى.
-        نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭىز؟
-        پەقەت ياقتۇرمايمەن دېدىم.
-        شۇنداقمۇ دەمسىز، بولدى سىزدە ئۈمىد يوق. ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن دېگىنى جوڭگۇ كومپارتىيەسىنى ياقتۇرامسەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغۇدامسەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرامسەن، دوڭتۇ تېرورچىلىرىغا مەيدانىڭ قانداق دېگىنى. ھەيىييي، سىز كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بىلەن تازا چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق ھالقىلىق سۇئالنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟…بۇ ئادەمنىڭ قالغان گەپلىرى تازا قۇلۇغۇمغا كىرمىدى. بىللە بىر نەزرىگە باردۇق ئۇ يەردىمۇ بۇ گەپنى تۈگەتمىدى. خىيالىمغا بۇ گەپكە مەنىداش گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغىنىم كەلدى. مېنىڭ بىرىنجى قېتىم خىزمەت تاشلىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى گەنسۇلۇق مۇتىھەم شۇجى ھەققىدە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى بىر پراپېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىدىم.
-        نېمە، سىز شۇجى بىلەن ئۇرۇشتىڭىز؟ تېخى خىزمەتنىمۇ تاشلاپ چىقتىڭىز! ھەي نادان بالا، ھازىر دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى كىۋەز، بۇغداي تېرىشى دېگەن سىياسىي ۋەزىپە. سىزنىڭ قارشى چىققىنىڭىز بىر شۇجى ئەمەس، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ سىياسىي بۇيرىقى. سىز قەشقەر دېگەن يەردە سىياسىي بىلەن ئويناشماقچىما، دەرھال شۇجىغا يېلىنىپ سىياسىي خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، مۆرىتى كەلسە يىغلاپ يېلىنىڭ
يۇقارقى سۆھبەتلەر ئالى مەكتەپتە يۈز بەردى. بىرى ئىدولوگىيەلەر قەسىرى بولغان قەشقەردە، يەنە بىرى ئىقتىسادتىن باشقا گەپ ھىچكىمگە خوپ كەلمەيدىغان لەنجودا. ماڭا بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بىرى 50يىللاردا مەملىتىمىزنىڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزگەن ئارامدىكى قەشقەرلىك لۇشۇنشۇناس پروپېسسور، يەنە بىرى خەنسۇچە ئوقۇغان، 80- يىللارنىڭ ئاخىرى  ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەن  غۇلجىلىق دوتسىنىت، بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى. تۆۋە دەيمەن ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان زېمىندا چوڭ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئويى نېمانچە ئوخشايدۇ؟ مەنچە مۇنداق كىشىلەر دۆلەتنىڭ يۈكى، خىزمەتنىڭ توسالغۇسى، تەرەققىياتنىڭ مىتىسى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەكخاتالىشىپ“ مۇ كەتمىدىم، دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق ئېلىپ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ قان تەرى، مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمنىڭ بەدەلى بولغان مۇئاشىمنىمۇ كەم قىلماي تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىمنى تامالىدىم.
داۋامى بار