ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى كەپتەر نىڭ 2011-05-08 21:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. > دىگەن يىرىگە قايىل ئەمەسمەن .چۇنكى مەن قايسى بىر توربەتتىن ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئاسماندىن چۇشىشى توغىرسىدا<، قۇرئاندا >ھىچقانداق بىشارەت يوق دىگەن دىگەننى ئوقىغان ئىدىم .چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟
مەن سىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. > دىگەن سۆزىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئالدىرماڭ. جەننەت ئەھلىنىڭ ۋە پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالىمى ۋە مىللىيلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›دەۋېتىپ ئاندىن كۆڭلىڭىزدىكىنى تۈكۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.
سىزنىڭ قايىل بولماسلىقىڭىزنىڭ مەنبەسى ‹قۇرئانچىلار› ياكى ‹ھەيزدار ئايال رۇزا تۇتسا بۇلىدۇ› دەيدىغان كىشىلەر تەرپىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ.
بىز ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە ھەدىسقا تۇلۇق ئەمەل قىلبىپ ئەگەشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاندىن ‹پىرقۇنناجىھ› دەپ سۈپەتلەنگەن. 72پىرقىنىڭ جەننىتى بولغان بىر پىرقىمۇ دەل ‹ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە› ئەقىدىسىدىكى كىشىلەردۇر. بۇلار ‹پىرقۇنناجىھ (يەنى ئۇتۇق قازانغان جامائەت)›دەپ ئاتىلىدۇ.
.چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟بۇ سۈزىڭىزدىن ئۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسنى تۇلۇق چۈشەنمىگەنلىكىڭىز ئىنىقلا...
ئىيسا ئەلەيھىسالام چۈشىدۇ. ئەمما ئۈزىگە نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى ئەمەس قۇرئاننى قانۇن قىلىپ چۇشىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە بەركىتى ئۇنىڭغا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولسۇن) نىڭ يۇلىغا چاقىرىش ۋە ياردەم بىرىپ دەججالنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ چۈشكەندىن كىيىنمۇ ھەرگىز ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئىيسا ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر› دەپ ئەمەس.‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق.مۇھەممەد‹س ئ ۋ› ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر› دىگەن مۇقەددەس شۇئارنى توۋلاپ چۇشىدۇ.
ئەگەر سىز تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلاي دىسىڭىز تۇۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ. ۋە ئۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى پىكرىڭىزنى ئىنكاس ئارقىلىق ياكى تىما ئارقىلىق يېزىڭ.
1.ئاۋۋال بۇ ئادرىستىكى مەزمۇننى ئۇقۇڭ.
http://hemza.blogbus.com/logs/126757500.html2.ئاندىن بۇ ئادرىستىكىنى ئوقۇڭ!
http://hemza.blogbus.com/logs/126755895.html