查看完整版本: [-- دەججال بىلەن تۇنۇشۇپ قۇيۇڭ(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> دەججال بىلەن تۇنۇشۇپ قۇيۇڭ(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ھەمزە 2011-05-08 19:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك قېرىنداشلار! دەججال توغرىسىدا زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلىرىمىز ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. دەججالنىڭ پىتنىلىرى شۇنچىلىك ئاشكارە بولىۋاتقان، ئازغۇنلۇق ئەتراپىمىزنى قاپلىغان، ئەتراپتىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئالماستىن بەخىرامان يۈرۈۋاتقان مۇسۇلمانلىرىمىزغا قاراپ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججال ھەققىدە ساھابىلەرگە ئېيتقانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ، دەججال ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنى بېيىتىش ئارقىلىق، ئىمانىمىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولىشى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۇممىتىنى ئاگاھلاندۇرغان بۇ دەججال زادى كىم؟ بىزنىڭ دەججالغا بولغان چۈشەنچىمىز قانچىلىك؟ بۇ توغرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پىكىر ئورتاقلىقى تۇرغۇزۇش نىيىتىدە قەلەم تەۋتىرىۋاتىمەن.
دەججال ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنىدىن ئىبارەت بىر مەخلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن باشلاپ قىيامەت قايىم بولغىچە ئارىلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت دەججالنىڭ چىقىشىدۇر.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
دەججال ئىنسان پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاخىر زامان بولغاندا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىلىقىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىققاندا، دەسلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىكنى، ئاندىن ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، سۆزىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاسمانغا بۇيرۇق قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زېمىنغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا سۇ ۋە ئوت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتى سوغۇق سۇدۇر، سۈيى ئوتتۇر. ھەر بىر مۆمىن ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلىشى، ۋاقىت يار بەرسە سۈرە كەھفنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇشى، ئۇنىڭ پىتنىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مۆمىن ھېسابلايدىغان ئادەم ئۇنىڭ قېشىغا كەلسە، ئۇ قوزغىغان شۈبھىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]
دەججال يەر يۈزىدە 40 كۈن تۇرىدۇ، بىر كۈنى بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك ئۇزۇن بولىدۇ. قالغان كۈنلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ مەككە ۋە مەدىنىدىن باشقا ھەممە يېرىگە بارىدۇ. ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن، ساھابىلەرگە دەججال ھەققىدە مۇنۇلارنى دېگەن: "مەن سىلەرنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرمىغان بىرمۇ پەيغەمبەر يوق، ھەتتا نوھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما مەن سىلەرگە ھېچقايسى پەيغەمبەر ئوز قوۋمگە ئېيتمىغان بىر ئىشنى ئېيتىمەن. بىلىڭلاركى دەججال بىر كۆزلۈك، ئاللاھ بىر كۆزلۈك ئەمەس." بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججال توغرىسىدا سۆزلىگەن ھەدىسلىرىدە، بىزنى ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھ بولۇشقا ۋە ئاللاھقا سېغىنىپ داۋاملىق پاناھ تىلەشكە تەۋسىيە قىلغانلىقى، ئۇنىڭ مۇسۇلماننىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ بۈيۈكلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى دۇئانى ئەتراپىدىكىلەرگە خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى. «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ جەھەننەم ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھەمدە ھاياتلىقنڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى دەججالنىڭ خەتىرىدىن بۇ دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن، بىز چوقۇم ئۇنى تونۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىگە يولۇقۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىشىمىز لازىم .
ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئوچۇق ئاشكارا بولىۋاتقان ھاياسىزلىقتىن كوچىغىمۇ چىققىڭىز كەلمەيدۇ. زەھەر چېكىدىغانلار ئۇچۇن مەخسۇس رايونلار تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردە ھەممە ئادەم كۆرىدىغان سورۇنلاردا زەھەر چېكىۋېرىدۇ، ھاياسىز، ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىۋېرىدۇ . ئەتراپىدا ساقچىلار خۇددى ئۇلارنى ھىمايە قىلىۋاتقاندەك قاراپ تۇرىدۇكى، ئۇلارنى توسمايدۇ. ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا ئىنسانىيەتنى، خالىغاننى كۆڭلى تارتقاننى قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەت ئارىسىدا پاساتچىلىقنى تېرىماقچى. يىغىنچاقلىغاندا مانا بۇ سىز ھەۋەسلىنىۋاتقان ياۋروپانىڭ رېئاللىقى. بىز ئۇلارنى دورىماستىن، دىنىمىز بىلەن ئىززەتلىك، مىللىتىمىز بىلەن شەرەپلىك، ۋەتىنىمىز بىلەن پەخىرلەنگەن ھالدا، ئىسلامى ئەخلاق ۋە ئىدىيەنى ھاياتىمىزدا ئابىدە تىكلەپ ياشىساق، ئاللاھ بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چىقىش يولى ئاتا قىلغۇسى ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ ساقلاپ قالغۇسى!.
زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاتالمىش مەدىنىيەتلىشىش شوئارى ئاستىدا، ئىنسانىيەت ئەخلاقسىزلىققا يۈزلەندى ۋە يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بالىلار، ياشلار بۇ بۇزۇقچىلىقلارنى قەيەردىن ئۆگىنىدۇ؟ ئۇلارغا بۇ ئۇچۇرلارنى كىم يەتكۈزىدۇ؟ ئەلۋەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن، تېلېۋىزور ۋە ئىنتىرنت، جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سېرىق مەزمۇندىكى گېزىت ماتېرىياللاردىن ئۆگىنىدۇ. بەلكى سىز مەندىن بۇلارنىڭ دەججال بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. جاۋابىم شۇكى، يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ دەججال بىلەن ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار. مىسالغا ئالساق: فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بىر فىلىم ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەيدۇ. سىز بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ فىلىملەرنى شۇنچە جىق پۇل سەرپ قىلىپ ئىشلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكى سىز ئاددىيلا قىلىپ "ئەلۋەتتە پۇل تېپىش ئۇچۇن " دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن ، چۈنكى بىز دەل مانا مۇشۇ "ھەممە پۇل ئۇچۇن" دېگەن ئىدىيە بىلەن چوڭ بولغان ھەم بالىلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئىدىيە بىلەن چوڭ بولىۋاتىدۇ. بىز نېمە ئۇچۇن شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىمىز، ئەخلاقىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات مەزمۇندىكى فىلىملەرنى كۆرۈشتىن ئۆزىمىزنى تارتالمايمىز؟!. بىز ئۆزىمىزنى دىنىمىزدا چەكلەنگەن ۋە ئەھمىيەتسىز دەپ قارالغان ئىشلاردىن چەكلىيەلىسەك، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ ساقلىنىپ قالالايمىز. دېمەك؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشىمىز لازىم. چەكلەنگەن، ئەھمىيەتسىز ئويۇن-تاماشالار دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن بىر پىتنىدۇر. بىز ئاللاھقا قانچىلىق يېقىنلاشساق، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە ياردىمىنى شۇنچە قولغا كەلتۈرەلەيمىز.(يەنى بىز مىللەت ئۈچۈن ئويۇن-تاماشالار ئارتۇقچىلىق قىلىدۇ، بىز ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ۋە كۆڭۈل بولىدىغان مۇھىم ئىشلار ئىنتايىن كۆپتۇر. كىلىچەك ئەۋلادلىرىمىزىنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، بىلىم ئىلىشىمىز، تەلۋىلەرچە تىرىشىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن غەيرەتكە كىلىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر).
كىشىلەر ھازىر كىتاب كۆرسە بېشى ئاغرىپ، يۇقىرى ئاۋازلىق مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا راھەت ھېس قىلىدىغان بولدى. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە بولسا ياشلىرىمىز ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇچۇن دېسكوخانا، پاھىشخانىلارغا يۇگىرەيدىغان بولدى. (چۈنكى بىز ناخشا-مۇزىكا دېگەن نەرسىلەردىن ئېغىز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ) ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەجدادلىرىمىز ئىچ پۇشۇقىنى دىن، ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، كېلىچىكى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمەلىي مەيداندا خىزمەت قىلىش بىلەن چىقىراتتى. بۈگۈنگە قەدەر بىزگە يىتىپ كەلگەن مۇقەددەس ساغلام ئەقىدىمىز، مىللى ئۆرپ-ئادىتىمىز، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق تارىخى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
ئەمدى سىزدىن سوئال سوراپ باقاي؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىنى ئېتىقادىڭىز، مىللى ئەنئەنىڭىز، ئىنسانى ئەخلاققا زىت ئىشلارنى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كېرىپ شىرىن خىياللىرىڭىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىۋاتقان پەيتلەردە ئاللاھنى ئەسلەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىڭىز؟ ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىدىغانلىقىڭىز قاتارلىقلارنى ئېسىڭىزگە ئالامسىز؟ ئەلۋەتتە ئالمايسىز!! . ئەگەر سىزدە ھەقىقى ئىمان، راستچىللىقنى چىقىش قىلغان مىللەتچىلىك مەۋجۇت بولسا، تاغۇتلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماستىن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ پرىنسىپىگە مەھكەم ئېسىلىسىز، ئەجدادلىرىڭىزنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆرنەك قىلىسىز.
جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا شېرىك كەلتۈرەتتى، ئەمما ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. دېمەكچى بولغۇنۇم ئۇلار زادى بىر ئاللاھنىڭ، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايتتى . ئاللاھنى يوق دەيدىغان ئىنساپسىزلار يېقىنقى بىر قانچە ئون يىل مابەينىدە مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇلار ياراتقۇچىنى، ئۆلۈمنى، ۋە قىيامەتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئاتالمىش تەرەققىياتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى. جەمئىيىتىمىزدىمۇ، دەججال كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا ئاللىبۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قويغان، مۇسۇلمانمىكى دېسىڭىز مۇسۇلماندارچىلىقتا يوق، مىللەتچىمىكى دېسىڭىز مىللەتچىلىكتە يوق، نومۇسسىز بەزى بىر كىشىلەر ھاياتىنى ئىرادىسىزلىك قورشىغان مەنىسىز تۇرمۇش ئىچىدە ياشىماقتا.
ئىبنى جۇنادەھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "دەججال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ سول كۆزى كۆرمەيدۇ. ئۇ(دەججال) تۇغما قارىغۇ ۋە ماخاۋ كېسەللىرىنى داۋالايدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. ئو كىشىلەرگە "مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار" دەيدۇ. كىمكى، "شۇنداق، سەن بىزنىڭ رەببىمىز" دەيدىكەن، ئو چوڭ پىتنىگە قالىدۇ. كىمكى "مىنىڭ رەببىم ئاللاھ "دەيدىكەن، ئۇ كىشى تاكى ئۆلگىچە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھېچقاچان فىتنە ۋە ئازاب يەتمەيدۇ. دەججال زېمىندا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەيسا ئىبنى مەريەم غەرب تەرەپتىن چىقىدۇ، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ". بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
يۇقىرىقى ھەدىستىن مەلۇم بولدىكى دەججال كىشىلەرگە "مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار" دەپ جاكارلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىز دەسلەپتە تىلغا ئالغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى" دەججال بىر كۆزلۈك، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھ بىر كۆزلۈك ئەمەس" دەپ ئەسكەرتكەن. بەلكى سىز، قانداق كىشىلەر، دەججال ئالدىغا كېلىپ " مەن سىنىڭ رەببىڭ " دېسە، " ھەئە ، سەن مىنىڭ رەببىم " دەيدىغاندۇ، دەپ ھەيران قالغانسىز؟!. ئەمەلىيەتتە دەججالغا ئەگىشىدىغان بۇ كىشىلەر ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئاللىبۇرۇن مەيدانغا كېلىپ بولدى. مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىبادىتى بىلەن كۆڭلى ئارام تېپىپ راھەتلەنسە، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل قالغان كىشىلەر ئەيش-ئىشرەت، پاھىشە، ھاراق، ناخشا-مۇزىكا، كىنو-فىلىملەر بىلەن راھەتلىنىۋاتىدۇ. مۆمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئۆرنەك ئىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ پاك سۈننىتى بىلەن تۇرمۇش كەچۇرىۋاتسا، ئاللاھدىن غاپىل كىشىلەر ئاتالمىش چولپانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ياشاۋاتىدۇ.
ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق مۇسۇلمان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرگىزمۇ ئوز نەپسى-خاھىشى بىلەن گەپ قىلمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ، ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى» سۈرە نەجم 3- 4-5- ئايەتلەر.
ئى قېرىندىشىم! سىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان دىنى ئەھكام ۋە ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئەگىشىپ، رېئاللىق تۇرمۇشىمىزدا ئۇ زاتنىڭ سۈننىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە تىرىشقىنىمىزدەك، جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر كىشىلەر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن قوبۇل قىلغان ھەر بىر سۆزگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتىدۇ، رېئال ھاياتتا تەتبىقلاۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل ئىبادەتنىڭ ئۆزىدۇر! ئىبادەتنىڭ مەنىسى بوي سۇنۇش، ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر. ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، دىنى پرىنسىپ، مىللى ئەخلاقتىن يىراقلىشىپ ھايات كەچۈرسە، دەججالنىڭ ئۆزى كەلگەندە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ - دە! چۈنكى ئۇلار ئاللاھدىن غاپىل قالدى، ئاللاھنى قويۇپ ئوز نەپىسى - خاھىشى، ئەيش-ئىشرەت، ئويۇن-تاماشالارنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئويۇن-تاماشا ۋە ئەخلاقسىزلىقنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھېس-تۇيغۇغا كىلىپ قالدى. مانا بۇ دەل دىن دۈشمەنلىرىنىڭ، ئىنسانىيەتنى خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنى رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىز قىلىپ، ئۆز ئەقىدىسى، مىللىتى، ۋەتىنىدىن تانىدىغان، ئۆز ھەق-ھۆقۈقلىرىدىن ۋاز كىچىدىغان، مەيدانسىز، غۇرۇرسىز، جۇرئەتسىز قىلىپ يېتەكلەپ، ئىسلام ئەھلىنى دەججالنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلاۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەججال ئۇچۇن قوشۇن تەييارلاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قوشۇنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بىلەن ئەلۋەتتە غەلبە قىلىدۇ.
شەكسىزكى، ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىن كوپ ھەرتۈرلۈك پىتنىلەر بار. بىز چوقۇم ئىمانىمىزنى قوغداپ ، شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چوشۇپ كەتمەسلىك ئۇچۇن دەججال ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىدىن داۋاملىق ھۇشيار بولىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل قالماسلىقىمىز ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن بويىچە ئاللاھدىن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن داۋاملىق پاناھ تىلىشىمىز لازىم .
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا: بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىغا ئەگىشىشىمىز، رېئال تۇرمۇشىمىزنى ئىمان ۋە ئىسلامى ئەخلاق بىلەن بىزىشىمىز، جەمئىيەتتىكى ئازغۇن ۋە ناشايان ئىشلارغا ئەگەشمەستىن قارشى تۇرۇشىمىز، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەججالدىن ئىبارەت بۇ مەلئۇننىڭ پىتنىسىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، گۈزەل ئىسلامى ئەخلاقنى بەرپا قىلىپ، مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتىدۇر.
سۆزۈمنى جانابى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ» سۈرە رەئد 11-ئايەت.
ئاللاھ ھەممىمىزنى رەھمىتى بىلەن ئوز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئۆزۈم ئۇچۇن ۋە بارلىق مۆمىن ئەر ۋە ئاياللار ئۇچۇن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
ئەسلى مەنبەـ ئۆگىنىش مۇنبىرى

ھازىرقى مەنبە مۇشۇ ئورۇن.كىرىپ باقامسىز؟


zero903 2011-05-08 19:51
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن....ھەمزە قېرىندىشىم  ئۇزۇن بۇپتۇ تۇردا دىدارلاشمىغىلى

taranqi217 2011-05-08 20:32
              ئىلىم دىگەن يەنە ئىلىمدە............
ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن!

samanyoli 2011-05-08 20:59
ھەمزە بۇرادەر،،،،،يوقاپ كەتمەي پات -پات مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ ،،،،،،،،

nazli0998 2011-05-08 21:07
ئالاھ   رەھمەت  قىلسۇن  قىرىندىشىم  !

كەپتەر 2011-05-08 21:45
مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. >   دىگەن يىرىگە   قايىل ئەمەسمەن .چۇنكى مەن قايسى بىر توربەتتىن ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئاسماندىن چۇشىشى توغىرسىدا<، قۇرئاندا >ھىچقانداق بىشارەت يوق دىگەن دىگەننى ئوقىغان ئىدىم .چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟  
مەن سىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. > دىگەن سۆزىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن .

samanyoli 2011-05-08 22:14
ئالە شەرىڭنى .......،،،،،ھەمزە بۇرەدەر ،،،سىزگە ئازراق ئىش چىققانداق تۇرىدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،يەنىلا ئۆزىڭىز جاۋاپ قىلىڭە ما ئىنكاسقا ،،،،،،،

گۈلخان 2011-05-08 22:38
5-قەۋەتتىكى قىرىندىشىم ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشسىمۇ بىز يەنىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىمىز ئەجەبا سىز ئىمان ئىيتقاندا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان ئىيتمىغانمۇ مەسىلەن ئامانتۇ بىللاھى ۋەمەلائكەتىھى ۋەكۇتۇبىھى ۋە رۇسۇلىھى دىگەندىكى ۋەرەسۇلىھىغا دەيمەن سىز يەنە كەلىمە تەييىبەنى ئىيتقاندا مۇھەممۇدۇر رەسۇلۇللاھ دىگەن بولغاندىكىن سىز چوقۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىدى ئەگەر سىز مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارزۇ قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممەدلىك دەرىجىسىنى قويۇپ ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇممەت بولىمەن دىسىڭىز بۇمۇ سىزنىڭى كۆڭلىڭىز

sad~da 2011-05-08 22:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى كەپتەر نىڭ 2011-05-08 21:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. >   دىگەن يىرىگە   قايىل ئەمەسمەن .چۇنكى مەن قايسى بىر توربەتتىن ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئاسماندىن چۇشىشى توغىرسىدا<، قۇرئاندا >ھىچقانداق بىشارەت يوق دىگەن دىگەننى ئوقىغان ئىدىم .چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟  
مەن سىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. > دىگەن سۆزىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن .



ئىيسا ئەلەيھسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئولتۇردۇ دىگەن گەپنى ھەمزە قېرىندىشمىز دەپتىمۇ ياكى پەيغەمبىرمىزمۇ ؟ ھەمزى قېرىندىشمىز دىگەن بولسا مەنمۇ ئىشەنمەيمەن بىراق پەيغەمبىرىم دىگەن بولسا ئىشەنمەي بولمايدۇ چۈنكى پەيغەمبىرىم يالغان گەپ قىلمايدۇ .

ھەمزە 2011-05-08 23:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى كەپتەر نىڭ 2011-05-08 21:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. >   دىگەن يىرىگە   قايىل ئەمەسمەن .چۇنكى مەن قايسى بىر توربەتتىن ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئاسماندىن چۇشىشى توغىرسىدا<، قۇرئاندا >ھىچقانداق بىشارەت يوق دىگەن دىگەننى ئوقىغان ئىدىم .چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟  
مەن سىزنىڭ << ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. > دىگەن سۆزىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن .


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئالدىرماڭ. جەننەت ئەھلىنىڭ ۋە پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالىمى ۋە مىللىيلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى  بولغان ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›دەۋېتىپ ئاندىن كۆڭلىڭىزدىكىنى تۈكۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.
سىزنىڭ قايىل بولماسلىقىڭىزنىڭ مەنبەسى ‹قۇرئانچىلار› ياكى ‹ھەيزدار ئايال رۇزا تۇتسا بۇلىدۇ› دەيدىغان كىشىلەر تەرپىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ.
بىز ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە ھەدىسقا تۇلۇق ئەمەل قىلبىپ ئەگەشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاندىن ‹پىرقۇنناجىھ› دەپ سۈپەتلەنگەن. 72پىرقىنىڭ جەننىتى بولغان بىر پىرقىمۇ دەل ‹ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە› ئەقىدىسىدىكى كىشىلەردۇر. بۇلار ‹پىرقۇنناجىھ (يەنى ئۇتۇق قازانغان جامائەت)›دەپ ئاتىلىدۇ.

.چۇشەندۇرلىشچە << ئاللا قۇرئاندا - ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالام >> دىيىلگەن .ئۇنداق بولسا ئەيسا ئەلەيھسسالام قايتا كەلسە ئۇنداقتا ئاخىىرقى پەيغەمبەر كىم بولۇپ قالىدۇ ؟

بۇ سۈزىڭىزدىن ئۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسنى تۇلۇق چۈشەنمىگەنلىكىڭىز ئىنىقلا...
ئىيسا ئەلەيھىسالام چۈشىدۇ. ئەمما ئۈزىگە نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى ئەمەس قۇرئاننى قانۇن قىلىپ چۇشىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە بەركىتى ئۇنىڭغا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولسۇن) نىڭ يۇلىغا چاقىرىش ۋە ياردەم بىرىپ دەججالنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ چۈشكەندىن كىيىنمۇ  ھەرگىز ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئىيسا ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر› دەپ ئەمەس.‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق.مۇھەممەد‹س ئ ۋ› ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر› دىگەن مۇقەددەس شۇئارنى توۋلاپ چۇشىدۇ.
ئەگەر سىز تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلاي دىسىڭىز تۇۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ. ۋە ئۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى پىكرىڭىزنى ئىنكاس ئارقىلىق ياكى تىما ئارقىلىق يېزىڭ.
1.ئاۋۋال بۇ ئادرىستىكى مەزمۇننى ئۇقۇڭ.http://hemza.blogbus.com/logs/126757500.html
2.ئاندىن بۇ ئادرىستىكىنى ئوقۇڭ!http://hemza.blogbus.com/logs/126755895.html

kelem 2011-05-09 01:16
تېما  ئۆزى   بەك بەلەن تېمىكەن!!!!!!ئاخىرىنى خۇدايىمغا ،،،،،،،ئاماينەت~~~@#!!

گۇۋاھ 2011-05-09 01:42
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم!  يوللىغان ئۈچ ئادرىسنىڭ ھەممىنى زىيارەت قىلدىم.  ئاللاھ رەھمەت  قىلسۇن! ئامىن!
   بۇ تىمابىر مەزگىل چوققىلاپ قويۇلسا بولغۇدەك؟!

dellyar571 2011-05-09 01:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى ھەمزە نىڭ 2011-05-08 23:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئالدىرماڭ. جەننەت ئەھلىنىڭ ۋە پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالىمى ۋە مىللىيلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى  بولغان ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›دەۋېتىپ ئاندىن كۆڭلىڭىزدىكىنى تۈكۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.
سىزنىڭ قايىل بولماسلىقىڭىزنىڭ مەنبەسى ‹قۇرئانچىلار› ياكى ‹ھەيزدار ئايال رۇزا تۇتسا بۇلىدۇ› دەيدىغان كىشىلەر تەرپىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ.
.......

ھەمزە قىرىندىشىم پىتنىگە تىگىشلىك جاۋاپ بىرىپسىز ،  توغرا سۆزىڭىز ۋە ئىشڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن ! 

aptap104 2011-05-09 01:45
مىنىڭچە كومپىيوتىرنى دەججالمىكىن دەيمەن . پۈتۈن يامان ئىش مۇشۇ ئارقىلىق بارلىققا كىلىدۇ . ھەم ياخشىلىقمۇ ئوخشاش .
كىشىلەر بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتى .

newruz 2011-05-09 01:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەمزە قېرىنداش يوللىغان تېمىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! تور بېتىڭىزدىن يازمىلىرىڭىزنى كۆرىۋاتىمەن.
دەججالدىن ۋە دەججال بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھ ھەممىمىزنى ساقلىسۇن!

ئەيسا پەيغەمبىرىمىز ئۇستىدىكى ھۆكۈمدە ئىختىلاپ بولمىغىنى ئەڭ توغرا دەپ بىلىمەن. ئىنسان ئىنساننى قانداق قايىل قىلىدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەيدىغان تۇرسا....شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا بىزگە ساۋابمۇ بولمايدۇ. ئاۋال ئاللاھ بىزدىن رازى بولسۇن!

 ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن [55]. [سۈرە ئال ئىمران]
سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن [55]. [سۈرە ئال ئىمران]
مانا بۇ ئايەت بىزگە كۈپايە ئەمەسمۇ؟ ياخشى ئىشلارغىلا ئالدىراپ ئىختىلاپقا ئالدىرمىساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە! ھايات دېگۈچىلەر ۋە قەبزىروھ قىلىنغان دېگۈچىلەر دەپ بۆلۈنۈپ نىمە كەپتۇ.  مەنىۋىيىتى مىسكىن بولىۋاتقان....ياشلارنى خاتىرجەملىككە، يورۇقلۇققا چاقىرساق بولمامدۇ؟ مەن بىلىمەن مەن بىلىمەن دەپ تالاشقاندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟!
زامان بىلەن قەسەمكى [1]، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر [2 - 3]. [سۈرە ئەسىر]
ئىختىلاپقا ئالدىراش ئىختىلاپنى سۆيگەنلىك بولۇپ نەتىجىدە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى سۆيۈشكە ئالدىرغانلىق بولىدۇ.
دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [1] ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2ـ3]، شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ [4ـ5]. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ [6]. ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ [7]. [سۈرە مائۇن]
ئىقتىسادىمىز ئاجىز، قەرزىمىز كۆپ دەپ مىسكىنگىغۇ تاماق بەرمەيلى مەنىۋىيىتى ئاچ قالغانلارغا تەبلىخ قىلىشنى تاشلامدۇق؟ مەنىۋىيىتى مىسكىنلەر مىسكىن سانالمامدۇ؟ قېنى ياخشى ئىشلارغىلا ئالدىرايلى...

 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ) [34]. ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)[ سۈرەئەنبىيا]




يازغانلىرىمدىن ھەقىقىي مەنپەتلەنگەن بولسىڭىز بىلوگىمغا مەرھابا!
http://torsodisi.blogbus.com/

گۇۋاھ 2011-05-09 02:17
نەۋرۇز قىرىندىشىم،  ئا باھالاش تازا مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي قالدى-جۇمۇ؟! ئەسلى كۆڭلۈم ئۇنچە ئاز ئەمەس ئېدى....؟
  

  

ھەمزە 2011-05-09 08:39
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن قارغاندا باشقىلار ھەدىسلەرنى يالغانغا چىقىرۋاتسا،ياكى ھەدىسنى ئىشەنچىسىز ساناپ(ئاللاھ بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىسۇن) پەقەت قۇرئاندا بايان قىلىنغانلىرىغىلا ئىشىنىمەن دىسە بىز يەنە توغرىنى يەتكۈزسەك ئىختىلاپ بۇلىدۇ دەپ بۇرنىمىزغا قۇلىمىزنى تىقىپ ئولتۇرساق ياخشىما؟
سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئېغىركەن.ھەم تىما مەزمۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. بۇ ئىنكاسىڭىزنى مەن ئۆز ۋاقتىدا يازغان <جۇمەدىن كىيىن پىشىن ئوقۇش بىدئەت،قەبرىستاندا قۇرائان ئوقۇش بىدئەت> دىگەن تىمىلىرىمىغا يازغان بولسىڭىز دەل ئورنىغا چۇشەتتىكەن. ئەپسۇس بۇ ئىنكاستىن ھەدىسكە بولغان ئىتىبارسىزلىق پۇراپلا تۇرىدۇ. 

      ئىختىلاپقا سەۋەب بۇلىدىغان ئىشلاردىن ئەلۋەتتە يىراق قاچىمىز. بىراق ئادەمنى ئىماندىن چىقىرۋېتىدىغان ئىختىلاپلار بولسا بىز ئۇنىڭ بىلەن كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرشىپ ھەقنى يەتكۈزىمىز. خۇددى <ئىيسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن چۈشمەيدۇ،چۇنكى بۇنداق ئىبارە قۇرئاندا يوق> دىگەنگە ئوخشاش. مانا بۇ ئىختىلاپ ئادەمنى دىندىن چىقىرۋېتىدىغان ئىختىلاپ.
ئەمما بەزى پۇرات مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشىپ ئولتۇرمايمىز. مەسلەن: <ئامىننى ئۇنلۇك دەمدۇق ياكى مەخپىيمۇ؟ رەپئىي يەد قىلامدۇق ياكى قىلمامدۇق؟...> دىگەندەك ئىختىلاپ بىر ئاز كۆپ بولغان ئىشلاردا كەڭ قۇرساق بۇلىمىز. ئەلۋەتتە بۇ زىتلىقلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى قىلسا بۇلىدۇ. گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما <ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاسماندىن جەزمەن چۇشۇشى مۇقەررەر. بۇنى بىز رەسۇلۇللەنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئارقىلىق بىلدۇق. بۇ بىزگە كۇپايە. ھېچقانداق ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ چۈشۈشىگە شەك قىلمايدۇ. چۇنكى بۇنى رەسۇلۇللە بىلدۇرگەن. رەسۇلىمىز ئۆز نەفسى خاھىشى بۇيىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ پەقەت ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنىلا سۆزلەيدۇ.
شۇڭا مىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسالام توغرىسىدا يوللىغان ماقالە ئىختىلاپسىز بولغان ماقالە. پەقەت بەزىلەر مەلۇم بىر پىرقىدىكىلەرنىڭ خاتا ھۆكىمى تۇپەيلى چۈشىنىش ھاسىل قىلالمىغان ھەمدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ تۇلۇقراق چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.
يىغىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ بۇ تىمىغا يازغان ئىنكاسىڭىز نى <ئارتۇقچە> دەپ قارايمەن.

nazuk... 2011-05-09 11:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تېمىڭىزگا كۆپ رەخمەت،بىزنى يەنە بىر بىلىمگە ئېگە قىلدىڭىز،سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ھەمزە قېرىندىشىم،ۇزۇن بولدى يۇقاپ كەتتىڭىزەۇ؟بىلوگىڭىزمۇ تۇختاپ قالدىغۇ...

大力士 2011-05-09 17:52
ئەسسالام ئەلەيكۇم ھەمزە ئاكا.بۇ يازما مىنىڭ كاللامدا بىر مۈجىمەل سۇئال  پەيدا قىلىپ قويدى.-1:دەججال ئىنسان پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاخىر زامان بولغاندا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىلىقىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ.2-ئاندىن كىيىن:ئىبنى جۇنادەھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "دەججال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ سول كۆزى كۆرمەيدۇ.1-دە دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارغۇ دىيىلىپتۇ.2-دەسول كۆز دىيىلىپتۇ.لىكىن 2- مەلۇمات پەيغەمبىرمىزنىڭ سۈزىكەن.شوڭا مەن 2-توغىركەن دەپ ئويلىدىم.شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىز بۇ ھەقتە ئېنىق بىر چۈشەنچە بىرۋەتكەن بولسىڭىز  بوپتىكەن.

newruz 2011-05-09 22:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى ھەمزە نىڭ 2011-05-09 08:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 14-قەۋەت (newruz) نىڭ يازمىسىغا :
شۇڭا مىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسالام توغرىسىدا يوللىغان ماقالە ئىختىلاپسىز بولغان ماقالە. پەقەت بەزىلەر مەلۇم بىر پىرقىدىكىلەرنىڭ خاتا ھۆكىمى تۇپەيلى چۈشىنىش ھاسىل قىلالمىغان ھەمدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ تۇلۇقراق چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.
يىغىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ بۇ تىمىغا يازغان ئىنكاسىڭىز نى <ئارتۇقچە> دەپ قارايمەن........

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەخمىتۇللاھى ۋەبەرىكاتىھۇ!
سىز ئۇلارنى قايىل قىلالمىدىڭىز، ئۇلارمۇ سىزنى قايىل قىلالمىدى!(ئاشۇ تورنىڭ پىشانىسىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ يېقىندىلا كۆردۇم) ئاللاھلا بىزنى قايىل قىلىدۇ! قايىل قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى سانىلىدۇ...بىز ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى سۆيمەيمىز. ئاللاھنىلا سۆيىمىز...مەخلۇقاتلار بىزگە بوي سۇندۇرۇپ بېرىلگەن. مەن قۇرئاننى سۆيۈپ ئوقۇيمەن. لېكىن قۇرئانچىدەك ئەمەس. ھەدىسنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن ھەدىسچىلەردەك ئەمەس....پەقەت مۇھاببىتىم ئاللاھقىلا بېغىشلانغان...سىز تولىمۇ بىلىملىك ئادەمسىز. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنىڭ قايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىغا سەرپ قىلماسلىققا چاقىرىمەن. تەجۋىد قائيدىسى قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بار....تور بېتىڭىزگىمۇ كىرىپ تۇرىمەن!

سىز ئېيتقان قۇرئاندا يوق ھەدىستە بار مەزمۇنلارنى خاتىرلىۋالدىم. ئىسلام ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن! بولسا يەنە تىزىمىنى بېرەرسىز....مۇشۇ مەسىلىلەر ئىختىلاپنىڭ ئاساسى بولۇپ قالماقتا...
سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن [55]. [سۈرە ئال ئىمران]
ئاللاھ ئىختىلاپ ئۇستىدە مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن دەپ ئېيتىدۇ.  ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز....
ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئىشقا ئالدىرمىساق قانداق!

ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر! مۇۋاپىقىيەت ئاللاھدىندۇر!


يازمامدىن مەمنۇن بولغان بولسىڭىز سىزنى ھەممە ئىشىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرىمەن....مانا بۇ تەسلىم بولۇشتۇر، مانا بۇ قۇللۇقتۇر....ئاللاھقىلا مۇھاببەت باغلاپ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىغا مۇھاببەت باغلىمايلى!!!


بىلوگ مەنزىلىم!
http://torsodisi.blogbus.com/

dilara 2011-05-09 22:47
ئەسلى بۇ مەسىلىدە «پالانى ئالىملار ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ دەيدۇ، پۇستانى ئالىملار كەلمەيدۇ دەيدۇ. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق دەلىلى بار. مەن ئېنىق بىلمەيمەن. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر، ئىختىلاپ قىلىشمايلى. باشقا مۇھىم ئىشلارنى قىلايلى» دەپ گەپنى تۈگەتكەن بولساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولغان بولاتتىكەن.
تۈركىيەدە ئىلاھىيەت پاكولتېتىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ. چۈنكى، مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتتە ئاللاھتائالا: «ئەليەۋم ئەكمەلتۇ لەكۇم دىنينەكۇم»، يەنى «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم» دېگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر. ئۇ پۈتۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولدى. شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ «دىندا كەم قالغان يەرنى تولۇقلىشى» مەنتىقسىز؛ يەنە بىر سەۋەب، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك، يەھۇۋا شاھىتلىرى ئېتىقادى قاتارلىق باشقا دىنلاردىمۇ ئاخىر زاماندا مەسىھ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ دېگەن ئەقىدە بار. بۇ ھەقتىكى ھەدىس بەلكىم ئىسرائىلىيات (يەھۇدىيلار توقىغان رىۋايەت) بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.....ۋاكازالار» دېگەن گەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھاندا سۇئاللارغا «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە توغرا جاۋاب بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە يەنە ھارۇن يەھيا، پەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇستاز بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمىش نۇرچىلار جامائىتى يەنە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان مەھمۇد ئەپەندى جامائىتى، ئىمام راببانىينىڭ كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان سۇپىيلار... قاتارلىقلار مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىس مەزمۇنىغا ئاساسەن «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ...» دەيدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە تەبلىغ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى، تەقۋادار. تەبلىغىدىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمەن.
مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلساق زىيان تارتمايمىز. چۈنكى بىز ئاجىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زادى قايسى پىرقىنىڭ دېگىنى راست ئايرىپ بولالمايمىز. ئەگەر ئېنىق ئايرىيمەن دېسەك، ئۆمرىمىزمۇ يار بەرمەيدۇ، زىيان تارتىشىمىز ئېنىق.
«ئى مۆمىنلەر، ... ئىختىلاپ قىلىشماڭلار. بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر. كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار.» (ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەت)
نەۋرۇز قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق.

maniwer2010 2011-05-09 23:20
دىلارە خانقىز پىكرىڭىز ئورۇنلۇق.....

general 2011-05-09 23:34
ھازىر بەزى ياش بالىلارنىڭ(قىزلارمۇ بار) موتسىكلىتنى مىنىۋېلىپ،مۇزىكىنى قۇلاق-مېڭىنى يېگۈدەك تەرزدە ۋاڭشىتىپ قويۇپ،مەھەللە،كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك مېڭىشلىرىنى كۆرسەم،بۇلار<دەججالنىڭ نەغمىكەشلىرى> دەپ قويىمەن.بەزى خىزمەتداشلىرىممۇ بۇ <نەغمىكەشلەر>نى كۆرگەندە قۇلاقنى يوپۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
     

arzuyum 2011-05-09 23:38
ئەسسالامۇ -  ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم ھەمزە  ،سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !

end 2011-05-09 23:40
  مەن بۇتىمىنى ئىنكاس شەكلىدە ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي...... يىپىدىن يىڭنىسى گىچەئوقۇي.

قايلمەن 2011-05-10 00:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <ھەمزە > ئەپەندىم ۋە بارلىق دىنى قىرنداشلار .   (مەن كەپتەر) مەن تۇنۇگۇنكى نام بىلەن مۇنبەرگە كىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇگۈن قايتا بۇ نام بىلەن كردىم .
مەن (دەججال) نامىدىكى ماقالىگە توغىرسىدا يازغان ئىنكاسىمدىن ھەممىڭلاردىن جۇمىلىدىن ھەمزە ئەپەندىدىن سەممى كەچۇرۇم سورايمەن .
مەن توردىن ئوقىغان دىگەن كالتە ئوي بىلەن ھىچقانداق دەلىلەش ئىلىپ بارمايلا  پىكىر يۇرگۈزۇپتىمەن . مەسىلىنى ئاددى ئويلىغانقىم ئاقىۋەت ئۆزىمگە ئوق بولۇپ تەگدى.
(مەن  كۆرگەن تور بەت ھازىر ئىچىلماس بولۇپ كىتىپتۇ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم) .؛؛؛؛؛؛؛
شۇ سەۋەب گۇناھكار بولدۇم ھەم كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم . مەن  ئاللادىن گۇناھلىرىماىن ھەر ۋاقىت  سىغىنىپ مەغفىرەت تىلەيمەن .

قايلمەن 2011-05-10 00:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلئارە  پىكىرڭىز ئورونلۇق  .

kaysarjan 2011-05-10 14:22
ئاللا كوپلەپ  ئەجرلەنى ئاتا قلسون   سزگە ھەم  بارلق موسولمان قىرنداشلاغا

kaysarjan 2011-05-10 14:25
ئادەم ماختغاندا سەل دققەت  قلايلى قىرنداشلا بو تۇغرلك  ھەدسنى  بلسلەغو دەيمەن  ئالملرمزنى قوغداپ قالايلى

firdawis 2011-05-10 20:29
ھـەمزە بۇرادەر،سىزگـە ئـاللاھ رەھمـەت قىلسۇن .يازغانلىرىڭىزدا قىلچـە نۇقسان يوق،بارىكاللا...

bilig 2011-05-10 21:59
بۇ دەججال  بىلەن  مەن  بۇرۇندىن  تونۇشمايمەن    ھەم  بۇندىن  كىيىنمۇ  
تونىشىش  ئويۇم  يوق  چۇنكى  ئۇنىڭ بىلەن  ھىچ قانداق  مۇناسىۋېتىم  يوق

firdawis 2011-05-10 22:56
كـەپتـەر،سىز ئۇنىڭغا ئـىشـەنمىسىڭىز ئەمىسـە ئەيسا ئەلـەيھىسالامنىڭ ئـاسمانغا تىرىك پېتى ئـېلىپ چىقىپ كېتىلگـەنلىكىنىغۇ ئـىنكار قىلمايدىغانسىز؟ئۇ ئـاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلـەن قايتا يـەر يۈزىگـە چۈشسىلا بىز ئۇنىڭ ئۇممىتى بولۇپ قالمايمىز،مۇشۇنداق ھـەقنى سۆزلـەشتىن يانمايمىز،بىز مـەڭگۈ مۇھـەممـەد سـەللـەللاھۇ ئـەلـەيھى ۋەسسـەللـەمنىڭ ئۇممىتى بىز،ئـەيسا ئەلـەيھىسالامنى، ئـاللاھ - بىزدەك ئـاخىرقى پـەيغـەمبـەر ئۇممىتىگـە ياردەم بېرىش، دەججالنى ئۆلـتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. شۇ چاغ كـەلگـەندە دىنىدىن چىققان ئـازغۇن ناسارالار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ئـاللاھقا ئـاسىي بولغان قارا كاپىر يـەھۇدىلار شۇ چاغدا ئۇزلىرى - ئـەيساغا چوقۇنىمىز!مۇھـەممـەدنىڭ دىنى يالغان!(نـەئۇزۇبىللاھ)دەپ جار سېلىۋاتقان ۋا قتىدا ئەيسا ئەلـەيھىسالام ئۇلاردىن كونا يېڭى ھېسابنى بىر يولىلا ئـالـىدۇ...ئۇلارغا ئـۆزلىرى بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئەگـەشمىگـەن مۇھـەممـەد سـەلللاھۇ ئەلـەيھى ۋەسسـەللـەمنىڭ، ھـەق پـەيغـەمبـەر ئـىكـەنلـكـىنى بايان قىلىدۇ.ۋە ئـۇلارغا جـەڭ ئـېلان قىلىدۇ مانا ،كاپىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ شـەرمـەندىچىلىكى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ..ۋاي ئـېسىت ھالىڭلارغا پـەس،يـەھۇدى ناسارالار،قارا كاپىرلار!تاغۇتلار!بۇ كۈندىن باشلاپ مۆھلـەت توشىدۇ.توۋۋا قۇبۇل قىلىنمايدۇ ،ئـاخىرقى كوزىرىڭلارـ دەججالمۇ ئەيسا ئەلـەيھىسالامنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ!دۇنيا سىلـەرنىڭ ئەمـەسمىتى؟دۇنيادا دارغا ئـاسىمـەن دېگـەننى ئـېسىپ، ئۆلتۈرىمـەن دېـگـەننى ئۆلتۈرپ ئەجـەپ ھەددىڭلاردىن ئـاشقان ئـىدىڭلار،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلغانلارغا شۇنچـە قاتتىق زۇلۇم قىلغان ئـىدىڭلار!مانا قىلغانلىرىڭلارغا ۋاي داد!دەپ كېتىدىغان كۈن كـەلدى!ئەبـەدىي دەۋزىخىي بولۇش نـەقـەدەر قورقۇنۇچلۇق ھە! بۇ يولنى ئۆزۈڭلار تاللىغان، ئەمدى تاللىشىڭلار يوق. بىز سىلـەرگـە ئـىچ ئـاغرىتىپ قالمايمىز!پـەقـەت ئـاللاھلا ئـەڭ ئـادىل ھۆكۈم چىـقارغۇچى! ئـى ئـاللاھ بىزگـە ئـاشۇ كۈندە مۇشۇ مـەيداندا چىڭ تۇرالايدىغان مۇستـەھكـەم ئـىمان ئـاتا قىلغايلا..بىزمۇسۇلمان ئۇيغۇر قـەۋمىنى ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى تا قىيامـەتكىچـە ھـەق يولدىن ئـازدۇرىۋەتمىگـەيلا ..ئـامـىن..        

dellyar571 2011-05-10 22:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى dilara نىڭ 2011-05-09 22:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسلى بۇ مەسىلىدە «پالانى ئالىملار ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ دەيدۇ، پۇستانى ئالىملار كەلمەيدۇ دەيدۇ. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق دەلىلى بار. مەن ئېنىق بىلمەيمەن. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر، ئىختىلاپ قىلىشمايلى. باشقا مۇھىم ئىشلارنى قىلايلى» دەپ گەپنى تۈگەتكەن بولساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولغان بولاتتىكەن.
تۈركىيەدە ئىلاھىيەت پاكولتېتىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ. چۈنكى، مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتتە ئاللاھتائالا: «ئەليەۋم ئەكمەلتۇ لەكۇم دىنينەكۇم»، يەنى «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم» دېگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر. ئۇ پۈتۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولدى. شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ «دىندا كەم قالغان يەرنى تولۇقلىشى» مەنتىقسىز؛ يەنە بىر سەۋەب، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك، يەھۇۋا شاھىتلىرى ئېتىقادى قاتارلىق باشقا دىنلاردىمۇ ئاخىر زاماندا مەسىھ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ دېگەن ئەقىدە بار. بۇ ھەقتىكى ھەدىس بەلكىم ئىسرائىلىيات (يەھۇدىيلار توقىغان رىۋايەت) بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.....ۋاكازالار» دېگەن گەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھاندا سۇئاللارغا «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە توغرا جاۋاب بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە يەنە ھارۇن يەھيا، پەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇستاز بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمىش نۇرچىلار جامائىتى يەنە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان مەھمۇد ئەپەندى جامائىتى، ئىمام راببانىينىڭ كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان سۇپىيلار... قاتارلىقلار مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىس مەزمۇنىغا ئاساسەن «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ...» دەيدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە تەبلىغ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى، تەقۋادار. تەبلىغىدىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمەن.
مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلساق زىيان تارتمايمىز. چۈنكى بىز ئاجىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زادى قايسى پىرقىنىڭ دېگىنى راست ئايرىپ بولالمايمىز. ئەگەر ئېنىق ئايرىيمەن دېسەك، ئۆمرىمىزمۇ يار بەرمەيدۇ، زىيان تارتىشىمىز ئېنىق.
«ئى مۆمىنلەر، ... ئىختىلاپ قىلىشماڭلار. بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر. كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار.» (ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەت)
.......


دىلئارا بۇ ئىتپاقلىق مەسىلىسى ئەمەس ،ئىتىقاتقا چىتىلىدىغان ئىش سىز ئىسلام دۇنياسىدىكى مۆتىۋەر ئالىملار ۋە كىتاپلاردىن ئوچۇق بولغان دىنى تونۇشلارغا بۇنداق مۇئامىيلە قىلىسڭىز ئىمانىڭىزنى ساغلام تۇتالمايسىز ،كىم ئەيسا ئەلەيسالامنىڭ قايتا كىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن بۇنىڭ بەدىلى بەكمۇ ئىغىر      

پولات 2011-05-11 01:22
دەرجالنىڭ قانداقلىقىنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەھىسسالام  .ھەدىسلىرىدە بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ بولغان .بىز ئۇنى  كۇرسەك چوقۇم تۇنۇيمىز.
   دىققەت ؛ دەرجالدىنمۇ يامان يەنە بىرسى بار .  دىننى  جان بېقىش  قورالى  قىلىۋالغان ، ئاچكۇز ،پىتنىخۇر، دىننى ئۇز نەپسى خايىشى بويىچە  بۇرمىلايدىغان . نادان ئۇلىمالار.
    ئېھرەببىم  بىزنى  غەززىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس. سەن ئىنئام ،ئېھسان قىلغان يوللارغا باشلىغىن . ئامىن .
ھەمزە قېرىندىشىمغا  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

nazli0998 2011-05-11 21:15
ئاللاھ ،  قىرىنداشلىرىم     قۇرئان كەرىمدە  ئاخىرى زامان  بولغاندا
ئەيسا  ئەلھىسالام  چۇشۇشى توغرىسىدا  ئىنىق  گەپ بارغۇ  
  
        185 ) سەلىب (ناسارالارنىڭ  قارشىچە ئىسا ئەلھىسالام  ئىسىلغان ياغاچنىڭ
           شەكلى -ت ) نىڭ  چىقىلىشى ۋە  چوشىقىلارنىڭ ئۆلتۈرلىشى

ئەبۇ  ھۇرەيرەدىن  رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر  ئەلەيھىسالام   مۇنداق  دىگەن:
سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا  چۇشۇپ  ئادل ھۆكۈمىران  بولۇپ ، سەلىبىنى  چىقىپ
تاشلىغان ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرگەن  ،جىزىيە ( ئىسلام دىنى ھۆكۈمىران جايلاردا غەيرى
دىندىكىلەردىن ئېلىنىدىغان مەخسۇس باج-ت)  نى ئەمەلدىن قالدۇرغان  ، پۇل-مال
ئېشىپ -تېشىپ تۇرغان ھەتتا ھىچكىم  قوبۇل  قىلىپ  ئالمايدىغان  بولغان چاغدا
ئاندىن  قىيامەت قايىم  بولىدۇ  .

مەنبە  :بۇخارىنىڭ  كىتابىدىن  ئىلىندى  ، ئەسلى  قورئان  كەرىمدىن يازماقچى
ئىدىم  تاغامنىڭ  ئۆيىدە قاپتۇ  .  


بۇ  گەپنى  پالانى  ئالىم   پۇستانى كىشى  ياكى  قايسى بىر  مۇنبەر 
دىمىگەن  بەلكى  پەيغەمبىرىمىز   دىگەن 

bilig 2011-05-11 21:36
چوشقىلاردا  نىمە  گۇناھ   ئەمدى    ئۇلار  ئۆزلىرى  يارىلىۋالمىسا     ئىگىسى  ياراتسا   ئۇنى  نىمە  گۇناھى  ئۇچۇن  ئۆلتۇرۇدىغانلىغىنى  ھىچ چۇشەنمىدىم

مۇسئەب 2011-05-11 22:12
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى dilara نىڭ 2011-05-09 22:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسلى بۇ مەسىلىدە «پالانى ئالىملار ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ دەيدۇ، پۇستانى ئالىملار كەلمەيدۇ دەيدۇ. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق دەلىلى بار. مەن ئېنىق بىلمەيمەن. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر، ئىختىلاپ قىلىشمايلى. باشقا مۇھىم ئىشلارنى قىلايلى» دەپ گەپنى تۈگەتكەن بولساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولغان بولاتتىكەن.
تۈركىيەدە ئىلاھىيەت پاكولتېتىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ. چۈنكى، مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتتە ئاللاھتائالا: «ئەليەۋم ئەكمەلتۇ لەكۇم دىنينەكۇم»، يەنى «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم» دېگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر. ئۇ پۈتۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولدى. شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ «دىندا كەم قالغان يەرنى تولۇقلىشى» مەنتىقسىز؛ يەنە بىر سەۋەب، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك، يەھۇۋا شاھىتلىرى ئېتىقادى قاتارلىق باشقا دىنلاردىمۇ ئاخىر زاماندا مەسىھ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ دېگەن ئەقىدە بار. بۇ ھەقتىكى ھەدىس بەلكىم ئىسرائىلىيات (يەھۇدىيلار توقىغان رىۋايەت) بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.....ۋاكازالار» دېگەن گەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھاندا سۇئاللارغا «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە توغرا جاۋاب بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە يەنە ھارۇن يەھيا، پەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇستاز بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمىش نۇرچىلار جامائىتى يەنە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان مەھمۇد ئەپەندى جامائىتى، ئىمام راببانىينىڭ كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان سۇپىيلار... قاتارلىقلار مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىس مەزمۇنىغا ئاساسەن «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ...» دەيدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە تەبلىغ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى، تەقۋادار. تەبلىغىدىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمەن.
مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلساق زىيان تارتمايمىز. چۈنكى بىز ئاجىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زادى قايسى پىرقىنىڭ دېگىنى راست ئايرىپ بولالمايمىز. ئەگەر ئېنىق ئايرىيمەن دېسەك، ئۆمرىمىزمۇ يار بەرمەيدۇ، زىيان تارتىشىمىز ئېنىق.
«ئى مۆمىنلەر، ... ئىختىلاپ قىلىشماڭلار. بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر. كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار.» (ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەت)
.......



سىڭلىم سىزنىڭ  ئىتقادىڭىزدىمۇ مەسىلە باركەن. ھەرقانداق ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسالامنى شەكسىز چۇشىدۇ دەپ ئىتقاد قىلىدۇ. بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھتۇر. سىزنىڭچە باشقىلار ھەدىسنى ئىتىبارغا ئالماي ئۆز خاھىشى بۇيىچە ھۇكۇم چىقىرىۋەرسىمۇ بىز بىرلىكنى ساقلاش ئۇچۇن ھەممىمىزنىڭ توغرا دىيىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز پۇتۇنلەي خاتالاشقان بۇلىسىز.
دۇنيادا پەقەت ئىككىلا يول مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ توغرا خاتا، ھىدايەت-زالالەت،  ھەر قانداق ئىش بۇنىڭدىن چەتنەپ كىتەلمەيدۇ.
يەنە بىرسى تۇركىيەدىكى ئالىملاردىن ئىھتىيات بىلەن پايدىلىنىڭ. پۇتۇن بىدئەتنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدىن چىقىدۇ.

nazli0998 2011-05-12 00:03
شۇ  نىمە  ئۈچۈننى  بىلىش  ئۈچۈن  سىز  نىمىشقا  كىتاپ  لاردىن  
ئىزدىنىپ جاۋاپ  تاپمايسىز  
  بىز  بۇيەردە  دەپ  بەرسەك  يەنە  نۇرغۇنلىغان  نىمە  ئۈچۈنلەر  چىقىدۇ
ھەم  بىز  دىسەكمۇ  كالىڭىزدا  يۇزەكى  ئۇقۇم  قالىدۇ  
ئەڭ  ياخشىسى  جىقاراق  كىتاپ  ئوقۇپ  بىرىڭ  

tamkin 2011-05-12 00:07
      ئامىركىلىق يازغۇچى يازغان مەدىنىيەتلەر توقۇنىشى  دېگەن كىتاپتا، بىر  مۇخبىر  يەھۇدى دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى نىتانىياخۇدىن   سۇئال سوراپ، بىر ۋاقىتلار كەلسە يەھۇدىيلار، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قىرىلىپ تۈگەيدۇ  - دەيدىغان گەپلەر بار ئىكەن.  راستىنلا شۇنداق بولارمۇ ؟ سىز بۇ گەپكە قانداق قارايسز ؟ دەپ سورىغان ئىكەن.  نىتانىياخۇ  بىردەم  جىم - جىت  تۇرىۋېتىپ، شۇنداق ! بىزنى قېرىپ تۆگىتۋېتەلەيدىغان مۇسۇلمان ، ھازىرقىدەك مۇنداق چېچىلاڭغۇ مۇسۇلمان ئەمەس . ئۇنداق مۇسۇلمان تېخى دۇنياغا كەلمىدى . دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن...   دېمەك شۇ يەھۇدىي چېغىدا  بىر  كۈنلەردە  ئۆزلىرىنىڭ ، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن  مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدىكەن.. مەن ئۇ كىتاپتىن شۇندىقىراق  ئۇقۇغىنىم يادىمدا  ..

نەسرۇللاھ 2011-05-14 13:22
ئىسىل ھ

taranqi217 2011-05-14 13:41
مۇشۇ  مەسىلە ھەجەپ بىزدەكلەرنى ئىككىلەندۇردىكەن............................
ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۇچىدۇر.......!

tanhadilkar 2011-05-14 13:54
   ئىلىم دىگەن يەنە ئىلىمدە............
ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن!

ئابدۇللا 2011-05-17 02:38
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن . قۇلىڭىزغا دەت كەلمىگەي

ئادىيات 2011-05-19 10:20
ئەيسا ئەلەيسالامنىڭ ئاتسىز  تۇغۇلىشى ئىنسان  ئارسىدا ئاللا ئىرادىسى ۋاستىسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ دىگەننى چۈشەندۈرۈش  ئىدى .

ئەمدى بۇ ئۈممەتنى قۇتقۇزۇشقا ئەيسا  ئەلەيسالام ۋاستە  بولامدۇ؟

قىيامات تۇيۇقسىز  بولىدۇ.

ئەمىليەتتە مۇھەممەت س ھ ۋ زامانىدا يىرىلغان ئاي ئۆزى قىيامەتنىڭ بىشارىتىدۇر.
<< سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلغا باراۋەر بىر كۈندە....   >> قۇرئان كەرىم
يۇقردىكى ئايەتتىن بىز  بىلەن ئاسمان ئەھلىنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىنڭ پەرقىنى بىلگىلى  بولىدۇ ( پەيغەمبىرىم ۋاپات بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئاسمان ئەھلىگە بىر يىرىم كۈن ۋاقىت ئۆتتى دىگەن گەپ)
دىمەك ؛ <<قىيامەت يىقىندۇر. بىزنى قورشاپ  تۇرغۇچىدۇر>>
ئەجەبا ئەيسا ئەلەيسالام چۈشۈپ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئىيتمىسا بىز  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئىتراپ  قىلمامدۇق؟
كاپىرلا ئىتراپ قىلسا نىم بوپتۇ قىممىسا  نىم بوپتۇ ئاللاھنىڭ ھىچكىمگە ئىمان  قەرزى  يوق
ئىمان ئىيتىشنى  خالىغانلارغا دەلىل يىتەرلىك خالىمىغانلاغا يول  ئوچوق

dellyar571 2011-05-19 12:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 36قەۋەتتىكى مۇسئەب نىڭ 2011-05-11 22:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يەنە بىرسى تۇركىيەدىكى ئالىملاردىن ئىھتىيات بىلەن پايدىلىنىڭ. پۇتۇن بىدئەتنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدىن چىقىدۇ

ماۋۇ ئىنكاسنى ،سىز ئەرەپ ئەسەبى  مىللەتچىسى ئوخشىمامسىز ؟ 

شولا 2011-05-19 12:58
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 43قەۋەتتىكى ئادىيات نىڭ 2011-05-19 10:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەيسا ئەلەيسالامنىڭ ئاتسىز  تۇغۇلىشى ئىنسان  ئارسىدا ئاللا ئىرادىسى ۋاستىسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ دىگەننى چۈشەندۈرۈش  ئىدى .

ئەمدى بۇ ئۈممەتنى قۇتقۇزۇشقا ئەيسا  ئەلەيسالام ۋاستە  بولامدۇ؟

قىيامات تۇيۇقسىز  بولىدۇ.
.......


دىمەك ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ چۈشۈشى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلەردە چاتاق باكەندە(ئاللاھ ساقلىسۇن). ئاللاھ سىزدەك ئىتقاددىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن يۇقىتىۋەتسۇن

ئادىيات 2011-05-19 13:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 45قەۋەتتىكى شولا نىڭ 2011-05-19 12:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


دىمەك ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ چۈشۈشى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلەردە چاتاق باكەندە(ئاللاھ ساقلىسۇن). ئاللاھ سىزدەك ئىتقاددىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن يۇقىتىۋەتسۇن

نىم  بولدىڭىز ؟   بۇتىڭىزنى چېقىپ قويغاندەك چۆچۆپ  كىتىپسىزغۇ؟

شولا 2011-05-19 16:57
j
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى ئادىيات نىڭ 2011-05-19 13:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

نىم  بولدىڭىز ؟   بۇتىڭىزنى چېقىپ قويغاندەك چۆچۆپ  كىتىپسىزغۇ؟


توۋا......... ئۈزىڭىزنىڭ ئەيىپلىرىنى ئاچقىلى تۇردىڭىزمۇ قانداق؟ بۇتنى چاقسا قانداق ئاچچىقى كىلىدىغانلىقىنى پەقەتلا بۇت ساھىبلىرىلا بىلىدۇ. ئۇندىن باشقىلار بۇت چېقىلسا خۇشال بۇلىدۇ.
بۇتنى چاقسا سىز شۇنداق چۇچۇپ كىتىدىغان ئوخشىمامسىز شەيخىم؟؟؟
مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈزى نادانلار تەرپىدىن ئۆزگەرتىلسە ياكى ئىنكار قىلىنسا ۋە ياكى يامان كۇرۇلسە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ئاچچىقلىنىمەن.
شۇڭا سىزگە ئاچچىقلاندىم. سىز رەسۇلۇللەنىڭ سۈزىنى ئىنكار قىلدىڭىز. سىزنىڭ ئېزىپ كىتىشىڭىزگە رەسۇلۇللەنىڭ سۈزىنى ئىنكار قىلىشىڭىز كۇپايە.
ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئاللاھتىن ھەقىقى قورققانلارغا بولسۇن!

lebbey 2011-05-20 02:27
مەن بۇ مەسىلىنى يەنىلا دىيارىمىزدىكى ئالىملاردىن سوراي!
سىلەرگىمۇ تەۋسىيەم شۇ!

asanat 2011-05-21 22:03
ئەسسەلامۇ ئەلەيىكۇم قىرنداشلىرىم،بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ئۇگەنمەسلىك ئەيپتۇر. دىنى ئىلىم ئاللاھنىڭ قانۇندۇر .مۇنازىرلەشكەندە يەڭگلىك قىلمايلى چۇشەنمىسەك تۇۋەنچلىك بىلەن ھەمىزەدەك ئىلىم ئۇستازلىردىن سۇراپ بىلەيلى.


查看完整版本: [-- دەججال بىلەن تۇنۇشۇپ قۇيۇڭ(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.089954 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us