ئەسلى بۇ مەسىلىدە «پالانى ئالىملار ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ دەيدۇ، پۇستانى ئالىملار كەلمەيدۇ دەيدۇ. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق دەلىلى بار. مەن ئېنىق بىلمەيمەن. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر، ئىختىلاپ قىلىشمايلى. باشقا مۇھىم ئىشلارنى قىلايلى» دەپ گەپنى تۈگەتكەن بولساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولغان بولاتتىكەن.
تۈركىيەدە ئىلاھىيەت پاكولتېتىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ. چۈنكى، مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتتە ئاللاھتائالا: «ئەليەۋم ئەكمەلتۇ لەكۇم دىنينەكۇم»، يەنى «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم» دېگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر. ئۇ پۈتۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولدى. شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ «دىندا كەم قالغان يەرنى تولۇقلىشى» مەنتىقسىز؛ يەنە بىر سەۋەب، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك، يەھۇۋا شاھىتلىرى ئېتىقادى قاتارلىق باشقا دىنلاردىمۇ ئاخىر زاماندا مەسىھ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ دېگەن ئەقىدە بار. بۇ ھەقتىكى ھەدىس بەلكىم ئىسرائىلىيات (يەھۇدىيلار توقىغان رىۋايەت) بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.....ۋاكازالار» دېگەن گەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھاندا سۇئاللارغا «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرسە توغرا جاۋاب بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە يەنە ھارۇن يەھيا، پەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇستاز بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمىش نۇرچىلار جامائىتى يەنە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان مەھمۇد ئەپەندى جامائىتى، ئىمام راببانىينىڭ كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان سۇپىيلار... قاتارلىقلار مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىس مەزمۇنىغا ئاساسەن «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ...» دەيدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە تەبلىغ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى، تەقۋادار. تەبلىغىدىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمەن.
مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلساق زىيان تارتمايمىز. چۈنكى بىز ئاجىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زادى قايسى پىرقىنىڭ دېگىنى راست ئايرىپ بولالمايمىز. ئەگەر ئېنىق ئايرىيمەن دېسەك، ئۆمرىمىزمۇ يار بەرمەيدۇ، زىيان تارتىشىمىز ئېنىق.
«ئى مۆمىنلەر، ... ئىختىلاپ قىلىشماڭلار. بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر. كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار.» (ئەنفال سۈرىسى 46-ئايەت)
نەۋرۇز قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق.
[ بۇ يازمىنىdilara 2011-05-10 01:27قايتا تەھرىرلىدى ]