ھەر قانداق نەرسىنى ئۆلچەيدىغانغا شۇنىڭغا ماس ئۆلچەمنى تۇتۇپ ئۆلچەيدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرى، ۋە شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا باھا بەرمەكچى بولغاندا «ياخشى-يامان»ئۆلچىمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان گەپ. ئەمدى شۇ كىشىنىڭ ھاياتنىغا باھا بېرىشتا تۇتقان ئۆلچىمىڭىزدە قايسى تەرەپنىڭ بېكىتكەن ئۆلچىمى بولسا شۇ تەرەپنىڭ ياخشى-يامان تارازىسىغا سېلىپ باھا بېرىسىز. ئەگەر كۆتۈرۋالغان تارازىڭىز ۋە ئۇچۇرلرىڭىزى قايسى تەرەپتىن كەلگەن بولسا ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقماي شۇ ئۇچۇر نى مەنبە قىلسىڭىز سىزمۇ شۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۈمىد قىلغان نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىسىز. بۇ زالىمغا ياردەم قىلغانلىقىڭىز بولىدۇ. بىر تەرەپ دۈشمەن دەپ قارىغان بىر كىشىنى ھەرگىزمۇ مەدھىيەلىنىدىغان قىلىپ تەشۋىق قىلمايدۇ. سىزنىڭ يامان كۆزىڭىز بىلەن قارىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ شۇنداق تەشۋىق قىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىش بىر كىلو نەرسىنى تارزىغا سېلىپ ئۆلچىگەندەكلا ئاددى ئەمەس، سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىنى ئاستۈن -ئۈستۈن قىلىپمۇ سىزگە كۆرسىتىدىغان رەزىل زالىملار بار.
بىر كىشىنىڭ بىر ئىشىغا باھا بەرمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراش لازىم. بىر كىشىنىڭ ھاياتىغا باھا بەرمەكچى بولغاندا ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدىكى مەقسىتىگە نىشانىغا قاراش لازىم. ئاندىن قوللانغان ۋاستىسىگە قاراش لازىم. ئاندىن شۇ يولدا سىزنىڭ كۆتۈرگەن تارزىڭىزنىڭ قانداق بولىشى سىز ئۆلچىگەن كىشىنىڭ ئىشى ۋە شۇ كىشىگە بېرىدىغان باھايىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
مەسىلەن ، مىللەت نۇقتىسىدىكى تارازىنى يۈكسەك دەپ كۆتۈرسىڭىز مۇستافا كامالدەك كىشىلەرنى مەدىھىيەلەيدىغان يەكۈننى چىقىرىسىز. ئەگەر ئىسلام ئۈممىتى، ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى دۇنيادا يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت نىشاننى يۈكسەك دەپ تارازا كۆتۈرسىڭىز بەلكىم ئەكسىچە يەكۈن چىقىرىپ ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇشىڭىز مۇمكىن.
بېن لادىن تۇغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ پەقەت شۇ ئۇنىڭ دۈشمىنى تەرەپنىڭلا تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدىڭىز كۆردىڭىز ، بۇ يەردە ئىشنىڭ چىنلىقى ۋە شۇ كىشىنىڭ نىيىتىنىڭ قانداقلىقى ۋە قوللانغان ۋاستىسىنىڭ قانداقلىقى تۇغرىسىدكى ئەھۋالنىڭ زادى قانداقلىقىنى ، ئۇنىڭ شۇلار تەشۋىق قىلغاندەك ئىكەنلكى ياكى باشقىچە ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭىز. مەنمۇ ككرمىدىم، شۇنداق بولغانكەن شۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ياخشى-يامانلىق ئۆلچىمىڭىزگە سالسىڭىز بەلكىم سىز شۇلار ئۈمىد قىلغان نەتىجە چىقىرىشىڭىز مۇمكىن. بىگۇنا ۋە گۇناكار دىگەن ئۇقۇمدىمۇ سىزنىڭ كۆتۈرگەن ئۆلچمىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئامىركىنىڭ نەزىرىدە باغداتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۇناكار بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارنى خالىغانچە بومباردىمان قىلىشنى يوللۇق دەپ ھەركەت قىلىدۇ. ياكى بىر قىسىم گۇناكار دەپ قارالغان كىشىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قالغان بىگۇنا دەپ قارالغان كىشىلەر يارىلانسا ھېچ يېرىگە كەلمەيدۇ. بېنلادىننىڭ ئۆلچىمىدىمۇ ئىسلامغا قارشى كۆۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى گۇناكار دەپ قارىسا (مەن ئۇنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن)، شۇنىڭغا قارشى ھەركەت قىلىدۇ.
....
يۇقۇرقىدەك گەپلەرنى دىيىشتىكى مەقسەەت، سىز مۇقەددەس ئۆلچەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ شۇ تارازىغا سالدىڭىزمۇ ياكى باشقا تارزىمۇ ئاۋال شۇنى ئېنىق قىلىۋېلىپ ،ئۆلچەمدە بىرلىككە كەلسىڭىز ئاندىن ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىدا بىرلىككە كەلسىڭىز ئاندىن تالاشقان نەرسىمىز بىر يەردىن نەتىجە چىقىدۇ.
سىيىت نوچى تۇغرىسىدمۇ شۇنداقلا گەپ. ئەنە يالقۇن روزىمۇ ئۆزى كۆتۈرگەن ئۆلچىمىدە ئۆلچەپ باشقىچە يەكۈن چىقىرىپتۇ، باشقىلارمۇ باشقىچە يەكۈن چىقىرىدۇ.
مەن بولسام پەقەت شەرىئەتنىڭ تارزىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆلچەشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇڭا ئىشنىڭ قانداقلىقى تۇغرىسىدا چىنلىقىنى تېپىش، ئاندىن نىيتى ۋە ۋاستىسىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش، ئاندىن باھا بەرسەك بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىnawayi 2011-05-08 21:05قايتا تەھرىرلىدى ]