/read.php?tid=11781 بۇ يازمىدىكى ''ئۆزبەك''بۇردەرنىڭ يىنىكلىك بىلەن قىلغان ئىنكاسىدىن تىرىكىپ تۇرسام ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ قالدىما،بۈگۈن قان بىسىمىم چوقۇم ئىككى يۈزگە چىقىپ بولدى؛ ''سېيت نوچى'' تىراگىدىيەسى ئۇنچە ئاددىي ۋەقەلىك بولمىسا كىرەك.مەنچە بولغاندا سېيت نوچى مەيلى خەنزۇچە خەتنى بىلمەسلىكتىن ئۆلۈم خېتىنى قاتىلنىڭ ئالدىغان ئېلىپ بارسۇن،مەيلى ئۆزى خالاپ ئۆلۈمگە دادىل يۈزلەنسۇن،مەيلى ئۆزى نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي ئۆلۈمگە ماڭسۇن ۋە مەيلى نىمىلا ئاقىۋەت يۈز بەرگەن بولسۇن،بۇنىڭدا سەۋەپ بىرلا...يەنى ئەينى دەۋر سىياسى مۇھىتى ئۇنى شۇ يولغا مىڭىشقا مەجبۇر قىلغان.چىرىك مانجۇ ھاكىمىيىتى خەلقنىڭ بۇ ۋەقەدىن قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئىھتىيات قىلغىنى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق بىمەنا دەلىل-ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىققان خالاس.بۇنداق مىساللار بىزنىڭ تارىخىمىزدا،كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ ۋە بۇرنىمىزدىن "ھەقىقەت"كە يىتەكلەيدۇ.بىزمۇ شۇنداق بىمەنە "ھەقىقەت"لەرگە كۆنۈك.ھىچقايسىمىز ئاشۇ "ھەقىقەت"لەردىن شۈبھىلىك نەزىرىمىزدە ئىسپات ئىزلىمەيمىز،ئىزلىسەكمۇ سېيت نوچىنىڭ تەقدىرى بىزگە ئاخىرقى جاۋاپ بولۇپ قالىدۇ.شۇنداق بولغاچقا "سېيت نوچى"نىڭ تىراگىدىيەسى بىزنىڭ بۇ ئانا زېمىنىمىزدا يۈز بىرىشى مۇقەررەردۇر.
ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتكەن ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ بىز يەنىلا سېيت نوچى ئۆلۈپ كەتكەن ئاشۇ زاماندىكى نادان ھالىتىمىزدە تەپەككۈر قىلىپ تۇرۇپتىمىز.ئەجەبا،سېيت نوچى شۇنچە نادانمۇ ؟..ئۇ شۇنچە ئاسانلا بىر پارچە خەت بىلەن ئۆلۈمگە ماڭارمۇ ؟..ئۇ ئۆزىگە دۈشمەن بولغان رەقىپنىڭ ئۆزى توغرىسىدا نىمە "خام چوت"تا ئىكەنلىگىنى بىلمەسمۇ؟..بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزەن"بىز خەق" شۇنچە نادان تۇرۇپ،ئالدىمىزغا ھۈرپىيىپ كەلگەن ئىتتىن ئىھتىيات قېلىپ قولىمىزغا ھىچ بولمىسا بىرەر كىسەك چاغلىق بىر نەرسە ئالالايمىزغۇ ؟!..ئەجەبا "قارا شەھەر دەرۋازىسىنى بىر پەشۋادا ئاچالىغان " شىر يۈرەك'' پالۋانىمىز ئاشۇ دەرۋازا ئىچىدىكىلەرنىڭ ھىلە-مىكرىلىرىنى بىلمەسما ؟..ئۇ بىلەتتى!...ئەپسۇسكى ئۇنىڭ مۇشتۇمى دەرۋازىغا ۋە ماتىتەينىڭ ئوغلى ماشاۋۋۇغا تىتىيالىغىنى بىلەن ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە تىتىيالمىدى.ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن بولسا ئاشۇ "ئوردا دانىشمەن"لىرى ياراتقان بۇرمىلانغان "سېيت نوچى قىسسىلىرى"گە تىتىيالمىدى!..ئۇ قەشقەر راۋابىنى جاراڭلىتىپ ئەزىز يۇرتىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى نادان،ئاچ يالىڭاچ خەلقىنىڭ ئاھۇ -زارىنى كۈيلىگەن ئىدى.ئۇ قورقماس يۈرىگىنى قۇۋەت مەنبەسى قېلىپ ئاشۇ زالىم ھۆكۈمرانلارغا پەشۋا ئاتقان ئىدى.گەرچە ئۇنىڭ زالىمغا بولغان قارشىلىقى خەلق قەلبىدە پەخىرلىك زىلزىلە قوزغىيالىغان بولسىمۇ،ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى زىلزىلە قوزغىيالمىدى.ئۇنىڭ ئۆلىمى بىزگە ئاتالمىش " ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى جاللات ئالدىغا ئېلىپ بىرىشى "تەك ئەخماقلىقنى سوۋغا قىلدى خالاس.ئەمىلىيەتتە سېيت نوچىغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مانجۇ ھۆكۈمرانلىرى ئەمەس،بەلكى دەل ئاشۇ سېيت نوچىنىڭ ئۆزى ئۆزىگە بەرگەندەك تۇيغۇ بەردى خالاس!!..مانا بۇ بىزنىڭ نەقەدەر نادانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.
توۋا...قانچە ۋاقىتلار ئۆتتى،بىز يەنىلا ئاشۇ ماتىتەينىڭ سۈيىقەستلىك "مەشرەپ"پىگە "ئۇسۇل " ئويناپ يۈردۇق.ھىچ بىرىمىز ماتىتەيدىن گۇمانلانمىدۇق،ھىچ بىرىمىز ماتىتەيدىن :''سېيت نوچى ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى جاللات ئالدىغا ئېلىپ بارمىسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرەمتىڭىز ؟ '' دەپ سوراپ كۆرمىدۇق.''سېيت نوچىنىڭ جىنىنى ئېلىشقا سەۋەپ بولغان ھېلىقى ئۆلۈم خېتىنىغۇ سېيت نوچى ئۆزى ئېلىپ بىرىپتۇ.ئەمما ئاشۇ ئۆلۈم خېتىنى سىز يازغانمۇ ياكى سېيت نوچى ئۆزى يىزىۋالغانمۇ ؟ سېيت نوچىنى زادى كىم ئۆلتۈردى؟...''دەپ سوراپ كۆرمىدۇق.
ئەمىلىيەتتە سېيت نوچىنى زۇلۇمدا كۆزى قان - ياشلىق خەلقى ئۆلتۈردى.ئۇ خەلقىنىڭ زۇلۇم چىكىۋاتقىنىنى كۆرۈشنى خالىماي زالىم ھۆكىمەتكە قارشى مۇشت كۆتۈرۈپ چىقتى.ئاخىرىدا خەلقىدىن پاناھلىق ۋە ھامىيلىق،چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق تاپالماي ھەسرەت ئىچىدە ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان ئۆلۈمنى ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى.مۇبادا ئۇ ئۆلۈم خېتىنى ئوقۇيالىغان بولسا قېچىپ كىتەلىگەن بولاتتى.ئەپسۇسكى ئۇنىڭ بىشىنى پۇلغا ساتالايدىغان "شاپتۇل داموللام"دەك جاناپلار بىزنىڭ ئارىمىزدا ساناقسىز.سېيت نوچىنىڭ ئۆلىمىدىكى سىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىدىكى سىر بىلەن ھەقىقەتتە بىردەكلىككە ئىگە.ئۇيغۇرلىرىمىز دىيىشىدۇ''تۆمۈر خەلىپە،خوجىنىيازلارمۇ ئۆزىنى ئۆزى دۈشمىنىگە تۇتۇپ بەرگەن''دەپ.كىم ئەينى دەۋردىكى سىياسى،جۇغراپىيۋى،ئىچكى-تاشقى مۇھىتنى ئۇلاردەك بىلەلىگەن؟...ئۇلاردەك ئويلىيالىغان؟...ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى "دانىشمەن"لىرىمىزدىن بىرەرسىنى ئەڭ ئىلغار ئالاقىلىشىش قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئاشۇ دەۋرگە تاشلىۋەتسەكمۇ چوقۇمكى ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلگەن قىسمەت دانىشمەنلىرىمىزنىڭمۇ بىشىغا كەلگەن بولاتتى.چۈنكى دۇنيادا پىلنى چۈمۈلە يىڭىۋالىدىغان ئىشلار بەكمۇ،بەكمۇ،بەكمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.
بىز داپقا چۈشكەن ماياقتەك "ئۇيغۇر"ماركىلىق داپتاسەكرەۋاتقاندا "دۇنيا "ماركىلىق ئوپىرا سەھنىسىدە "سىتالىن،روزۋېلىت،چېرچىل.." دەك دىرىجورلار قايسى پەردىدە قايسى مۇزىكىنى چېلىش،قايسى مۇزىكىغا قانداق ئۇسلۇپتا ئۇسۇل ئويناشنى بىزگە ئاللىقاچاندا لاھىيىلگەن بولىدۇ.بىزنىڭ پالۋان،ئەركەك ئوغلانلىرىمىز ھەقىقەتەن ساناقسىز...لىكىن ئۇلارمۇ ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى دائىرىسىدىلا پالۋانلىق قىلالىغان،ئاشۇ مۇھىت يول قويغان دائىرىدىلا ياشىيالىغان.ئاخىرىدا بولسا پالۋانلىقى،ئەركەكلىكى بىلەن ياشاشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئاقىۋەتنى كۆرگەندە دادىللىق بىلەن ئۆلۈمنى تاللىغان.ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ ئاشۇ ھۆكۈمران سىنىپ ئۈچۈن دەھشەتلىك ئىسياندىن دىرەك بەرگىنى ئۇچۇن،ئۇلار ئاشۇ ئەركەكلەرنىڭ ئۆلۈمىنى بىر بولسا ئۆزىگە پايدىلىق يۆلۈنۈشكە يىتەكلىگەن (خۇددى سېيت نوچىنىڭ ئاتالمىش ئۆلۈم خېتىدەك...) بىر بولسا بۇرمىلاپ كۆرسەتكەن.(خۇددى ئابدۇقادىر داموللامنى گومىنداڭ ياكى ئېنگىلىسزلار ئەمەس بەلكى شاپتۇل داموللام ئۆلتۈرگەندەك..)
ھەسرىتا...!!زامان ئاسمىنىدىكى ھىلە - مىكىر تۇمانلىرى قاچاندا يوقار؟قاششاق كاللىمىز قاچاندا سەزگۈرلىشەر؟ۋاي تاڭ جۇمۇ..بىر كۈنلەر كىلىپ نۇزۇگۇم،شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلدەك قەھرىمان،ئىپپەتلىك ئاياللىرىمىزنىمۇ "پاھىشە خوتۇن ئىدى "..." ئەيدىز كىسىلى ئۇنىڭ جىنىنى ئالغان.." دەپ گەپ تارقالسا ئۇنىڭغىمۇ ئىشىنىپ يۇرەرمىزمىدۇ؟.. يەنە كىلىپ تىخى قوشاق قېتىپ تىللاشتىنمۇ يانمايمىز.بەزى" پوقنىڭ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان " نان قېپىنى" بىر كۈنلەر كېلىپ يۈزمىڭ كىشىلىك توپىلاڭچىغا باشچىللىق قىلىپ ئافغانىستانغا بىرىپ بىن لادىنغا قارشى ئۇرۇش قىلغان دەپ گەپ تارقالسىمۇ ئەجەپلەنگىلى بولمايدۇ.يەنە كىلىپ قەۋرىگاھلىرى كاتتا مازارلىققا ئايلىنىپ،تاۋاپچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرىدۇ،بىز مۇشۇنداق "ھەقىقەت"كە بەكمۇ يېقىن خەلق.ھېلىمۇ ياخشى سېيت نوچىنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەپ بولغان خەتنى تىللاپ يۈرۈپتۇق،ئاشۇ خەتنى پۈتكەن قوللارنى،ئۇنىڭ بوينىغا چېپىلغان قېلىچلارنى،ئاشۇ قىلىچنى تۇتقان قوللارنى،ئاشۇ قوللارغا بۇيرۇق بەرگەن جاللاتنىڭ قانخور ھۆكۈمرانىنى تىللاشنى ئۇنتۇپتۇق!!!بولمىسا سېيت نوچى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر بەكلا ئۇزۇراپ كىتەتتىكەن...ئاھ..ھەسرەت...