شېكەر كېسەللىكنىڭ ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك ئېغىر دەرىجىلىك شېكەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، باشقا يەنە ئىرسىيەت تۈپەيلى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، شېكەر كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ 2030-يىلىغا قەدەر ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئېغىر تىپتىكى شېكەر كېسەللىكى، بەدەندىكى قان شېكىرىنىڭ ئېنېرگىيىلىك ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق كۆرسىتىپ، قاندا شېكەر پەيدا قىلىپ، ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا، شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار، قاندىكى شېكەر نىسبىتىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
دۆلىتىمىزدە 2002 -يىلى ئىلىپ بىرىلغان شېكەر كېسىلى ئىستاتىسكىسىغا قاتناشقان 50 مىڭ ئادەم ئىچىدە،20 ياشتىن يۇقىرى بولغان، شېكەر كېسىلى بىمارلىرى 11.28% ئىگەنلىگەن.
<<جوڭگو شېكەر كېسىلى كونتۇرۇل >>قىلىش ئورنىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا :ھازىر مەملىكىتىمىز شېكەر كېسىلى <<ئىغىر ئاپەت>>رايۇنى بولۇپ دۇنيادا شېكەر كېسىلى كۆپ تارقالغان مەملىكەتلەر ئىچىدە 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن.