查看完整版本: [-- شېكەر كېسىلى يامرىماقتا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىپاخانا -> شېكەر كېسىلى يامرىماقتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

baxkidin 2011-05-06 12:34
شېكەر كېسەللىكنىڭ ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك ئېغىر دەرىجىلىك شېكەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، باشقا يەنە ئىرسىيەت تۈپەيلى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، شېكەر كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ 2030‏-يىلىغا قەدەر ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئېغىر تىپتىكى شېكەر كېسەللىكى، بەدەندىكى قان شېكىرىنىڭ ئېنېرگىيىلىك ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق كۆرسىتىپ، قاندا شېكەر پەيدا قىلىپ، ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا، شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار، قاندىكى شېكەر نىسبىتىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم  ئىكەن.
دۆلىتىمىزدە 2002 -يىلى ئىلىپ بىرىلغان شېكەر كېسىلى ئىستاتىسكىسىغا قاتناشقان 50 مىڭ ئادەم ئىچىدە،20 ياشتىن يۇقىرى بولغان، شېكەر كېسىلى بىمارلىرى 11.28% ئىگەنلىگەن.
  <<جوڭگو شېكەر كېسىلى كونتۇرۇل >>قىلىش ئورنىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا :ھازىر مەملىكىتىمىز شېكەر كېسىلى <<ئىغىر ئاپەت>>رايۇنى بولۇپ دۇنيادا شېكەر كېسىلى كۆپ تارقالغان مەملىكەتلەر ئىچىدە 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن.



ۋاپادار2 2011-05-06 13:07
جان دوسلار تىما يوللىغاندا مەنبەسىىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلاكەن

kuwruk 2011-05-06 14:48
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىدا جۇملىدىن مىللىتمىز ئارسىدىمۇ شىكەر سىيىش كىسىلى ئىنتايىن ئىغىر بۇلماقتا،،،،،شۇڭا تۇغرا يىمەك ئىچمەك ئۇسۇلىنى قۇللىنىپ  ،،بەدەننى چىقنتۇرۇپ ھاياتىنى قەدىرلىشىمىز كىرەك،،،،!

tukay 2011-05-07 01:15
دۇرسمۇ كۇچەيمەكتە دوىتۇرلارمۇ تەرەققى قىلماقتا ئىزدىنىپ  

kunnuri 2011-05-07 11:52
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،بۇ تور بىكىتىگە ئوڭۇشلۇق كىرگىنىمگە خۇرسەنمەن!
بۇ تېما ئارقىلىق تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم:دىئابىت كىسىلى بەدەندىكى بارلىق قىلدام تومۇرلارنى قاتتۇرىدۇ،شۇنداقلا كۆز كۆرۇش پەردىسىگە قان چۈشۈش قاتارلىق  ئىنتايىن ئېغىر ئەگەشمە كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇ دۇنيا سەھىپىسىدە بولۇپمۇۇ دۆلىتىمىزدەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە قارغۇ بولۇش  نىسبىتى ئىنتايىن يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۆچۆن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغىچىلارنىڭ  كۆزىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم كوزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشىنى  ئەتراپىڭلاردىكى دىئابىت كىسەلگە گىرىپتار كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.                                                
  سۆزلىكلىرىمدە خاتالىق بولسا كەچۈرگەيسىلەر.

ئۆركەش 2011-05-07 22:01
توغرا بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر .


查看完整版本: [-- شېكەر كېسىلى يامرىماقتا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045997 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us