باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4117 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: قۇش نىكاھلىنىش جىنايىتى دىگەن نىمە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1315
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1015 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-29
ئاخىرقى: 2011-05-31
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 20:42

ئۇنداقتا دىيارىمىزدىكى گۇۋانامىسىز  كىچىك خوتۇن ئېلىۋالغانلار قوش نىكاھلىنىش  جىنايىتىگە كىرمەيدىكەندە ؟  
ھەق تەلەپ دەۋاسىغىلا چېتىشىدىغان ئىش بولسا  قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارمۇ  ئىشلىرىغا ئارلىشالمىغۇدەكتە .
كىچىك ،ياكى چوڭ خوتۇن دەۋا قىلمىسىلا ؟
مۇشۇنداق چۇشەنسەك بولامدۇ ؟
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بو& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1256 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2012-07-19
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-21 00:49

ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدا  بىردىن ئارتۇق كىشى بىلەن توي خېتى ئالسا ئاندىن جىنايەت دەپ بېكىتىدىكەندە.
نىكاھ بىلەن توي خېتى ئېلىشنىڭ پەرقى باردۇ؟  مەسىلەن، مۇسۇلمانلار توي خېتى ئالسىمۇ تېخى ئۇنى شەرىئەتتە ھالال ئەر-خوتۇن دەپ قارىمايدۇ، ئەر -ئايال ئىككىسى نىكانىڭ شەرتلىىرىنى تولۇق ئورۇنلىسا ئاندىن ھالال ئەر خوتۇن بولغان ھىساپلىنىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرگە بولىشى زىنادىن  باشقا نەرسە ئەمەس.
ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدا توي خېتى ئالغان كۈندىن باشلاپ قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن دەپ ھىساپلايدۇ. توي خېتى ئالماي نىكاھ قىلغاننى ئەر-خوتۇن دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.  شۇڭا  ئاۋال توي خېتى ئېلىپ ئاندىن نىكاھ ئوقۇشنى يولغا قويدى.  بۇ ئۇسۇل بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز  ئەرلەرنىڭ  ئاياللارغا يولسىزلىق قىلىشىنى چەكلەيدۇ.
بىر ئەر بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش   يەخشى،  
ئەمدى بۇ مۇنازىرىدە بەزى بىر پىكىرلەر چۈشۈپتۇ، ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرپى بولىدۇ، ياخشى تەرپى قانچىلىك يامان تەرىپى قانچىلىك؟  ھەممە جەھەتتىن پىكىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇتلەقلەشتۈرۈپ بىر تەپىگە ئېغىش كېرەكمۇ ياكى بىر تەرىپىنى تەكىتلەپ يەنە بىر تەرىپىگە مەلۇم دەرىجىدە يول قۇيۇش كېرەكمۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاشقا تۇغرا كېلىدۇ.
مەسلەن، قىمار ۋە ھاراقنى مىسال ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ شەخسكە ۋە جەمىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى پايدىسىغا قارىغاندا  مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ، شۇڭا، شەرىئەتتە مۇتلەق ھالدا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسەتكەن.
نىكاھ ئىىشىدا قارايدىغان بولساق، بىر-ئەر بىر خۇتۇن بىلەن كۇپايەلىنىش ئەر-ئايال ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلەيدۇ.  ئەمما ئالاھىدە ئەھۋالارنى ئولىشىپ باقايلى:
1. ئايالى تۇغماس ياكى ئەرنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىشكە ئاجىز.  (مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، ئەر يەنە بىر ئايالنى ئېلىپ ئۆزارا رازى بولۇشۇپ ئىككىلا ئايالىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلالايدىغان ئەر بولسا ئىككى ئايال ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان ياخشىراقمىدۇ ياكى ئۇ ئايالنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ خېتىنى بېرىپ باشقا بىر ئايالنى ئالسا ئاۋالقى ئايالىغا ياخشى قىلغان بۇلامدۇ؟ ياكى ئەر كىشى قانمىغان پېتى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ سەۋىر قىلىپ ئۆتۈشى ياخشىمۇ؟ )
2.  يەنە مەسىلەن، ئەر كىشىنىڭ سالامەتلىكى ۋە جىنسىي تەلىۋى كۈچلۈك،  ئايالى ماسلشىشىتىن ئاجىز كەلدى(ئادەتتە ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىۋى ئەرلەرگە قرىغاندا بالدۇر (قېرىيدۇ)ئاجىزلىشىدۇ، ئەرلەر 60تىن ئاشسىمۇ  تەلىۋى خېلىلا يۇقۇرى بولسا ئاياللار 50تىن ھالقىغاندا سۇسلىشىش كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللىشى مۇمكىن)،ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە بىر ئايالنى ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇ ۋاقىتتا  مۇشۇ 4 بالىنىڭ ئانىسىنىڭ خېتىنى بېرىپ باشقا بىرىنى ئالسا (بۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ھەم ئايالىنىڭ خېتىنى بېرىمەن دىسە ھەر ئامال بىلەن بېرىدۇ) شۇ ئايال ئۈچۈن ياخشىمۇدۇ ياكى ئۇنىڭ ھەققىنى داۋاملىق تولۇق ئادا قىلغان ئاساستا يەنە بىرىنىمۇ ئېلىپ ئۆتكىنىى ياخشىراقمۇدۇ؟   ئەرلەرمۇ باشقا ئەركەك ھايۋانلارغا ئوخشاش بىرگە كۇپايە قىلماسلىق پىسخىكىسى مەلۇم دەرىجىدە بولىشى مۇمكىن. شۇڭا 40 نەچچە ياشقا كىرگەن ئەرلەرنىڭ ھېلىقىدەك يەلەردە يۈرىدىغان ياكى ئاشنا تۇتۇش ئىشلارنىڭ كۆپ بولىشىمۇ  مەلۇم دەرىجىدە شۇنىڭدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.  شۇنداق تالادا مەينەت يەرلەردە يۈرگىنىنى ئايالى بىلمەيدۇ،   مېنىڭچە توي قىلغان ئەرلەر توي قىلغان ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەلىشى مۇمكىن يۇشۇرۇن پائىشەخانىغا بارىدىغان ئىشلاردا؛
3. مەيلى قايسى زاماندا بولسۇن ئادەتتە جەمىيەتتە ئاياللارنىڭ سان  نسبىتى ئەرلەردىن يۇقۇرى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇرۇش يىللىرىدا، ياكى بەزى رايونلاردا ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى. بۇنداق بولىشى تۇغۇلۇش نىسبەتتە يۇقۇرى بولىشى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆمۈرنىڭ ئاياللارنىڭ يۇقۇرى بولىشى ۋە جەڭلەرگە ئاساسلىق ئەرلەر قاتنىشىشى سەۋەپلەردىن  ئاياللارنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن روسىيە، تاجىكىستان دىگەندەك يەرلەردە ئاياللار ئەرلەردىن سان جەھەتتە خېلىلا يۇقۇرى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر رايوندا 3يۈزمىڭ كىشى بار بولۇپ ئۇلارنىڭ 2يۈزمىڭى ئايال كىشى بولسا،  ئەگەر بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇشنى مەتلەقلەشتۈرۈپ قويسا،  شۇ يۇرتتا 2يۈزمىڭ ئايال كىشى ئەرسىز بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ ئاياللار قانداق قىلشى كېرەك؟  بۇ ئاياللار جەزمەن زىنا قىلىدۇ.  ئەرلەرنى زىناغا چاقىرىدۇ!   بۇ جەمىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تۈزۈممۇ؟  
مەن يۇقرىدا ئېسىمگە كەلگەن تەرەپلىرىنى دەپ باقتىم، شۇڭا  ياراتقۇچى ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى. شۇڭا ئۇ بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق بولىشىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ قويماي، شەرتنى ئادا قىلالىغان كىشىلەرنىڭ 4كىچە خوتۇن ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغانلقىنىڭ ھېكىمىتى بولىدۇ.  ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا ئاجىز كېلىدىغان ئەرنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشىنى ھارام قىلغان.  
ئەممە بىزنىڭ بۇ يۇرتتا ، ئەرلەر شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، ھەم ئاللاھنىڭ جازاسىدىنمۇ قورقۇپ كەتمەيدىغانلار جىق. شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنى خار قىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىپ قويىدۇ. ئىككى خوتۇنىغا تەڭ مۇئامىلە قىلالمايدۇ. چۈنكى بىرىنى قانۇن قوغدىسا بىرىنى قوغدىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قانۇن قوغدىمىغان ئايالى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولىدۇ.  ئەر تەرەپتىن تەڭسىزلىككە ئۇچرىمىدى دىگەندىمۇ توي خېتى بار ئايالىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىماي قالامدۇ؟  
بەزى كىشىلەر  نىكاھ بىلەن توي خېتى باشقا گەپ دەپ، كۆڭۇلىدە نىكاھنىلا ئېتىراپ قىلمىز دىگەنلىك بىلەن يەنە بىرىنى توي خېتى ئالماي نىكاھىغا ئالماقچى بولىدۇ، ھەم مەخپىي نىكاھىغا ئالغان بولىدۇ، ياكى ئاۋالقىسىنىڭ خېتىنى بېرىپ كۆڭلىدە نىكاھنى بۇزمىدۇق دەپ ئويلايدۇ، يەنە بىرىنى ئالىدۇ، ئىش قىلىپ بىرى مەخپىي ھالەتكە چۈشىدۇ، دىمەك ئئىككىسىگە تەڭ مۇئامىلە قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ.  شۇڭا،  ئىككىسىگە ئوخشاش ئادىل بولۇشتىن ئاجىز كېلىدىغان يەردە ئاللاھدىن قورقۇش لازىم، نەپسىگە بوي سۇنۇپ شەرىئەتنى نەپسىگە بويسۇندۇرۇپ چوڭ گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىنن قورقۇش لازىم.  
ئەسلىدە يۇقۇرقى تىمىدىكى مەزمۇنلارنى تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بولغان ھىساپلىنىمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6557
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 423 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-18
ئاخىرقى: 2011-08-28
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-22 19:24

قانۇن پەقەت ۋە پەقەت بىر دۇر~~~~
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 525
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2720 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2012-08-25
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-22 21:00

يۇقۇرىدا بىر قىرىندىشىم ئۆز كۆزقاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ. ئۇ چۈشىنەلمەيۋاتقان ئىشلاردا بىر تەرەپلىمىلىك بار ئىكەن. دىندا بولسۇن ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بولسۇن نىكاھلىنىشتا   ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسى ئىھتىياجىنى ئاساس قىلمايدۇ.پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى ياقتۇرۇپ توي قىلىشقا ئەھدە قىلسىلا  بولدى.
 يۇقارقى تىمىدا ئۆز ۋاقتىدا شەبنەم چايخانىسىدا مەن باشقۇرغان پىرۇگىراممىدا بەس مۇنازىرە بولۇپ كەتكەن.ھەممىسى دىگۈدەك بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 بۈگۈن بۇ يەردە سىزگە ئىككى سوئال قالدۇراي ، ئەگەر بىر ئەر كىشى مەلۇم جىنايات بىلەن تۈرمىدە 20يىل يىتىپ كەتكەن بولسا ئۇ ئۆز ئىھتىياجىنى  ئوتتۇرىغا قۇيالامدۇ -يۇق.
 ئەگەر تۇرمۇشتا ئەر ئىغىر كىسەل ياكى تاسادىبى ھادىسىدە مەلۇم ئىقتىدارىدىن قىلىپ قالغان بولسا ، ئايال مەن نورمال دەپ ئەرنى تاشلاپ كەتسە بولامدۇ؟
 مىنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، 7يىل ئىلگىرى بىر كىلىشمەسلىك تۈپەيلى بەل  ئومۇرىتقىسى زەخمىلىنىپ ، كۆكرەكنىڭ تۈۋىنى سىزىمىنى يۇقاتقان . ئاڭلىشىمچە ئۇ يىقىندا بىر قىز بىلەن نىكاھلىنىپتۇ. بۇنداق ئەھۋاللارغا نىمە دەيسىز؟