|  |
 | مەن يەنە تازا چۈشىنەلمىدىم: 1.بىر ئەر كىشى ئايالى بار تۇرۇپ،يەنە بىر ئايال بىلەن نىكاھلاندى.تۇنجىسى بىلەن نىكاھ گۇۋاھنامىسى بار.كېيىكىسى بىلەن يوق.مۇنداق ئەھۋالدا دۆلىتىمىز قانۇنىدا پەقەت تۇنجىسىنى ئېتراپ قىلىدۇ.كېيىكىسىنى ئېتراپ قىلمايدۇ.ئەگەر تۇنجى ئايالى ئەرز قىلسا ،ئەرگە ياكى كېيىنكى ئايالىغا جازا بېرىلەمدۇ؟ قانداق جازا بېرىلىدۇ؟ 2.قىز-يىگىت دۆلىتىمىزنىڭ توي خېتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز رازىلىقى بىلەن بىرگە ياشىسا قانۇنغا خىلاپ بولامدۇ؟ |
جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قۇش نىكاھلىنىش جىنايىتى شەكىلىنىش ئۈچۈن ھەر ئىككىسى بىلەن نىكاھلىنىش گۇۋانامىسى ئىلۋالغان بولۇش كىرەك دەپ بەلگۈلەنگەن. لىكىن باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇۋىلىپ، ئىغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا ، مەھەللە باشقارما قاتارلىق ئورۇنلار جىرىمانە قۇيۇدۇ. مەسىلەن. بىزنىڭ بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن بىر دىلۇدا ئەر تەرەپكە 30مىڭ يۈەن جىرىمانە قۇيغان.
يۇقارقى ئەھۋالدا قۇش نىكاھلىنىش جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ. لىكىن قانۇنلۇق ئايالى نىكاھتىن ئاجرىشىنى ئوتتۇىغا قويسا، ئەر تەرەپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ دەپ بىكىتىلىپ، ئورتاق مال- مۈلۈك بۆلۈشتە ئايال كىشىگە جىقراق بۆلۈپ بىرىدۇ. قانۇنلۇق ئايالى ئىرىنىڭ باشقىلار بىلەن ئەر -ئايال نامىدا بىرگە تۇرۋالغانلىقىنى سەۋەپلىك روھى تۆلەم تەلەپ قىلسا سوت مەھكىمىسى روھى تۆلەم بىرىدۇ.
ئەمدى ئىككىنچى مەسىلىدە ئەر -ئايال نىكاھلانغاندىن كىيىن چۈقۈم نىكاھنى تىزىملاش ئورنىغا بىرىپ تىزىملىتىشى كىرەك. گۇۋاھنامە ئالغان كۈندىن باشلاپ ئەر -ئايالنىڭ قانۇنى مۇناسىۋىتى تىكلىنىدۇ. تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ، ئىرىشكەن مال- مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئەڭ ئاددى مىسال ئالساق، نىكاھلىنىش گۇۋانامىسى ئالمىسا، تۇغۇلغان بالىسىنى نوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەرئايال بىر تەرەپ قاتناش ھادىسى تۆلىمى،پىنسىيەگە چىققاندىكى ئىدارىدىن بىرىلگەن پۇللارنى ئادەتتە قانۇنلۇق جۆرىسى بولمىسا بەرمەيدۇ. دىگەندەك.
مىنىڭچە ئاشۇ كىچىك خوتۇن بولۇپ تەككەن ئاياللار ئەڭ چوڭ زىيانغا قالىدۇ. بىز تەرەپتە يۇز بەرگەن بىر دېلۇدا ئەر كىيىن كىچىك خوتۇننى تاشلىۋىتىپ، ھەتتا تۇغۇلغان بالىنىمۇ مىنىڭ ئەمەس دەپ تۇرۋالغان. ئۇ بالا 14ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ ،د ن ئا سى تەكشۈرتىلىپ، ئاشۇ دادىنىڭ بالىسى ئىكەنلىگى ئىنىقلانغاندا .سوت مەھكىمىسى ئۇ بالىغا 18كىرگۇچە ئايدا 150يۈەن بىرىش ھۆكۈمى چىقارغان . ئاخىرىدا ئاۋۇ كىچىك خۇتۇن بىلەن بالا بىر ئۆمۈر ۋەيرانچىلىققا قالدى.