شۇ كارخانچىلار سىز دىگەندەك بولسىغۇ مەيلى. ئەمما مىللەت ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار زادى قانچىلىك . مىنىڭچە مىللەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، مىللەتتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.
مىللىي كارخانىنىڭ تەرەققىياتى مىللىي ئىستىمالچىلارغا تاينىدۇ، كارخانىنىڭ مىللىي ئېڭى مىللىي ئىستىمالچىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدى بىلەن شۇ كارخانىچىلار ھەققىي رەۋىشتە مىللىي ئېڭىنى ياخشىلىسۇن، شۇندىلا ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردىغان مىللىي ئىستىمالچى بۇنڭغا ئوخشاش مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمىساقمۇ تەبىئى ھالدا كۆپىيدۇ.