查看完整版本: [-- تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sardar688 2011-03-15 18:40
تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟ 

    سىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كىتىشىنى خالامسىز؟
 
    سىز ئىپتىخار تۇيغۇللىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كىلىۋاتقان باشلامچى كارخانىللىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
 
     سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز!
ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭمۇ، مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»، «گۈل يۈرەك»... شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت» قا ئوخشاش يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بۇلۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ، ئۇيغۇر ئىختىسادىنىڭ تەرەققىياتى . ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.
 
 ئۇنداقتا ئاشۇ شىىركەت – كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى نىمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە  ئاشىدۇ؟
بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دىھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدە پالاقلاپ يۈرىۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ياكى ھالاك بولۇشىنى، كىيىنكى قەدەمدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىينىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!
 
  ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن: « ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال سەۋىيسى دۇنياۋى سەۋىيدىن ناھايتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى . بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيسىگە ماسلاشمىغاچقا باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللار بازارلارنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بازىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىردەم تۇرۇپ كىتىپ :« بۇ سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بولىدۇ؛ مىنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى . بالىلار بىر نەرسىنى چۇشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قىلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.
قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ گىپى سۇئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لىكىن تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قورقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا: «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راسىت، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىردا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپول خاراكتىرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپوللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى، تەۋەككۈلچىلىكى سىڭگەن. ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا، قوغداشقا، يىتەكلەشكە مۇھتاج.  گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۈرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.
 
  مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يىتىلدۈرگەن : بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۈپىتى باشقا مەھسۇلاتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىللىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىنىم ،ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىم، مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققى قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققى قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستىمال قىلدۇراتتى. باشقىلار مىنىڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تونۇيتتى. مىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنىم خوتەندىكى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستىمالچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۈسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
 
    بىزنىڭ بىر  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددى ھالدىكى بىز مەنپەئەتلىنىدىغان، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلىقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى لوندۇن ۋە ئامرىكىدىكى ئاكىلىرىنڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن، قاچانغىچە 30 يۇەنگە ئەلكاتپ  سېتىپ يۈرىسەن» دىيشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ  ھازىرقى ئىگلىگىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن، تەرەققى قىلدۇرىمەن »دەپ پايپاسلاپ يۈرمىگەن بولۇر ئىدى...  ئۇلارنىڭ نەزرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .
 
  دىمەك، ئۇيغۇر كارخانچىللىرىنىڭ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىللىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.
 
ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
 
چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بولۇپ، باشقا يەھۇدىلار ئۇنى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ . ھەيران قالارلىقى، شۇ مەھەللدىكى يەھۇدىلار خېلى يەرلەردىن، نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ  كىلىپ  ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن. بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسدىن سوراپتۇ: «سەن پالانچىنى ئالدامچى، ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يەھۇدىي:«ئۇنىڭ ئالدامچى، ساختىپەزلىكى راست، ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن باللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بەلكىم باللىرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىشى مۇمكىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
 
شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........
 
 
مەنبە :  ئېقىن ژۇرنىلى 2011- 01- ساندىن .

ياۋۇز 2011-03-15 19:47
شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........


sawirqan 2011-03-15 21:08
ياخشى تىما ئىكەن. مەنمۇ خەنزۇ بازىرىغا بىرىپ قالسام شۇ يەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلاردىن كۆتىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە  نەرسە سىتىۋالىمەن. چۈنكى بىزنىڭ تاپقان پۇللىرىمىزدا ئۇلارنىڭمۇ ھەققى باردەك ، بىز نەرسە سىتىۋىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قوللىغاندەك، ئۇلارغا مەدەت بەرگەندەك بولۇپ قالىمىزكەن.

muhtarbay 2011-03-15 21:11
ئىگىلىك ھوقۇقى بىزنىڭ قولىمىزدىكى كارخانىلارنى شەرتسىز قوللىشىمىز كىرەك بەلكى كىچىككىنە بەدەل تولەمىز  كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ شىركەت كارخانىلار  مىۋە بەرگەندە يەنىلا خەلىق مەنپەتى ئۇچۇن كاتالىزاتور رولىنى ئوينايدۇ ،ئانا يۇرت ئىسىل رومان جۇمۇ  شۇ دەۋىردىكى بايلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز  

gunahkar 2011-03-15 21:45
ئېسىل تېما ! يۈرەكتىكى گەپ !
خوتەن قاشتېشىنىڭ  بازار تېپىپ كېتىشىدا ئاللاھنىڭ قانداق ھېكمىتى بارلىقىنى بىلمەيمەن ! ئەمما مەن بۇنى ئاللاھنىڭ كىمگە نەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بۇرنىغا قانچە قېتىملاپ سۇ كىرسىمۇ ھېس قىلالمايدىغان  ئىستىمال ئېمبارگوسى سەۋەپلىك ئايلىنىۋاتقان ئىقتىسادى كۈندىن كۈنگە سىررتقا ئېقىپ كېتىۋاتقان بىچارىلەرگە قىلغان رەھمىتى دەپ چۈشىنىمەن . چۈنكى بىز كىمنى قوللاشنى كىمنىڭ يانچۇقىنى توملاشنى بىلمىگەچ ئۇششاق چۈششەك تىجارەت قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلىمىز بىر بىرىمىزنىڭ يانچۇقىدا ئايلانماي ئۇدۇللاپ خەقنىڭ يانچۇقىغا ۋە شۇ ئارقىلىق خەقنىڭ شەھىرىگە ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ چۈنكى خەق بىزدەك ئىلغىماي خەجلەۋەرمەيدۇ ،يىغىپ ئەكىتىپ ئۆز يۇرتىدا ئۆز خەلقىگە خەجلەيدۇ ، بۇ يەردە خەجلىگەنلىرىمۇ سىزدىن نان سېتىۋالغان بىلەن ئۇن سېتىۋالمايدۇ ،ئاشخانىڭىزدا تاماق يېگەن بىلەن سەي سېتىۋالمايدۇ ، سىزگە كىرا قىلمايدۇ ، سىزدىن ماشىنا سېتىۋالمايدۇ ،سىزگە ماشىنىسىنى رېمۇنت قىلدۇرمايدۇ ، سىزگە قۇرۇلۇش ھۆددىگە بەرمەيدۇ ، سىزگە ئۆي بېزەتمەيدۇ ،.....................قىسقىسى سىزنىڭ مېنىڭ ئۇنىڭ يانچۇغىدىن چىققان شۇ  ئازغىنە پۇللار ئەگىز سۈيىدەك يىغىلىپ قىياندەك ئۇلغىيىپ مىليۇن مىليۇنلاپ چاغاندىكى يولۇچىلار بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ! مانا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن بىزگە بەرسە ئامبىرىمىزنىمۇ قالايمىقان قىلىدىغان تاشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرسان سەرگەردان بولغان پۇللىرىمىزنى مىليۇن مىليۇنلاپ قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ ، نېمە دېگەن مەسخىرىلىك ھالەت ھە بۇ ! ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ! 
تېمىغا قايتىپ كەلسەم  يولداشلارنىڭ تورخانىغا كىرىۋىلىپ مىللەت توغرىسىدا مىليۇن خەتلىك ھاياجانلىق ئەسەردىن بىرنى يېزىپ 
تورخانىدىن چىقىپلا  ئالدىمىزغا كەلگەن تاكسىنى ئىلغىماي توسۇپ ئۆيىمىزگە قايتىدىغان كىشىلىرىمىزدىن كۆرە ئۆيىدە نېنى بولسىمۇ سوغۇقتا كوچىدا نان سېتىۋاتقان بىچارە چىراي ئۇيغۇردىن بىر سوملۇق نان سېتىۋالغان  قارا قورساق كىشى سۆيۈملۈك!

ئۆركەش 2011-03-15 22:21
مىللىي كارخانىلىرىمىز ياشىسۇن !!! مىللىي كارخانىلارنى قوللىغانلارمۇ ياشىسۇن !

fatih204 2011-03-15 22:39
قوللاش بىلەن بىرگە ، شۇنداق بىر زورۇر تەلەپ بار ، بەزى مىللىي كارخانىلار سۇپەتكە ئىشلىسۇن ، مەن ئارقا تىرىكىنى بىلىدىغان خىلى كۇچلۇك ئىقتىسادىي بار بەزى كارخانىلار سۇپەتكە ئانچە ئىشلىمەيدىكەن ، ئۇنچە چوڭ تىخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەرمۇ ئەمەس ، ۋە تىخنىكىغا ئىقتىساد يەتمەيدۇمۇ ئەمەس ، بەلكى مىللىي روھنى قوزغاپ شۇنىڭ ۋاستىسىدە پۇل تىپىپ ئوگىنىۋالغان گەپ ، قارىسا ئوتكەن يىلىدىكى مىلى بۇ يىلدا يوق ، ئەڭ توۋەن تەننەرختە ئولگۇدەك ئىلان بىرىپ بىر قىتىم سىتىۋىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە زىياننى يانا بىزدەك ئۇيغۇرۇم دەپ تۇرۇپ سىتىۋالغانلار تارتىدۇ ، بىز ئۇلارنى قوللايلى دەيمىز ،ئۇلار بەرىبىر بىزنىڭكىنى سىتىۋالىدۇ دەپ ئەڭ توۋەن تەننەرختە ئىشلەيدۇ ، بىزنىڭ مىللىي روھىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئالدايدۇ ،،،،  
ئارمان ، ئىخلاس دىگەندەك ئىزچىل سۇپەتكە ئىشلەپ يىڭىلىق ياراتسا ئەلبەتتە ھەممە ئادەم شاتلىنىدۇ ، مەن بۇ ۋىۋىسكىلارنى ھەر بىر كورسەم بىر شۇلاردىن پەخىرلىنىپ كىتىمەن ، مىنىڭچە مىللىي كارخانىلار «ئىشەنچلىك» ،« ئوزىمىزنىڭ »
دىگەن قالپاققىلا تايىنىپ قالماي ،ئارمان ، ئىخلاس ، ئامىنەدەك ئوزلۇكسىز يىڭىلىق يارىتىپ ، ئاشۇلاردەك  ئۇزۇن دەۋىر سۇرىدىغان ماركا يارىتىشى ، ھىچ بولمىسا ئىخلاس ، ئارماندەك خەنزۇ بازارلىرىنى چىكىپ بىقىشى كىرەك ،،،

بۇ ماقالە ياخشى يوللىنىپتۇ ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت

tuman 2011-03-15 22:45
را س  دەيسىز  ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنى كوپرەك قوللىشىمىز كىرەك .شۇنداق قىلغاندىلا تەرەقى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


ئۇيغۇر تورچىلىرىمىزنىڭمۇ داۋاملىق تەرەققى قىلىش ئۇچۇن،ئېلانلىرىنى كۇندە بىر چىكىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!!!!!


xahla91 2011-03-15 23:10
بالىلىرىم ئاياق كەيگىدەك بولغاندىن تارتىپ 乖乖狗ماركىلىق بالىلار ئايىقىنىڭ vipسى ئىدىم ، چۈنكى بۇ ئاياق بالىلار ماركىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى ماركىلاردىن ، ھەم سۈپەتلىك ،  يىقىندا ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ئىچىلغان 帝王ئاياق شەھەرچىسىدىن ،تېرىشچان ماركىلىق بىر بالىلار ماركىسىنى بايقاپ قالدىم . ئاياقنىڭ سۈپىتىنى ناچار دىسەم يالغان ئەمەس ، مەيلى ئىشلەتكەن ماتىرىيال ، پاسۇن جەھەتتە ۋاي دىگىچىلىكى يوقكەن ، باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزان ، باشتا ئىككىلەندىم ، چۈنكى بالىلىرىم ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا ۈپەتسىز ئاياق ئاسانلا ئۇلارنىڭ پۇتىدا ، پۇراش ، سوغاق ئۆتۇشكە سەۋەپچى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، [
تۇيۇقسىز دۇكاندىكى مەنزىرە مىنى ئۆزىگە تارتتى ، ئوغلۇم بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر كىچىك بالا ئامباردىن ساپما كەشىنى سورەپ ، -
نامازنى ئوقۇپ بولدۇم دادا،،،
دەپ چىقىپ كەلدى ، دىققەت قىلسام ئىچىدە يەنە بىر چوڭىراق بالا ناماز ئۈستىدە ئىكەن ، شۇنداق مەستلىكىم كەلدى ،
ھەم مەندە بىر مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئويغاندى ، ناۋادا ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ سۈپەتسىز ئايىقىنى مەن سېتىۋالسام ، ھەم مەندەك نۇرغۇنلار سېتىۋالسا ، ئۇلار چوقۇم ئىقسادىي ئۇنۇمگە ئېرىشىدۇ ،مۇقىم ئىقسادىي ئۇنۇم بولغاندا ئۇلار چوققۇم ئۆز ئالدىغا ئۇسكۈنە سېتىۋىلىپ ، تېخىمۇ تېرىشىدۇ ، قوللاش كېرەك !
قىلچە ئىككىلەنمەي ئىككى جۇپ ئاياقنى سېتىۋىلىپ دۇكاندىن يىنىو چىقاندا 10 ياشلىق ئوغلۇم ، نارازى بولدى ،
ئاپا بۇ ئاياق قېتىۋالدى ، تېيلىپ يىقىلىپ كىتىمەن ،
ئوغلۇمغا قاراپ كۈلۈپ تۈرۈپ جاۋاپ بەردىم ،
قارا ئۇنىڭ ماركىسى تېرىشچانكەن ، سەن يىقىلساڭ، قوپۇپ كىتەلەيسەن ، بىراق ئۇلار يىقىلمىسۇن ، ھەر كۈنى ئايىقىڭنىڭ ئىچىدىكى تىرىشچان دىگەن ماركىغا قارا !

كۈرەش 2011-03-15 23:30
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن!!<<تەرەقىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟>> بىر جاۋاپ بىرىۋىتەي! ئۆزىمىزنىڭ قولىدا!!
<مەنمۇ سىلەرگە بىر يەھودىنىڭ ھىكايىسىنى دەپ بىرەي،!مەلۇم بىر ئەرەپ شەھرىدىكى يەھھودىلارمەھەللىسىدە ياشايدىغان بىر يەھودى باي بولۇپ،ئۇنىڭ قەسىرىدە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن خىزمەچچى چاكارلىرى بارئىكەن.شۇنداقلا قەسىرنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتلىرىغا مەسئۇل بىر غۇجىدارى بار بولۇپ،بازاردىن ھەركۈنلىكى خۇجايىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەم بويىچە لازىمەتلىك سىتىۋالىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ  بازاردىن كۈندىكىدەك نەرسە-كىرەك سىتىۋىلىپ خۇجايىنىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ-دە ھىساپ ئۆتكۇزۇشكە باشلاپتۇ نەتىجىدە كۈندىكى بەلگىلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى تولۇق سىتىۋىلىشتىن سىرىت خۇجايىنى بەرگەن پۇلدىن ئازراق ئاشۇرۇپ كەپتۇ،غۇجىدار كۆڭلىدە خۇجايىنىنىڭ ماختىشىنى ئۈمۈت قىلغان بولسىمۇ  ئەكسىچە خۇجايىن  بۇ ئىشتىن ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ.غۇجىدار خۇجايىنىغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مەن كۈندىكىدەك بازارغا نەرسە كىرەك سىتىۋىلىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم.ھەركۈنلىكى يەھودى دۇككانچىلاردىن سىتىۋالاتتىم.بۇگۇن قارىسام بىر ئەرەپ يىڭى دۇككان ئىچىپتىكەن ماللىرىمۇ بىرقەدەر ئەرزان ئىكەن.شۇڭا ئازراق بولسىمۇ پۇل قالسۇن دەپ! ئەرەپتىن سىتىۋالغانتىم دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان يەھودى خۇجايىن غۇجىدارغا قايتقىن!بىرىپ ئەرەپنىڭ مىلىنى قايتۇرۋىتىپ قىممەت بولسىمۇ يەھودىدىن ئىلىپ كەل دەپتۇ!>!!!!!!!!!!!

ahlak 2011-03-15 23:50
مىللىي كارخانىلىرىمىز نىڭ تەرەققى قىلماسلىقى، خەلقىمىزنىڭ قالاقلىقى....مەن ئۆزۇم ئارمان قۇلايلىق دۇككىنى ئاچىمەن.ئىچىملىك سوراپ كىرگەنلەرگە ئارمان گوروھ ئىشلەپ چىقارغان ئىچىملىكلەرنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرساممۇ..........ھەي بۇلار يەنە شۇلارنىڭكىگە ئامراققۇ تاڭ.........

amanxa 2011-03-15 23:55
ئاللا ئىگەم ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن، ئادەم دىگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەستە...
ئىنىممۇ شۇنداق مەنمەنچى ئىدى، مەن بولسام ئاددى- ساددا، نەرسە كىرەك ياكى كىيىم كىچەك سىتىۋالسام ئىمكانقادەر مىللى ماركىنى ھەم جانلىقلارنىڭ سۈرىتى يوق نەرسە كىرەكلەرنى سىتىۋالاتتىم،  مىللى ماركا بولمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم مىللىلاردىن سىتىۋالاتتتىم.بىز دىگەن مۇسۇلمان ، مەسچىتلەرگە كىرىپ ئۇنداق كىيىم-كىچەكلەر بىلىن ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە...بىر ھىيتتا ئىنىم بەخىت يولى بازىرى دەپ بىر بازار بولدىغان خەنزۇلار بازىرى بار ئىدى، ئىنىم شۇ يەدىن 75يۈنگە بىر تاسما سىتىۋاپتۇ، قارسام سۈپىتىمۇ مىنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىكەن، مەيلى دىدىم نەدىن ئالغىنىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلگەنتى.2ئاي بولا-بولمايلا ئۇ تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا بىر تاسما ئىلىش ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم باتتى، ياشقا چوڭاراق بولسىمۇ بەك چىقىشقاق ئىدى، مەنمۇ چاقچاقچى بولغاچ سودا قىلىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغانتۇق، مەن ئىنىم بىلەن شۇ ئادەمنىڭ دۇكىندىن بىر تاسما سىتىۋالدۇق، ھىلىقى ئىنىم 75يۈنگە ئالغان تاسمىدىن شۇ ئادەمنىڭ دۇكىندىمۇ باركەن نەچچە پۇل دەپ سورسام 20 يۈەن ، سىز ئالسىڭىز 15يۈنگە بىرەي دىدى، بىزمۇ باشقىنى تاللاپ ئالدۇق، دۇكاندىن چىققاندىن كىيىن ئىنىمغا قارىدىم ، ئۇمۇ گەپ قىلمىدى،ئۇنىڭ ئالدىدا مەن نەرسە كىرەك سىتىۋالغاندە مىللىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى ئىيتسام  ئىنىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر مىنى بەك چۈپەي، كاج دەيىتتى، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس....
ھەربىر ئىشنى شۇنداق كىچىك ئىشلاردىن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن ، يىقىنلىرىمىزدىن، دوسلىرمىزدىن باشلىساق، شۇ يىقىنلىرىمىز، دوسلىرىمىزمۇ دوسلىردىن باشلىسىلا ، بۇ ئىشلارمۇ چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشقۇسى، ھازىر مىللى كارخانىلاردىن ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنى ئىزدەپ تاپالايمىز، گەرچە باشقا شىركەتلەربىلەن شىىرىك ئىشلەپ چىقارسىمۇ،لىكىن شۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرنىڭ ئىشلەپ چىقارغۇسىى بار، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئىنىق، بىز (مەن )لەر قوللاپ بەرسەكلا بۇ ئىشلارمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى.....
ئەمسە ئىشنى مەندىن باشلايلى.....   

yusup 2011-03-16 12:03
ئاجايىپ ياخشى تېما، ھەر -بىرىمىزدە مۇشۇنداق ياخشى كەيپىيات شەكىللەنسۇن، ئاللا كۆڭلىىمىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئەمەلەر بىلەن بىزىسۇن، مەنمۇ دائىم خېلى يول ماڭساممۇ، خېلى ۋاقىت ساقلىساممۇ، ئازراق قىممەت بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭكىنى سېتىۋالىمەن، چۈنكى يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك شۇلار مۇشۇ پۇل بىلەن بالىلىرىنى يەنى مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تەربىيلەيدۇ ئەمەسمۇ.

نەفىسە 2011-03-16 22:22
قوللاش بىلەن بىرگە ، شۇنداق بىر زورۇر تەلەپ بار ، بەزى مىللىي كارخانىلار سۇپەتكە ئىشلىسۇن ، مەن ئارقا تىرىكىنى بىلىدىغان خىلى كۇچلۇك ئىقتىسادىي بار بەزى كارخانىلار سۇپەتكە ئانچە ئىشلىمەيدىكەن ، ئۇنچە چوڭ تىخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەرمۇ ئەمەس ، ۋە تىخنىكىغا ئىقتىساد يەتمەيدۇمۇ ئەمەس يېتىدۇ،ئەمما ئۇلار كۇچىمەمدۇ قانداق؟مەن بۇرۇن قۇتلان تېلفۇنىنى ئشلىتىپ باققان ئەمما مىنىڭ تەلىيىم يوقمۇ قاندق،ياخشى چىقماي قالدى،ئۇچ ئاي ئشلىتەلمەي تاشلىۋەتتىم.شۇڭا مىللىي كارخانلىرىمىز كىشلەرنىڭ قەلىپ تۇرىدىن ئۇرۇن ئالىمەن دەيدىكەن چۇكقۇم سۇپپەتكە ۋە تېخىنكىغا چۇقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

rayhan 2011-03-16 22:58
يارايدىغان ئىنكاس!!! مەن بولساممۇ سىز قىلغاندەك قىلاركەنمەن .....

maslakdax 2011-03-17 10:33
تەرەققىيات يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا.بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىسە  ،ئۇنى ئاللاھ ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

موتۇ 2011-03-17 11:17
پۇل خەجلىگەندە باش-ئاخىرنى ئويلاپ خەجلىگۇلۇك

kuwruk 2011-03-17 14:03
مەن يىمەكلىك ،ئىچىملىك سىتىۋالسەم چۇقۇم ئۇزىمزىنىڭكىنى سىتىۋالىمەن،،چۇنكى ئىشەنىچلىك،،،،!

281151976 2011-03-17 14:39
يېقىننىڭ ياقى ئويلىسام ئۇيغۇر تۇگەشكەندەكلا ھېس قىلىمەن ، ئۇيغۇرلار خۇددى چوڭ پايچىك بوھرانىغا ئوخشاش يەنە بىرقېتىلىق چوڭ بۇھرانغا يولۇقماقتا ، ئىشەنمىسڭىز جەمىيەتكە قاراپ بېقىڭ 50% قىز بىزدىن باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بۇلغان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە بۇ جواڭخۇا چوڭ ئائىلىسدە بۇلىدىغان چۇڭ قوشۇلۇش توغرا چۇشىنىمەن چۇنكى ئەينى ۋاقىتتا يۇەن سۇلالسدىمۇ شۇنداق بىر قېتىملىق چوڭ قوشىلىش بۇلغان بۇنىڭغا توغرا يۇزلىنىش كېرەك ، مىللەتلەر ئىتپاق بۇلسىلا تۇرمۇش باياشات بۇلسىلا بۇلىدۇ ، بۇ ئىشنىڭ ئىپادىسى قىزلىرمىزنىڭ كوچىلاردا باشقىلار بىلەن ئوچۇق ئاشكار كۆپ مېڭىشى ۋە نىكا قوشۇلشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ، سۇتسىيالىزىم جەمىيتىمزدە نىكاھ ئەركىنلكى بار مىللەتلەر ئتپاقلىنى بىرنجى ئورۇنغا قويۇپ ھەممە ئىشنى توغرا چۇشنىشكە بۇلىدۇ چۇنكى شۇ قىزلار پاراۋان بەخىتلىك ياخشى تۇرمۇشقا مۇھتاج ئۇلار قايسى تۇرمۇشنى ياخشى بەخىتلىك دەپ ئويلىسا شۇ يۇلدا مېڭىش ئەركىنلىكى بار ، ئەلۋەتتە ھىسابىمىۇ بار بۇلسا ئۇنى ئۆزى تارتىدۇ ؟. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزنىڭ تاللىشى ، ............
ئەمدى قانداق قىلىش كىېرەك دېگەندە مەن ئۆتكۇر كاللامنى بىر ئىشلەتسەم بۇ ئىشلار جەمييەتنىڭ تەرەققىياتى توغرا يۇزلىنىش كېرەك ، ئانىدن بەك ۋىزدانى كۇچلۇك كىشلەر  بۇنىڭغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمىسمۇ بۇلىدۇ بۇلمىسا ئۆزنى ئالدۇرۇپ قويدۇ،
ئاندىن قىلىدىغان ئككىنجى ئىش بىز ھەربىر مىزگە ئوبدان مەسئول بۇلۇپ ئۆزمىزنىڭ تۇرمۇشنى ياخشى قىلىش ئۇچۇن تىرشايلى ھەم ئۇ دۇنيالىقىمىز ئۇچۇن شەخسەن ئۆزمىزنى گۇناھلاردىن ساقلايلى ،  ئۆزمىزنى ساقلايلى
دۆلتىمىز ئىناق ئىتپاق گۇزەل بۇلسۇن بىز ھەم شۇنىڭ ئۇچۇن تىرشايلى ،
مېنى تىللىسڭىزمۇ مەيلى مەن دېگەن ئىشلار بۇلماي قالمايدۇ، مەن بۇ ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ ئككى ئامالنى تاپتىم
كاللىسى ئۆتكۇر كىشى بۇلسا مېنىمۇ چۇشنىپ قالا
يالغۇر قالدىم يەككە يېگانە
مېنى ھېچكىم چۇشەنمەيدىغاندەك.

ibrayim 2011-03-17 16:02
ھەقىيقەتەن ياخشى تىما  بوپتۇ.!  مەنمۇ يېقىنداتوردىن بىلگيار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچ سېتىۋالدىم. ئەمەلىيەتتە ھازىر كومپىيۇتېردا
قىلىدىغان زۆرۈر ئىشىممۇ يوق ،دەسلەپتە كومپىيۇتېرنى يېڭى سېتىۋالغان چاغلىرىمدا تولىمۇ قىينالغان ئىدىم.خەپ..كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرمۇ بولارمۇ،دەپ ئويلايتتىم.
  مانا ھازىر ھەرخىل ئۇيغۇرچە دېتاللار،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېتاللىرى ئىشلىنىۋېتىپتۇ.باشقاخىلدىكى مەھسۇلاتلارنىغۇ ھەرقانداق مىللەت ئىشلىتىشى مۈمكىن ئەمما ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر دېتاللىرىنى ھەرقايسىمىزدەك كومپىيۇتېرى بار<<ئۇرغۇيلار>>ئالمىساق كىم ئالىدۇ؟؟؟
...  مەن ئۇيغۇر تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن،  ئۇيغۇرسوفت،بىلىگيار،قارلۇق...يەنەمەن ئىسمىنى تۇلۇق بىلمەيدىغان ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىزگە مۇھتاج،خەلقىمىز ئۇيغۇرچىلاشقان ئىلىم-پەنگە مۇھتاج.

oguzhan 2011-03-22 17:42
بۇ ھەققى ئۇيغۇر روھى تىما ئىكەن ئەسلى بىز شۇ  مەقسەتتە نەرسە كىرەك سېتىۋالىغان بولساق مىللى كارخانىلىرىمىز ئاللىقاچان روناق تېپىپ تەرەققى تاپقان بولاتتى  بۇ بىزدىكى ئىېغىر كەمچىلىككەن   كوپ ئۇيغۇرلادا بۇنداق ئاڭ يوق  دۇكانچىلا ماۋۇ ئۇيغۇر كارخانىسدا ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات مانى ئىېلىڭ دىسىمۇ بەزىلە تىڭشىمايدۇ   بىز بۇ تەشۋىقاتنى ئائىلىدە باشقا تورلادىمۇ بۇرادەرلىرىمىزگىمۇ كۇچەپ چۇشەندۇرەيلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىز كۇچىلادە يېلىنىپ نەرسە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم كوزۇمگە ياشكىلىپ كىتەتتى  شۇڭا ئىېھتىياجىم بولمىسىمۇ  ئاز بولسىمۇ بىرتال نەسسىنى سېتىۋالىمەن  ئىمكان با ئۇزۇمىزنىڭ كىنى ئالايلى ئۇلانىڭ تەرەققى قىلىشىغا ياردىمىمىز بولىدۇ

yusup 2011-03-28 16:26
مەن تاكسى ، پۇل بەرگۈ، تېلىپۇن ھەقەنى سۈرۈشتۈرۈش، توك ئىدارىسىگە كاشىلا مەلۇم قىلىش، كۇندۈلۈك تۇرمۇش بويۇملىرى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن سېتىۋالىمەن.

جەڭچى 2011-03-30 14:15
شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........

iltebir 2011-04-05 00:40
ناھايىتى ھەق سۆزلەپسىز ساردار688 ئەپەندى. بىز چۇقۇم ئۆز كارخانچىلىمىزنى قوللىشىمىز كىرەك.

$ئۈمىد$ 2011-04-12 13:20
مىللى تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ماللىرى ھەقىقەتەن باشقا تىجارەتچىلەرگە قارىغاندا ئازراق قىممەت . بۇ ھەقىقەت . سەۋەبى بىز مىللليلارنىڭ باشقا خەقكە ئوخشاش ئەرزان مال مەنبەسى يوق . مەنمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋالسام ئامال بار ئۇيغۇرۇمدىن سېتىۋالىمەن . گەرچە خەقنىڭكىدىن 5مۇ ياكى بىرەر كوي ھەتتا 10 - 15 كوي قىممەت بولسىمۇ  . قىممەت ئېلىۋالغانلىقىمدىن ۋايسايمەنۇ ، ئۇيغۇرۇم ئەمەسمۇ ، قوينىدىن تۆكۈلسە قونچىغا دەپتىكەن دەپ كىتىۋىرىمەن . لىكىن بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز بار . كۆزىڭىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىممەت ساتىدۇ . ئۇيغۇرۇم دەپ خېلى يەردىن كىلىپ ئالدىم ، ئەرزانراق بېرىڭ دىسىڭىز ، قاپىغىنى تۈرۈپ ، ئەمىسە ئەرزان يەردىن ئېلىپ دەپ دوق قىلىپ ، ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سىپىدۇ . ھەتتا سىزنى ئۇيغۇر دەپ قەستەن قىممەت ساتىدۇ ، ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك .

$ئۈمىد$ 2011-04-12 13:27
ھە راس يەنە بىر گەپ . مىللى كارخانىلىرىمىز كاللىسىنى ئىشلىتىپ ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىستىمال سەۋيەسىنى چىقىش قىلىپ باھا بىكتىسە . بەزى مىللى كارخانىلارنىڭ ماللىرى شۇنداق قىممەت ئىكەنكى ، شۇ مالنىڭ پۇلىغا ئوخشاش تۈردىكى باشقا ماركىلىق ماللاردىن بىر نەچچىنى سېتىۋالالايسىز . مەسلەن كىيىم - كىچەك . مۇشۇ ئىلىچى ماركىسىدىكى كىيىم . بۇ ھەرگىز ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ئەمەسمىكىن دەيمەن . ۋە ياكى بايلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغانمۇ - يا ؟ ئادەتتىكى بىر يازلىق مايكىسى 400- 500 يۈەن ، تېخى 700- 800يۈەنلىكلىرى بار ، بىزدەك نامرات ئۇيغۇرلار قانداقمۇ بۇ باھانى قوبۇل قىلالىسۇن ؟
بولسا بىزلەر ئۇيغۇرنىڭكىنى ئالايلى دەپ تىرىشىۋاتقاندىكىن ، قوللاپ قوۋەتلەۋاتقاندىكىن ، بۇ كارخانىچىلارمۇ پۇلغا دۈم چۈشمەي ، باھانى بىز قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە بىكىتسە قانداق ؟

tufisopi 2011-04-12 22:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئىنكاسلارمۇ بىر - بىرىدىن ئېسىل . ئەمدىلا قۇرۇلۇپ خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ، روھىيىىتىگە شۇنچە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئارمان ، ئىخلاس ، ئامىنەگە شۇنداقلا نامى تىلغا ئېلىنمىغان ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا ئالىي ئېھتىرام !
شۇنداقلا ماركىنى ئۇيغۇرچە قويۇۋېلىپ مالنى ئىچكىرىدىن زاكاس قىلىدىغان پۇرسەتپەرەسلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش !

مەنزىرە 2011-04-15 18:49
ئەلۋەتتە بىزنىڭ قولىمىزدا!مەن «مۇئەللىم »ئىلىكتىرون شېركىتىدىن تولىمۇ رازى.....    ھەرقايسى پۇرسەت يارىتىپ بەرگۈچىلەرگە كۆپ تەشەككۈر!!!!!!!!!!!!!!

گۈلچى 2011-04-16 14:35
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىمىغانلىقى ياقتۇرمىغانلىقتىن مەھسۇلات سۈپىتىدىن ياكى باھاسىدىن ئەمەس پەقەت نادانلىقتىن شۇنداق بولىدۇ. لىكىن بۇ ئىشلارمۇ ھامان تۈزۈلۈپ كىتىدۇ.

tnt 2011-04-16 17:20
مەن  بىر  ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ، ھەردائىم  چىش پاستىسى   سىتىۋالماقچى  بولسام  ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان چىش  پاستىسىنى  سىتىۋاللاتتىم .ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ ئىمزاسى بار،يەنە باشقا شىركەتلەرنىڭ ....ئىسمى  ئىسىمدە  قالماپتۇ ، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ  تاۋار  ماركىسى بار  چىش پاستىلىرىنى سىتىۋاللاتتىم .

بىر  قىتىم  يەنە  بىر  ئۇيغۇر  ساۋاقدىشىمغا  سەنمۇ   ئۇيغۇرلارنىڭ  تاۋار  ماركىسى بار  چىش پاستىلىرىنى  سىتىۋالغىن دىسەم

ئۇ : ئاداش  بۇ  قۇيمىچىلار   ئىچكىرىدە  ياساپ  ئۇيغۇرچە ماركا  چاپلاپلا سىتىۋىرىدۇ  دىدى.
مەن: ئاداش  شۇنداق بولسىمۇ  ئۇيغۇر  شىركەتلىرىگە  ئازىرراق  بۇلسىمۇ  پايدا  تىگەر.
ئۇ؛مەن  ئۇنداق قۇيمىچىلارنىڭكىنى ئالغاندىن  田七  تىيەنچى چىش  پاستىسى  ئالىمەن.
مەن :  بىز  سىتىۋالساق ئۇلارغا ئاززىراق بولسىمۇ  قۇللاش بولىدۇ،ئىلھام بۇلىدۇ ، ھازىر  ئۆزلىرى ياسىمىغان بولسا ،
مەن قوللىسام ، سەن  قوللىساڭ، ئۇ  قوللىسا  ئاندىن  ئۇلارمۇ  مەلۇم مەبلەخكە ئىرىشىپ  ئۆزلىرى  ئىشلەپ  چىقىردىۈان  بولىدۇ
، بۇرۇن  نەدە ئۇيغۇرچە  تاۋار ماركىسى بار   چىش  پاستىسى  بار  ئىدى  ، نەدە   ئۇيغۇرچە  تاۋار ماركىسى بار   تۇڭلاتقۇ
بار ئىدى، سىنئالغۇ، ئۇنئالغۇدىن ئەسەرمۇ  يۇق ،  ئەمدى  بار بولدى ،  نىمە  ئۈچۈن  ؟ خەلىق  قوللىغانلىقى  ئۈچۈن ،
خەلىق  نىمە  ئۈچۈن  قوللايدۇ؟   چۇنكى  ئۇلار  تەرەققىي  قىلسا   مىللىتىمىزمۇ   نەپكە  ئىرىشىدۇ،  باشقە  مىللەتلەر  سانائەت
دەۋرىدىن ئاللىقاچان  ئۇچۇر  دەۋرىگە  كىرىپ  بولدى ، بەلكىم  ئۇچۇر دەۋرىدىنمۇ ھالقىماقچى بولۋاتىدۇ . بىز  ئۇيغۇرلار
ئەمدى  يىزا - ئىگىلىك دەۋرىنىڭ  ئاخىرىدا(كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار كۆزدە   تۇتۇلدى)  تۇرۋاتىمىز ، سانائەت دەۋرىگە تىزدىن يۈرۈش قىلىشىمىز كىرەك ، ئۇچۇر  دەۋرىمۇ  بىزنى  ساقلاپ  تۇرماقتا ،
ئۇ:....................................
  مەن :...........................
  
      بۇ  ئىش  تۇغۇرلۇق  بەك  كۆپ  تالىشىپ  كەتتۇق ، مەن  ئۇنى  زادىلا  قايىل  قىلالمىدىم ،  ئۇ  مەن ئۇ  ئالدامچىلارغا ئىشەنمەيمەن لا   دەيتتى. مەن  ئۇنىڭدىن  ئۇلار  قانداق    ئالدامچىلىق  قىلىپتۇ  دىسەم ، ئۇ  جاۋاپ  بەرمەيتتى.

  بۇ  ماقالىنى  كۆرۆپ شۇنداق  سۈيۈندۈم ،  ئۇيغۇرلارمۇ   ماشىنا ، ئايرىپىلان ، پويىز   ياسىشى  كىرەك   ھەم  ياسايدۇ
1930 نەچچىنچى   يىللىرى  ماخمۇت  سىجاڭ  قەشقەردە  چەتئەلگە ئۇقۇغىلى چىقىدىغان  ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارغا  چاي  بىرىپ :
باللىرىم  ياتنىڭ ئىلىگە  چىقساڭلار   سوپۇن ياساشنى  بولسىمۇ  ئۇگۇنۇپ  كىلىڭلار :
دەپتىكىن    ماڭا  بۇ  گەپ  بەك  تەسىر  قىلغان . سانائەتنىڭ ،بىلىمنىڭ كارخانىنىڭ ، مىىللەتكە   نەقەدەر  مۇھىملىقى  چىقىپلا  تۇرىدۇ .
بۇرۇن  كەڭسايدا  بىر  ماقالە   ئۇقۇغانمەن   .  ئاخرىنى   شۇنداق  ئاخىرلاشتۇراي  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

  مىللىي  ئىقتىساد  بولماستىن ، مىللىي  تەرەققىييات  بولمايدۇ !!!!

    

مۇزلۇك 2011-04-21 00:01
维吾尔人万岁!!!

گۇۋاھ 2011-04-22 18:47
  بۇ يەردە قايناپ كەتكەن مىللىي تۇيغۇلاردىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈمكى:  يولدا كىتىۋاتقان باشقا مىللەتتىكى بىرسىنى سۆرەپ كىرىپ ھەممىنى تەرجىمە قىلىپ بىرىپ ئۇنىڭغا ،  قارا! كۆردۈڭمۇ؟!  بۇلار  مىنىڭ مىللىتىمدىن!  بۇلار ئۇيغۇر مىللىتىدىن دىگىم كىپ كەتتى.
  توغرا ھەربىر قەدەمدىن مىللەتكە بولغان مىھىرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ!

yawuz2 2011-04-22 22:47
يۇقىردا مەن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بىر -بىردىن ئىسىل ،مەنىلىك ئىنكاسلىرنى كۈرۈپ چىقتىم ھەم ئۆزەممۇ بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۇم 1چۇقۇم بىز ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ئۈزىمىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىنى قوغدايلى ،قولايلى !2ئۈزىمىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىمۇ خەلقىنىڭ ئۈزىگە بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ ئەشۇ جاپاكەش،ھالال مىھنىتى بىلەن ھالسىز قەدەم چامداپ كىتىۋاتقىنىدا ئۇيغۇرچە ئىسىم يىزىلغان ناچار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ھالسىرتىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن 3بىزنىڭ بۇل تاپقان ئۇيغۇر بايلىرىمىزنىڭ تاپقان پۇللىردىن ئاز بىر قىسمىنى ئۆشىرە -زاكات ھىسابىدا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىرات بالىلىرىدىن بىر نەچىچىسىنى بولسىمۇ ئۇقۇتۇپ قۇيۇشىنى تەۋىسيە قىلىمەن .       

天山的野花 2011-05-17 20:04
تېما ۋە ئىنكاسلار شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ   

maniwer2010 2011-05-17 20:08
تەڭرىتاغنىڭ ياۋا گۈلى ئەمدى ئېچىلغىلى تۇرۇپتۇ ........
قىشىچە قارنىڭ تېگىدە قەلغانمۇ خانقىز ؟1....

天山的野花 2011-05-17 20:59
ئۈشۈك ئۈتۈپ قالمىسۇن دەپ قار  ئاستىغا كىرىپ ئۇخلاپ تۇرغان

ئەمىن 2011-05-22 14:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كەتتىم،ھەقىقەتەن مىللىي تەرەققىياتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىدە بىز ھەممەيلەننىڭ مەجبورىيتى ھەم مەسئولىيتى بار دەپ ئويلايمەن.كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسولاتلىرىنى سىتىۋىلىپ ئىشلەتسەك قوللاش مەجبورىيتىمىزنى ئادا قىلغان بۇلىمىز،ئەلۋەتتە.ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىزدىنىۋاتقان مەن ۋەباشقا قېرىنداشلارغا كەلسەك ،ھازىرقى ئۇقۇش پۇرسىتىمىزنى قەدىرلەپ كىيىنكى مىللىي تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن كۈچ قۇشۇشمۇ بىزنىڭ زىممىزگە ئارتىلغان ئېغىر مەسئولىيەتلەرنىڭ بىرسى دەپ ئويلايمەن.ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى ،قېرىنداشلىرىم!
ئۇلۇغ ئاللاھتىن مۈشكۈللىرىمىزگە ئاسانلىق تىلەيمەن،ئامىن!!!!!!

dolataogli 2011-05-26 13:41
توغرا دەپتۇ. (ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى دەيمەن).

asanat 2011-06-26 22:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇل ئىگىلسە يەڭ ئىچىدە.مىللى كارخانىلىرىمزنىڭ تەرەققىياتى مەن،سىز،ئۇ

ئابدۇلقۇددۇس1 2011-09-09 01:46
ناھايىتى ياخشى يازمىكەن، ئاپېرىن!
مانا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇمىز بىلەن ئىش قىلغاندىلا ھەقىقىي يۈكسىلىشكە ئېرىشەلەيمىز!!!
بىلىپ قويىشىمىز كېرەككى ۋە تارىخ شۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى گۇۋاھلىق بىرەلەيدىكى ، بىز ئۇيغۇرلار ھېچ بىر زامان بۇئىنسانلىق ئالىمىدە ھېچ بىر مىللەتنىڭ ئارقىسىدا خۇددىي پۇتى بوغۇلغان تەتەيلەردەك ياكى پۇتى كۆيگەن تۇخىلاردەك تەمتىلەپ مېڭىپ ، ھە دىگەندە« ياردەم! » دەپ ۋاقىرايدىغان، « ياردەم » بولمىسا ھىچ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغان ئىقتىدارسىز ، بىچارە مىللەتلەردىن بولغان ئەمەس ھەم مەڭگۈ بولمايمىز !!!

چۈنكى بىزنىڭ قېنىمىزدا جەنابىي ئاللاھ ھىكمەت بىلەن سىڭدۈرۈىۋەتكەن جوشقۇنلۇق ، ئەقلىي قابىلىيىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان ھاياتى كۈچ ، دەھشەت قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قارىغايدەك خىسلىتىمىز ۋە شۇ خىسلىتىمىز بىلەن ئۇچقۇر توسۇن ئاتلىرىمىزنى زەپەردەستلىك بىلەن مەغرۇرانە مىنىپ پايانسىز سامانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ جەڭگاھلاردا ئوت چىقىرىۋىتەلەيدىغان ، ئىمانسىز جاھانكۆز بەد –بەخت بۇلاڭچى شۇم ياۋۇز مەلئۇنلارنى چىر –چىر چىقىرىۋىتەلەيدىغان جاسارىتىمىز بار !

بىزنىڭ قېنىمىزدا پاكلىق ، ساداقەت ، ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىمان ، ئوتلۇق ۋىجدان ئوقچۇپ تۇرىدىغان ھەقىقىي كىشىلىك تۇيغۇلىرىمىز بار !

بىزنىڭ قېنىمىزدا قۇۋلۇق –شۇملۇق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن بىراۋنىڭ ھەققىنى يالماپ يەۋىلىشتەك  لەنىتى ئۆلگۈر شەيتان نەپسىلىككە قىلچىمۇ ئورۇن بەرمەيدىغان ، ھالال –ھارامنى پەرق قىلىپ نومۇس ۋە ۋىجدان بىلەن ياشاشنى ئەڭ ئەۋزەل كۆرىدىغان ئالىجاناپ ئىنسانىي تۇيغۇلار بار !

بىزنىڭ قېنىمىزدا ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئاسى - گۇناھكارلىرىنى ، لەنىتى خائىن ، ساتقىن ۋە جاسۇسلىرىنى رۇشەن پەرق قىلىپ ، تۇغۇلغىنىغا جاق تويغۇزۇپ قان قاخشىتىپ ، قان يىغلىتىپ جازالىيالايدىغان سەزگۈرلۈك ۋە جاسارەت بار !

بىزنىڭ قېنىمىزدا مانا شۇنداق گۈزەل ئىمانىي تۇيغۇلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان پاك ئاللاھ سۆيگۈسى بار !

بىزنىڭ لۇغەت-قامۇسلىرىمىزدا مانا شۇنداق ئىنسانىي خارەكتىرىمىزنى مۇكەممەل ئىپادىلەشكە تامامەن قادىر ۋە يېتەرلىك بولغان مەنىسى كۆركەم سۆز – ئاتالغۇلىرىمىز بىلەن تولغان پۈتمەس -تۈگىمەس بىلىم خەزىنىمىز بار ، ئىنشا ئاللاھ !

دېمەككى ، بىزنىڭ تارىخىمىز  يۈكسەك تەرەققىيات ، ئالىي شان  شەرەپ ۋە بۇيۇك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئۇلۇقۋار مىللەتنىڭ تارىخى،باشقىلارنىڭ كەينىدە تاشپاقىدەك مىسىلداپ ماڭمىسا ياشىيالمايدىغان ، ھە دىگەندە كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاپ سۈيقەست ، ھىلە –مىكىر ئىشلىتىپ ئىنسانىي جىنايەت ئىشلەش بىلەن بەنت بولىۋاتقان ۋە شۇ جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان رەزىللەرنىڭ تارىخى ئەمەس !!!

ھەقىقەتنى تۇنىمىغۇچىلار ۋە ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ رېئاللىقنى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئەسلا ۋە ئەسلا يوقېتىۋىتەلمەيدۇ. چۈنكى « تارىخ  بىر مىللەتنىڭ قېنىنى ، ھەققىنى ، مەۋجۇدىيىتىنى ھىچ بىر زامان ئىنكار قىلمايدۇ. » ( مۇستافا كامال ئاتا تۈرك )

 

 

 

 

asanat 2011-12-14 13:14
بۇ ياخشى تىمكەن

بىگان 2011-12-14 13:54
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

saprabag 2011-12-17 00:20
 شۇ كارخانچىلار سىز دىگەندەك بولسىغۇ مەيلى. ئەمما مىللەت ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار زادى قانچىلىك . مىنىڭچە مىللەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، مىللەتتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.
مىللىي كارخانىنىڭ تەرەققىياتى مىللىي ئىستىمالچىلارغا تاينىدۇ، كارخانىنىڭ مىللىي ئېڭى مىللىي ئىستىمالچىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدى بىلەن شۇ كارخانىچىلار ھەققىي رەۋىشتە مىللىي ئېڭىنى ياخشىلىسۇن، شۇندىلا ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردىغان مىللىي ئىستىمالچى بۇنڭغا ئوخشاش مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمىساقمۇ تەبىئى ھالدا كۆپىيدۇ.

قىرتاغ 2011-12-20 22:34
كارخانا قۇرۇش ۋە ئۇنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش ئانچە ئاسان بولمىسا كېرەك. كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانا قۇرغان كىشىگىلا ئەمەس، بىر كىچىككىنە دۇكان ئاچقان كىشىمۇ ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ.
بىزدە، ياندا بولسا يالىغىلى ياخشى، قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا (چۈشەر)، دىگەندەك گەپلەر بار. دۇكان ئېچىشقا ياكى كارخانا قۇرۇشقا كىرىشكەن كىشىلەر ئىشنىڭ بىسمىللاسىدا بولسۇن ياكى جەريانىدا بولسۇن، مەن ئۇيغۇر ئۈچۈن ...ئاچماقچىمەن،...قۇرماقچىمەن، دەپ جاكالاپ يۈرمەيدۇ. پۇل تاپقان كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلىغىنىدەك جايلاشتۇرۇش بىلەن بىللە قولىدىكى پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش يۆنىلىشىنى ھامان ئەھمىيەتلىك تەرەپلەرگە بۇراپ بارىدۇ (ئۆزىنى يېتىشتۈرگەن مۇھىتقا چوقۇم ياخشى جاۋاپ بېرىدۇ!). <ئانا يۇرت> رومانىدىكى مۇختەرباي قانداق كىشى ئىدى، قانداق كىشىگە ئايلاندى؟  

مەرىپەتنامە 2012-02-09 20:08
بۇ يازمىنىڭ ئاپتورىغا كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق ئويغاقلىق بولىدىغان بولسا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزېمىشكە ياخشى بولمايدىكەن؟
ئۆز مېلىمىز ياخشى بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر ياخشى بولمىسىمۇ بېرىپ ئالايلى ۋە بىرلا ۋاقتتا چىرايلىق گەپ بىلەن مەسلىھەت بىرەيلى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئۆسۈپ، روھى كۆتىرەڭگۈ بولۇپ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس(؟)

祖木热提 2012-05-04 12:40
ھەقىقەتەن ياخشى تېما!مىللەتپەرۋەرلىك شوئارىنى ئېغىزىمىزدىلا توۋلىماي ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە ئىپادىلىشىمىز كېرەك ...مىللىي كارخانلىرىمىز كۇندىن كۇنگە روناق تاپقۇسى،ئاللاھدىن ھەممەيلەنگە بەخىت-سائادەت تىلەيمەن!....


查看完整版本: [-- تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065410 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us