كىممۇ يانفونىنىڭ داڭلىق ماركىلىق ھەم چىرايلىق بولۇشىنى خالىمايدۇ، قايسى ئەر ئايالىنىڭ ئەڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.
يانفون ئۆزىنىڭ سايرىشىدىن قاچان ئالدىن بىشارەت بېرىپ باققان، ئاياللار ئۆزىنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى قاچان ئالدىن ئەسكەرتىپ باققان؟
يانفوننىڭ قېپىنى ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزىسىڭىز كۆركەم بولىدۇ، ئاياللار يۈزىنى ھەر خىل گىرىملار بىلەن بويىسا تېخىمۇ جەلىپكار كۆرۈنىدۇ.
يانفونغا توك قاچىلىمىسىڭىز ئۆچۈپ قالىدۇ، ئايالىڭىزنىڭ ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرمىسىڭىز ئۆيدە ئەركىن پائالىيەت قىلىشنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. www.iz.la
يانفونىڭىزنىڭ سېگنالىنىڭ بولماسلىقى مۇلازىمەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىڭىزدىن، ئايالىڭىزنىڭ سىزگە پەرۋا قىلماسلىقى ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە لايىق بولالماسلىقىڭىزدىن.
يانفوننىڭ ھەق تولۇقلاش چېكى بولىدۇ، ئاياللارنىڭ سەۋرىسىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ.
يانفوننى تولۇق ئىشلىتىشنى بىلىش ئۈچۈن چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاياللارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يانفوننىڭ توكى تۈگىسە ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ، ئايالىڭىزنى خاپا قىلسىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىدۇ.
يانفونىڭىزنى ئاۋايلاپ ئىشلەتمىسىڭىز بۇزۇلۇپ قالسا ئىچىڭىز ئېچىشىدۇ، ئايالىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز، ئائىلىڭىزدە تىنچلىق بولمايدۇ.
يانفوننى ئىشلىتىش ھەققىڭىز يۇقۇرى بولسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن، ئايالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىپادىڭىز ياخشى بولسا، كۈتۈلمىگەن خوشاللىققا مۇيەسسەر بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىز تورى www.iz.la