ئادەمنى ئۇخلىتىدىغان يېمەكلىكلەر .
ئادەمىنڭ چوڭ مېڭە پوستى غىدىقلىنىش ھالىتىدە تۇرسا ، ئۇخلىشى تەس بولىدۇ . بەزىلەر ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالما يېيىشنى سىناق قىلغان . نەتىجىدە ، ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان . يەنە بەزىلەر ھەركۈنى ئاخشىمى پارچىلانغان ئاپلېسىن ، ئالمىنى كارىۋات بېشىدا قويۇپ قويغان . ئۇنىڭدىن چىققان خۇش پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن ، ئاستا - ئاستا بەھۇزۇر ئۇيقۇغا كەتكەن . ئۇنىڭ سەۋەبى ، مېۋە تەركىبىدىكى خۇش پۇراق ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى كۈچلۈك تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . ئىز تورى www.iz.la
ئۇخلاشتىن بورۇن بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ بەرسىمۇ ئۇخلاشقا يارىدىمى بولىدۇ . چۈنكى كالا سۈتىدىكى بىئوخىمىيلىك ماددا _ رەڭلىك ئاممۇنىي كىسىلتاسى ئادەمدە ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ . ئۇخلاش ئالدىدا بىر ئىستاكان شېكەر سۈيى ئىچىپ بەرسە ، ئۇ چوڭ مېڭە پوستىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە بولىدۇ . شېكەر سۈيى ئادەم تېنىدە بىر قىسىم خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ ، كۆپلەپ قان زەردابى ھاسىل قىلىدۇ - دە ، ئادەمنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇخلىتىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
ئاچچىقسۇنىڭمۇ ئۇخلىتىش رولى بار . ئۇخلاش ئالدىدا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، ئۇخلاشقا يارىدىمى بولىدۇ .