چۈشىنىش _ مۇھەببەتنىڭ ئاساسى .
سەمىمىيلىك _ قىز -يىگىتلەر قوشۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچى .
ئەپۇ قىلىش _ ئائىلە بەختىنىڭ شىپالىق دورىسى .
كەمتەرلىك _ ئەر -خوتۇنلار ئامراقلىقىنىڭ يىلتىزى .
تەربىيىلىنىش _ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ مەنبەسى .
پەرزەنت _ چىن مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى .
كۆيۈنۈش _ ئۆمۈرۋايەت ئىناق ئۆتۈشتىكى پەلەمپەي .
يەڭگىللىك قىلىش _ مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى .
ئالدامچىلىق _ ئەر - خوتۇنلارنى ۋەيران قىلىدىغان ھاڭ .
گۇمان _ بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ۋاقىتسىز قەبرىسى .
قوپاللىق _ نىكاھتىن كېيىنكى جېدەلنىڭ خېمىر تۇرۇچى . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇرۇش ۋە تىللاش _ ھېسسىياتنى بۇزىدىغان زەھەرلىك بومبا .
غەيۋەت _ ئابروينى يوقىتىدىغان كۆرۈنمەس ۋابا .
مەنمەنلىك _ يالغۇز قېلىشنىڭ باشلىنىشى .
بەدخەجلىك _ ئائىلە گۈلزارىنى ۋەيران قىلىدىغان سۇنىي ئاپەت .