
يىقىندا تېلىفونۇم بۇزۇلۇپ قىلىپ، ئالغان يەرگە ئاپارسام تېلىفونۇمنى ئېلىپ قىلىپ 15كۈندىن كېلىشنى ئۇقتۇردى، مانا بۈگۈن 5-كۈنى، تېلىفونغا كۆنۈپ قالغان ئادەم تېلىفون يوق بولسا بىر قىسما بولۇپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ. بۈگۈن بىر ژۇرنالنى كۆرۈپ مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ مەزمۇنغا كۆزۈم چۈشتى، ئەسلى مەن يانفۇنغا خۇمار بولۇش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايمەن.
يانغۇنغا خۇمار بولۇش كېسەللىكى
ئەتراپىمىزدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش سەۋەبىدىن يانفۇندىن ئايرىلالمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر<يانفۇنغا خۇمار بولۇش كېسەللىكىگە>گە گىرىپتار بولماقتا. ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك تىپىك ئالاھىدىلىكى بار. يانفۇنغا تېلېفۇن كەلمىگەندىمۇ يانفوننىڭ سايرىغان ئاۋازىنى<ئاڭلايدۇ>. ئۇنى قەيەردە قويۇشىدىن قەتئىنەزەر تېلېفون سايراۋاتقان ۋە تىترەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. يانفۇنىغا تېلىفون كەلگەندە زىيادە جىددىيلىشىدۇ. ھەتتا يۈرەك سوقۇشىمۇ تېزلىشىدۇ. يېڭى يانفون ئالماشتۇرسىمۇ يەنىلا كونا يانفوننىڭ ئاۋازىنى <ئاڭلايدۇ>. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېنىڭ دەرىجىدىكى <يانفونغا خۇمار بولۇش كېسەللىكى > نى يانفون ئاۋازىدىن <ھېرىپ-چارچاش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى> دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى بولسا دائىم يانفون ئاۋازىنى ئالماشتۇرۇپ، دىققىتىنى بۇراپ پىسخىك بېسىمىنى يەڭگىللىتىش كېرەك، بۇ كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا <خىيالى ئاڭلاش>يۈز بېرىدۇ. بۇ ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر<خىيالى ئاڭلاش> نىڭ پەيدا بولۇش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولغاندا ئاكتىپلىق بىلەن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، پىسخىك جەھەتتىن داۋالىنىش كېرەك.
قانداق بۇ خىل ئالامەت سىزدە بارمىكەن؟؟؟
ئىز تورى www.iz.la
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى