ئادەم بەدىنىدە بىر يىلدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈرەك ھەر يىلى 2 مىليۇن 270 مىڭ لىتىر قاننى پۈتۈن بەدەندە ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ئەگەر بىر ئادەم كىرېسلۇدا مىدىرلىماي بىر يىل ئولتۇرسا يۈرىكى 42 مىليۇن قېتىم سوقىدۇ . ھەر يىلى يۈرەكنىڭ كىچىك بىر پارچىسى قىسقىرايدۇ . ئادەم بەدىنىدىكى تەخمىنەن بەش لىتىر قان ھەر كۈنى سەرپ بولىدۇ ۋە يېڭى قان ھاسىل بولىدۇ . بۇنىڭ 40 پىرسەنتىنى بىرقانچە مىليۇن قىزىل قان شارچىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ . قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئاق قان شارچىسىدىن تەركىپ تاپقان . 25 ياشتىن كېيىن قان تەركىبىدىكى ئوكسېگىننىڭ مىقدارى ھەر يىلى تەخمىنەن 5 __ 10 پىرسەنىت ئازىيىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەر يىلى تەخمىنەن تېز چارچاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر ئايال ھەر كۈنى 2000 كالورىيە ئىسىقلىق سەرپ قىلىدۇ . بىر يىلدا 730 مىڭ كالورىيە ئىسىقلىقنى سەرپ قىلىدۇ . يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىكى ئىسىسلىقنىڭ سەرپ بولۇش مىقدارى ھەر يىلى 2 پىرسەنىت تۆەنلەيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنى تېرە يۈزىدىكى 3 مىليۇن تەر تۆشۈكچىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى تەخمىنەن 0.571 لىتىر سۇيۇقلۇقنى يۇقىتىدۇ . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ئادەم ھەر يىلى 208 لىتىرغا باراۋەر كېلىدىغان سۇيۇقلۇقنى يوقىتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ . ئوڭاي قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ . ساغلام كىشىنىڭ چېچى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 15 سانتىمىتىر ، ھەر ئايدا تەخمىنەن 1.27 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ . بىر يىلدا تەخمىنەن 100 مىڭ تال چاچ چۈشىدۇ ، پۇت تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى قول تېرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدىن ئاستىراق بولىدۇ . ئەگەر بىر يىل ئىچىدە تىرناقنى ئالمىسا ، ئۇ تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ . ساغلام كىشىنىڭ قول تىرنىقى بىر يىلدا بەش سانتىمېتىر ئۆسىدۇ . ئادەم مېڭىسىنىڭ ھۈجەيرىسى تەخمىنەن 100 مىليارد بولۇپ ، ھەر يىلى تەخمىنەن 36 مىليۇن ھۈجەيرە ئۆلىدۇ . بىراق قايتىدىن يېڭى ھۈجەيرە پەيدا بولمايدۇ . 26 ياش ئەتراپىدا ئەقلىي قابىلىيەت مۇقىملىشىدۇ ھەمدە بۇ سەۋيە باشتىن - ئاخىر ساقلىنىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق