ئەرلەرمۇ خۇشال ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك -

ۋاقتى:2010-06-11 14:50مەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەرلەرمۇ خۇشال ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك -

رېئال تۇرمۇش ھامان رىقابەتكە تولغان بولۇپ، ھۇزۇرىمۇ، ئازابىمۇ بولىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن تۇرمۇش بەزىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. جەمئىيەت ئەرلەرگە تەسىس قىلغان ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرىسلىك-<< نەتىجە يارىتىش>>، ھازىر بەزىلەر<< ئۈنۈم يارىتىش>>، دەيدۇ. لېكىن، مەيلى<< نەتىجە>> ياكى << ئۈنۈم>> بولسۇن، ئۇنى << يارىتىش>> ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
   بىراق ئەرلەر مەيلى قانچىلىك << قىيىنچىلىق>>، قانچىلىك << دەرت- ئەلەم>> بولسۇن، تۇرمۇشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشى، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تىرىشىپ مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك. مانا بۇلار ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
ئىز تورى www.iz.la

ئاچچىقلىنىش ئۆزىنى ئۆزى خورلاشتۇر.
   ئاچچىقلىنىش بىز تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋال.<< ئاچچىقلىنىپ ئۆلەي دېدىم>> دېگەنمۇ بىر خىل دائىم ئېيتىلىدىغان ئادەت سۆزى.
   مەيلى شىركەتتە خوجايىنى بىلەن ئىختىلاپ بولۇپ قالسۇن، ياكى ئۆيىدە<< غەرەز ئۇقمايدىغان>> ئايالىدىن تەنبىھ يېگەندە بولسۇن، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دائىم بىر بۇلۇڭدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاچچىقلىنىپ، بۇرۇختۇرما بولىدۇ. بۇ خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە يوقىتىش تۇيغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن. ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ شۇنچە كۆپ ئاچچىقلىنىش بولسۇن؟ ئامېرىكىلىق بىر جەمئىيەتشۇناس ئىلگىرى<< غەزەپلىنىش، خاتا چۈشىنىشكە چىداش كەيپىياتى>> دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن:<< ئاچچىقلىنىش ھەرگىز بىر خىل تۇغما كەيپىيات ياكى ھەرىكەت ئەمەس، ئۇنى كىشىلەر كېيىن ئۆگىنىۋالغان. ئاچچىقلىنىش ياكى ئاچچىقلانماسلىقىنى كىشى ئۆزى بەلگىلەيدۇ>>. دېمەككى، كىشىلەر ئاچچىقلىنىشنى ئۆزى كونترول قىلالايدۇ. مانا بۇ ئوخشاش بىر ئىشقا بەزىلەر ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېسە، لېكىن بەزىلەر ھۇزۇر - ھالاۋەتتە ياشاپ، قىلچىمۇ كۆڭلىگە ئالمايدۇ دېگەنلىكتۇر. سىز پەقەت ئاچچىقلىنىشنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى قارشىلىشىش، ئۆزىنى ئۆزى خورلاش ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزلا، ئاچچىقلىنىشنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەم تەڭشىگۈچىسى قىلىۋالمىسڭىزلا، تەبئىي ھالدا ئۆزىڭىزنى << ئاچچىقتىن ئۆلتۈرمەيدىغان>> بولىسىز. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئاچچىقلانمايمەن دېسىڭىز ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان
   ئالدى بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنداق ئويلىماسلىققا، ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى- يامان ئىككى تەرىپى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە، ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، غەزىپىڭىزنى ئارقىغا سۈرۈشنى سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر سىز يولۇققان بىرەر ئىشتىكى بىۋاستە ئىنكاسىڭىز غەزەپلىنىشتىن بولسا، 15 سېكۇنىت ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىڭ. كېيىنكى قېتىمدا 30 سېكۇنىت كەينىگە سۈرۈڭ. بۇ ۋاقىتنى ئۈزلۈكسىز كەينىگە سۈرۈپ، غەزپىڭىزنى كەينىگە سۈرەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز. كەينىگە سۈرۈشنىڭ ئۆزى كونترول قىلىش. كۆپ قېتىم سىناپ كۆرسىڭىز، ئاخىرىدا غەزىپىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، مەن باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى خالىمايمەنۇ، نېمىشقا پەقەت ئۆزۈملا شۇنداق قىلىمەن دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىڭ. يەنە بىرخىل ئەپسىزرەك چارە- بىر << ئاچچىقلىنىشنى خاتىرىلەش خاتىرىسى>> يېزىپ، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىز، ئورۇن ۋە ئىش، بارلىق ئاچچىقلىنىش جەريانىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز، سىز ناھايىتى تېزلا داۋاملىق ئاچچىقلىنىپ خاتىرە يېزىشنىڭ بىر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىڭىزنى ئازراق ئاچچىقلاشقا دەۋەت قىلىدىغان بولىسىز.

ئىز تورى www.iz.la


خۇشال ئۆتمەيدىغانلارنىڭ تىپىك تەپەككۈر شەكلى:
    سۇبيېكتىپ ھالدا پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلىش: ئەمەلىي ئاساسى بولمىغان ھالدا قارسىغىلا پاسسىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ھەممە ئىشتا ئەمەلىي پاكىت بولۇشى كېرەك. خوجايىننىڭ بۈگۈنكى پوزىتسىيىسنىڭ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن ئەمەسلىكىگە قاراپلا، خوجايىن مەندىن نارازى بولۇپ قاپتۇ دېگەن يەكۈننى چىقىرىش كۈلكىلىكتۇر. سىز بۈگۈن خوجايىننىڭ خانىمى بىلەن تەگىشىپ قالغانلىقىتىن، كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز!؟
ئايرىمىلىقنى ئومۇميىلىق دەپ قاراپ:
  ئىنچىكە تەرەپلەرنى تۇتىۋېلىپ، ھەممىگە پاسسىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەر - بۇيەردىن ئۈزۈۋېلىش قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكۈپ قېلىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى. ئىشلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىڭ، ئۆزۈم بىلەن كۈچ ئېلىشاي دېمىسىڭىزلا، بىر نۇقتىنى قويۇۋەتمەي ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئۆزۈمچىل بولۇش:
تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە ئارتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بەختىسىزلىكى ۋە سەۋەنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىۋالماڭ. بەزى ۋاقىتتا << بەك ۋىجدانلىق >> بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن چاتا چىقسا، سەۋەبى سىزدە بولماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماڭ، سىز ئۆزىڭىزنىمۇ بوش قويۇۋەتمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا يەنە قانداق ياشاش يولى بولسۇن.
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...

  • تازلىق ئۆيدىكى فار فۇر بۇيۇملارنىڭ دېتىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    فار فۇر بۇيۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ. ئەمما بىنالارنىڭ تازلىق ئۆيدىكى فارفۇر دىن ياسالغان يۈز يۇيۇش دېسى ،ۋاننا،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ،داتلىشىپ قالىدۇ. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قىزدۇرۇپ ،ئارلاشتۇ...

  • قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى

    قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى قول سائىتى ماگنىتلىنپ قالسا توغرا ماڭمايدۇ.ئۇنى ماگىنىتسىزلاش ئۈچۈن ،ماگنىتسىزلانمىغان بىر پارچە تۆمۈر ھالقىنى تېپىپ ،قول سائىتىنى ئۇنىڭ ئوتۇرسىغا تۇتۇپ ،ھالقىدىن ئۇياق بۇياققا بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزسە...

  • تورغا چىققانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك روھىي ساغلاملىق

    ئىنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا تورغا چىقىشقا بىرىلىپ كىتىپ، نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن زىھنى توردىكى قۇرۇق پاراڭلىشىشقا ئىسر...

  • يەتتە خىل ئەھۋالدا قېىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك

    1. قورساق ئاچ ۋاقتىدا قىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك. ئادەتتە، چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن كىشلەر قورساق ئاچ قاقتىدا قىنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشنى تور مۇزلاپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە يۈرەك سىلىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش ق...

  • ‹‹قارا بېسىش›› قانداق ئىش ؟

    بەزى كىشلەر ئۇخلاۋاتقاندا بەزىدە ئىغىر نەرسە تىنىنى بىسۋالغاندەك، مىدىرلاي دىسە مىدىرلىيالماي، قاچاي دىسە قاچالماي، ۋارقىرىسا ئاۋازى چىقماي، ئۆزىنى ئىتايىن بىر قورقۇنچلۇق جايدا تۇرغاندەك ھىس قىلىپ، بىردەمدىن كىيىن پۈتۈنلەي ئويغىنىپ كىتىدۇ. ئەمما ئويغانغان...