ھازىر يەر شارىدا %10 ئەتراپىدىكى ئادەم شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) كېسىلىگە گىرىپتار ئىكەن، ئېلىمىزدىكى چوڭلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %18.7 –– %7.7 نى ئىگىلەيدىكەن. شەقىقە كېسىلى بۈگۈنگە قەدەر تېبابەتچىلىكتە داۋالاش قىيىن بولۇۋاتقان كېسەلدۇر. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ چېكاگودىكى تەمىنى تېتىپ دەرىجىگە ئايرىش ۋە سېسىق پۇراق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئالاند 150 ئاغرىقنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كۆك ئالما پۇرىقى بىلەن شەقىقە كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئالاند كۆك ئالما پۇرىقىنىڭ شەقىقە كېسىلىگە داۋا بولۇشى ياكى ئاغرىقنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتىشى ئۇنىڭ پۇرىقىنىڭ ئاغرىقنىڭ باش ئاغرىشقا بولغان دىققىتىنى چېچىۋېتىشىدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنداق پۇراق بويۇن ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئالاند يەنە بىر تەتقىقاتىدا كۆك ئالما پۇرىقىنىڭ روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىپ كېتىشنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىشنىڭ شەقىقە كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئۆي ئىچىگە كۆك ئالمىنى كۆپرەك قويۇپ قويسا، ئۇنىڭدىن تارالغان پۇراق بىلەن بۇ كېسەلنى يېنىكلەتكىلى ۋە ساقايتقىلى بولىدىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
رەيھانگۈل قۇدرەت تەرجىمىسى