تەتقىق قىلىنىشىچە ، كالا سۈتى تەركىبىدە خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل سۇ تەركىبى بار ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ ئىكەن . ئۇ باشقا ماددىلار بىلەن بېرىكمەي ، پەقەت ئېرىتىش رولىنىلا ئوينايدىكەن . 2 – خىلى بىرككەن سۇ بولۇپ ، ئاقسىل ، سۈت شېكىرى ، تۈز تۈرىدىكىلەر بىلەن بىرىكىپ ، بىر خىل سۇ تەركىبىنى ھاسىل قىلىدىكەن . باشقا ماددىلاردا ئېرىمەيدىكەن . ھەر قانداق ئەھۋالدا توڭلىمايدىكەن . 3 – خىلى كرستال سۇ بولۇپ ، ئۇ سۈت شېكىرى كرستال بولغاندا سۈت شېكىرى تەنچىلىرى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن . كالا سۈتى توڭلىغاندا ، ئەركىن سۇ ئاۋۋال توڭلايدىكەن . كالا سۈتى سىرتتىن ئىچىگە قاراپ تەدرىجى توڭلايدىكەن . ئىچىدىكى قۇرۇق ماددا ئاقسىل ، ماي ، كالتىسىي قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئۇ توڭلىمايدىكەن . توڭلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ، ئىچىدىكى قۇرۇق ماددا تەركىبى ماس ھالدا كۆپىيىپ ، كالا سۈتى توڭلىغاندىن كېيىن ، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل چۆكمە بولۇپ بۇزۇلىدىكەن ، شۇڭا كالا سۈتىنى توڭلىتىپ ساقلىماسلىق لازىم ئىكەن . www.iz.la
تۇرسۇنجان تۇردى تەييارلىغان
ئىز تورى www.iz.la