مۇھەببەت -ئۇ سۆيگۈ دىمەكتۇر،سۆيگۈ بىر خىل ئۈگۈنۈش زۆرۈر بولغان ھىسىىيات .ئۇ تۆۋەندىكى تۆت ئامىلدىن تەركىپ تاپىدۇ:
1.سۆيگۈ غەمخورلۇقتۇر.
سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگىلا كۈڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن بەلكى تەششەبۇسكارلىق بىلەن ئۆزىڭىز سۆيگەن كىشىگىمۇ كۈڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك.ھەقىقى سۆيگۈ ئۆزى بەدەل تۆلىمەي يىنىدىكىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشنى مەخسەت قىلمايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2.سۆيگۈ ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشتۇر.
بىر ئادەمنى سۆيگەندە شۇ سۆيۈلگۈچى مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنىشىڭىز ،ھەر بىر سۆز ھەركىتىڭىز ھىسداشلىققا ۋە چۈشۈنۈشكە تولغان بولۇشى كېرەك.
3.سۆيگۈ ئۇ مەسئۇلىيەتتۇر.
بىر ئادەمنى سۆيگۈنىڭىزدە ھەر ۋاقىت ئىلگىرى ئىپادىلىگەن ياكى تېخى ئىپادىلەپ ئۈلگۈرمىگەن ئېھتىياجىنى بايقاپ تۇرۇشىڭىز ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىڭىز،قوللىشىڭىز،ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئىلىشىڭىز كېرەك.
4.سۆيگۈ ھۆرمەتتۇر. copyright by www.iz.la
سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى،قىممىتى،غۇرۇرىغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك.
مانا مۇشۇ تەرەپلەرنى ھازىرلىغاندا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.